ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى (سىناق) تىجارەت باشلىدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى» سىناق تىجارەت باشلىدى.
بۇ دۇكاندىكى ماللارنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قوشۇۋېلىڭ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى «دۇكان» دېگەن تىزىملىكنى بېسىڭ ياكى بىز ئەۋەتكەن توپ ئۇچۇردىكى ئادرېسنى باسسىڭىز بولىدۇ.
qrcode_for_gh_594dd778d31a_258
بانكا كارتىمىزغا ئۈندىدارىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ ?p=4320

ھازىر بۇ دۇكانغا شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشرى قىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (ئېلېكتىرون نۇسخىسى) سېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق دۇكانغا كىرەلەيدۇ. ئۈندىدارىغا باغلانغان بانكا كارتىسى بىلەن مال سېتىۋالالايدۇ. بانكا كارتىڭىزنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلاشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ?p=4320 دېگەن مەزمۇننى كۆرسىڭىز بولىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»، « ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»، «ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تېڭشۈن ئورگان تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۈندىداردا تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئاۋۋال تېڭشۈن شىركىتىدە تۇرىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ شىركەت ھېساباتىغا ئاغدۇرۇپ بېرىدۇ.
mmexport1421917049579

mmexport1421917065053

mmexport1421918857040

mmexport1421918860981(ئىزاھات: بۇ رەسىم پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى بۇ لۇغەت «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نىڭ ئېلېكتىرونلۇق چۈشۈرۈلمە نۇسخىسى (电子下载版) بولۇپ، سېتىۋالغاندا توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلىتىسىز، لۇغەتنىڭ دىسكىسى، قېپى، سومكىسى پوچتىدىن ئەۋەتىلمەيدۇ.)
2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» بۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى مەھسۇلاتلار 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە پۈتۈنلەي يېرىم باھادا سېتىلىدۇ.
ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋالسىڭىز، سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە مۇلازىمەت نومۇرىنى ئۈندىدارىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ بېرىمىز، مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى(0991-2813300)گە تېلېفون قىلىپ، تاپشۇرۇپ ئالغان مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشىڭ.
===========
01
بۇ تىزىملىك يېڭىدىن قوشقانلارغا كۆرۈنىدۇ، كونا ئەزالارغا 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈنىدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراپ كەتسىڭىز، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»دىن چېكىنىپ، قايتا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىڭىزدا بۇ تىزىملىك كۆرىدۇ.
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
قېنى كىم «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»دا تۇنجى مال سېتىۋالغۇچى بولالايدۇ؟ يولۇڭلارغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزمۇ ھېس قىلىپ باقايلى، قېنى مەرھەمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
  • باھا پەرقىنى قوشۇش دېگەن تۈر قوشۇلمىدىغۇ؟ ئالىم مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:19
    • بۈگۈن قىلالمىدىم، بازار بەك قىزىپ كېتىپ، ئاۋۇ كوررېكتورنىڭ مۇلازىمىتېر يېتىپ قالاي دەپتۇ، شۇنى ئوڭشاپلا شۇ، ئاندىن يەنە تاۋباۋدىن دۇكان ئېلىپ قويدۇم، ئەلى چىقىمدانى بىلەن تۆلەشكىمۇ بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:33
  • 14788.91 ئالىم مۇئەللىم بايكەن جۇمۇ ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:32
  • رەھمەت مۇئەللىم، بايا مۇۋاپىقىيەتلىك تىزىملىتىۋالدىم. بۇ لۇغەتتىن ناھايىتى رازى بولدۇم. قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:56
  • ئەرەبچە،تۈركچە تىللىرىمۇ بار بەش تىللىق لۇغەت ئىشلىگەندەك قىلىۋاتقان ئېدىڭلارغۇ؟بولسا شۇنى سېتىۋالاي دېگەن،كېىنچە بەش تىللىق بولۇپ كەتسەم،بىزنىڭ لۇغەتتىن ئۆگەنگەن بالا مۇشۇ شۇ دەپ پوچى يۈرىۋالاتتىڭىزدە ئالىمكا

