نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 بۇ يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتىدىكى مۇھىم بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى 26-چېسلا سەھەردە) نىيۇيورك شەھىرىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. Windows 8 نىڭ 4 نەشرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Windows8
Windows 8 Pro
Windows RT
Windows 8 Enterprise

مىكروسوفتنىڭ تاراتقۇلارغا ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىپ Windows 8 نى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلىمىز».

مىكروسوفت ئۈچۈن Windows 8 نىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. مىكروسوفت باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى Steve Ballmer نىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: بۇ يىل تارقىتىلماقچى بولغان Windows 8 نىڭ مۇھىملىقى Windows 95 دىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. چۈنكى مىكروسوفت Windows، Windows Phone، Office ۋە Windows Server قاتارلىق مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىدۇ، يەنە ئۆز ماركىسىدىكى ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى: Surface تاختا كومپيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى يەنە «2012-يىل مىكروسوفت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئۇلۇغۋار يىل ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.

Windows 8 تارقىتىلغان 2-كۈنى Windows RT ئاساسىدىكى ۋە ARM ئۆزەكلىك Surface RT نىمۇ ئېلان قىلىدىكەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
105 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مالىم ياخشىمۇ سىز!2013 Officeدەئويغۇرچە تىل بۇلىقى بارمىدۇ؟ مۇشۇ توغىرلىق ئازراق ئۈچۈر بەرسىڭىزچۇ!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 11:19
  • ئالىمكا. بۇنىڭ جۇڭگو نەشىرى بارلىقى ھەقىقەتمۇ ؟
    ھەقىقەتەن بار بولسا جۇڭگو دۆلەت تىلىدىن باشقا تىل بارمۇ ؟

    مەن ئالدىن 800 يۈەن تەييارلاپ قويدۇم يەتمىسە قوشىمەن ئەلۋەتتە.

