ئۇيغۇرسوفت يۈكخانا يۇمشاق دېتالى يېڭىلاندى. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت يۈكخانا يۇمشاق دېتالى يېڭىلاندى.

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى ئۈچتاش قاتناش بېكىتىدىكى لوقمان تاللا بازىرى مال تارقىتىش ئورنىغا يۇمشاق دېتال لايىھەلەپ بەرگەن ئىدۇق. بۇ يۇمشاق دېتال 4 يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مال تارقىتىش ئورنىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ھەرجەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى، نۇرغۇن خىزمەتلەر ئاددىيلىشىپ، باشقۇرۇش يېڭى بىر تەرتىپكە چۈشكەن ئىدى. يېقىندا يەنە بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى لوقمان ھاجىمنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىغا يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ يېڭىلاندى، ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. پات يېقىندا يەنە بۇلۇت مۇلازىمىتېرى ۋە بۇلۇت ساندانى سەپلىنىپ، خېرىدارلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلماقچى يەنى خېرىدارلار يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق كەلگەن مال ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لوقمان ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچى ۋە خوتەندىكى مال تارقىتىش ئورنى ئۆز-ئارا تورلاشقان بولۇپ، باشقۇرۇش بىرلىككە كېلىندى. تۆۋەندە بىر قىسىم ئېكران ك1

2

3

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

14

15

16

17

18

19

20ۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
26 پارچە باھا يېزىلدى
  • كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق لاھىلىنىپتۇ ،كۆرۈنمە يۈزىنىڭ لاھىيلىنىشى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:01
  • ئۈندىداردا مالنىڭ كەلگەن كەلمىگېننى قانداق تەكشۈرىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم؛
    سىلدىن سوراپ باقسام، ئاۋۇ دېتالنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىك(بىرسى باشقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان،چەككەندە يېيېلىپ چىقىدىغان ) كونتىرۇل نى ئۆزلىرى ياسىغانمۇ ياكى……..
    شۇ توغۇرسىدا ئۇچۇر بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن…(تىرىۋ كونتىرۇلنى دىمىدىم جۇمۇ…)

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:26
    • مۇئەللىم ،سىزدىن سوراپ باقسام ،c,语言c++,c#,java،قايسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كۆپ ، قايسىسى بىر قەدەر ياخشى ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:33
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !
    كومپىيۇتېر دۇكىنى باشقۇرۇش دېتالىنىڭ باھاسى قانچە ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:13
    • ھەركۈنلۈكى 10 يۈەن، بىراق سېتىلمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:23
      • مۇئەللىم سىز ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش قورالى ياساشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزمۇ .مەسىلە qq ،msn دېگەندەك ،مىنىڭچە بۇنىڭ بازار تەراقىياتى بولۇپلا قالماي يەنە بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداشقىمۇ چوڭ تۆھپىسى بار دەپ قارايمەن .

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:35
        • بۇنداق نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتەي دېدى،كىشىلەرنى بىكارچى قىلىۋېتىدىغان تەرىپىمۇ بار. ھازىر ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كومپيۇتېر ۋە يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىشتىن باشقا چوڭ ئىش بولمىسا كېرەك.

          يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:14
      • مۇئەللىم ،سىزدىن سوراپ باقسام ،c,语言c++,c#,java،قايسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كۆپ ، قايسىسى بىر قەدەر ياخشى ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:34
        • ھەممىسىنىڭ كەڭرى، ھەممىسى ياخشى تىللار. ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىمىز. مۇمكىن بولسا ھەممىنى ئۆگىنىڭلار، ماڭا ئوخشاش كۆپ تىل بىلگەننىڭ زىيىنى بولمايدۇ. تىل دېگەن بىر قورالدۇر. مەسىلەن: لەغمەن يېسەك چوكىدا، پولۇ يېسەك قولدا، سۇيۇقئاش ئىچسەك قۇشۇقتا ئىچىمىز.

          يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:04
  • مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ باھاسى قانچە پۇل؟ ئېنىق باھاسى بولمىسا تەخمىنەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:50
  • مۇبارەك بولسۇن!
    يېڭىلىقلار ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ…..

    يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەن بۇلۇت مۇلازىمىتىر سەپلنىپ دېگىنىىزدىن قارىغاندا

    بۇ سېستىمىنى توردا تۇرۇپلا قانچە شىركەت سېتىۋالسا ئۇلارغا سېستىمىدىن بىر ئېغىز ئىچىپ بەرسىلە بولىۋىرىدۇ ….دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ ….

    يەنى سېستىمىنى بۇلۇت مۇلازىمىتىرغا قاچىلاپ قويۇپ، سېتىۋالغان شىركەتلەرگە ئىغىز ئېچىپ بىرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:11
  • تور بېكىتىڭىزنىڭ لاھىيىسىدە مەسىلە بارمۇ ياكى مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا مەسىلە بارمۇ ؟ مەشخۇلات سىستېمام كۆزنەك8.1، تور بېكىتىڭىزنىڭ كۆرىنىشى قالايمىقان . كونا نۇسخىسى ياخشى ئىدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:03
  • ماۋۇ قارا ئۇسلۇبقا پەقەتلا كۆنەلمىدىم، نەچچە يىلدىن بىرى ئاق ئۇسلۇبقا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن.
    ئالىم مۇئەللىم، مەزكۇر تور خاتىرسىنىڭ بىكەت ئۇسلۇبىنى يىللاردىن بىرى ھەممىمىز ئىشىلىتىپ كۆنۈپ قالغان ئاق ئۇسلۇبقا تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:22
  • ئالىم مۇئەللىم، بۇلۇت ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بولاتتى. ئۆتكەندە ھوشۇركام سۆزلىگەن لىكسىيدە سوئال سوراشقا پەقەت پۇرسەت بولمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:25
  • ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال ساھەسىدە ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭى نەتىجە قازىنىۋاتقانلىقىنى تەبىرىكلەيمەن.
    مۇناسىۋەتسىز سۇئال:
    نەچچە كۈندىن بىرى مۇشۇ ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تور خاتىرسى نىمىشقا ئىچىلمىدى. كۈندە بىر قىتىم ئىچىپ باقىمەن. مانا بۈگۈن ئاخىرى ئىچىلىدى. ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ تور خاتىرسى بىكىتىگە ياخشى ھىزى بولۇپ، توختاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشىنى ئۈمۈد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان يۇمشاق دىتال ئۇچۇرلىرىنى توردا ۋاقتىدا بىزگە خەۋەر قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:32
  • يىڭسار ناھىيەسىدىن ئىككىسى بوپ قاپتۇ!ئەسلىدە بىرى يىڭشەھەر بولىشى كىرەك ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:34
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    كومپىيۇتېر سېتىش دۇكىنى باشقۇرۇش دېتالى بارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:55
  • 4- رەسىمدىكى ۋاقىت دېگەن خەت خاتا يېزىلىپ قاپتۇ. شۇ پېتى چىقىپ كەتمىسۇن يەنە~~~ ئۇيغۇر سوفت چوڭ بىر ئىشقا مەبلەغ توپلاۋاتامدۇ نېمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:08
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ يىقىندىن بىرى دېتاللار خېلى يوللىنىۋاتىدۇ ئەمما قاندا سېتىۋالىمىز مۇشۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بولسا دېتاللار ئايرىم سەھىپىگە چىقىرىلسا تاپماقمۇ ئاسان بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:02
    • ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى 4-قەۋەت 4-35 دىن سېتىۋالىسىز، تاماقخانا ۋە تاللا بازىرى يۇمشاق دېتالىنى ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن بازارغا سالىمىز، باشقا دېتاللار تەييار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:03
      • ئالىم مۇئەللىم ، مەن سىلەر ئىشلىگەن يانفۇن زاپچاس كىرىم چىقىم باشقۇرۇش دىتالىڭلارنى سېتىۋالغۇم بار ئىدى ، قانداق سېتىۋالىمەن ؟ توردىن سېتىۋالالامدىم ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:02
        • ھازىر ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئىشلار بار ئىكەن، يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن سېتىش بۆلىمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، 2813300 2839871

          يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:11