شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن چىڭخەي كوماندىسى پۇتبول مۇسابىقىسى(11-ئىيۇن) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن چىڭخەي كوماندىسى پۇتبول مۇسابىقىسى(11-ئىيۇن)

[ تاغدىن-باغدىن ]

بۈگۈن پىلانىم بويىچە مۇسابىقە كۆرۈپ كەلدىم، نەق مەيداندىن كۆرسە باشقىچە بولىدىكەن، ئاپاممۇ مەن بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆردى. شىنجاڭ كوماندىسى 2-مەيداندا خېلى كۈچەپ باقتى، ئەمما، توپ دېگەن يۇمىلاق نەرسە، يۈزى يوق ئىكەن. نەگە تەپسە شۇ يەرگە كېتىدىكەن، ئاخىرىدا ھەممەيلەن ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەت يۈز بەردى. شىنجاڭ كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئەمما، شىنجاڭ كوماندىسى ئومۇمىي نومۇر جەھەتتە يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋېتىپتۇ. شىنجاڭ كوماندىسىغا ئامەت تىلەيمىز.

بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

بۈگۈن شىنجاڭ تەنتەربىيە زالىدىكى ئورۇندۇقلار پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بىلەن لىققىدە توشتى، يەنە نۇرغۇن مەدەتچىلەر ئۆرە تۇرۇپ كۆردى. B دەرىجىلىكلەرنىڭ مۇسابىقىسى بۇنداق قىزىيدىغان بولسا، «دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى»غا گەپ كەتمەيدۇ-جۇمۇ؟! بېرىپ كۆرۈپ كەلسە، ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.


قىزىل كىيىملىكلەر چىڭخەي كوماندىسى، ئۇلار دەسلەپتىلا ھوجۇمغا ئۆتتى. ئۆز-ئارا ياخشى ماسلاشتى. بويى سەل ئېگىز بولغاچقا، ئۇلارغا پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ نۇرغۇن.


مۇسابىقىدە ھەرخىل قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، بەزىلەر قەستەن پۇتلايدىكەن، بەزىلىرى قەستەن يېتىۋالىدىكەن. مەدەتچىلەرمۇ بۇنداق ئىشلارغا ھەرخىل مەدەت بېرىدىكەن.


ئاپاممۇ مەن بىلەن مۇسابىقە كۆردى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىركىتىمىزدىكى بىر قىسىم خادىملارمۇ بار.


ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. مەدەتچىلەرنىڭ دولقونى پۈتۈن مەيداننى ئايلىنىپ چىقتى. خۇددى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا، رەتلىك ۋە جانلىق مەدەت بېرىۋاتىدۇ. راست گەپ قىلسام، مەدەتچىلەرنىڭ ئاۋازنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ، مەيداندىكى سۈرەتنى تېلېۋىزوردا كۆرسە ياخشى بولىدىغان ئوخشايدۇ، چۈنكى تېلېۋىزوردا ئاستا كۆرۈنۈش بار، چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەر تەرەپتىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، بىزنىڭ تېلېۋىزىيەدە تېخى ئۇنداق ئىش بولمىغاچقا، نەق مەيدان يەنىلا ياخشى تاللاش ئىكەن.


شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەرمۇ 2-مەيداندا كۈچەپ ئوينىدى، بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ يېڭى ئىتوتىدا «پۇتبولچىنىڭ يامىنى باشچى، سودىگەرنىڭ يامىنى تاشچى» دېگەن ئىدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىمۇ ھەقىقەتەنمۇ يامان بالىلار بار ئىكەن.


بۈگۈن مەدەتچىلەر بەك كۆپ بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل شەكىلدە مەدەت بېرىۋاتىدۇ.


پۈتۈن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. ئەمما، ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان نەتىجە يۈز بەردى. چۈنكى ھەممەيلەن شىنجاڭ كوماندىسى چوقۇم يېڭىۋالىدۇ دېگەن ئىدى. ھېچبولمىغاندا، بىر توپ بولسىمۇ ئۇرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن توپ دېگەن شۇنداق نەرسە ئىكەن، بەزىدە ئامال يوق.


مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. مېنىڭچىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن بەلگىلىك روھى بېسىم بولدى، چۈنكى بۈگۈن مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلەر زىيادە كۆپ ئىدى. لېكىن، دۇنياۋى مۇسابىقىلەردىمۇ ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەر يۈز بېرىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ھېلىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئاپرىن.


مۇنداق مەدەتچىلەرمۇ بار، ئۇلار تېخچە ھاياجانلىرىنى باسالماي، توختىماي كاناي چېلىۋاتىدۇ.


