ئىنتېل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، مىكروسوفتمۇ ھەم. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئىنتېل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، مىكروسوفتمۇ ھەم.

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيادىمۇ ساراڭلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بۇ يىل 2-ئايدا مىكروسوفت بىلەن HP (خېۋلىد پەككارد) بىرلىشىپ 600-700 يۈەنلىك ئالقان كومپيۇتېرى HP Stream 7 ۋە HP Stream 8 بازارغا سالغان ئىدى، مانا ئەمدى ئامېرىكا ئىنتېل شىركىتى بارماق كومپيۇتېرى (Intel computer stick) ئىشلەپ بازارغا سېلىپتۇ، ئىنتېل (Intel) شىركىتى كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلەپچىقىرىپ كېلىۋاتقان شىركەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
intel-00

intel-0

intel-1

intel-2

intel-3

intel-4

intel-5

intel-31
ئىنتېل بارماق كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 2GB، قاتتىق دىسكا سىغىمى 32GB، ئىچىگە مىكروسوفت Windows 8.1 قاچىلانغان بولۇپ، تېلېۋىزورغا چېتىپلا ئىشلىتىدىكەنسىز يەنى ئۆيىڭىزدىكى تېلېۋىزورنى كومپيۇتېرغا ئايلاندۇرالايدىكەنسىز. دائىم تورغا چىقىپ ئۇچۇر ئىزدەيدىغان، كىنو كۆرىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغانلارغا بولۇپ بەرگۈدەك ئەمدى. ئەمدى بۇنداق ياخشى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرنى ئىشتان يانچۇققا سېلىپ يۈرگۈدەكمىز، توۋا دېمىسەك بىكار جۇمۇ.

ئىنتېل شىركىتى دۇنيادىكى كومپيۇتېرلارنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، قاتتىق دېتال شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتېل ۋە AMD شىركىتىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئىنتېلنىڭ مۇتلەق ئالدىدا، تېپىۋاتقان پۇلىمۇ ئەڭ كۆپ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇلار يەنە رازى بولماي، ئۆيدىكى تېلېۋىزورنى كومپيۇتېرغا ئايلاندۇرىدىغان بارماق كومپيۇتېرى ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئېلان سۆزىگە تېخى «بىز پەقەت ئورالمىسىنى كىچىكلەتتۇق، ئىقتىدارىنى ئەمەس» دەپتۇ، خوتەن ئوغۇزخان شىركىتىنى دوراپ، «بىز مۇبالىغە قىلمىدۇق، پەقەت سىزنى ئىشلىتىپ باقسۇن»-دېدۇق دېگەن بولسا تېخىمۇ نوچى بولار ئىكەن كاساپەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
44 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم ، Win10 نىڭ _Build_10240 نەشرىدە ئۇستەل يۈزىدىكى ‹مىنىڭ كومپىيوتىرىم › دىگەن سىنبەلگە يوقكەن،پەقەت ‹ئەخلەت ساندۇقى› لا باركەن . ‹مىنىڭ كومپىيوتىرىم › دىگەن سىنبەلگىنى قانداق پەيدا قىلىمىز، تەلىم بەرسىڭىز،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:18
