ئىنتېل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، مىكروسوفتمۇ ھەم. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئىنتېل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، مىكروسوفتمۇ ھەم.

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيادىمۇ ساراڭلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بۇ يىل 2-ئايدا مىكروسوفت بىلەن HP (خېۋلىد پەككارد) بىرلىشىپ 600-700 يۈەنلىك ئالقان كومپيۇتېرى HP Stream 7 ۋە HP Stream 8 بازارغا سالغان ئىدى، مانا ئەمدى ئامېرىكا ئىنتېل شىركىتى بارماق كومپيۇتېرى (Intel computer stick) ئىشلەپ بازارغا سېلىپتۇ، ئىنتېل (Intel) شىركىتى كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلەپچىقىرىپ كېلىۋاتقان شىركەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
intel-00

intel-0

intel-1

intel-2

intel-3

intel-4

intel-5

intel-31
ئىنتېل بارماق كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 2GB، قاتتىق دىسكا سىغىمى 32GB، ئىچىگە مىكروسوفت Windows 8.1 قاچىلانغان بولۇپ، تېلېۋىزورغا چېتىپلا ئىشلىتىدىكەنسىز يەنى ئۆيىڭىزدىكى تېلېۋىزورنى كومپيۇتېرغا ئايلاندۇرالايدىكەنسىز. دائىم تورغا چىقىپ ئۇچۇر ئىزدەيدىغان، كىنو كۆرىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغانلارغا بولۇپ بەرگۈدەك ئەمدى. ئەمدى بۇنداق ياخشى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرنى ئىشتان يانچۇققا سېلىپ يۈرگۈدەكمىز، توۋا دېمىسەك بىكار جۇمۇ.

ئىنتېل شىركىتى دۇنيادىكى كومپيۇتېرلارنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، قاتتىق دېتال شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتېل ۋە AMD شىركىتىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئىنتېلنىڭ مۇتلەق ئالدىدا، تېپىۋاتقان پۇلىمۇ ئەڭ كۆپ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇلار يەنە رازى بولماي، ئۆيدىكى تېلېۋىزورنى كومپيۇتېرغا ئايلاندۇرىدىغان بارماق كومپيۇتېرى ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئېلان سۆزىگە تېخى «بىز پەقەت ئورالمىسىنى كىچىكلەتتۇق، ئىقتىدارىنى ئەمەس» دەپتۇ، خوتەن ئوغۇزخان شىركىتىنى دوراپ، «بىز مۇبالىغە قىلمىدۇق، پەقەت سىزنى ئىشلىتىپ باقسۇن»-دېدۇق دېگەن بولسا تېخىمۇ نوچى بولار ئىكەن كاساپەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
44 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • تەرەققىياتقا گەپ توغرا كەلمەس بۇلۇپ كەتتى .
    2000-يىلى دادام رەڭسىز ئىكرانلىق 飞利浦 9@9 نى 2600يۇەنگە ئېلىپ ئىشلىتىپتىكەن شۇچاغدا مىنىڭ lumia920 تېلفۇنۇم بولغان بولسا 50000 يۇەنگە ياراتتىكەن ھى ھى ھى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 14:53
باھا بېتى: 1 2 3