ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)
[ IT خەۋەرلىرى ]ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى (سىناق) تىجارەت باشلىدى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى» سىناق تىجارەت باشلىدى.
بۇ دۇكاندىكى ماللارنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قوشۇۋېلىڭ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى «دۇكان» دېگەن تىزىملىكنى بېسىڭ ياكى بىز ئەۋەتكەن توپ ئۇچۇردىكى ئادرېسنى باسسىڭىز بولىدۇ.
بانكا كارتىمىزغا ئۈندىدارىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ ?p=4320
ھازىر بۇ دۇكانغا شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشرى قىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (ئېلېكتىرون نۇسخىسى) سېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق دۇكانغا كىرەلەيدۇ. ئۈندىدارىغا باغلانغان بانكا كارتىسى بىلەن مال سېتىۋالالايدۇ. بانكا كارتىڭىزنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلاشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ?p=4320 دېگەن مەزمۇننى كۆرسىڭىز بولىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»، « ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»، «ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تېڭشۈن ئورگان تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۈندىداردا تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئاۋۋال تېڭشۈن شىركىتىدە تۇرىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ شىركەت ھېساباتىغا ئاغدۇرۇپ بېرىدۇ.
(ئىزاھات: بۇ رەسىم پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى بۇ لۇغەت «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نىڭ ئېلېكتىرونلۇق چۈشۈرۈلمە نۇسخىسى (电子下载版) بولۇپ، سېتىۋالغاندا توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلىتىسىز، لۇغەتنىڭ دىسكىسى، قېپى، سومكىسى پوچتىدىن ئەۋەتىلمەيدۇ.)
2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» بۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى مەھسۇلاتلار 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە پۈتۈنلەي يېرىم باھادا سېتىلىدۇ.
ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋالسىڭىز، سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە مۇلازىمەت نومۇرىنى ئۈندىدارىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ بېرىمىز، مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى(0991-2813300)گە تېلېفون قىلىپ، تاپشۇرۇپ ئالغان مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشىڭ.
===========
بۇ تىزىملىك يېڭىدىن قوشقانلارغا كۆرۈنىدۇ، كونا ئەزالارغا 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈنىدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراپ كەتسىڭىز، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»دىن چېكىنىپ، قايتا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىڭىزدا بۇ تىزىملىك كۆرىدۇ.
==============
==============
==============
==============
==============
==============
==============
==============
==============
قېنى كىم «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»دا تۇنجى مال سېتىۋالغۇچى بولالايدۇ؟ يولۇڭلارغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزمۇ ھېس قىلىپ باقايلى، قېنى مەرھەمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,603 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 18:25
- ئالدىنقى يازما :Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!
- كېيىنكى يازما :مانا مال كەلدى، HP Stream
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم
تور كارتىسىنى سېلىپ، سىمسىز تور تارقىتىدىغان ئۈسكىنىنىمۇ دۇكانغا سېلىپ قويساڭلار بوپتىكەن، بۇنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، قايسىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەممە كىشى بىلمەيدۇ، سىز بىلگەندىكىن ئۆزى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىقىدىن تاللاپ دۇكانغا سالساڭلار، خاتىرجەم سېتىۋالساق
ماقۇل، بىز ئالاقىلىشىپ كۆرەيلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم..يەنە پائالىيەت يوقمۇ مەن لوغەتنىڭ 3 تىللىقىدىن بىرنى ئالاي دىگەن ئىدىم. ھازىر قارسام باھاسى ئەسلىگە قايتىپتۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتۋالغانىدىم، بىراق تېلېفۇن قىلىپ زادىلا ئالالمىدىم، يانفۇنغا ئۇچۇر يوللاپ تىزىملايدىغان ئىش يوقمۇ؟
18999086500
بىر تېلېفوننىڭ بېشى بۇزۇلۇپ قاپتىكەنمىش، بۈگۈن يەنە بىر باش سەپلىمەكچى بولغان، ھازىرچە يەنە بىر نومۇرغا ئۇرۇڭ.
2839871
2813300
ئالىم مۇئەللىم، مېنى بەك بەك بەك ساقلىتىۋەتتىڭىز جۇمۇ؟ زادى قىممەت تولۇقلىيالايمەنمۇ يوق؟
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 بىلەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 5.0 ئوخشىمامدۇ؟ قانداق پەرقى بارلىقىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز…