«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نىڭ يېڭى نەشرى تاماملاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نىڭ يېڭى نەشرى تاماملاندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نىڭ يېڭى نەشرى تاماملاندى. بۇ قېتىم يەنە نۇرغۇن ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇ قوشۇلغاندىن باشقا يەنە ئىلگىرىكى تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرى تۈزىتىلدى. يېڭىدىن يەنە قازاقچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە لۇغەت قوشۇلدى. ھازىرچە شەخسلەر نەشرى ۋە ئىدارە-ئورگان نەشرىگە ئايرىلغان بولۇپ، پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.
شەخسلەر نەشرىنى ئىنتېرنېتتا ئىشلەيدۇ، ھەر يىلى يىللىق ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرىدۇ. ئىلگىرى لۇغەت سېتىۋالغانلارنىڭ بىرىنچى يىلىدىكى ئىشلىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ. ئەمما ئىككىنچى يىلىدىكى ئىشلىتىش ھەققى ئالدىن ئېلىنىدۇ. يۇمشاق دېتال ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە يېڭىلىۋېلىشى شەرت، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىدا سېتىلىدۇ. ئىلگىرىكى مۇلازىمەت نومۇرىڭىزنى تەييارلىغاچ، بانكا كارتىڭىزنى ئۈندىدارغا باغلىۋېلىڭ.
ئىدارە-ئورگان نەشرى تورسىز مۇھىتتا يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئارقىلىق ئىشلەيدۇ، ئىلگىرىكى خېرىدارلىرىمىز بۇ نەشرىگە يېڭىلىماقچى بولسا، دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىلگىرى سېتىۋالغان لۇغەتنىڭ پۇلى ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى كەسپىي نۇسخىسى بىلەن سېتىۋالسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار قىلىنىدۇ ھەم باغلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يېڭى لۇغەتنىڭ ئارايۈزىدىن ئۆرنەكلەر
(تۆۋەندىكى رەسىملەر پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئاخىرقى نۇسخىسى بولۇشى ناتايىن)
udict-1
udict-2

يېڭىدىن قوشۇلغان قازاقچە، قىرغىزچە لۇغەتلەر
=======================

udict-3
لۇغەتنى تاللاپ ئىزدەشكە، ئىزدەش تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
=======================

udict-4
ئىنتېرنېتكە ئۇلاپ ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئىزدەشتە «بەيدۇ» ياردەم بېرىدۇ.
=======================

udict-5
ئىنگلىزچە لۇغەتلەرمۇ يېڭىلاندى، ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە، ئىنگلىزچە-خەنزۇچە، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرمۇ تولۇق.
=======================

udict-7
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئىملاسىمۇ يېڭى ئىملا بويىچە توغرىلاندى.
=======================

udict-8
تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت
=======================

