نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

音频 ۋە 视频 ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

音频 ۋە 视频 ئاتالغۇسى ھەققىدە

بۇ ئەسلىدە ئىنگلىز تىلىدىكى AUDIO ۋە VIDEO دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، 80-يىللارنىڭ بېشىدا ئۈن ۋە سىن دەپ قوبۇل قىلىنغان. مەسىلەن: شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى. 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كومپيۇتېرغا ئائىت ئۇيغۇرچە كىتابلاردا ئاۋاز ۋە سۈرەت دەپ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: ئاۋاز كارتىسى، سۈرەت كارتىسى. تىلىمىزدا، بۇ ئاتالغۇ سۈرەت (سىن) ۋە ئاۋاز (ئۈن) دېگەن مەنىدە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇھىم خەۋەرلىرىدە «XXX ئورۇن كۆرۈنمە چاستوتا يىغىنى ئېچىپ، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى»-دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. بۇ لوگىكا جەھەتتىنمۇ بەك خاتا. دولقۇن چاستوتاسىنى مەخسۇس ئۈسكۈنە (مەسىلەن: 示波器دولقۇن كۆرسەتكۈچ) بولمىسا، بىز ئادەتتىكى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز. بۇ ئېنىقلا خەت بويىچە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمە قىلغانلىق.

بىز توردا Skype بىلەن پاراڭلاشقاندا، بەزىدە Video Chat يەنى 视频聊天 سۈرەتلىك سۆزلىشىش (ياكى سىنلىك سۆزلىشىش) قىلىمىز. بەزىدە يەنە Audio Chat يەنى 音频聊天 ئاۋازلىق سۆزلىشىش قىلىمىز، دىققەت، بۇ يەردە ئۈنلۈك سۆزلىشىش دېسەك بولمايدۇ. شۇڭا، Video ۋە Audio نى ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە يەنىلا ئاۋاز ۋە سۈرەت، بەزىدە يەنە ئۈن، سىن دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: سىنخەت، ئۈنخەت،…. لېكىن «كۆرۈنمە چاستوتالىق خەت» دېسەك قەتئىي بولمايدۇ. «ۋىدېئو» دەپ ئېلىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى بۇ دائىم بىللە ئۇچرايدىغان جۇپ ئاتالغۇلاردۇر. ئۇنداقتا «ئائۇدىيو» دەمدۇق؟ بۇرۇن «ئاۋدىيوفون» دېگەن ئۈن قويۇش ئۈسكۈنىسى بار ئىدى.

ھەرگىزمۇ «كۆرۈنمە چاستوتالىق پاراڭ»لىشايلى دېمەيمىز. شۇڭا، Video Conference يەنى 视频会议 نى «سۈرەتلىك يىغىن» دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ. بۇ تېلېكامېرا (ياكى تور كامېراسى) ئارقىلىق سۈرەتكە (ياكى سىنغا) ئېلىنىپ، تور ئارقىلىق باشقا جايلارغا سۈرەتنى يەتكۈزۈپ ئاچىدىغان يىغىن. خۇددىي ئىلگىرى «تېلېفون يىغىنى»، «تېلېۋىزىيە يىغىنى» دېگەندەك.

