نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«بىلوگ ۋە مىكروبىلوگ» ھەققىدە

[ تاغدىن-باغدىن ]

2011-يىل 6-يانىۋار شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(2-قانال) «بۈگۈنكى سۆھبەت» پىروگراممىسىدا، «بىلوگ ۋە مىكرو بىلوگ» ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەتتە، مۇنبەر، بىلوگ، مىكروبىلوگ ھەققىدە ئاممىباب ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى سۆزلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاينىڭ ئىچىدە «بۈگۈنكى سۆھبەت» پىروگراممىسىدا 3 قېتىم چىقتىم يەنى «ھەييار تور كارتىسى»، «كومپيۇتېر مەدەنىيىتى»، «بىلوگ ۋە مىكروبىلوگ» دېگەن تېمىدا سۆزلىدىم. بۇ پىروگرامما بىر نەچچە قېتىم قويۇلدى، يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىمۇ ئۇدا نەچچە كۈن تەكرار قۇيۇپتۇ.

بۇنى كۆرگەن بەزىلەر: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ۋاز كېچىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە چۈشتۇڭما؟-دەپ چاقچاقمۇ قىلىشتى. دېمىسىمۇ شۇ ئاي شۇ كۈنلەردە «مەدەنىيەت بوستانى»، «پەن ۋە مائارىپ»، «قانۇن ۋە پۇقرا» قاتارلىق پىروگراممىلاردىمۇ چىقتىم. 2010-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، بۇ يىل 1-ئايغىچە 10 نەچچە قېتىم تېلېۋىزورغا چىقىپتىمەن، ئويلاپ باقسام «خانىم-قىزلار» پىروگراممىسىدىلا چىقىپ باقماپتىمەن. شۇڭا، باشقىلارنىڭ چاقچاقلىرى خاتا ئەمەس ئەلۋەتتە، قارىغاندا سەل ئېشىپ كەتتىممۇ قانداق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
10 پارچە باھا يېزىلدى