Experience Index يەنى 体验指数 نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ](1) Windows Experience Index
خەنزۇچە: Windows 体验指数
بۇ ئىقتىدار Windows VISTA دىن باشلاپ قوشۇلغان بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم قاتتىق دېتاللارنى باھالاپ نومۇر قويىدۇ. Experience نى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق ھېس-تۇيغۇ، تۇيغۇ، سەزگۈرەشتە، كەچمىش، …دېگەندەك بولىدۇ، Index بولسا ئاچقۇچ، ئىندېكس، كۆرسەتكۈچ،… بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى دائىم كۆرۈپ تۇرىسىز، شۇڭا ئەستايدىل بولۇڭ، سىزچە قانداق دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولار؟ ئىلگىرى بۇ يەرنى تۇنجى كۆرگىنىڭىزدە، قانداق ئاتاپ باققان ئىدىڭىز؟
(2) No Pen or Touch Input is available for this Display
没有可用于此显示器的笔和触控输入
بۇ يەردىكى Touch سۆزىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز قايسى؟ ھازىر چەكمە ئېكران، سەزمە ئېكران، سېزىمچان ئېكران، چەكمىلىك ئېكران، سەزمىلىك ئېكران، سەزگۈ ئېكران،…دېگەندەك ھەر خىل ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ھازىر تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي تېلېفونلاردا بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئېكرانلار كەڭ ئىشلەتمەكتە. خەنزۇچە ئاتالغۇدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلماڭ. چۈنكى خەنزۇچە ئۇچۇر ئاتالغۇلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش خېلە بار، ئىلگىرى touch نى 触摸 دېگەن بولسا، ھازىر 触控 دەيدىغان بولدى. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,468 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:ئاتالغۇلار
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 08-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:02
- ئالدىنقى يازما :Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا كۆچتى.
مەن تېمىسىنى كۆرۈپلا كاللامغا ئۇدۇللا« كەچمىش »دەپ سۆز كەلدى .
Experience Index— كەچمىش كۆرسەتمىسى ياكى كەچمىش كۆرسەتكۈچ(ى)دىسەك قانداق بۇلار؟
ئېكرانغا كەلگەندە سەزمىلىك ئېكران ،
Touch Input كەلگەندە ئېكران ئۈسىتىدەچىكىش ،سىيپاش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغاندىكىن چەكمىلىكInput دىسەك دەيمەن. بىلمىدىم Input نى نىمەدەپ ئاتىدىڭلار؟
بىلمىدىم Input نى نىمەدەپ ئاتىدىڭلار؟
=============
كىرگۈزۈش
كىرگۈزۈش ياكى كىرىش لىنيەسى
مەنچە نەشىر كۆرسەتكۈچ دىسەكمۇ بۇلامدۇ قانداق ..مەن خەنزۇچىنى ئانچە بىلمەيمەن .. ئۈستىدىكى خەت شۇنداق خەت ئەمەستۇ؟
Touch Input بۇ سۆز بېرىكمىسى بىر ئاتالغۇنى بىلدۈرىدىغاندۇ؟
ئۇنداقتا چەكمىلىك كىرگۈزگۈچ دىىسەكچۇ؟
مەن ئىقتىدار كۆرسەتكۈچ دەپ ئىشلىتىپ قوياتتىم، لېكىن بۇنداق ئاتاش ئانچە توغرا بولمىسا كېرەك…
No Pen or Touch Input is available for this Display
بۇ ئېكراننىڭ ئىناۋەتلىك قەلەم ياكى چەكمىلىك كىرگۈزۈش يوق.
availableنى ئىناۋەتلىك دەپ ئالغانغۇ دەيمەن.
بۇ ئېكراندا ئىشلەتكىلى بولىدىغان …. ۋە … يوق
بۇ يەردە بىۋاستە 体验指数 نى بىۋاستە چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى دەپ ئالساق مەنچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئىشلىتىش ئورنىغا قارىتا «سەپلىمە كۆرسەتكۈچى» دەپ ئالساق قانداق بولار؟
Touch Input = «تەگمە كىرگۈزگۈچ».
يەنى تەگمە ئېكران، تەگمە قەلەم، تەگمە يانفۇن دېگەندەك. بۇ يەردىكى تەگمە سۆزىنى «تېگىش، تەگ» سۆزىدىن تۈرلەپ چىقتىم.
بۇ تۈرلەشمۇ ياخشى بولۇپتۇ، مەسىلەن: كۆچمە، چۆكمە، كۆرۈنمە، تارتما، بىرلەشمە، سەزمە، تەگمە،…… ئۇيغۇر تىلى بۇ جەھەتتە ئاجايىپ سېھرىي ئىقتىدارغا ئىگە. بەزىلەر يەنە ئېكرانغا تەگكەندىن كېيىن، ئېكران ئۇنى سېزىدۇ، شۇڭا، بەزىلەر سەزمە ئېكران، كۆپ سەزمىلىك ئېكران دەۋاتىدۇ.