  • تەرەققىيات مۇشۇ بويىچە ماڭسا، ئوپتىك دىسكا بازاردىن يوقالسا، بۇندىن كىيىن يۇمشاق دىتال، ئۈن-سىن بويۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىنتىرنىتتىنلام سېتىۋالدىغان بولسا پىلاستىنكا ھايانكەشلىرى دىگەن ئۇقۇممۇ بىردەكلام بازاردىن يوقۇلدىغان گەپكەندە، ئىنتىرنىت ھايانكەشلىكى دىگەن يىڭى ئۇقۇم پەيدا بولامۇ ئەمدى!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:09
  • ئالىم مۇئەللىم ، ئەسسالاممۇ ئالەيكۇم ، ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ بىر ئىشىنى سوراپ باقسام ، مۇشۇ ۋىندوۋس ئوندا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار دىيلىدى ، ئۇنداقتا تېلفۇن نۇسخسىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:55
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ……بىر مەسىلە سوراپ باقسام ، مۇشۇ مىكروسوفىت شىركىتىنىڭwindows phone 8.1 لىق سېستىمىسى بىلەن windows8.1 سېستىمىسى ،يەنى بىرى تېلفۇن ،بىرى كومپىيوتېر، مۇشۇ كومپىيوتېر قوللىغان دىتاللارنىڭ ھەممىسىنى ، windows phone مۇ قوللامدۇ؟،،، چۇشەنچە بەرسىڭىز ….رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:09
    • Windows Universal App ۋىندوۋس ئۇنىۋېرسال ئەپ ھالىتىدە لايىھەلەنگەن ھەرقانداق ئەپ ياكى يۇمشاق دېتالنى Windows قاچىلانغان كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يانفوندا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھازىر بۇ 3 سۇپا بىرلىشىپ كەتتى، تېگى يادروسى ئوخشاش.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:12
  • مىنىڭمۇ بىرنى سىتىۋالغۇم كىلىۋاتىدۇ. ئالىم مۇئەللىم ئالدىنقى قىتىمدىكىگە ئوخشاش سىتىۋالىدىغانلارغا ۋەكالىتەن ئىلىپ بەرگەن بولسا، پۇلنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگىلا ئەۋەتىپ بەرسەك قانداق بولار؟
    لىكىن گەپنىڭ راستىنى دىسەم، 7-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن كىيىن windows10 قاچىلانغان ھالەتتىكى بارماق كومپىيوتېرنى سىتىۋالىمەن. مىنىڭچە نۇرغۇن تورداشلار مەندەك ئويلايدۇ . ئەگەر ئالىم مۇئەللىم قوشۇلسىلا ئالىم مۇئەللىمدىن سىتىۋالساق ئالدىنىپ قىلىشتىن ياكى باشقا ئەھۋاللاردىن قەتئىي ئەنسىرمەيتتۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:23
    • مەنمۇ ئ‍ۈندىدار دۇكاندا سېتىشنى ئ‍ويلىشىۋاتىمەن، ئ‍اۋۋال مەن بىرنى ئ‍ەكەلتۈرۈپ، ئ‍وبدان سىناپ باقاي، ماڭا يارىسا ئ‍اندىن تورداشلارغا تېخىمۇ بەكرەك قىلايتەۋسىيە قىلاي

