Microsoft بىلەن Skype رەسمىي بىرلەشتى
[ IT خەۋەرلىرى ]Microsoft (مىكروسوفت NASDAQ:MSFT) شىركىتى 14-ئۆكتەبىردە، Skype نى سېتىۋېلىشنىڭ رەسمىي تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ سېتىۋېلىش 2011-يىل 10-مايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، Microsoft ۋە Skype مۇدىرىيىتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن. كېلىشىم بۇيىچە Microsoft شىركىتى Silver Lake باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سېلىش گوروھىغا 8 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل تاپشۇردى.
سېتىۋېلىشنىڭ تاماملىنىشى Skype نىڭ مىكروسوفتنىڭ رەسمىي بىر كەسپىي بۆلۈمى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مىكروسوفت مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: «Skype نى سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، مىكروسوفت Skype نىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەتكۈچىلىرىگە مۇلازىمەت بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Skype نى مىكروسوفت ماركىسىدىكى نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، Skype مۇلازىمەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كېڭەيتىدۇ».
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ.بالمېر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «Skype بىر داڭلىق ماركا، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈز مىليون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. بىز Skype كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق جاي ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئائىلىسى، دوستى، خېرىدارى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇلىنىپ تۇرىدىغان يېڭىچە ئۇسۇلنى ئورتاق يارىتىمىز».
Skype شىركىتى 2003-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، 2005-يىل سېنتەبىردە eBay تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. ئارقىدىن يەنە Silver Lake باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سېلىش گوروھىغا سېتىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، Skype يۇمشاق دېتالىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان 300 مىليوندىن ئارتۇق خېرىدارى بار.
مىكروسوفت Skype بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تونىي بېيتس ئەپەندى.
Tony Bates, president of the Skype Division of Microsoft
تونىي بېيتس ئەپەندىنىڭ نىشانى بولسا Skype نىڭ خېرىدارلىرىنى يېقىن كەلگۈسىدە بىر مىلياردقا يەتكۈزۈش ئىكەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,153 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:43
- ئالدىنقى يازما :C تىلى ئاتىسى دېننىس.رىتچى ۋاپات بولدى
- كېيىنكى يازما :ئەھمىيەتلىك 20 يىل
skypeئىشلىتىدىغانلار بارمۇ ؟ مەن تېخى يېڭى ئېلتىماس قىلغان ئىدىم لىكىن ئادەم ئاز بولسا مېنى قۇشۇڭلار : alimalmas
alimalmas@gmail.com ئارقىلىق قۇششىڭىز بولىدۇ
مەن بۇرۇنمۇ ئىشلىتىپ باققان لىكىن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشالمىغان..يانا سىناپ باقسام بولغۇدەك….
ھەقىقەتەن دوسىت قوشۇش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن كۆپ قولايسىز ئىكەن، باشقا ئالاقە دېتاللىرىغا قارىغان بۇ دېتالنىڭ ماڭا ياراپ قالغان يېرى لىنۇكىس سېستىمىسىدىمۇ ئىقتىدارى بىرقەدەر مۇكەممەللىككە ئىگە.
بۇرۇن skype بىلەن پاراڭلىشىپ نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك قىزلار بىلەن دوست بولۇپ قالغانتىم، ھازىر ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتكەن ئوخشايدۇ، دوس قوشقىلى بولمىدى.
ئەمدى كومپيۇتېرىمىزغا مىكروسوفىتنىڭ سېستىمىسىنى قاچىلىغاندا Skype بىللە چىقىدىغان بولدى دە! يەنە كېلىپ ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدۇ. ئانا تىل بىلەن پاراڭلىشىش نېمەدىگەن ھۇزۇر ھە!
ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بۇلارمۇ -ھە بۇ يۇمشاق دېتالدا.
Microsoft MSNنى ئىشلىتەتتىم مەن بەزى ۋاقىتلاردا. ئەمدى بۇ پروگراممىنى ئىشلىتىپ قويسام بولغۇدەك.
بولىدۇ، بۇ دىتالمۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى قوللايدۇ.