Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى ]مىكروسوفت شىركىتى Windows 8.1 نى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن) 5:00 دە Windows 8 دىكى ئەپ دۇكىنى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقاتماقچى. يەنە شۇ قۇربان ھېيتقا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. مىكروسوفت بىزنىڭ ھېيتىمىزغا توغرىلاپ زادى نېمە ئىش قىلماقچىدۇ؟
Windows 8.1 دە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىش بولىدۇ.
1. «باشلاش» كۇنۇپكىسى قايتىپ كەلدى
2. كىچىك تاختا ئۈسكۈنىلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ
3. ياخشىلانغان «كۆپ ئېكرانلىق كۆرسىتىش» ئىقتىدارى
5. ئىچكى ئەپ ئارقىلىق 3D پىرىنتېرىنى قوللايدۇ
6. ئېكران مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى قول ئىشارىسىنى قوللايدۇ
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,465 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى am 9:12
- ئالدىنقى يازما :تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟
- كېيىنكى يازما :Windows 8.1 تاماملاندى، OEM غا تەمىنلەش باشلاندى
تېخىمۇ كۆپ
جۇڭگونىڭ 36خىل تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاراپ باقتىم، لىكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرتىلى تىل بولىقى باردەك قىلمايدۇ..
ۋىندوۋىس 8.1نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلمىدىمۇ؟ ياكى مەن قاچىلاشنى بىلمىدىممۇ؟ قاچىلايمەن دىسەم ئىناۋەتسىز دەپ چىقىۋالدى، كۆرسەتمە بەرسەڭلار بوپتىكەن،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئالىىم مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز!
ۋىندوۋىس ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرگەن سكايپىې دىتالى ئشلىمەيۋاتىدۇغۇ؟ مەن رايوننى ئامېرىكا قىلىپمۇ تەڭشەپ باقتىم يەنىلام ئشلىمەيۋاتىدۇ.سىز تۇرغان رايون بۇ نەشىرنى قوللىمايدۇ دىگەندەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىۋالدى.
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتاملا ئالىم مۇئەللىم مەن ئۇز ۋاقتىدا ۋىن 8ئاچقۇچتىن 4تال ئېلىپ قويغان لازىملىقلارغا بىرەي چچ964737047 ئلخەت alijan134@hotmail.com
ئوبدان بوپتۇ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم مۇئەللىم توربېتىڭىزدىن مەسلە چىقتىمۇ نىمە ؟ مەن باشقا يەگە يازغان ئىنكاسلا يەنە باشقا يەدە چېپىپ يۈرۈيدىيا
بۈگۈن تېخى كومپىيوتېر مۇئەللىمىزگە ئەگىشىپ، مەۋھۇم دېسكىغا windows8.1 نى قاچىلاپ يىڭىلىقلارنى كۆردۇق. خىلى زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، بولۇپمۇ باشلاش كونۇپكىسىنىڭ قايتىپ كەلگىنى بەك ياخشى بوپتۇ.
ئوقۇتقۇچىمىز windows8 خۇددى visita غا ئوخشاش ئۆتكۈنچى مەھسۇلات بولىدۇ. windows9 ئاندىن رەسمىي مۇكەممەلىشىش مومكىن دەيدۇ! ئويلاپ قاپتىمەن…
تورغا چىقمىغىلىمۇ ئۇزاق بوپكەتتى، ئالدىراشچىلىق، قانداق تۇرۋاتىسىز ئاللىم مۇئەللىم؟
كۆزنەك 8.1 مۇ ئاخىر پۈتۈپتۇ دە. قارىغاندا خىلى ئىلغاردەك قىلىدۇ.
مېنىڭ بايقىشىمچە Win8 ھەر قانداق نۇسقىسى Win7 گە قارىغاندا يىنىك چىقسا چىقىدۇكى، ئىغىر چىقمايدۇ. مەن win8 نىڭ بەزى قوللانمىلىرىدا ئۈستەل كومپيۇتېرلىرى چەتكە قاققانلىقىدىن رەنجىگىنىمدىن باشقا، ھەر قانداق ئىقتىدارىدىن رازى. باشلاش تىزىملىكىنىڭ يوقلىقىغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم.
باپكار، win7 قىتۋالمىغان قاتتىق دىسكىدا Win8 قىتۋالغان بولسا، بۇ قىتىۋىلىشنى ئىچكى ساقلىغۇچتىنمۇ كۆرۈپ بېقىش كىرەك. چۈنكى win8 نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا نىسبەتەن تەلىپى سەل يۇقۇرى ئىكەن. مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا دەسلەپتە 2G لىق لىكىن چاستوتىسى ۋە ماركسى ئوخشاش بولمىغان (بىرسى 667، بىرسى 800) ئىككى تال ئىچكى ساقلىغۇچ بار ئىدى. Win8 كە كۆچكەندىن كىيىن سەل پەل قاتقاندەك ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر تال ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىلۋىتىپ 2G قىلىپلا ئىشلەتسەم شۇنداق راۋان. دىمەك كاشىلا ئىچكى ساقلىغۇچتا بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوخشاش چاستوتىلىق، ئوخشاش ماركا، ئوخشاش تىپلىق 4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئىككى تال سىتۋىلىپ، 8G لىق قىلىپ 64بىتلىق سېستىما ئىشلەتتىم، ھازىر ئاتتەك بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە 4G ياكى 2G لا ئىشلەتسەممۇ بولاتتى. لىكىن مەۋھۇم كومپيۇتېرغا سەل ئاجىز كىلىپ قالىدۇ، ھەم ئالغاندىكىن چوڭىنىلا ئالاي دىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سىزگە دىمەكچى بولغۇنۇم . مەن ئالدىنقى ئايغا مىكروسوفىت توربېتىدىن win8نى سېتىۋالغان ئىدىم ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتا بىر قېتىم قاچىلاپ كومپىيوتىرنڭ سەپلىمىسى يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆچۈر ۋېتىپ يېقىندا يېڭىدىن بىر كومپىيوتىر ئېلىپ قاچىلغان ئىدىم(قاتتىق دىسكا ( يىڭپەن)نى ئالماشتۇرمەي بۇرۇنقىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم،قالغان ئۈسكىنىلەرنى كۆتۈركەن .لىكىن ھازىر مىكروسوفىت تەمىنلىگەن ئاچقۇچ ئارقىلىق قاچىلاپ پۈتۈن تۈلۇقلىمىلىرىنى تۇلۇقلىغاندىن كىيىن ئاكتىپلاڭ دەپ چىقىۋالدى . بۇنى قانداق قىلىش كېرەك ,ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
ۋىندوس 8نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋالغانلار، ھەقسىز نەشىرىنى كۆتىرەلەيدىكەنمىز. ئەجەپ ياخشى بوپتۇ.يېڭى نەشىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى.