ئەلكاتىپ تۈز خەت نۇسخىسى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەلكاتىپ 5.9 ئېلان قىلىنغاندىن بىرنەچچە كۈندىن بۇيان تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولماقتا، ئۈندىدار دۇكاندىن سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپەيمەكتە ۋە ياخشى ئارزۇ-تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەكتە، بىزنى قوللىغان بارلىق تورداشلارغا رەھمەت.
مۇشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلار يەنە 10 يىل سوۋۇپ قالغۇچە دەپ تۈز خەت نۇسخىسى ۋە ئېلىپبە خەت نۇسخىسىنى ياساپ باقتىم. پىلانىمدا يەنە بالىلار ئۈچۈن گىرۋەكلىرى يوق، ھەممە تەرەپلىرىنىڭ قەلەم توملۇقى ئوخشاش خەت نۇسخىسى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قولىدا يېزىلغا سۇلۇس خەت نۇسخىسىنى ياساش پىلانىممۇ يوق ئەمەس. ھازىر ئەلكاتىپ تۈز خەت نۇسخىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار. بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ تۈز خەت نۇسخىسى ۋە ئېلىپبە خەت نۇسخىسىنى ئاساسىي خەت نۇسخىسى ئىچىگە قوشۇپ، ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىمەن، ھەقسىز نەشرىدىمۇ بۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلماقچى. كېيىنكى بالىلار ۋە سۇلۇس نۇسخىسىنى ھەقلىق نەشرىگە قوشۇپ قويماقچى، شۇنداق بولغاندا ئەلكاتىپ 5.9 دا ئىشلەتكىلى بولىدىغان خەت نۇسخىسىنىڭ سانى 25 بولىدۇ. بۇلار پۈتكەندە كۆپرەك ۋاقتىمىزنى باشقا دېتاللىرىمىزنى يېڭىلاشقا كۈچەپ باقىمەن، قېنى ماۋۇ خەت نۇسخىسىغا تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرسەڭلار بولىدۇ.
(يېڭىدىن ياسالغان) ئەلكاتىپ تۈز خەت نۇسخىسى(ئۆلچەملىك)دىن مىسال
(يېڭىدىن ياسالغان) ئەلكاتىپ تۈز خەت نۇسخىسى (ئېلىپبە)دىن مىسال
(يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن) ئەلكاتىپ نەسخىي خەت نۇسخىسى (ئېلىپبە)دىن مىسال
(يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان) ئەلكاتىپ تۈز خەت نۇسخىسى(ئۆلچەملىك)دىن مىسال (لېكىن قەتئىي پۈتمىدى جۇما، بۇنىڭغا پىكىر يازماي تۇرارسىلەر)
- يازما كۆرۈلۈشى: 8,663 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 07-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:09
- ئالدىنقى يازما :Brainwashing or the potency of marketing: the way that they make our thoughts.
- كېيىنكى يازما :Standard Stylistic Gear, Positive and negative
كاتتا ئىش بوپتۇ! ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت
مىنىڭچە خېلى ياخشى چىقىپتۇ!
خەتنى ھازىرغىچە تاپشۇرۋالمىدىم ئەتە ئەتتىگەنگىچە ساقلاپ باقاي مۇمكىن بولسا ئې خەتكە يەنە بىر قىتىم قاراپ باقسىڭىز Umid@msn.comسىزنى يەنە بىر قېتىم ئاۋارە قىلدىم
تەشەككۈر سىزگە
ئاۋارە قىلدىم
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ تىنىڭىز سالامەتمۇ؟
«بۇ ئىنكاسنى ئەسلىدە ئې خەت ئارقىلىق سىزگە ئىنكاس قىلغان ئىدىم، لىكىن سىزنىڭ بۇنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلمەي بۇ يەرگە يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم كەچۈرۈڭ، مۇمكىن بولسا تىزراق جاۋاب قايتۇرغان بولسىڭىز مەن بۇنىڭغا بەكلا ئىھتياجلىق ئىدىم»
ئەلكاتىپنىڭ 5.9 نى سىتىۋىلىپ ئىشلەتكەندىن بىرى بولۇپمۇ يىڭىلانغان خەت نۇسقىلىرىنىڭ كۆركەملىكىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.. بىرقانچە كۈندىن بىرى photoshop تا ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ئىشلەشكە توغرا كىلىپ فوتوشوپنىڭ cc 2015 نى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم. لىكىن ئويلىمىغان يەردىن تۈز خەت شەكىللىرىدە ئاياغ «ئە» دىن كىيىنكى ھەرىپلەردە (يەنى قوشۇمچە رەسىمدىكىدەك) باش ياكى يالغۇز ھەرىپى چىقماي ئاياغ ھەرىپلىرى چىقىۋىلىپ بەكلا قولايسىزلىقلارنى كەلتۇدى مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئەھۋالنى بىر تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بولاتتى
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ
ھۆرمەت بىلەن:
-ئەھمەدجان ئۈمىد
خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، رەھمەت، بۇ مەسىلىنى باشقىلارمۇ ئىنكاس قىلغان ئىدى، بۇ مەسىلە ھازىر ئوڭشالدى. ھازىرچە سىزگە خەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بەردىم، تۈزىتىلگەن بۇ يېڭى نۇسخىسىنى ئەلكاتىپ 6.0 دە ئېلان قىلماقچى، رەھمەت
قاچان ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ چىقىدۇ؟
ھازىر زۆرۈرى مۇشۇ ئىدى ئەسلى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ھەرپلەرنىڭ كود ئورنىنى ئۇيغۇرچە رايۇنلارغا قىسمەن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسالغان.