    ئۇيغۇر تىلى Windows8 نىڭ ھەممە خىل نۇسخىللىرىدا بارمۇ ؟ ئائىلە ، شىركەت، كەسپىي دېگەندەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:01
  • زاكاس قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر بەرسىڭىز بولاتتى،ئۇنىڭغىچە مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە تەشۋىق قىلاي(ھەم قىلىۋاتىمەن).
    ‹‹ئۆزبېكىستانغا زىيارەت››نى كۆرۈپ،مەنمۇ سىز بىلەن بىرگە بارغاندەكلا بولغان،بۇ يېغىنغا قاتناشقان بولسىڭىز،ئۇيەرلەرنىمۇ ساياھەت قىلىۋالىدىكەنمىز!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:16
    • يەنىلا ئەمەلىي ئىش قىلغان ئەلا، ئۇ يەرگە بارغاننىڭ ھازىرچە پايدىسى يوق، ئاۋۋال ماۋۇ نەرسىنى ئازىراق بولسىمۇ سۈپەتلىك تاماملاش ھەممىدىن مۇھىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 11:23
  • چاتقال توغرا دەيدۇ. ئىدارە ئورگاندا ئىشلەيدىغان كادىر-باشلىقلار كومپيوتېرنى قانچىلىك بىلمەكچى ئىدى. ئۇندى-بۇندى قىلىپ XP نى ئازراق ئۈگىنىۋالغان. شۇ سىستېمىدا تۇرغۇن ھالەتتە. يۇقىرىدىن سەپلەپ بەرگەن ماركىلىق كومپيوتېرلارغا ھەقىقى نەشىردىكى 7 سىستېمىسى قاچىلاقلىق تۇرسا، قايتىدىن ئوغرى نەشىردىكى XP نى قاچىلاپ ئىشلىتىدۇ.
    بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە ئەلكاتىپ 3.0 نى ئىشلىتىدۇ. نۇرغۇن قېتىم 5.0 نىڭ يۇقىرىسىدىكى نەشىرلىرىنى تەۋسىيە قىلساممۇ، بۇرۇنقى ماتېرىياللىرىمىزنى نورمال زىيارەت قىلالمايدىكەنمىز دەپلا قويىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 18:59
  • مەن يەنىلا كۈزنەك8نىڭ پۇتۇنلەي ئۇيغورچە قوللىشىغا تازا ئىشەنىچ قىلالمايۋاتمەن ئەگەردە شۇنداق بولسىدى بەكمو ياخشى بولاتتى..قاچانمو ئۇيغۇر تىل يىزىقتىكى دىتاللارنى ئىشلىتەرمىز..نۇرغۇن دىتاللار ئۇيغۇر تىل يىزىقىنى قوللىماي تويدۇردىغو كىشىنى…ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلىرىڭىزنى توختاتمىغايسىز،،ئاللا ئاسانلىق بەرسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:55
    • سىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالىم مۇئەللىمنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ ئىشەنمىسڭىز رەسمىي بازارغا سېلىنغاندا كۆرۈپ ئاندىن ئىشىنىڭ. مانا مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ ساپ ئۇيغۇر يېزىقلىق سىستېمىسىدا مەشغۇلات قىلىپ باققان. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنچە كۆپ پاراڭ بولىۋاتسا، ئەمدى قوپۇپ ئىشەنچ قىلالمايۋاتىمەن دەپ ماۋۇ يەرنى خۇددى كىچىك بالىغا ھېكايە-چۆچەك ئېيتىپ بېرىدىغان جايدەك ھېس قىلىپ قالغان ئوخشايسىز ھە…
      ئۇ سىستېمىغا ئىشەنمىسىڭىزمۇ ئالىم مۇئەللىمگە ئىشىنىپ قويۇڭ. ھېلىمۇ ئالىم مۇئەللىم بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى كېچە ھەم كۈندۈز دېمەي پۈتۈن زېھنىنى باشقىلار ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ. سىز بۇنداق دېسىڭىز ئالىم مۇئەللىمنىڭ شۇنچە كۆپ تارتقان جاپالىرىغا يارىشا گەپ قىلغان بولۇرسىزمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:40
  • Windows8
    Windows 8 Pro
    Windows RT
    Windows 8 Enterprise
    ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم كۆزنەكنىڭ بۇ تۆت خىل نەشىرىنىڭ پەرىقىنى قىسقىچە بولسىمۇ ئايرىم تېما قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى خالامسىز ؟ بىزدەك يىراق سەھرادىكى جاپاكەش قېرىنداشلىرىڭىزدىن بىلىمىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:04
  • ئالىمجان مۇئەللىم ياخشىمۇسىز . ئالدى بىلەن سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن (ئىگىلىپ سالام قىلغان ھالەت)
    مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم 8 نى قاچىلىغاندىن كىيىن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشىدىكەن ، ئەمدى ئىشخانا يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بولمىغاچقا خەنچە كۈرىدىغان گەپ ، ئەمدى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى سەپلەنگەن 8دە خەنزۇچە تىل بولىقى بار ئوفىس دىتاللىرىنىڭ خەتلىرى نورمال كۈرىنەرمۇ ، بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۈرۈنگەن بەزى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ نىمەئىكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايىتتى ، مۇشۇنداق ئەھۋال چىقىپ قالارمۇ ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:36
    • ئەمدى ئىشخانا يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بولمىغاچقا خەنچە كۈرىدىغان گەپ ، ئەمدى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى سەپلەنگەن 8دە خەنزۇچە تىل بولىقى بار ئوفىس دىتاللىرىنىڭ خەتلىرى نورمال كۈرىنەرمۇ ؟
      ==========================================
      ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭغا قىلچە تەسىر قىلمايدۇ،

      =========================================
      ، بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۈرۈنگەن بەزى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ نىمەئىكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايىتتى ، مۇشۇنداق ئەھۋال چىقىپ قالارمۇ ؟؟
      =========================================
      چۈنكى ئۇنى ئورگان تەرەپ قىلدۇرمىغاندە

