Experience Index يەنى 体验指数 نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ](1) Windows Experience Index
خەنزۇچە: Windows 体验指数
بۇ ئىقتىدار Windows VISTA دىن باشلاپ قوشۇلغان بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم قاتتىق دېتاللارنى باھالاپ نومۇر قويىدۇ. Experience نى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق ھېس-تۇيغۇ، تۇيغۇ، سەزگۈرەشتە، كەچمىش، …دېگەندەك بولىدۇ، Index بولسا ئاچقۇچ، ئىندېكس، كۆرسەتكۈچ،… بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى دائىم كۆرۈپ تۇرىسىز، شۇڭا ئەستايدىل بولۇڭ، سىزچە قانداق دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولار؟ ئىلگىرى بۇ يەرنى تۇنجى كۆرگىنىڭىزدە، قانداق ئاتاپ باققان ئىدىڭىز؟
(2) No Pen or Touch Input is available for this Display
没有可用于此显示器的笔和触控输入
بۇ يەردىكى Touch سۆزىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز قايسى؟ ھازىر چەكمە ئېكران، سەزمە ئېكران، سېزىمچان ئېكران، چەكمىلىك ئېكران، سەزمىلىك ئېكران، سەزگۈ ئېكران،…دېگەندەك ھەر خىل ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ھازىر تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي تېلېفونلاردا بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئېكرانلار كەڭ ئىشلەتمەكتە. خەنزۇچە ئاتالغۇدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلماڭ. چۈنكى خەنزۇچە ئۇچۇر ئاتالغۇلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش خېلە بار، ئىلگىرى touch نى 触摸 دېگەن بولسا، ھازىر 触控 دەيدىغان بولدى. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,455 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:ئاتالغۇلار
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 08-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:02
- ئالدىنقى يازما :Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا كۆچتى.
غەلىتە ئىشكەن بۇ بەزىلىرىگە «ما»، «مە»قاتارلىق قۇشۇمچىنى قۇشۇپ قارشى تەرەپنى توسىدىكەنمىز .
ئەمدى يەنە بۇلانى ئىشلىتىپ توپلامنى ئىپادىلەيدىكەنمىز .
ھەقىقەتەن ئادەم ئويلىنىپ قالىدىكەن بۇنىڭغا.
كۆرسەتمە مۇ يول يۇرۇق ھەقاچان ھەجەپ چۈشەنمىدىم.
كۆرسەتمە ، توپلانما، يەنە بۇ توپلانما دىگەن مۇ…..
ھەي…..
ئەقلىم بەك ھەيران
ئۇيغۇر تىلى مۇشۇنداق باي تىل. بەزى سۆزلەر جۈملىدىكى ئورنىغا، ئۇرغۇسىغا قاراپ ئوخشىمىغان مەنىلەرنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا خام بولغاچقا مۇشۇنداق ھەيران يۈرۈيسىلەر،سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچى بىلەن تۈرلىگۈچى قوشۇمچە شەكىلداش بوپ قالغان يېرى بار شۇ ! شەكىلداش دىگەن سۆزنىغۇ بىلىدىغانسىلەر قوي،ئاچا،ئات .شۇڭا تولۇقسىزنىڭ گىرامماتىكىسىنى ساقلاپ قويىدىغان ئىشتى.
-ما، -مە قوشۇمچىلىرى ھەم پېئىللارغا قوشۇلۇپ ئىسىم ياسايدۇ؛ ھەم پېئىللارنىڭ بولۇشسىز بۇيرۇق دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىكەن.
تارت+ما =تارتما
تارتما- ئىشكاپنىڭ تارتمىسى؛ تارتما ئىچىدە كېنىشكىلەر بار.
تارتما- كىيىمىمنى تارتما.
دىگەندەك
كونتېكىستە:
ئىسىم ياسالغاندا تۈرلىنەلەيدىكەن، بولۇشسىز پېئىل بۇيرۇق دەرىجىسىنى بۈلدۈرگەندەك تۈرلەنمەي ئەسلى ھالىتىنى ساقلايدىكەن.
—————-
چاقچاق-چاقسىمان، تۇتامى يوق پۇتاقلارنى تۇتىۋالمىساقمۇ بولا-!
ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇشۇنداق سېھرىي كۈچى بار، بۇنداق (سۆزنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە ئۇلاپ، ھەر خىل مەنا ئاڭلىتىدىغان ئالاھىدىلىك) باشقا تىللاردا ئاساسەن يوق، بار بولغانلىرى بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالدىغا ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. بۇ قېتىم مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بەزى تەس كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى بېكىتىلدى. مەسىلەن: سەزمە، چەكمە، كۆرۈنمە، چۈشۈرۈلمە، ئېسىلما تىزىملىك، سەكرىمە كۆزنەك،…..سۆزلەپ كەلسەم بەك كۆپ.
تېمىدىن سىرت بىر سۇئال سوراي ،ھازىر 停车场 نى «توختالغۇ»دەپ ئالدىما؟«ماشىنا توختىتىش مەيدانى»دىمەيدىغان بولدۇقمۇ؟
ما سۆز بولىدىكەنغۇ! بىر كىچە قونۇپ ئۆتمەكچى بولغان يەرنى قونالغۇ دىگەندەك ، ماشىنىنى مەلۇم پەيىت توختىتىپ قويىدىغان يەرنى توختالغۇ دىسەكمۇ بولامدۇ نىمە.ئىشقىلىپ ماڭا يارىدى. كولىساق تېپىلمايدىغان نەرسە يوق بۇ تىلىمىزدا.مەغرۇر تۇرغان قىياپەت.
体验指数 دېگىنى كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق دېتالىنىڭ مەشخۇلات سېستىمىسىنى قانچىلىك دەرجىدە راۋان يۈرۈشتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن دەپ چۈشەندىم. شۇڭا “ قوللاش كۆرسەتكۈچى“ دېيىلسە ئەسلى ئۇقۇمنى جايىدا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدىكەن مېنىڭچە.
体验指数 نى سىز دىگەندەك قوللاش كۆرسەتكۈچى دىسەك ھەر قايسى جەھەتتىن مۇۋاپىق بولغۇدەك
体验指数 نى مىنىڭچە سۇپەت كۆرسەتكۇچى،سىناق نۇمرى، سىناق كۆرسەتكۇچى دىسەك مۇۋاپىق، سەۋەپ تۇۋەندىكچە:
体验 نىڭ مەنىسى ھەممىمىزگە ئايان ،بىرەر ئىشنى ئالدىن سىناش، بىرەر مەھسۇلاتنى سىناق قىلىپ ئۇنۇمىنى ھېس قىلىپ بېقىش دىگەندەك،体验区,体验产品دىگەندەك ،
ئەمدى 触摸 دىگەندەك ئاتالغۇ مەسلىسگە كەلسەك بۇيەردە بىر مۇھىم مەسلىگە سەل قارىمايلى ، مەسلەن بىر يەردە چەكمە كىرگۇزگۇچ دەپ ، يەنە بىر يەردە سەزمە ئىكران دەپ يۇرمەيلى ، ياكى ھەر ئىككىسى چەكمە بولسۇن ۋە ياكى سەزمە بولسۇن ،نىملا بولسۇن بىردەكلىك بەك مۇھىم ، مىنىڭ پىكرىم ، چەكمە ئىكران ، چەكمە كىرگۇزگۇچ ،
Touch Input دىگەننى «چەكمە كىرگۈزگۈچ» دەپ ئالساق قانداق بولا ؟ ھازىر ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق ئاندىرويىدلىق تېلفۇنلاردا «چەكمە» ،«چەكمە ئېكران » دەپ ئالدى . شۇڭا Touch Input نى «چەكمە كىرگۈزگۈچ» ياكى «چەكمە كىرگۈزۈش» دەپ ئالساق مۇۋاپىقمىكى .
ئاۋۇ 体验指数 دىگەننى «سىناق كۆرسەتمىسى» دىسەكمۇ بولىدۇ ، بەزى ۋاقىتلاردا خەنزۇچە سۆزلەر يىقىن مەنىلەردە قوللىنىدۇ… 体验 دىگىنىمىز ئاشۇ سېستىمىنىڭ ھېس قىلىپ بېكىتىشى بىلەن ئىشقا ئاشقاچقا ئۇنى «سىناش» دەپ ئالساقمۇ بولار، شۇڭا مەن «سىناق كۆرسەتمىسى »ياكى «سىناق كۆرسەتكۈچى » دەپ ئالساقمىكىن دەيمەنغۇ …….