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:21
  • تولىمۇ ئېسىل ئىش بوپتۇ ئالىم مۇئەللىم ،مۇبارەك بولسۇن ! ھازىچە قولۇمدا ئاندىرويىدلىق تاختا كومپىيوتېر بار ، كېيىن ياخشىراق ۋىندوۋىسلىق كومپىيوتېر سېتىۋالغاندا چوقۇم بىرنى ئالىمەن بۇ لوغەتتىن .
    تەكىپىم : ئاستا ئاستا ماللارنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ تۇرمۇشىمىزغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋىندوۋىس ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى،يەنە سىز سۆزلىگەن پىروگىرامما دەرسلىكلىرىنى مۇشۇ دۇكاندىن ئالغىلى بولىدىغان بولسا تېىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن ، چۈنكى ھەممەيلەن بۇ يەردىن سېتىۋالساق ئەڭ ئىشەنچىلىك بولىدىغاننى بىلىمىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى am 07:20
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
    ئالىم مۇئەللىم بۇ لۇغەت ھېلىقى خۇيپۇنىڭ ئەرزان تاختا كومپېيۇتىرىغا نورمال قاچىلىنامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:12
  • ئەلى چىقىمدانى(支付宝)بالدۇرراق ئاچساڭلار،يانفونغا،ئۈندىدارغا بانكا كارتىنى ئۇلاپ قويۇشنى ھازىرچە بىخەتەر ھېس قىلمىدىم،شۇڭا ئۇلىمىغانتىم،تېخى بۈگۈن مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدىن خەۋەر كۆردۈم،يېڭى APK ۋېروسى تارقىلىپتۇ،تونۇشلارنىڭ نومۇرىدىن تور ئۇلانمىسى بار قىسقا ئۇچۇر كىلىدىكەن،ئۇلىنىشنى باسسىلا يۇقۇملىنىدىكەن،تېلفون دەپتىرىدىكى كىشىلەرگە ئۇچۇرنى تارقىتىدىكەن،بانكا كارتا ئۇچۇرلىرى ئوغۇرلىنىدىكەن،باشقا يەردىن كارتىڭىزدىكى پۇل ئېلىپ كىتىلسە بانكىدىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى ئۈن-تىنسىز يوقىتىۋىتىدىكەن،پۇل ئېلىپ كىتىلگەننى سەزمەيدىكەنسىز،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇللىرى يۈتۈپتۇ،ئۇ تالانتلىق ئوغرىنى تۇتۇپتۇ،لىكىن بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىلىغىغا ئىشەنمەيمەن،يەنە چىقىدۇ بۇنداق تالانتلىقلار.شۇڭلاشقىغۇ ئەندرويد،ئالما دىگەن سېستىمىلارغا يېقىن يۇلىمايمەن.گەپ قېيىپ كەتتى،ئۈچ تىللىقتىن بىرنى ئالماقچىتىم، يا بولمىسا تاۋباۋ دۇكىنىڭلارنى ساقلامەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:50
    • مەن ئىزچىل ئۈندىدار كارتامدا مال ئېلىپ شۇنداق قىلىۋاتىمەن، كارتامدىكى پۇل ئەزەلدىن يوقاپ كەتمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ دېيەلمىگەندەك، سىزمۇ ئۈندىدار كارتىنى باغلاپ قويسا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن دېيەلمەسلىكىڭىز لازىم دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.

      جۇڭگودىكى نەچچە يۈز مىليون بانكا كارتىسى ئىچىدىن سىزنىڭ بېشىڭىزغا ئۇنداق بالا-قازا كېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن، مەسىلەن: ئۆيىڭىزدىن چىقماي توردىن كىتاب ئېلىشنى بىخەتەر كۆرمەي، ئاپتوبۇسقا چىقىپ كىتابخانىغا بېرىش جەريانىدا پۇلىڭىزنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇشنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ 1 ياكى 2 يىلدىن بۇيان تېلېفوندا پۇل تۆلەش كومپيۇتېردا پۇل تۆلەشتىن ئېشىپ كەتتى، بۇ ھامان بولىدىغان يۈزلىنىش ئوخشايدۇ، ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ.

