نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 بۇ يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتىدىكى مۇھىم بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى نىيۇيورك شەھىرىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. Windows 8 نىڭ 4 نەشرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Windows8
Windows 8 Pro
Windows RT
Windows 8 Enterprise

مىكروسوفتنىڭ تاراتقۇلارغا ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىپ Windows 8 نى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلىمىز».

مىكروسوفت ئۈچۈن Windows 8 نىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. مىكروسوفت باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى Steve Ballmer نىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: بۇ يىل تارقىتىلماقچى بولغان Windows 8 نىڭ مۇھىملىقى Windows 95 دىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. چۈنكى مىكروسوفت Windows، Windows Phone، Office ۋە Windows Server قاتارلىق مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىدۇ، يەنە ئۆز ماركىسىدىكى ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى: Surface تاختا كومپيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى يەنە «2012-يىل مىكروسوفت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئۇلۇغۋار يىل ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.

Windows 8 تارقىتىلغان 2-كۈنى Windows RT ئاساسىدىكى ۋە ARM ئۆزەكلىك Surface RT نىمۇ ئېلان قىلىدىكەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
106 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەمدى زاكاس !!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 15:30
  • قاتتىق دىتال ئەڭ تۈۋەن سەپلىمىسى قانداق بولار ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 15:42
    • 3 يىل بۇرۇن چىققان كومپيۇتېردىمۇ ئاتتەك ماڭىدىكەن، بۇنىڭدىن غەم قىلماڭ. بۇنى لايىھەلىگەن ئىنژىنېرلار بۇنى ئەلۋەتتە ئويلايدۇ، سىز ئىشلىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:32
      • شۇنداق مېنىڭ كومپىيوتىىممۇ2008نىڭ شۇنىڭدىمۇ دۇلدۇلدەك چاپىدىكەن

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 23:06
  • ئالىم مۇئەللىم يىغىنغا سىزمۇ قاتنىشارسىز؟ئالاھىدە تەكلىپ قىلغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 15:57
    • بارمايمەن، ئۇ يەرگە بارسام شۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتىم دەپ بىر-ئىككى پارچە رەسىمگە چۈشۈپ قايتىپ كېلەرمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىشنى، ماۋۇ نەرسىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك تاماملاشنى بەكمۇ خالايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:27
  • زاكاسنى قاچان باشلايسىز مۇئەللىم . تور بىتىڭىزدە ئېلان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز .
    8 ساقلاپ كۆزۈم تۆت ئەمەس قىرىق بولاي دىدى .
    sql server نى قاچىلاپ مۇلازىمىتېر قىلىشقا بولامدۇ ؟ sql server قايسى نەشىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
    7 دە sql server2000 نى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:01
    • sql server نى قاچىلاپ مۇلازىمىتېر قىلىشقا بولامدۇ ؟ sql server قايسى نەشىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
      ===========
      بۇ سوئالنى تازا چۈشەنمىدىم، sql server دېگەن مۇلازىمىتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى يېڭىنى ئىشلىتىڭ، بەك ئومۇملاشقاننى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز 2008 نى ئىشلىتىڭ
      =======
      7 دە sql server2000 نى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن
      =========
      ئەلۋەتتە كام دېگەندە SQL Server 2005 ياكى SQL Server 2008 نى ئىشلىتىڭ، نېمە قىلىسىز 12 يىل بۇرۇنقى SQL Server 2000 نى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:29
    • Windows 8 دېگەن ئاساسلىق تاختا كومپىيوتېرنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ لايىھەلىنىپ ئىشلەنگەن سېستىما، ئەگەر مۇلازىمىتېر ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز Windows نىڭ مۇلازىمىتېر قىلىپ ئىشلىتىدىغان مەخسۇس نەشىرلىرى بارغۇ شۇنى ئىشلەتمەمسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:50
  • ئالىم مۇئەللىمگە سالام . مكروسوفىت ئوفىس يوقتال 2013نۇسقىسى ئويغۇرچە يىزىقنى تىگىدىن قوللمدۇ؟ بۇ كۆزنەك سەككىزنىڭ 4خىل نۇسقىلىرىنىڭ پەرقى قانداق؟ تاۋباۋدا دۇكاننى قاچان ئاچىسىز؟ مىكروسوفىت شىركىتى كۆزنەك سەككىزنىڭ سېتىش ھوقۇقىنى ئويغۇر سوفىتكە يۈكلەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.بىزنىڭ ئويغۇر ئۈن-سىن ئىشلىرىنى نۇمۇسسىز دەي كۆپەيتىدىغان سودىگەرلەر ۋەيران قىلدى .مەن ئويغۇر يۇمتال ئىشلىرىنىڭ ھەرگىز بۇنداق بۇلۇلىشىنى خالىمايمەن. سېتىش نۇقتىسى بىر ياكى بىرقانچىگە مەركەزلەشسە بەك ياخشى بۇلاتتى. كەڭ تورداشلارنىڭ كۆزنەك سەككىزدىن باشلاپ ئويغۇرچە يۇمتالنىڭ ھەقىقى نۇسقىسىنى سېتىۋېلىشىنى ھەم قۇربان ھېيىت كۈنى ئانچە-مۇنچە ناغرا-سوناي ياكى سەنئەت ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ياكى توينى تەشۋىق قىلغاندەك كۆزنەك سەككىزنىڭ ۋە قۇربان ھېيىتنىڭ قۇش خوشاللىقنى كەڭ ئاممىغا بىلدۇرۈپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:19
    • مېنىڭچە Office 2012 كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قېتىلماسلىقىدىن ئەنسىرەش ئارتۇقچە ئەھۋال.
      مىكروسوفت مۇشۇ غايەت زور سىستېمىغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى يادرودىن قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان (ئۇيغۇرسوفتنىڭ كۈچلۈك كۈچىشى بىلەن) يەردە، ئاشۇ دىتاللىرىنىڭ تىل بولىقىغا ئۇيغۇرچە تىل قېتىشنى ئويلاشماسمۇ؟ شۇڭا ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ۋاقتى كەلگەندە ساپ ئۇيغۇرچە يېزىقلىق دىتال بازارغا سېلىنغاندا سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولىدۇ.
      ئەلۋەتتە، يېقىندا بىر خەۋەردە كۆرۈشۈمچە Office 2012 نىڭ باھاسى تولىمۇ يۇقىرى ئىكەن. بىزلەر قوبۇل قىلالارمىزمىكىن تاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:43
      • Office 2013 دېمەكچى ئىدىم، office 2012 دەپ يېزىلىپ قاپتۇ. كەچۈرۈڭلار.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:45
  • Windows 8نىڭ چىقىشىنى تەققەززالىق بىلەن كۇتىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:19
  • ئەھەت بلوگىدا ئاخىرى دىۋاندا ئولتۇردۇم.(سەت ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:19
  • ياخشى ئۇچۇر بولدى…
    ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلغىلى خېلى بولدى…
    زاكاسنى قاچان باشلايمىز….
    مائاشنى خەجلەپ بولساق، ئەتە ئۆگۈن پۇل يوق جۇما؟
    ئۇ چاغدا، «زاكاس-زاكاس» دەپ توۋلاپ، گېلىڭىز قۇرۇپ كەتمىسۇن…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:41
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    Windows8
    Windows 8 Pro
    Windows RT
    Windows 8 Enterprise
    قاتارلىق نەشىرلىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:15
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقى سەپلەنگىنىمۇ ياكى ۋىندوۋس7گە ئوخشاشمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:28
  • ئالىم ئەھەتكە:

    سالام بولسۇن!

    تېچلىقمۇ؟ ^^ مۇشۇ ئىشقا ئەڭ كەسپى كۈچەپ قويدۇڭلا، ئەجرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى بەرسۇن. بېرىپ قاتنىشىپ، ھېيىت نامازنى ۋاشىڭتوندا ئۆتەيدىغان تەييارلىقمۇ يا؟

    ئۇتۇق يار بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:41
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم !Windows8كەOffice يۇمىتالى قېتىلغانمۇ ؟مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاپ كېلىۋاتقان بىر خىيالىم بار ئېدى.ئەمدى سىز باشلىق تۆھپىكارلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتى بىلەن ئۆز تىل يېزىقىمىز ھازىرقى زاماندىكى خەلىقئارالاشقان ،زامانۋىي ئۇچۇر ئالاقە،مەشخۇلات سېستىمىسىغا ئورۇنلاشتى.ئەمدى مۇشۇنىڭغا ماس ھالدىكى بىر قىسىم يۇمتاللارنى ئىشلەش ھوقۇقىنى سىلەرمۇ قولغا كەلتۈرۈپ ،ئۆزىڭلارغا بىر ئاز بولسىمۇ ئىقتىسادى قىممەت ياراتقان بولساڭلا ياخشى بولاتتى.چۈنكى پەقەت بىزلەرنىڭ سىزگە،سىلەرگە نىسپەتەن ياخشى تىلەكلىرىمىزلا بار ئىكەن(قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ ئەمەسمۇ).ھازىرقىدەك بازار ئېگىلىكى دەۋرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرسوفىتسىمان شىركەتلەرنىڭ ھە دەپ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش يولىدا ھەركەتكە ئۆتىشى(ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش،بۇ شىركەتلەرنىڭ قىلغىنى ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس)،ئۇيغۇرسوفىتنىڭ بولسا خەلقىمىز ئۈچۈن ھەقسىز دېگۈدەك مۇلازىمەت قىلىشى بىزنى ھەقىقى ھاياجانغا سالماقتا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:29
  • ئىدارە ئورگاندا كۆپچىلىك ئاساس بولغاچقا كۆزنەك 7 گىمۇ ئۇنىماي يەنىلا بۇرۇنقى نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتىمىز،قاراپ باقسام نۇرغۇن ئۇرۇنلار شۇكەن.قاچىلاپ بەرسىڭىزمۇ ئۇنىمايدىغانلار كۆپ،كۈنۈپ قاپتىمىز ،كۆپچىلىككە بۇيسۇنۇڭ دىگەن سۆزلەر بىلەن بوپتىلا دەپ كىتىپ بارىمىز .ۋورد نىڭمۇ 2003 يىل نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار نۇرغۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:07
    • Office 2003 دېگەن Microsoft نىڭ 2002-يىلى يەنى 10 يىل بۇرۇنقى تېخنىكىسىدۇر. ئۇنىڭ ھۆججەتلىرى ئوڭايلا ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ھازىرچە Office 2010 نى ئىشلەتكەن تۈزۈك. قارىغاندا ئۇيغۇرچە Windows 8 چىقسىمۇ، يەنىلا Windows XP ياخشى دەپ ئىشلىتىدىغانلار چىقىشى ئېنىق ئوخشىمامدۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:13
      • مەن مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان نۇرغۇن قىتىم ئۆزەم سىستىمىنى ئالماشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئەمما كۆپچىلىك مەندىن يەنىلا بۇرۇنقى نەشىرىنى ئىشلىتىلى كۈنۈپ قاپتۇق دىگەچكە شۇ بۇرۇنقى نەشىرىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز .قاراپ باقسام نۇرغۇن ئورۇنلارمۇ شۇنداقكەن. ئۆزەم پەقەت قول كومپىيوتىرىمدا كۆزنەك 7نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 13:28
      • كۆنگەن يامانمۇ، كۆيگەنمۇ؟…

