Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]يېقىندىن بۇيان تورلاردا Uyghursoft نامىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ «ئۇيغۇرسوفت»(Uighursoft) تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىشىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ساختا ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بۇ بەلكىم يامان غەرەزلىك قىستۇرما بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە بىز ئىگە بولالمايمىز، شۇڭا، بۇنداق نامەلۇم تارقاتقۇچى ياكى ئىشەنچسىز مەنبەدىن كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق خەتلەرنى ئالدىراپ ئاچماسلىقىڭلارنى، مۇمكىن بولسا بىۋاسىتە «ئەخلەت» خەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، رەھمەت!
قوشۇمچە: «ئەلكاتىپ» ھەققىدە
«ئەلكاتىپ» 1.0 يۇمشاق دېتالى 1998-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، كەڭ خېرىدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەڭ ئومۇملاشتى. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 5.7 بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ھېچقانداق نەشرى يېڭىلانمىدى. ئەسلىدە 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان Windows 7 گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن بۇيان ئايرىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلەشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان ئىدى. Windows 8 دە ئۇيغۇر يېزىقىنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەچكە، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا مەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»نىڭ يېڭىلانمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىلوگىمدا خەۋەر بەرگەن ئىدىم. ئەمما، قازاق، قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ Windows دا يەنىلا «ئەلكاتىپ»قا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، 64 بىتلىق Windows 7 دە «ئەلكاتىپ»نى ئىشلىتەلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بۇ يىل 4-ئايدا «ئەلكاتىپ 5.7»نى رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدىم.
سوئال: نېمە ئۈچۈن «ئەلكاتىپ» ئاستا يېڭىلىنىدۇ؟
جاۋاب: Windows دا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەسىلىسى پەيدىنپەي ھەل بولۇشىغا ئەگىشىپ، «ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالى ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2006-يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان «ئەلكاتىپ 5.0» يۇمشاق دېتالى (ھەقلىق ۋە ھەقسىز نۇسخىسى) خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرۇپ كەلگەچكە، يېڭىلىنىشى ئاستا بولۇپ كەلدى. ۋىرۇسخوردەك ئۇنداق ئايدا، يىلدا يېڭىلانمايدۇ.
سوئال: نېمە ئۈچۈن بۇ يىل 4-ئايدا «ئەلكاتىپ»نىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: «ئەلكاتىپ» ئۇيغۇر يېزىقىدىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى قوللايدۇ. 64 بىتلىق Windows دا «ئەلكاتىپ»نىڭ بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغاچقا، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلارغا قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپ يېڭىلاندى.
سوئال: «ئەلكاتىپ» يەنە يېڭىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ناۋادا «ئەلكاتىپ»تىن ئېغىر خاتالىق بايقالسا، قىسقا ۋاقىت (بەلكىم نەچچە سائەت ياكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە) ھەل قىلىپ يېڭىلاپ تارقىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ھازىر زۆرۈر يېڭىلايدىغان مەھسۇلات تىزىملىكىمىزدە ئەمەس.
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,453 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:13
- ئالدىنقى يازما :Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ
- كېيىنكى يازما :بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…
ئاخىرى سىلەرگە ئاۋاز قوشالايدىغان بولدۇم.
مەن ئالدىنقى كۈنى ‹ئانا تىل تور بېكىتى›‹http://www.anatil.org/uyfont/cnindex.asp› ناملىق بىر تور بېكەتنى زىيارەت قىلۋېتىپ ‹维吾尔软› ناملىق ئۇلانما uyghursoft.com غا ئۇلانغان ئىدى ، بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم . بەلكىم بۇ بېكەت قۇرغۇچىسىنىڭ بىخەستىلىكىدىن بولىشى مۇمكىن .
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئۈن تىنسىز ئۆچمەس توھپە قوشۇۋاتقان ئالىم مۇئەللىمدەك ئۇستازلارغا چىن كوڭلۇمدىن رەخمەت ئىيتىمەن
رەخمەت
http://bbs.misranim.com/thread-88848-1-1.html
مايەردە بىر ھاماقەت بۇ يالغان ئۇچۇرنىڭ ئۆزىنى تەشۋىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ، خەلق قانچە نادان بولسا پىتنە پاساتقا شۇنچە ئاسان ئىشىنىپ كېتىدۇ
راست شۇنداق ئىكەن، ھېلىمۇ ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپتىكەنمەن
ئالىم مۇئەللىم، تېڭشۈن شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ چ چ نى ئۇيغۇرچە تۇنۇيدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟win8نى قىلغان يەردە چ چ ئادەتتىكى ئىشقۇ دەيمەن؟
تۆۋە! مۇشۇنداقمۇ خۇمىسى گۇيلار بارمىكەن؟
ھەقىقىي ئائىلە نەشىرىدىكى ۋىن 7 نىڭ ئوپتىك دىسكىدىن، سىستىمىنى كومپىيۇتىرغا قاچىلاشنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىزچۇ ئالىمكا؟
نىمىشقا ھەقىقىي نەشىرىدىكى ۋىن 7 نى كونپىيۇتىرغا 1 قىتىم قاچىلىغاندىن كىيىن، 2 – قىتىم قاچىلىغىلى بولمايدۇ؟
كەسپى كومپىيۇتىرچى ئەكەلسەم، گوسىت سىستىما ئوخشاش دەپ تۇرىۋالدى. زاۋۇتتىن كومپىيۇتىر بىلەن تەمىنلىگەن، ئوپتىك دىسكىدىكى ۋىن7 نى قاچىلاپ بىرەلمىدى.