udict-9
ئۆزبېكچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت
(بۇنداق لۇغەت ئەزەلدىن تۈزۈلمىگەن بولغاچقا، قايتا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
18 پارچە باھا يېزىلدى
  • بىر تۈركۈم تورسىز كومپيۇتېرلارنىمۇ چوقۇم ئويلىشىش كېرەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:33
  • ئالدى بىلەن ئالىم مۇئەللىمگە سالامەتلىك تىلەيمەن ، ئۇنىڭدىن قالسا پۈتكەن مەھسۇلاتلارغا ئامەت تىلەيمەن. ۋە پۈتمەكچى بولغان دېتاللارغا غەلبە تىلەيمەن. بارلىق دوستلارنىڭ ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنى ھەقلىق سېتىۋىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. شۇ ئارقىلىق قوللىيالايمىز پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا قوللاش مۇمكىن. شۇڭا مۇشۇ ئىشقا سەل قارىمىساق.
    —————–
    ئالىم مۇئەللىمگە مۇشۇ يەردىلا يەرلىكلەشتۈرۈش ھەققىدىكى باشقا سۇئالنى تاشلاي ، ھازىرغىچە مۇشۇ بىلوگدا Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى پۈتكەنلىك ھەققىدە رەسمى ئىگە تەرەپ خەۋەر بولمىدى، مەن ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. بۈگۈن مىكروسوفتنىڭ بەتلىرىنى ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ تاپتىم. :
    https://support.office.com/zh-CN/article/Office-2016-%E8%AF%AD%E8%A8%80%E9%85%8D%E4%BB%B6%E5%8C%85-82ee1236-0f9a-45ee-9c72-05b026ee809f
    مۇشۇ ئادىرىس ئارقىلىق كىرىپ تىل تاللاش دىگەن يەرگە ئۇيغۇرچە دىگەننى باسساق 64 بىت ۋە 32 بىتلىق ئىككى خىل چۈشۈرۈش بولقى چۈشىدىكەن. مۇشۇ ھەقىقى پۈتكەن نۇسقىسىمۇ ؟ ياكى چالىسى بارمىتى ؟ ياكى بۇنى ئۇيغۇرسوفت تاماملىدىمۇ ياكى 2013 نى قىلغانلار تاماملىغانمۇ ؟ بىر قانچە يەردە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن شۇڭا سوراپ بېقىشىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى am 00:03
  • ‹‹يۈسۈف›› ئىسىملىك تورداشنىڭ ‹‹ئ‍ۇيغۇرتىلىنى رەسمى قوللايدىغان ئۇيغۇرچە مۇڭداشقۇ ›› ياساپ ماڭدۇرۇش توغۇرسىدىكى تەكلىپنى قوللايمەن. ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى چوڭ بىر بوشلۇق دەل مۇشۇ ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:31
    • بۇنى ياساپ چىقىش ھازىر تېخنىكىلىق ئىش ئەمەس، ئەمما ئارقىسىدا رەسمىيەت، تەستىق،….بىر پاتمان نەرسىلەر بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:38
  • يەنە 2000كىشىلىك توپتىن بىرنى قۇرۇپ مۇشۇ ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىشلىرىغا ياردەم پۇلى توپلىساق يالغۇز بىر ئادەمگە 2000يۈەن ئېغىر كىلدۇ لېكىن 2000ئادەم ھەربىرى ئايدا 1يۈەندىن ياردەم قىلسا بىر ئايدا بىريۈەن ئېغىر كەلمەيدۇ مۇشۇنداق توپ قۇرۇپ ھەر ئايدا بىر يۈەن پۇل ياردەم قىلالايدىغانلار بارمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى am 08:55
  • ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍الىم مۇئەللىم مېنىڭ كاللامغا مۇنداق خىيال كەپقالدى بىز ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆزىمىزنىڭ ئ‍الاقە قۇرالى يوقكەن ئ‍ۇيغۇرتىلىنى رەسمى قوللايدىغان ئۇيغۇرچە مۇڭداشقۇ ياساپ باقساڭلا قانداق بولا (ئىختىدارى QQ غا يەتمىسىمۇ خەت يوللىغىلى ،چىراي ئىپادىسى يوللىغىلى،رەسىم يوللىغىلى،ھۆججەت يوللىغىلى ،فىلىم يوللىغىلى ، توپ قۇرغىلى بولسىلا بولاتتى) دېتالنىڭ ئايلىق ئىشلىتىش ھەققى 1يۈئەن بولسا 500ئادەم ئىشلەتسە 500يۈەن دىگەن گەپ ئاز بولسىمۇ مۇلازىمىتىر ھەققىگە ياردەم بولاكەن يەنە ئاستا ئاستا تەرەققى قىلدۇرۇپ كىرىم قىلدىغان ئىختىدارلارنى (ئادەتتە توپ قۇرسا 100 ئادەملىكلا قۇرغىلى بولىدىغان ئۇنىڭدىن ئاشۇرىمەن دىسە ھەق تۆلەيدىغان يەنە مۇشۇ QQنىڭ QB پۇلىغا ئوخشاش پۇل ئىختىدارى يولغا قويساڭلا)ئېلانلارنى ئۇيغۇرسوفىت لوغىتى دىگەندەك ئىختىدارلارنى قوشۇپ چوڭ بىر سېستىما تۈزۈپ ماڭدۇرۇپ باقساڭلا قانداق بولا يا پايدا چىقماي زىيان چىقامۇ بەلكىم مەن ئاددى ئويلىۋالغاندىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى am 08:41