مۇئەللىم سىزنىڭ ئېكرانىڭىز سەزمىلىك ئېكران ئەمەسكەندە!~
ياق، لېكىن قوش ئېكران، قوش كومپيۇتېر ئىشلىتىمەن، ھەر بىر كومپيۇتېردا يەنە نۇرغۇن مەۋھۇم كومپيۇتېر بار، ھەر بىرىگە بىردىن Windows قاچىلانغان. بۇ مېنىڭ ئىشخانامدىكى مەن ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ سول تەرىپىدىكى كومپيۇتېر، (گەپ سېلىپ بەرسىڭىز، پو دېگەن مۇشۇنداق ئاتىمىز)
windowsباھالاشنامىسى
تېخى تۈگىمىدىما ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، سەكىزنىڭ ھەقىقى نەشىرنى ئون بەشىنچى چىسلا چۈشۈرگىلى بولىدۇ ،قارغاندا بىزنىڭ ئۇيغۇرچىدىن ئۈمۈت يوقمۇ نىمە
ئۈمىد يوق
ئىككى يلدىن ئاشاي دىدى. ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ يېڭى مەشخۇلات سىستىمىسىنىنڭ تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن ئاز جاپالارنى چەكمىدى. پەقەت شۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ جاپالىرىنى داۋراڭ سالمىغانلا يېرى بار. مانا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىر ئادەم پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ. بۇنى پەقەت يۇمشاق دېتال تۈزگۈچى خادىملار، ئىلىم-پەننى ھەقىقىي سۆيۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان ئىنژىنىرلار، ئۇيغۇرتىلىنى بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلغانلار…… ھەقىقىي ھىس قىلالايدۇ ھەم كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇ. مىنىڭ سەمىمى تەكلىپىم : مۇشۇ ۋاقىتقا كىلىپ بولغاندا ئۈمۈدسىزلىك…. دىگەندەك پاسسىپ سۆزلەرنى ۋە كەيپىياتلارنى بۇ بلوگقا سۆرەپ كىرمەڭ. ھەقىقىي نەشىرىنىڭ قاچان تارقىتىلىدىغانلىقى ئېنىق. باشقا تىل بولاقلىرىمۇ شۇ كۈنىسى توردىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ. داۋاملىق ئۈمۈدلىك بولايلى،
پىكىرڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق،ئالىم مۇئەللىمگە سالامەتلىك ئۇزۇن ئۆمۈز تىلەيمەن،مۇئەللىمنىڭ تارىتقان جاپالىرنى خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ،چۇقۇم قەدىرلەيمىز ھەم ئىزنى بېسىپ مېڭىشقا تىرشىمىز،مۇئەللىمنىڭ بېيجىڭدىكى نۇتىقىنى ئاڭلاپ نۇرغۇن ئىلھاملارنى ئالغان ئىدىم،مۇئەللىمنىڭ سۆزمۇ ئەمگىكىگە ئوخشاشلا قىمىمىتى زور ،ھەرگىز ئۈمۈتسىزلەنمەيلى
مائۇس چېكىش (单击) بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىكران ئارقىلىق كىرگۈزۈشنى نوقۇش ياكى نوقۇپ كىرگۈزۈش دەپ ئالساق.
No Pen or Touch Input is available for this Display
بۇ ئىكراندا قەلەملىك ياكى نوقۇپ كىرگۈزۈشنى قوللانغىلى بولمايدۇ
触控 نوقۇپ كونتروللاش ، نوقۇپ باشقۇرۇش ، نوقۇش
منىڭچە بۇلارمۇ ئېكرانغا كەلگەندە 触摸 دەپ ، بۇ يەرگە كەلگەندە،يەنى مەلۇم قۇرال ئارقىلىق ئېكرانغا بىرەر ئۇچۇر كىزگۈزۈلگەندە 触控 دەپ ئالدى.
ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم : سىنالغان كۆرسەتكۈچ دەپ ئاتىساق قانداق؟!
ئالىم مۇئەللىم،体验指数 نى باھا كۆرسەتكۈچ(ى).触控 نى سوقما كونترول دەسەك قانداق بولار؟
No Pen or Touch Input is available for this Display
没有可用于此显示器的笔和触控输入
ماۋۇنى:مەزكۇر ئىكرانغا قەلەم ۋە سوق-كون(سوقما كونترول) كىرگۈزۈش تەمىنلەنلەنمىگەن.
مۇئەللىم بۇ سەل بىمەنە بوپ قالدىمۇ قانداق؟
Pen Input دەپ گەپ بارمۇ يوق؟