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:30
      • مېنىڭچە ئاۋۋال كۆيۈپ، ئاندىن كۆنگەن ئەڭ يامانمىكىن دەيمەنغۇ؟!

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 23:18
      • ئۇنداق بولسىغۇ ناھايىتى ياخشى بولاتتى. ئەمما كۆپ ئەھۋاللاردا ئىش باشقىچە… بەلكىم مەلۇم مەزگىلگىچە بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا Windows XPياكى 2003 Office نى ئىشلىتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن كونا سىستېمىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ ھەم كۈيۈپ قالغان…. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن كونا سىتېمىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مەكتەپ… قاتارلىق ئورۇنلاردا. مەسىلەن ھازىر « مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان كومپىيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى» نىڭ 1- دەرىجە ئىمتىھانى دەل2003 Office تىن ئېلىنىدۇ. مەكتىپىمىزدىمۇ « كومپىيۇتېردىن ساۋات » دەرسىدە يەنىلا 2003 Office مەجبۇرىي دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىدۇ.
        بەلكىم بۇلارنىڭ سىستېما يەڭگۈشلىمەسلىكىدە كۆپ خىل سەۋەپ باردۇ. مەسىلەن، يېڭى سىستېمىنى ئۆگىتىدىىغان كىتاپ نەشر قىلدۇرۇش؛ ئىمتىھان سىستېمىسىنى يەڭگۈشلەش (مەكتىپىمىز كومپىيۇتېر ئىمتىھانىنى كومپىيۇتېر ئۆزى ئاپتۇماتتىك تەكشۈرىدۇ.) ئەڭ مۇھىمى كونا سىستېما ھەم ئەرزان، ھەم كۆپ كىشىلەر « كۆنۈپ قالغان»
        ئەمما، ئىشىنىمىزكى يېڭى سىستېما ھامان كونا سىستېمىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:34
  • چاتقال دۇستىمىزدىگەندەك ئۇ ئەھۋاللار ئۇمۇمىيۇزلۇك مەسىلە!
    بىزدىمۇ ئىدارە ئۇرگان كۇمپىيۇتىرغا ئۇيغۇرچە ئىشلتىمەيدۇ، ھەم قاچىلاپ ئىشلتىشكە يۇلمۇ يۇق، شۇنچە كۇپ ئىشلار ئۇستىدە ئۇيغۇرچىغا بىر كاتەك تەگمەيۋاتقان يەردە پۇتۇن ئۇيغۇرچىلارشقان Windows8 نى ئەسلا قاچىلاشقا يۇل قۇيمايدۇ. ئەگەر ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيچە ئۇختۇرۇش چىقىرىپ Windows8نى ئىشلىتىش تۇغىرسىدا ئۇختۇرۇش چىقارسا قانداق بۇلاركىن. ئەڭ ياخىشى بىز ھەۋەسكارلار ئىشلىتىپ كۇرەپ تۇرايلى. ئۇلارنىڭمۇ كۇڭلىگە ئىنساپ بىرىپ قالسا ئۇڭشىلىپ قارلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:42
  • ئالىم مۇئەللىم ، 8 نى ئېلان قىلغان كۈنى سىزمۇ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشۈرۈپ قىزىل بايراقتا كىچىك ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچاسىز ، 8 دەۋرى يىتىپ كەلدى ، ئەمدى كوميپوتېرىمدىكى 7 نى تازلاشقا ئازلا ۋاقىت قالدى،كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ 8 نى ئىنتايىن ياقتۇردۇم ، ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەتسەك نەقەدەر ئېسىل بولار -ھە…………………

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:55
باھا بېتى: 1 2 3 4