ئىلگىرى تېخى يەنە 远程教学 نى «يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش» دەپ پويىزدەك تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. ئۇنى «يىراقتىن ئوقۇتۇش» دېسەك بولىدۇ، «يىراق» دېگەن گەپنىڭ ئۆزىدە بەلگىلىك مۇساپىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ تىزگىنەكىنىمۇ «يىراقتىن كونتىروللىغۇچ» ياكى «يىراقتىن باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسى» ياكى «تىزگىنەك» دەپ ئېلىۋاتىمىز، ھېچبولمىغاندا «يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسى» دەپ ئالمىغان ئىدۇققۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 信息高速公路 نى «ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى» دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ، بۇمۇ بەك خاتا گەپ، يەنى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمە قىلغانلىق. ئۇچۇر يولىدا تاشيول، تۆمۈر يول، سۇ يولى، ھاۋا يولى،…بار ئوخشايدۇ دېگەن مەنانىمۇ بىلدۈرۈپ قويىدۇ. «ئۇچۇر تېز يولى» دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. يېزىدىكى دېھقان قېرىنداشلىرىمىز تېخى 高速公路 نى «ئىلدام يول» دەپمۇ ئاتاپ قويىدىكەن، بۇمۇ خاتا ئەمەس ئەلۋەتتە. قىسقا بولۇشنى ئويلىغاندا، يەنىلا «تېز يول» دېسەك مۇۋاپىق.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
41 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ماڭا سىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكرىڭلار كېرەك بولۇپ قالدى
    ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش- بېكىتىش كومېتېتى تۈزۈپ تارقاتقان قېلىپلاشتۇرۇلغان لۇغەتتىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى مەن تازا ئايدىڭلاشتۇرالماي قالدىم. مەسىلەن :
    草原 ئوتلاق
    草场 ئوتلاق
    草地 ئوتلۇق
    دەپ قېلىپلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردىكى ئىككى ئوتلاقنىڭ ئۇيغۇرتىلىمىزدىكى پەرقى قەيەردە ؟ ئوتلاق بىلەن ئوتلۇقنىڭ پەرقى يەنە قەيەردە؟
    يەنە مەسىلەن :
    导医يېتەكچى(دوختۇرخانىدا)
    导诊يېتەكچى(دوختۇرخانىدا)
    导诊员يېتەكچى(دوختۇرخانىدا)
    دەپ قېلىپلاشتۇرۇلغان . بۇ ئاتالغۇدىمۇ ئۇيغۇر تىلىمىزدا ھېچقانداق پەرقلەندۈرۈلمىگەن شۇڭا بۇ خىل ئاتالغۇلارغا قانداق قاراش كېرەك ؟ ياكى قانداقراق چۈشەنسەك تېخىمۇ جايىغا چۈشكەن ھىساپلىنىدۇ ؟ پىكرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    音频 ۋە 视频 ئاتالغۇلىرى ھەم ئىسىم ھەم سۈپەت بولۇپ كېلىدۇ.ئىسىم بولغاندا ،،سۈپەت بولغاندا ، دېسەك مۇۋاپىق ھەم تىلغا يېقىن بوللىدۇ،مەسىلەن:
    视频نى ئىسىم بولغاندا،سۈپەت بولغاندا دېسەك،
    视频文件 نى سىن ھۆججەت،
    视频会议نى يېغىن،
    视频聊天 نى موڭدىشىش،
    VCD نى سىن تەخسە،
    DVD رەقەملىك سىن تەخسە،
    音频نى ئىسىم بولغاندا ،سۈپەت بولغاندا دېسەك،
    视频文件 نى ئۈن ھۆججەت،
    视频聊天 نى موڭدىشىش،
    CD ئۈن تەخسە .

    بۇ پىكىرنى مەن قوللايمەن ، ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:57
  • قارىغاندا بىز ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزدىكى سۆز تومۇرلىرىنى رەتلەپ چىقساق بولغۇدەك ، رەتلەپ بولۇپ بىر لوغەت ياساپ ،يىڭى سۆز چىققاندا مۇناسۋەتلىك سۆز تومۇرىنى ئىشلىتىپ سۆز ياسساق بولامدۇ قانداق ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:13
  • بۇ يەردىكى يىغىنلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى يىغىن بولمىغاندىكىن « ئېلېكترون » دىكى «ئېل» نى ئىشلەتسەك ، يەنى ئېليىغىن ، دېسەك ، قانداق بولار ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 14:47
  • DVD رەقەملىك سىن تەخسە،
    سانسىن تەخسە دىسەكچۇ؟