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:28
  • ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سۇراپ باقاي مۇئەللىم: سىز ۋىندوس يانفۇنىنى ئىشلىتىۋاتامسىز؟ ياكى كىيىن ئىشلىتەمسىز؟ ( سۇئالىم ئۇتتۇرلا بۇلۇپ قالدى، ئېغىر ئالمىغايسىز مۇئەللىم )

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:43
    • ھازىرچە سامسۇڭ ئ‍ىشلىتىۋاتىمەن، بۇ تېلېفون يا بۇزۇلۇپ قالمىدى يا يۈتۈپ كەتمىدى، يېڭىدىن بىرنى ئ‍ېلىشقا پۇرسەت بەرمەيۋاتىدۇ، يەنە بىرنى ئ‍الاي دېسەم ئ‍ىسراپچىلىق بولىدىكەن، بۇ تېخىمۇ يامان ئ‍ىش، شۇڭا ئ‍امالسىز بۇ كونا تېلېفوننى ئ‍ىشلىتىۋاتىمەنغۇ تاڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:30
  • ياشىسۇن ساراڭلار(ئېغىزنى چوڭ ئېچىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:25
  • ھازىر ھەرقانداق ساھەدە بىر نەرسە قىلالماسلىق مەسىلە ئەمەس، يېڭى نەرسىلەرنى ئويلىيالماسلىق مەسىلە بۇلۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:11
  • بۇ مەسھۇلات تېخى بازارغا چىقمىدىمۇ نىمە ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى am 00:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ كومپىيۇتىرنى قانداق سىتىۋالىمەن ماڭا ياردەم قىلسىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:42
  • قاچان بازارغا چىقار ، بولسا بىرنى ئەپ قويغۇدەك نەرسىكەن بۇ، ئالىم مۇئەللىم بۇنىمۇ ۋڭنwin10 غا كۇتۇرگىلى بۇلامدىغاندۇ ؟ win 10 قاچىلاپلا بازارغا سالماي ، win10دەك ئىسىل مەھسۇلات قۇشۇلسا تېخىمۇ ئىسىل بۇلاتىكەن ، يە ئىككى ئىسىل بىر يەرگە كەلسە پارتىلامۇ يە گوم قىلىپ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:53
  • مىكروسوفت قانداق ساراڭ بوپ قالغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:16
    • بارماق دىسكا كومپيۇتېرىغا (ئېكرانسىز كومپيۇتېرغا) مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەپ ھەم بۇنداق نەشرىدىكى Windows 8.1 نى بىكارغا بېرىپچۇ؟؟!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:36
  • كىشلەرگە بۇ ساھەدە بۆسۈش قىيىنلىشىپ كەتكەن بىلىنىشىپ كەتكەن بىلەن ، ئەمەلىيەتتە يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ چىقىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرسا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. ھازىر بارا بارا ئوپتىك دىسكىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىگىلى تۇرۇپتۇ. 3 يىل ئىچىدە ئاساسەن ئشلەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالارمۇ ؟ ياكى كۆكنۇر دىسكىسى بولغاچقا ئۇنداق بولماسمۇ ؟ قېنى مۇشۇنداق مېڭىپ باقسۇن قاراپ باقايلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:57
    • 2010-يىلىدىكى پەرەزدە كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە يوقالماقچى بولغان IT مەھسۇلاتىنىڭ بىرىنچىسى ئوپتىك دىسكا ئىدى. ئەمما SONY سەل جاھىللىق قىلىپ كۆكنۇر دىسكىسى Blueray نى چىقىرىپ، يوقىلىش تېزلىكىنى سەل ئاستىلىتىپ قويغان ئىدى. ئەمما بازار دېگەن يەنىلا بازار، ئاڭلىسام بۇ يىل لوندوندا شەخسلەرنىڭ ئۆيىدىكى تورنىڭ تېزلىكى 100Mb، شىركەتلەرنىڭ تور تېزلىكى 2000Mb غا يەتكۈزۈلۈپتۇ، تور تېزلىكى مۇشۇنداق تېزلەشسە، ئوپتىك دىسكا خۇددى يۇمشاق دىسكا يوقاپ كەتكەندەك شۇنچە تېز يوقاپ كېتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:29
  • ئىشلىتىش جەريانىدىكى قىززىپ كىتىشنى قانداق ھەل قىلغاندۇ،ئۇنىىڭغا شامالچى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمىسا…
    مائۇسنى نەگە چېتىپ ئىشلىتىدىغاندۇ…دىمەك بۇندىن كىيىن ئىكراننىڭ تەرەققياتى دەھشەت ئالدىغا ماڭامدۇ قانداق؟ بىر تال قۇلايلىق ئىكرانلا بولسا كومپىيۇتىرنى يانچۇقتىن ئېلىپلا ئىشلىتىش ئەمەلگە ئېشپتۇ…ياخشىراق تېلفۇنغىمۇ چاتقىلى بولسىچۇ بۇ خىل جابدۇقىنى…ئاندىن رەسمىي ساراڭ دەرىجىسى تۇشار ئىدى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:40
    • ھازىر ئېكران ۋە تېلېۋىزور دېگەن ساماندەك بولۇپ كەتتى. يانچۇقتىن چىقىرىپلا چاتسىڭىزلا بولىدۇ دېگەن گەپ. كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا قارىغاندا ئاساسىي ئاپپارات تېزلا ئەمەلدىن قالىدۇ. تېلېفونغا چېتىش ھاجەتسىز، ھازىر Microsoft تېلېفوننىڭ ئۆزىمۇ كومپيۇتېردىن قېلىشمايدۇ. بۇ نەرسىنى ماشىنىڭىزدىكى يولباشلىغۇچقا سانچىپ قويسىڭىزلا كومپيۇتېر بولىدۇ دېگەن گەپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:34
  • كومپىيۇتېر ساھەسىدە يەنە بۆشۈش خاراكتىرلىك يىڭىلىق بوپتۇ،،،،،،،،رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ،،،دائىم مۇشۇنداق ئىشەنچىلىك يىڭىلىقلارنى بىزگە يەتكۈزۇپ تۇرۋاتىسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:25
باھا بېتى: 1 2 3