      مېنىڭچە دىققەت قىلساق چوڭ چاتاق چىقمايدۇ، مەسىلەن: مەسىلەن: پۇل ئازراق كارتىنى باغلاپ قويۇڭ، مەسىلەن: 500 يۈەندىن تۆۋەن دېگەندەك، ئاندىن ئۈندىدارىڭىزغا باغلاپ، تور، تېلېفون قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرۇپ بولۇپلا، باغلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. بەزىدە تېلېفونىڭىز توختاپ قالسا، تېلېفون تىجارەت زالىغا بېرىپ پۇل تاپشۇرۇشتىن ياخشى دەپ ئويلايمەن، ئەمما نەچچە يۈز مىڭ يۈەن كارتىڭىزنى داۋاملىق باغلاپ قويۇشنى مەنمۇ تەشەببۇس قىلمايمەن ئەلۋەتتە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:42
  • ئالىم مۇئەللىم، 40 يۈەن باھا پەرقىنى قانداق تولۇقلايمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:27
  • رەھمەت ئۇندا بولسا ئەتە ۋاقتىم چىقسىلا بانكىغا كىرىپ ئۆزگەرتىپ سېتىۋالاي ناۋادا ئۆزگەرتەلمىسەم 支付宝 نىدن ئەۋەتىپ بىرەرمەن
    ھە راس سىز ئىيتقان ئەرەپچە لۇغەتلەر مۇشۇ 3 تىللىق ئىچىدىمۇ ياكى ئۇ ئايرىممۇ ئايرىم بولسا ئۇ لۇغەتلەر قاچان چىقار ئۇنىمۇ سېتىۋالسام ياكى ھەممىسى بىر بولغان لۇغەتمۇ بارمۇ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە- ئەرەپچە -تۈرۈكچە قاتارلىقلار ئۆزئارا تەرجىمە قېلدىغانلىرى ئاشۇندا بولسىمۇ بولاتتى تىزرەك چىقارسىڭىز ئەگەر ئاشۇندا كۆپ تىللىق بولسا بار دەپ قويارسىز ھازىرچە بولمىسا مۇشۇ 3تىللىقنى سېتىۋېلىپ تۇراي كىىيىن چىققاندا ئۇنىمۇ ئالارمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:08
  • قىزغىن تەبرىكلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:44
  • ئەرەپچە لوغەتلەردىن موھەممەدسالىھ داموللامنىڭ ئىككى توملوق (ئەرەپچە -ئۇيغۇرچە چوڭ لوغەت) ى قوشۇلدىمۇ؟
    ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە لوغەتنى ئايرىم سىتىۋىلىشقا بولامدۇ، موشۇ ھەقدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:54
    • نەق شۇ لۇغەتتىن باشقا بارلىق ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت قوشۇلدى. كېيىن بارلىق يۆنىلىشلەرنى ئايرىۋەتمەكچى ھەم بىرىكتۈرمەكچى، ئېھتىياجغا قاراپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:17
  • ئوھۇي بۇ يەردە سودا-سېتىق قىزىپ كىتىپتىغۇ ! مەنمۇ بىرنى دەرھال ئالاي . خۇيپۇ كەلگەندە قاچىلاپ ئىشلىتەمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:33
  • يېرىم باھاكەن دەپ ئالدىراپ كېتىپ، چۈشەندۈرۈشكە دىققەت قىلماپتىمەن، كەچۈرىسىز، 40يۈەننى قانداق تولۇقلاپ بېرىمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:29
    • ئەلى چىقىمدانى(支付宝)غا ئەۋەتىپ بېرەمسىز؟ ياكى باھا پەرقىنى تاپشۇرۇش دېگەن تۈرنى قوشۇپ قويايلى، ئەتە بىر سىناپ بېقىڭ بولمىسا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:20
  • ئالىم مۇئەللىم ، بۇرۇنلا ئېلىكتىرونلۇق سودىغا يۈرۈش قىلسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى ، نېمىدىگەن قولايلىق ، ئاسانلا سېتىۋالدۇق ، بۇرۇن ئالاي دەپ ئويلىساقمۇ ھازىرقىدەك ئۆيدە ئولتۇرۇپلا سېتىۋالغىلى بولمىغاچقا ھەم مەھسۇلاتنى تازا ياخشى چۈشەنمىگەچكەبىلىپ-بىلمەي ئوغرىلانغان نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپتىكەنمىز، سېتىۋېلىپ بەك خۇرسەن بولدۇم، باشقا مەھسۇلاتلىرىڭىزنىمۇ تېزراق دۇكانغا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:17
    • سىلەرگىمۇ ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت،
      قارىغاندا ھازىر ۋاقتى كەلگەن ئوخشايدۇ، بۈگۈن دۇكاندىكى ماللار ئوبدان سېتىلدى، قىزىلبايراقتىكى ھەقىقىي دۇكاننىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرچە كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى،
      بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن مەھسۇلاتىمىزنى ئامال بار قىممەت قىلمايمەن، سېتىش يوللىرىنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرماقچى. تىزىملاش ئىشلىرىمۇ ئۈندىداردا پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك بولغۇسى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:15
  • مەنمۇ 3تىللىقنى سېتىۋالاي دېگەن ئەمما بانكا كارتامنى ئۈندىدارغا باغلىيالمىدىم چۈنكى بانكا كارتىغا باغلاغلىق تېلېفۇن نومۇرۇم ھازىر يوق شۇڭا باشقا خىل سېتىۋېلىش ئۇسۇلىمۇ بارمۇ ياكى بۇرۇن باغلاغلىق تېلېفۇن نومۇرنى ئۆزگەرتكىلى بولامۇ مەن قەشقەردە شۇڭا قىزىلبايراق دۇكاندىن سېتىۋېلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغىدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:13
    • كىملىكنى ئېلىپ، بانكىغا بارسىڭىزلا ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ، مەنمۇ شەخسي كارتامغا پۇل ئەۋەتىشىڭىزنى خالىمايمەن
      كېيىن يەنە شىركەتنىڭ ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئېچىلىدۇ، تاۋباۋدىنمۇ دۇكان ئاچماقچى بولۇۋاتىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:10