Virtual Box 5.0 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]7-ئاينىڭ 9-كۈنى Virtual Box (ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق مەۋھۇم ساندۇق) يەنى مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ 5.0 نەشرى ئېلان قىلىندى. تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ.
http://www.virtualbox.org
بۇ زادى قانداق قىلىدىغان دېتال دەپ سورىدىڭىزما؟ مانا مۇنداق قىلىدىغان دېتال، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.
يەنى ئالىم مۇئەللىمدەك بىر كومپيۇتېرغا بارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان دېتالدۇر، ئۆيىڭىزگە 5-6 كومپيۇتېر ئېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچى 4 گېگابايتتىن يۇقىرى بولغان بىر كومپيۇتېرىڭىز بولسا، سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان Mac OS X, Ubuntu, Windows 7, Windows 8, Windows 10, Windows Server 2008 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ، تەڭ قوزغىتىپ، نۇرغۇن دېتاللارنى قاچىلاپ سىناق قىلالايسىز. مەۋھۇم كومپيۇتېر بولغاچقا ۋىرۇستىن ئالدىراپ كىرەلمەيدۇ. كۆپ كومپيۇتېرلىق بولۇش شېرىن چۈشىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.
بۇ دېتالنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەي دېسىڭىز، مەن 3 يىل بۇرۇن يازغان بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
?p=1443
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,449 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:33
- ئالدىنقى يازما :قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى 3 كۈن ئارام ئالىدۇ
- كېيىنكى يازما :ئىنتېل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، مىكروسوفتمۇ ھەم.
سۇ بويىدا :
مەۋھۇم كومپيۇتېر ھۆججىتىنى قانداق قىلغاندا س دېسكىدىن باشقا جايغا قۇرغىلى بولىدۇ؟
مەن كومپىيۇتىر سېستىمىسىنى ۋىندوۋىس ئونغا كۆتۈرمەكچى ، لېكىن خەت باسقۇم ۋىندوۋىس ئىكىسپىدىن يۇقىرى نەشىرنى تونۇمايدۇ .بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ باش ئاغرىقىمنى ھەل قىلالامدىمەن ؟
لېكىن خەت باسقۇم ۋىندوۋىس ئىكىسپىدىن يۇقىرى نەشىرنى تونۇمايدۇ
===========
مېنىڭچە توردىن ئىزدەپ سىناپ بېقىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم!
يەنە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش پىلانىڭىز بارمۇ؟
بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ھازىرچە يوق