مەن س: دىسكىنى فۇرماتلاشنى بىلمەيمەن. سىستىما قاچىلىسام، بۇرۇنقىسى يۇيۇلۇپ كەتمەي تۇرۇپ، ئۈستىلەپ قاچلىنىپتىكەن. گوسىت سىستىما دىگەن قەتئىي بولمايدىكەن. ھەقىقىي نەشىرىگە يەتمەيدىكەن. كومپىيۇتىردا گوسىت سىستىما بولغاچقا، ھەقىقىي نەشىرىنىڭ نۇرغۇن ھەقلىق يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن.
بىر ياردەم قىلىڭا! بەكلا جىلە بولاپ كەتتىم. كەسپى كومپىيۇتىرچىمۇ، مىنىڭ يىڭى سىتىۋالغان كومپىيۇتىرمنى كۆرۆپمۇ باقماپتىكەن تىخى.
مەن ئەسلى ھەقلىق سىستىمىنى زاۋۇتتىن سىتىۋالغان ۋاقتىدىكىدەك قاچىلىشىم كىرەك.
ۋاي توۋا،ما نومۇسسىزلارنى،… لېكىن ئېنىقلا بېلىنىپ قاپتۇغۇ،facebook نى ئىشلەتكىلى بولمىسا بۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە،…..
UighurSoft نىڭ نامىنى
Uyghursoft قا ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بارمىدۇ ؟
ۋاقتىڭىز يار بەرسە Uighur بىلەن Uyghur غا مەسلىھەت بەرسىڭىز
Uyghur نى ئىنگىلىزچە Uighur دەمدۇق ياكى Uighur مۇ
ھازىر Uyghur دەپ يېزىلىدۇ دەپ ھەممە يەردە كاپشىپ يۈرۈيمىز
ھەتتا مىكروسوفتتىكى فونت نىڭ نامى بىلەن تىل نامىدا ئىككى خىل Uyghur/Uighur دەپ .
سېزنىڭچە ؟ …………………….
ئالامەت ياخشى خەۋەركەنغۇ بۇ ، پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئالىم ئاكىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشىنىڭ بىر قىسمى ئاخىر رىئاللىققا ئايلىنىپتۇ دە ، قۇتلۇق بولسۇن، ئاللا ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن، مەن ۋە باشقىلىرىمىز قىلالمىغاننى قىلالايدىغان ئاشۇ ئۆتكۈر كاللىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ئەپسۇس ئۈرۈمچى-چەرچەن ئارىلىقى تولىمۇ يىراق، بارالمىغۇدەكمەن، بىراق بۇتوغرىسىدىكى رەسىم ۋە تەسراتلىرىڭىزنى تورغا چىقىرىشىڭىزنى ، بالدۇرراق زاكاس قىلىشنى باشلىشىڭىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن، رەھمەت سىزگە….
ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنى uighursoft قا بېىپ كۆرىدىكەنمىزدە؟ ئەمما بىزدەك يىراقتىكىلەر قانداق قىلامىز، شاپپىتە بارغىلى بولمىسا. خېرىدارلارغا كۆرسەتكەچ بىرە پارچە رەسىمىنىمۇ بولمىسا بلوگقا چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز كاتتا ئىش بولاتتى. ئەگەر مەن ئۇرۇمچىدە بولغان بولسام كۆزەينەكلىك سىنغا ئېلېش ئاپاراتىدىن بىرنى ئېلىپ ئۇيغۇرچە windows 8 نىڭ كۈرۈنمە يۈزىنى تورغا تارقىتىۋېتەكەنمەن.
ئەتە ئۆگۈن دۇككىنىڭزدا خىرىدارلارغا كۆرسۈتۈشتىن باشقا سېتشقىمۇ بولارمۇ؟ ئۇيغۇرچە ۋىندوۋز 8نى بىرىنجى بولۇپ سېتىۋالسام دەيمەن. نەچچە كۈن بولدى ۋىندوۋز8 نى چۈشۈمدە كۆرۋاتقىلى. تىززاق ئەمىللەشسە بولاتتى
ياق، باھاسى تېخى چىقمىدى، پەقەت كۆرسىتىشكە بولىدۇ، ھەممە تەييارلىق پۈتۈپ بولدى، بەزى خېرىدارلار بۈگۈندىن باشلاپ كۆرۈشكە باشلىدى. ئەتە كەلسەڭلار كۆرەلەيسىلەر، 8-چېسلا چۈشتىن كېيىن 2:00 دىن 5:00 گىچە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. Skydrive نى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش جەريانىدا ئىملاسىدا مەسىلە بار سۆزلەردىن بىرنەچچە پارچە رەسىم تۇتۇپ قويغانتىم. مۇئەللىمنىڭ ئېلخەت ئادىرسىنى تاپالمىدىم. بلوگدىمۇ يوق،Uighursoft توربېتىگە كىرسەممۇ يوق ئىكەن.
مۇئەللىم ئېلخەت ئادىرسىنى بلوگنىڭ بىر يەرلىرىگە قىستۇرۇپ قويغان بولسا
info@uighursoft.com
ماڭىمۇ كەلگەن ئىدى ئاۋۇ مەزمۇندىكى ئۇچۇر، ئالدىراش بولۇپ قېلىپ كېيىن قاراپ باقاي دەپتىكەنمەن. ئەسلى مۇنداق ئىكەندە.