    :
    视频文件 نى سىنخەت
    视频会议نى سىنيېغىن،
    视频聊天 نى سىنلىق موڭدىشىش،
    VCD نى سىن تەخسە،
    DVD سان(لىق)سىن تەخسە،
    远程教学 نى «يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش» دەپ پويىزدەك تەرجىمە قىلماي ، يىراقتىن ساۋاق، ياكى تور ساۋاق دىسەكچۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى am 00:12
  • مەن رەسىم قىستۇرۇپ ىنكاس يازماقچىتىم ،قانداق قىستۇردۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 01:52
  • «ئۇن» ۋە «سىن» دەپ ئېلىش بەك مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. «ئۇيغۇن» ئەپەندى يۇقاردا دىگەندەك جانلىق ئىشلەتسەك تېخىمۇ ياخشى. 视频会议 نى «سىنلىك يىغىن»، 视频聊天 نى «سىنلىشىش»،
    音频聊天 نى «ئۈنلىشىش» دەپ ئالساقمۇ بۇلارمۇ يا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى am 02:45
  • بۇ تىمىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ ، مەنمۇ مۇشۇ ئۇيغۇر تىل يىزىق تەرجىمىلىرى توغرىسىدا كۆپ ئويلىناتتىم ، يازمىڭىزدىكى پىكىرلىرىڭىز مىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن ، مەن يەنە بىرقانچە سۆزنى تەرجىمە قىلىپ ياكى ئوڭشاپ باققان ئىدىم بۇيەرگە قالدۇرۇپ قوياي :
    安全帽
    بىز بۇنى بىخەتەرلىك قالپىقى دەپ تەرجىمە قىلىمىز مەنچە ئۇنى بىخەتەرلىك قالپىقى ئەمەس بەلكى دوبۇلغا دەپ تەرجىمە قىلساق بۇ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بۇرۇن جەڭلەردە كىيىدىغان قوغدىنىش قالپىقىنى كۆرسىتىدۇ ئەمەلىيەتتە ئىككىسىنىڭ رولى ئوخشاش دىمەك مەنچە مۇشۇ تەرجىمە مۇۋاپىق .
    يەنە بىرى
    防弹衣
    بۇنى بۇنى ئوق ئۆتمەس مايكا دەپ تەرجىمە قىلدۇق، مىنىڭچە بۇ ئەمەسلا بىرگەپ بوپ قالدى بۇ تەرجىمە ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى چەتئەللىكلەر ئىشلىگەن« ئوق ئۆتمەس مايكا» دىگەن كىنودىن ئومۇملىشىپ قالغان ، ئوق ئۆتمەيدىغان يەتتە – سەككىز كىلو كىلىدىغان كىيىمنى قانداقمۇ مايكا دىگلى بولىدۇ ، مىنىڭچە ئۇنى بىز ئوقئۆتمەس مايكا ياكى ئوق ئۆتمەس كىيىم دىمەي ساۋۇت دەپ تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىق بولىدۇ ، بۇنىڭمۇ چۈشەندۈرۈشى دوبۇلغا بىلەن ئوخشاش . يەنە بىر قانچىلىرى بار ئىدى ھازىر ئىسىمگە ئالالمايۋاتىمەن . كىيىن يادىمغا كەلگەندە چوقۇم يىزىپ ساقلاپ قويسام بولغۇدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:37
    • ئاددىيلاشتۇرىمەن دەپ بۇنداق تەرجىمە قىلپ قويسىڭىز بولمايدۇ.ساۋۇت-دۇبۇلغا دىگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بار.گەرچە ساۋۇت-دۇبۇلغىلارنى ھازىر كىيمىسىمۇ،لىكىن ئەدەبىي ئەسەرلەردە،كىنولاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.بۇنداق تەرجىمە قىلىنسا ئىلىشىپ كىتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى am 08:53