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:38
  • ئەجرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى بەرسۇن! قالتىس ئىش بولدى بۇ . باھاسى ئەرزانراق بولماسمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:16
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم. ئالىم ئەپەندى
    مەن كومپىيۇتىر سودىگىرى ، مەن تۇرىۋاتقان شەھەردە مۇشۇ سېستىمىغا ۋاكالەتچى بولسام بۇلامدۇ؟ ياكى بۇ سېستىمىنى ئۈرۈمچىدىن باشقا يەردە ساتسا بولمامدۇ؟

    مەن بۇ ئۇيغۇرچە سېستىمىغا ۋاكالتچى بۇلۇپ، تۇرىۋاتقان شەھەردە تەشۋىق قىلىپ، ھەم دۇكاندىكى كومپىيۇتىرلارغا قاچىلاپ ساتايمىكىن دىگەن، ئويلىشىپ باقسىڭىز. ئەگەر ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلساڭلار سۆزلىشىپ باقايلى. مەن بۇ سېستىمىنى بەك قوللايمەن، دۇكانغا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرچە سېستىما بارمۇ ياكى ئۇيغۇرچە كومپىيۇتىر بارمۇ دەيدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:45
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
      ئۇلارغا ۋاكالەتچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن يىللىق سېتىش ۋەزىپىسى سەل ئېغىر، ئەڭ ياخشىسى توردىن ئۇدۇللۇق ئەكېلىپ ساتسىڭىز سەل ياخشىمىكەن. لېكىن ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى كۆرەلمەيسىز. ئويلىشىپ بېقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەپەندىم .. كومپيۇتۇردا ئۇيغۇرچەيېزىقتىكى سېستىم ئىلشلىتىش ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۇيغۇرنى شاتلىققا چومدۇرىدۇ … مىنىڭ سىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر كومپىيۇتۇرچىلىقى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىۋاتقان قېرنداشلىرىمغا بىر تەكلىۋىم بار ئىدى …. كوپچىلىككە ئايان نۇرۇن قېرنداشلىرىمىز توردا لوغەت ئشلەتسەك google.com نىڭ تور لوغىتىنى ئىشلىتىمىز چۇنكى بۇ لوغەت بەك قولايلىق … ئەپسۇس بۇ لوغەتكە بىزنىڭ سىۇيۇملۇك ئانا تىلىمىز تىخى كىرگۇزۇلمىدى ھەرقىتىم بۇ تور لوغىتى ئىشلەتكىنىمىزدە خەنزۇتىلى ياكى باشقا تىللاردىن پايدىلىنىشقا مەجبۇرى بۇلىمىز .. مىنىڭچە بۇ ئۇيغۇر تورچىلىغىدىكى بىر بوشلۇق …ئەلۋەتتە بۇ ئىشقا مەلۇم جەريان كىتىدۇ ….. ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۇستىدە ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:29
    • بۇ ئىشلاردىن ھازىرچە غەم قىلماڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:58
      • سىز دەپ بولغىچە ئالىم مۇئەللىم ، يولغا چىقىپ بولدىمۇ نىمە ، بۇ ئىشلارغا باش قاتۇرماڭ دەۋىتىپتۇ مانا ، بەكمۇ خۇشال بولدۇم

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:05
      • ئەمدى بۇمۇ ھەل بولىدىغان ئوخشايدۇ نىمە دىگەن كاتتا خۇشاللىق بۇ