بۇ جۈملىدىكى ئۇيغۇرچە رايۇنلارغا دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز ؟ ياردەم قىلغان بولساڭلار .رەھمەت.
مۇئەللىم مېنىڭ بىر تەكلىپىم بار ئىدى ، مۋاپىقمۇ بىلمەيمەن ، مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھاسىگە قوشقان تۆھپىسىگە مىنەتداربىز، يىقىندا ئېملا تۈزۈتۈش قۇرالى ،كىرگۈزگۈچ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى،ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھاسىگە يىڭىدىن ھۆسىن قوشتى. نەق گەپكە كەلسەم
تەكلىپىم : يىڭدىن ئېلان قىلىنغان كىرگۈزگۈچكەسۆزلۇك ئەسكەرتىدىغان يەنى سۆزلۈكنىڭ باش ھەرىپىنى كىرگۈزسەك ئاخىرىسىنى ئەسكەرتىدىغان ئقتىدار قوشقىلى بولارمۇ؟ ياكى قوشۇپ بەرسە ؟بۇنداق بولغاندا ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىناتتۇق. مۇئەللىمدە ئەلۋەتتە سۆزلۇك ئامبىرى بار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز مۇئەللىم
مەن ئەلكەتىپ خەت نۇسخىسىنى تېلىفۇن فونتى قىلىپ ئىشلەتكەنتىم بەزى ھەرپلەر كۆرۈنمەي قويدى +-* بۆلۈش دىگەن ھەرپلەر بەزى ئەپلەردە كۆرۈنمىدى
چىرايلىق چىقىپتۇ ! مۇبارەك بولسۇن ! ھۆسۈن خەت لەرنىڭ كۆرەك چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن !
شەخىسلەر نۇسقىسىنى بايا قاچىلاپ كۆردۇم خەت نۇسقىلىرى بەكمۇ كۆركەم ئىكەن ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر! يەنە باشقا خەت نۇسقىسىنى ئۆزلەشتۇرمەكچى بولساڭلار ماۋۇ خەت نۇسقىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن تەئىلىق خەت نۇسقىسى ئورنىغا دەسسىتىشكە Urdu Typesetting بۇ خەت نۇسقىسى كۆزنەك 8.1 نىڭ ئۆزىدە بار ئوخشايدۇ (مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا باركەن)
ماقۇل، رەھمەت، ھازىر تۈز خەت نۇسخىسىدىن ئىككىسى ياسالدى، ئەرەب، پارس ۋە ئىراننىڭ خەت نۇسخىلىرىدىن بىرنەچچىنى ئۆزلەشتۈرۈۋاتىمىز، پات يېقىندا يېڭىلاپ بېرىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مۇمكىن بولسا ۋاقتىڭىز يەتكەندە ئېلانچىلىق ، ئويمىچىلىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق بولغان تۈز خەت نۇسخىللىرىدىن بىر ئىككىنى ئىشلەپ قويغان بولسىڭىز .
ئېلانچىلىق ئويمىچىلىقتا خەت نۇسخىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاۋارچىلىقلار :
قاتارلىق ماتىرياللاردا خەت ئويۇشقا PVC
توغرا كەلسە ھەرىپلەرنىڭ ئىنچىكە بوغۇملىرى ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بەك باش ئاغرىتىدۇ ، ھازىرچە خىيالنىڭ ئىككى خەت نۇسخىسى بىلەن ukij نىڭ بىر تال خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز لېكىن دىگەندەك سۈپەتلىك چىقمايۋاتىدۇ .
مەن windows7دە ئەلكاتىپ 5.9نى ئىشلەتكەن ئىدىم. ئورگان تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە دېگەن يەردىن تاللاپ يازسام خەت تەتۈر يۆنىلىشتە چىقۋالدىغۇ؟ئاخىرى بولماي يەنىلا ئەرەپ تىلى تىزىملىكىدىن تاللاپ يازدىم.
مەن windows7دە ئەلكاتىپ 5.9نى سىنىغان ئىدېم.ئورگان تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە دېگەن يەردىن سىناپ باقسام خەت تەتۈر چىقۋالدىغۇ؟ئاخىرى بولماي يەنىلا ئەرەپ تېلى قاتارىدىكىن تەڭشەپ يازدېم.
ھېس قىلىشىمچە، تۈز خەت نۇسقىسىدىكى «ئا» ۋە «ڭ» ھەرپىنىڭ تىك سىزىقى كىچىككىنە ئېگىز بولۇپ قاپتۇ. «ل» ھەرىپىنىڭ ئېگىزلىكى مۇۋاپىق ئىكەن.