  • سالام ئالىم ئاكا .ئالما كومپيوتىرىلىرىغا قانداق قىلغاندا ئەلكاتىپ نۇسىخىسىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:13
  • 收银台 收银窗口 دېگەنلەرگە پۇل يېغىش ئورنى، پۇل يىغىۋېلىش كۆزنىكى دەپ قوشۇپ يېزىپ قويغان جايلارنى كۆپ ئۇچراتتىم. مەن تىجارەتچىلەرنىڭ پۇل سالىدىغان ساندۇقىنى غەللە دەپ ئاتىغىنىنى كۆپ ئاڭلىغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 23:02
    • ھېچبولمىغاندا «پۇل ئېلىش» (ياكى «پۇل تاپشۇرۇش») دېسىمۇ بولىدۇ، مەجبۇرىي كۆزنەك دېگەننى قوشمىسىمۇ بولىدۇ.
      چوڭ بىنانىڭ ئىچىدە كىچىك ئۆيلەر بولسا، ئۇنى «تاماق ئېتىش ئۆيى»، «مېھمانخانا ئۆي»، «يىغىن ئېچىش ئۆيى»،….دېگەندەكما؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 23:50
  • 视频会议 سۈرەتلىك يىغىن
    视频聊天 سۈرەتلىك سۆزلىشىش
    音频聊天 ئاۋازلىق سۆزلىشىش دېگەننى قوللايمەن، بۇ ئاتالغۇلار بەكلا چۈشكەن.
    ئوكيانۇستا 视频 دېگەننى كۆرۈنمە چاستوتا دەپ تەرجىمە قىپتۇ. تاراتقۇلاردىكى «كۆرۈنمە چاستۇتا » دىگەن سۆزنى ئىنىق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لوغەتكە قاراپ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىپ قويغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 16:42
  • 视频聊天 كۆرۈنمىلىك( سۆرەتلىك )سۆزلىشىش (پاراڭلىشىش ،مۇڭدىشىش )
    音频聊天 ئاۋازلىق سۆزلىشىش
    «كۆرۈنمە چاستۇتا » دىگەن سۆزنى ئىنىق خەنزۇچە لوغەتكە قاراپ ئۇدۇل تەرجىمە قىلغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:09
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    音频 ۋە 视频 ئاتالغۇلىرى ھەم ئىسىم ھەم سۈپەت بولۇپ كېلىدۇ.ئىسىم بولغاندا ئۈن ، سىن ،سۈپەت
    بولغاندا ئاۈازلىق ، كۆرۈنۈشلۈك دېسەك مۇۋاپىق ھەم تىلغا يېقىن بوللىدۇ،مەسىلەن:
    视频نى ئىسىم بولغاندا سىن ،سۈپەت بولغاندا كۆرۈنۈشلۈك دېسەك،
    视频文件 نى سىن ھۆججەت،
    视频会议نى كۆرۈنۈشلۈك يېغىن،
    视频聊天 نى كۆرۈنۈشلۈك موڭدىشىش،
    VCD نى سىن تەخسە،
    DVD رەقەملىك سىن تەخسە،
    音频نى ئىسىم بولغاندا ئۈن ،سۈپەت بولغاندا ئاۋازلىق دېسەك،
    音频文件 نى ئۈن ھۆججەت،
    音频聊天 نى ئاۋازلىق موڭدىشىش،
    CD ئۈن تەخسە .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:40
  • 音频 ۋە 视频 ئاتالغۇلىرى ھەم ئىسىم ھەم سۈپەت بولۇپ كېلىدۇ.ئىسىم بولغاندا ،،سۈپەت بولغاندا ئاۈازلىق>، كۆرۈنۈشلۈك دېسەك مۇۋاپىق ھەم تىلغا يېقىن بوللىدۇ،مەسىلەن:
    视频نى ئىسىم بولغاندا سىن ،سۈپەت بولغاندا كۆرۈنۈشلۈك دېسەك،
    视频文件 نى سىن ھۆججەت،
    视频会议نى كۆرۈنۈشلۈك يېغىن،
    视频聊天 نى كۆرۈنۈشلۈك موڭدىشىش،
    VCD نى سىن تەخسە،
    DVD رەقەملىك سىن تەخسە،
    音频نى ئىسىم بولغاندا ئۈن ،سۈپەت بولغاندا ئاۋازلىق دېسەك،
    视频文件 نى ئۈن ھۆججەت،
    视频聊天 نى ئاۋازلىق موڭدىشىش،
    CD ئۈن تەخسە .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:37
باھا بېتى: 1 2