سەزمە ئىكران دىگەن ئىكرانغا،بۇيەردىكى گەپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان،چەكمە كىرگۈزگۈچ بۇلار
ۋىندوس سەكىزنىىڭ مۇشتۇرلارغا ئېلان قىلغان ھەقىقى نەشىرنى ئىشلىتىۋاتىمەن ۋىندوس يەتىنى يېڭەلىگدەك مۇكەمەلىشىپتۇ http://guduk.com/app/blog/detail/120?mid=3247
كومپىيوترنىڭ سەپلىمىللىرى ۋە قاچىلانغان مەشخولات سېستىمىسى نىڭ ماسلىشىشچانلىق دەرىجىسىنى باھالايدىغان سان بولغاندىكىن خەنچىسىگە ئېسىلىۋالماي
ماسلىشىشچانلىق ھالىتى
يۇمشاق قاتتىق دېتال ماسلىشىشچانلىق ھالىتى ياكى كۆرسەتكۈچىسى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئالغان بولساق دەپ قارايمەن
بۇنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بولدى
Windows 体验指数 نى «Windows باھا كۆرسەتكۈچ» دىسەك مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ.
Touch Input نى بىۋاستىلا «تۇتۇپ كىرگۈزۈش» دىسەك Pen Input بىلەن پەرىقلىق چىقامدۇ-نىمە؟
体验指数نى ماڭا قويۇپ بەرسە «مەمنۇنلۇق كۆرسەتكۈچى» ياكى «مەمنۇنىيەت كۆرسەتكۈچى» دەپ ئىشلىتەركەنمەن.
بولۇپمۇ، «باھا كۆرسەتكۈچى» دېگەندەك باشقا ساھەلەردە مەخسۇسلىشىپ بولغان ئاتالغۇلاردىن يېراق تۇرايلى. بىر يەردە بولمىسا، يەنە بىر يەردە قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن.
ئەپەندىم، «سەزگۈ ئېكران»مۇ ياكى «سەزگۈر ئېكران»مۇ؟
Touchنى، مېنىڭچە، «چەكمە» دېيىش يەنىلا بىر قەدەر مۇۋاپىقكەن. ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا، ئىسىم ياكى پېئىل ھالىتىدە كەلگەندە، مۇشۇ سۆز بەزى قالايمىقانچىلىقلاردىن بەكرەك ساقلىنالىغۇدەك. «چەكمە ئېكران»، «چەكمىلىك كىرگۈزۈش»، «چېكىپ كىرگۈزۈش» … دېگەندەك.
ئالىم مۇئەللىم، ئۇيغۇر سوفىت مىكرو سوفىت بوپ كەتتىمۇ نىمە ئەمدى؟ تەرجىمە قىلىدىغان ئاتالغۇلار تېخى تۈگىمىدۇ؟ نەچچە ئاي بوپ كەتتى. مىكرو سوفىتمۇ ۋىدوۋىس 8نى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ۋىندوۋىس 9غا تۇتۇش قىپتىمىش. ئۇيغۇرچىسى سىز دىگەندەك كىيىنرەك چىقارمدۇ؟ سىز كۆپ جاپا چەكتىڭىز، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، تەرجىمە قىلىپ بەرسە بولمامدۇ؟ (ئىلتماس قىلسىڭىز) بۇ ئىش بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتىغۇ ئەمدى. ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنىڭ ئىشلىرىمۇ توختاپ قالمىسا بولاتتى….. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. ئىش قىلسا تۈگەپ ئۆتمەيدۇ. ئىش تۈگىمەي ئۆلۈپ كىتىمىز..
Experience Index يەنى 体验指数 نى مەشغۇلات ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچى دەپ ئالسال بولىدۇ،
چۈنكى، ھەر خىل قاتتىق دىتاللارنىڭ مەشغۇلات جەريانىدىكى بىر تەرەپ قىلىش ئىقدارى، سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ بولسا دەل شۇ ئىقتىدار، سۈرئەتنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان سانلىق مەلۇمات، شۇڭا مەشغۇلات ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچىسى دىسەك بۇلىدۇ.
ئىندىكىس كۆرسەتكۈچى