نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەتنىڭ «ئاتلان»دىكى لېكسىيە فىلىمى

[ تاغدىن-باغدىن ]


تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بۇ يەردىن كۆچۈرۈلدى.
a href=“http://www.atlan.cc/?p=2836

ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپمۇ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنسىز، كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئۆگىنىپمۇ چارچىغانسىز، بۇ ئىككى تىلنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇلارنى ئۆز-ئارا خىزمەت قىلدۇرۇشقا بولامدۇ-يوق؟ يەنە قانداق يېڭى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟ كاللىڭىزدىكى يەنە نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىسىڭىز، بۇ لېكسىيەنى قولدىن بەرمەڭ.

ئالىم ئەھەت مۇئەللىم 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە «ئىنگلىز تىلى ۋە پىروگرامما تىلى» ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. تۆۋەندىكىسى بۇ لېكسىيەنىڭ سىن ھۆججىتىدۇر. بۇ نۇتۇقتا ئىنگلىز تىلى، دۇنيادىكى تىللار، ئۇيغۇر تىلى، كومپيۇتېر ۋە پىروگرامما تىللىرى ھەققىدىكى مۇناسىۋەت ۋە پەرقلەر جانلىق مىساللار بىلەن سۆزلەنگەن بولۇپ، سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىم ۋە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ.

كۆرۈش ئادرېسى:
بۇ يەرنى چېكىڭ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
38 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ھەي بۇ بۇ قىتىمقى ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئاتلاندا سۆزلىگەن لىكسىيەسىنى بەكمۇ كۆرگۇم بار ئىدى لېكىن ئادىرىس ئۆچۇپ كىتىپتۇ .كۇرەلمىدىم ھەي ئىسىت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 20:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ياخشىمۇسىز ؟ ئالىم ئاكا
    مەن ۋىند8نى ئىشلىتىۋاتقان يېقىندا كومپىيوتىر يىڭىلىنىدۇ دىگەن ئۇچۇر چىققان مەنمۇ كوڭەلشىمەپتىمەن
    ئەتىسى ئاچسام ئىكران قارا خەنزۇچە خەتلا چىكتى بىر قۇر

    ئاچالماي سىزنىڭ قىزىل بايراقتىكى دوكىنىڭىزغا ئاپارغان
    بىر يىگىت باكەن ئۇ ئېتىشىپ ئاۋۋال 64بىت لىقنى قاچىلىدى ئۇ بولماي 32 بىت لىقنى قاچىلىدۇق ئېچىلدى بىراق ئىچىدىكى ئۈچ پەندىكى ھەممە نەرسە يوق قوپقۇرۇق تۇردۇ ….ئۇ يىگىت ئوڭشىيالماي
    پەسكە خەنزۇغا كورسەتتىم باشقىلار تەۋسىيە قىلغان ئۇمۇ ئوڭشىيالمىدى
    ئىچىدە بەك مۇھىم نەرسىلەر باتتى باشقا ئامالى بارمىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:09
  • ئالىم ئەھەت ئاكا ……….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم : تېنىڭىز سالامەت ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن . مەن گەرچە يوقارقى لېسكىيەرىڭىزنى نەق مەيداندا ئاڭلىمىغان بولساممۇ ، خۇددى نەق مەيداندا ئاڭلىغاندەك خۇش بولدۇم ، ھاياجانلاندىم . سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ، نېمىشقا ، نىمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگەنەك بولدۇم …. شۇندىلا سىزنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىڭىزدا «زادى ئوقىمىسام بولمايدۇ …» دېگەن قارارغا كەلگەنىدىم … لېكىن مەن كېچىكىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ ؟؟؟ گەرچە مەن پىروگرامما بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان بولساممۇ نۇرغۇن تەجىربە ساۋاق يەكۈنلىدىم . بۇلار ئەلۋەتتە كۇپايە ئەمەس … شۇڭا سىزنىڭ كۇرسىڭىزدا تەربىيلىنەي دېگەن … ئۆزۈمنى چاغلىماي ئەمەس ، بەلكى ئۆزۈمگە شۇنچىلىك ئىشەنچىم بار . سىز يوقىرقى لېكسىيەرىڭىزدە دېگەن « سۆزلەرنى بوغۇمغا ئايرىش …» دېگەن مەسلىنى مەن بۇرۇن vb6 دە فۇنكىسىيە تۈزەپ ھەل قىلغان …( ئالدىڭىزدا بىلەرمەنلىك قىلىپ قويدۇم ، كەچۈرۈڭ) بۇنىڭدا «خەنزوتىلى» دىن كىرگەن بەزى سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى نورمال بوغۇمغا ئاجراتقىلى بولاتتى … (ئەسلى بۇلارنىمۇ نورمال ئاجراتقىلى بولاتتى ، لېكىن مەن ھەمزىنى چىقىرۋەتتىم … بۇنداق بولغاندا ھەمزىنى يازماي تۇرۇپمۇ نورمال خەت چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى ). مەن بۇرۇن بۇنى ھەل قىلغاندا كىمگە دېيىشنى قانداق ئاشكارلاشنى بىلمىگەن …. مانا سىزنىڭ لېكسىيەرىڭىزنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قاپتىمەن …. ھازىر ئوقۇش باشلىنىپ بوپتۇ . لېكىن ماڭا يەنىمۇ پۇرسەت بارمۇ ؟؟؟ مېنىڭ ھەقىقىي پىروگراممىر بولۇپ يېتىشىپ چىققۇم بار … ئۆزۈمنىڭ پىروگراممىرلىققا ماس كېلىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىمنى بايقاپ يەتكەندە مېنى بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلمىغان بولسىڭىز ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:45
  • كۆرەلمدىم، قانداق چۈشۈرىدۇ، بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلارچۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:42
  • مۇشۇ لېكسىيەنىڭ داۋامى باردەكلا تۇرىدىيا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى am 00:34
  • بەلكىم سىز شەكلى(格式)نى ئۆزگەرتىپ قالغان ئوخشايسىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:26
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىم مۇئەللەم ۋاقتىڭزنى ئالدىغان بولدۇم!
    كومپيۇتېرىمغا « كۆزنەك 8» نى قاچىلىغان ئىدىم،خىلى ئۇزاق بولدى، ئەسلى نۇسقىسىنى 248.00 سېتىۋېلىپ قاچىلىغان. نورمال ئىدى.

    نەچچە كۈن ئىلگىرى قايتا بىر قاچىلاپ قارىسام خاتىر دەپتەردىكى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ھەممىسى « ÷زھت³خذآ½®ئنثûأٌ×هز²°®ت³âخ،£âخ¼« » مۇشۇنداق قالايمىقان بۇلۇپ كېتىپتۇ.

    قانداق بۇلۇپ قالغاندۇ بىلەلمەيۋاتىمەن……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:05
  • سىز http://www.altaxna.com كىرىپ مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى كۆرۈڭ. سىز سورىغان سوئالنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى مۇشۇ تور بېكەتتىن تېپىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:22
باھا بېتى: 1 2