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:06
    • ئۇيغۇرسوفىتنىڭ تور لوغىتىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇغۇ؟!بۇمۇ شۇنداق قولاي!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 07:18
  • قەدىرلىك ئۇستازلار، قېرىنداشلىرىم ياخشىمۇ سىلەر، قىزىمغا ئىسىم قويماقچى ئىدىم، بىلگىنۇر، شەرىفە، تۈركەنئاي، تۈركىنە، كەرىمە دىگەن ئىسىملاردىن قايسىسى مەنىسى چوڭقۇر ۋە ياخشى ئىسىم، ئەگەر ئارىلىق يېقپىن بولغان بولسا ئالىم مۇئەللىمگە ئىسىم قويدۇرسام، كەلگۈسىدە قىزىم ئالىم مۇئەللىمدەك مىللىتىمگە ، ۋەتىنىگە ياراملىق ئادەم بولسا دەيمەن، ئاللا ئالىم مۇئەللىم ۋە بارلىق ئۇستازلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك بەرسۇن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 01:43
  • مانا بۇ تور ئادرىسى.http://www.udict.cn/

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 07:21
  • مەن windows8 نىڭ كەسىپىي نۇسخىسىنى تاپقاندىم بىراق ئاكتىپلىيالمىدىم ،لىكىن ئاساسەن ئۇيغۇرچىكەن ، لىكىن تىل بولىقى تۇلۇق ئەمەس ، تىل بولىقىنى قاچان تەمىنلەيدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 08:12
  • قىزىڭىزنىڭ ئىسمىنى مەنمۇ قويىۋالسام، خاپا بولىشڭىزدىن قورقىمەن، بىرنى تەۋسىيە قىلڭە، شۇنىلا قوياي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 08:46
  • كەچۇرۇڭ ھورمەتلىك ئالىم ئەپەندىم گىپىڭىزنى تازا چۇشىنەلمەي قالدىم… ….
    ھورمەتلىك ئابدۇشكۇر ئەپەندىم بۇ http://www.udict.cn تورلوغىتى پەقەت ئۇيغۇرچە ئېنگىلىسچە ۋەخەنچە 3 خىللام تىلنى قوللايدۇ … مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم google.com تور لوغىتى65 خىل تىلنى قوللايدۇ ئادەتتىكى سوزلۇكلەرنىلام تەرجىمە قىلىپلاپ قالماي جۇملە ۋە تېكىسلارنىمۇ تەرجىمە قىلالايدۇ ھەم توغرا ئاھاڭدا ئۇقۇپ بىرەلەيدۇ …..ئەلۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى كۇپۇنچە قېرىنداشلىرىمىزغۇ خەنچىنى تولاراق ئىشىلتىدۇ …… لىكىن ۋەتەن سىرىتىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دولەتلىرىدە ھەرخل تىل مۇيىتىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرنداشلىرىمىزنىڭ سانى كۇندىن كۇنگە كۇپىيۋاتدۇ … شۇ سەۋەپتىىن بىىزنىڭ تىل تەرجىمىگە بولغان ئېكتىياجىمىزمۇ كوپەيمەكتە سۇيۇملۇك ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ خەلىقارادىكى باشقا تىللار قاتارىدا google.com تور لوغىتىدىنمۇ ئورۇن ئېلىشىنى كۇچلۇك ئارزۇ قىلىمىز ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى am 11:36
    • بۇ ئارزۇ ئۇزۇنغا قالماي ئەمەلگە ئاشىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ. گەرچە google.com بولمىسىمۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:58
      • ئالىم مۇئەللىم، مەن Alkatip Tor, 微软雅黑,Verdanaخەت نۇسخىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن.
        مۇشۇ ئۈچ خەت نۇسخىسىنى يىغىنچاقلاپ بىر دانە خەت نۇسخىسى ياساشقا بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 17:37
      • ھەممىسىنىڭ ئېگىسى بار، كىشىنىڭ ھەققى بار نەرسىلەر ئۇ، ئاۋۇ 微软雅黑 دىكى ھەر بىر ھەرپ-بەلگە ئۈچۈن مىكروسوفت 100 دوللار پۇل بېرىپ ياساتقۇزغان، ئىچىدە 65535 ھەرپ-بەلگە بار. بۇنداق نەرسىگە چېقىلىپ قويسىڭىزلا، بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ سورىقى بار. ھازىرچە بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:07