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! موشۇنداق يېڭىلىقنىڭ پۇرىقى پۇرىغىلى خېلى بولغان، يەنى يېڭى مەھسۇلات چىقار چېغىدا ئالىم مۇئەللىم موشۇنداق بىر مەزگىل ئۆچەككە كىرىۋالاتتى.بۇ يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىمىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەجرىڭىزنىڭ مېۋىسى، ئىنئامى سىزنى خۇشال قىلغۇسى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،
    ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن! بۇ لۇغەتنىڭ شەخسلەر نۇسخىسىنى تورسىز مۇھىتتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ ياساپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنداق بولغاندا يىراق يېزا- قىشلاقلاردىكى تورسىز مۇھىتتا ىىزمەت قىلىۋاتقان جاپاقەش ئوقۇتقۇچىلارمۇ پايدىلىنىپ، نكۋەتتىكى قوشتىل ئوقۇتۇشىنىڭ بېسىمىنى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىشكە پايدىسى تېگەتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:41
  • مەن شىنخۇا كىتاپخانىسىدىن لۇغەتنىڭ 2008 نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ تېخى ئىشلەتمەي يۈرگەن . تىزىملاش نومۇرى بار. تېخى تىزىمغا ئالدۇرمىغان. بۇ لۇغەتكە يېڭىلاپ ئىشلىتەلەمدىم؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:13
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم .
    ئالدى بىلەن يىڭى لوغەتنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن ، مۇبارەك بولسۇن ، جاپا چەكتىڭلار …
    يىڭى لوغەتنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنىڭ بالدۇرراق ئېلان قىلىنىشىغا تەقەززارمىز … بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىككى كومپىيۇتىرغا ئىككى لوغەت قاچىلاغلىق ، 2008 نۇسخىسى
    ئەمما ، شەخىسلەر نۇسخىسىدىكى لوغەت پەقەت ئېنتىرنىت مۇھىتىدىلا ئىشلەيدۇ دېگەننى ئوقۇپ سەل بىئارام بولۇپ قالدىم …چۇنكى تورنى ئۇزۇلمەيدۇ دەپ كىم كاپالەت بېرەلەيدۇ ؟ بۇرۇن رايۇنىمىزدا تور ئۇزۇلگەن . يەكەندىمۇ بىر يىلغا يىقىن تور ئۇزۇلدى …يەنە بەزىدە تۇرۇشلۇق مۇھىت سەۋەبىدىن تور ئۇلانماسلىقى مۇمكىن .
    مۇمكىن بولسا ، 2008 گە ئوخشاش ، تور بولمىسىمۇ ئىشلەيدىغان قارانچۇق نۇسخىلىق لوغەت مەيدانغا كەلسىكەن دەپ ئويلايمەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:13
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      (1) شەخسلەر نەشرىنى ئىنتېرنېتتا ئىشلەيدۇ،
      (2) ئىدارە-ئورگان نەشرى تورسىز مۇھىتتا يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئارقىلىق ئىشلەيدۇ،
      تورسىز ئىشلىتىدىغان شەخسلەر ئىدار-ئورگان نۇسخىسىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:03
  • مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:26
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مالىم، ماۋۇ تۈركچە-ئۇيغۇرچە،لۇغەتتە جەمئىي نەچچە تۈركچە سۆزلۈك بار؟ دەپ بېرەلەمسىز يا مەخپىيمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:02
  • بەك ياخشى بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم. بۇ يېڭى نەشىرى چىققاندىكىن، بۇرۇن سېتىۋالغان لۇغەتنى يېڭىلىۋالغىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:09
  • مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم. شەخسلەر نۇسخىسىنىڭ تورسىز ئشلەيدىغان نەشرى يوقما؟ يەنى بۇرۇنقى ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى 2008 شەخسلەر نەشرىگە ئوخشاش.
    ئاندىن يانفون نۇسخىسىنىمۇ ياسايمىز دەۋاتقان ئىدىڭىز، ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى am 07:51
  • ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. مۇمكىن بولسا بۇ يېڭى مەھسۇلاتنى ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى(http://www.uighursoft.com/ug-cn/dukan) غىمۇ سالسىڭىز سىتىۋالىدىغانلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى am 07:19