بەزىلەر 55 مىڭ ئادەم كەلدى دەيدۇ، بەزىلەر 60 مىڭ ئادەم كەلدى دەيدۇ، قېنى ئاۋۋال ماۋۇ نەچچە ئادەم ساناپ بېقىڭلار، ئاندىن پۈتۈن زالدىكى ئادەملەرنى ساناپ چىقالايسىلەر.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
17 پارچە باھا يېزىلدى
  • بىزنىڭ كوماندىمىز چوقۇم ئۇتىشى كېرەك….
    مۇشۇنداق ئىرادە بولمىسا بولمايدۇ…
    ئۇتتۇرۋەتكەنلەرگە تەسەللى مەدەت بېرىشكە بولماسمىكىن،
    ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرۋەتكىنى توپ ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى
    ئۇلار كېيىنكى قېتىم «مەمەتنىڭ 2008-يىلى» كىنوسىدەك تەكلىماكانغا بېرىپ مەشىق قىلسا چوقۇم ئۇتىدۇ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 19:06
  • پۇتبول دىگەندە ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش تەبىي ئەھۋال. دۇنياغا داڭقى چىقىپ كەتكەن كۇلۇبلارمۇ ھەر قېتىم ئۇتىۋەرمەيدۇ، ئۇلارمۇ ئۇتتىرىدۇ.
    ئىشقىلىپ شىنجاڭنىڭ نومۇر پەرقى يەنىلا چىڭخەيدىن يوقىرى. بۇ قېتىم تىرىشسىلا يەنە ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە گەپ يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى am 05:59
  • مېنىڭ كۆز قارىشىمچە بۇ قېتىم كەلگەن ئادەم سانى 80 مىڭدىن كەم ئەمەس دەپ قارايمەن. ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە مەيداننىڭ يېرىمى توشقان تۇرۇقلۇق 45 مىڭ ئادەم كەلدى دەۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى am 05:57
  • سىز نىڭ بارغىنىڭىزدىن ئەمەس ئالىمجان ئاكا بۇ ئۇتتۇرۇش ..باشقىلار بېرىپتىكەن شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ.قەدەملىرىدىن بالا ياغىدىغانلار…..ئاڭلىساق باشتا يوق كەنتۇق ،كىيىن قاتنىشپتىمىش…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:43
  • دىيارىمىز تاشئالما كۇماندىسى بىرەر قېتىم ئۇتتۇرۋەتسە نىمە بوپتۇ؟ ئۇلارغا يەنە بۇرسەت بارغۇ! تېخى يەنە، نەچچە مەيدان ئايلانما مۇسابىقە ئوينايدۇ .شۇڭا ئۇلارغا مەدەت تىلىشىمىز كىرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئۇستاز !!! شىنجاڭ كۇماندىسى مانا سىلەرگە ئوخشاش بىلىملىك كىشىلەرنىڭ قۇللۇشىغا ۋە مەدەت بىر ىشىگە مۇھتاج ، ئاۋا چىڭخەي كۇماندىسىدىكىلەر بىزنىڭ باللاردىن خېلىلا ئېگىز ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 3-4 ئەزا ب دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كۇماندىدا توپ تەپكەنلەر . بىزنىڭ شىنجاڭ كۇماندىسى قۇرۇلغىلى ئەمدى ئېشىپ كەتسە 3 ئاي بولغاندۇ؟ شۇڭا، تېخنىكا ۋە ئىتتىپاقلىشىش سەۋىيەسى خېلىلا تۈۋەنكەن . ئەمما سۈرەت ۋە ئىنكاس ھەقىقەتەن ياخشى . يامان يىرى ئۇتۇرۇپ قۇيۇپتى كۆڭلۇمنى بىرسى پىچاق بىلەن تىلغاندەك مەيداندا تۇرۇپ كۆزلۈرۈمگە لىقلا ياش كەلدى . پىروگىرامما يازساممۇ كۇزۇمدىن ياش چىقمايتى . ئەسلى شۇ سىلە مەيدانغا كىلىپ ئۇتتۇرۇپ قۇيغان گەپ ، ھا ھا ھا ! چاق چاق ، ئاللا خالىسا بىزنىڭ شىنجاڭ كۇماندىسى دۇنيا توپ مەيدانىغا چىقىدۇ . شۇڭا سىلىگە ئۇخشاش ياخشى ئىشلارنىڭ قىلغان يۈزئابۇرۇيلۇق كىشىللىرمىز داۋاملىق كېلىپ ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمەي، مەدەت بىرىپ بەرسىمۇ ئۇلارنىڭ ۋە بىزگە ئۇخشاش كىشىلەرنىڭ يۈركى توق تۇردىكەن ، كىيىنكى مۇسابىقىگە يەنە كېلىشلىرنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇگۈنلا سىلىگە ئىككى پارچە خەت قالدۇرۇپتىمەن . مەندىن زىرىكىپ كەتمىسىلە ئۇستاز . خەيىر ئاللا سىلىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:56
  • ئەمدى بىيجىڭدىكى مۇسابىقىدە مەنمۇ بىرىپ مەدەپ بىرىمەن،قارىغاندا سىلى مەدەت بىرىپ ئۇتقۇزامماپتىلا،مەن مەدەت بىرىپ ئۇتقۇزاي ئەمدى.ھى ھى ھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:57
    • مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قوياي، مەن بارمىغان چاغدا ئۇتۇپتىكەنتۇق، بۇنى بىلگەن بولسام، ئۇتىدىغانلا ئىش بولسا، بۇ قېتىم بارماي تۇرساممۇ بولۇپتىكەنتۇق-ئەمەسمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:07
    • شۇنداقكمۇ ؟؟؟؟؟؟؟ بىلسەم بىلمىسەم سىز توپ تىپەلمەيسىزغۇ دەيمەن؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:27
  • مەشقاۋۇل پەرھاد ئەزىمەت ئېيتقاندەك ، ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزىگە ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك .
    نەتىجىدىن جەريان مۇھىم ، ئۇتتۇرۇۋەتسىمۇ ئوغۇلبالىدەك ئويناڭلار ، باتۇرلار ! سىلەر يەنىلا ئەڭ نوچىسى !
    ھۇررا ، شىنجاڭ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:42
  • شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويوپ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ؟ قارىغاندا ھىېرىپ قالغان ئوخشايدۇ ماھىرلىرىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:26
    • نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەممىنى ئۇتۇپ كەلگەن ئىدى، ئۇتتۇرۇپ قويسا، قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز تەسىراتىمىز بىلەن ھېس قىلىپ باقايلى دېگەن ئوخشايدۇ. بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇتتۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولماس دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. لېكىن، ئۇلار كېيىنكى قېتىم چوقۇم ياخشى ئوينايدۇ، ئىشەنچىم كامىل.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:27
  • ‏ھەي…. ئۇ مۇسابىقگە مەن چۈشكەن بولسام ئادەم بېشىغا بىردىن توپ ئۇرۇپ،ئۇلارنى پشپاق قىلپ قوياتتم……ھىھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:43
  • بىلگايتىسنىڭ ناھايتى «شىيۇ شەن»ھەم بىلىملىكىگە قاراپ بەك مەسلىگىم كىلەتتى..
    بىزنىڭ ئالىم ئەھەت مالىمىمىزما ئۇنىڭدىن قېلىشمايتۇ. ئەدەسسىز شۇشەن ئەينا!
    تىنىڭىزغا سالامەتلىك، ئىشلرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:22
  • بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ دېسە…
    مەن بارغان بولساممۇ بوپتىكەن… بەلكىم بىر ئىككى ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ، ئالىم مۇئەللىمنى خوش قىلىۋېتەركەنمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى am 06:39
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ، قارغاندا شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ سىلىمۇ مۇسابىقە كۆرگىلى كەپلا بارىكاللا، بىرىنجى قەۋەتكە مەن ئىنكاس يازدىم دە ھا ھا ھا ! گەرچە بىز ئۇيلىمىغان نەتىجە چىققان بىلەن ھەرھالدا ياخشى ، ئىشقىلىپ ھەممىمىزنىڭ ئۇمۈدى شىنجاڭ ئۇتۇپ چىقسا چىمپىيۇن بولسا شۇ ئەڭ ياخشى نەتىجە . مەيلى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۈتتۇرغان بىلەن يەنىلا ئۈمۈت بار . چۈنكى بۇ مۇسابىقىغە سىلىمۇ كەلدىلا ھ ھ ھ ھ ! سىلى بىز پروگىراممىرلارنىڭ ئۈلگۈسى ، ھىلى ھەممۇ 10 يىل بۇلاپتۇ ، مىنىڭ دادام ھەرقېتىم مىىنى سەنمۇ ئالىم ئەھەتتەك ياخشى بىر پىروگىراممىر بولغىن دەيتى . ھىلىمۇ بۇگۈنكى مۇسابقىدە مەن يانلاردە ئولتۇرۇپ قامماپتىمەن ، بولمىسا سىلدىن 12 يىلنىڭ يازى ھەل قىلالمىغان بىر قىسم پىروگىرامما سۇئاللىرىمنى سۈرىغان بۇلاتتىم . مەيلى ئۇلۇغ ئاللا يەنە بىر قېتىم ئۇچۇرتىشقا نىسىپ قىلا . قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي . ئاخىردا سىلىنىڭ ئەزىز تەنلىرنىڭ سالامەت . ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن . ھەمدە ماۋۇ شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ كىيىنكى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشىنىمۇ ئاللادىن تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى am 00:23