ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ ھەقسىز ۋە شەخسلەر نەشرى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى (دۈشەنبە) ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۈندىدار دۇكىنىمىزنى زىيارەت قىلىڭ.
ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 دىكى يېڭىلىقلار
(1) يېڭىدىن ئىككى خەت نۇسخىسى قوشۇلدى، نامى ALKATIP Alim ۋە ALKATIP Osmaniy.
ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق خەت نۇسخىلىرىدىكى قازاقچە ھەمزەنىڭ كودى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە U+0674 غا ئۆزگەرتىلدى، قىرغىزچە «ﯠ» ھەرپنىڭ ئاستى قىسمى بىرخىللاشتۇرۇلۇپ تۈزىتىلدى.
(2) بارلىق خەت نۇسخىلىرى ئەسلىدىكى True type فورماتىدىن Open type قا ئۆزگەرتىلدى.
خەت نۇسخىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكلىرى بولۇپ، Windows دىن باشقا يەنە Mac OS ۋە Linux سىستېمىسىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
(3) چاغاتايچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ Windows دىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن باشقا يەنە جۇڭگو-ئۇيغۇر دېگەن جايغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
(4) Word مۇھىتىدىكى قىستۇرما كود ئالماشتۇرۇشتىكى ئەلكاتىپ 3.9 دىن ئەلكاتىپ 5.0 گە ئالماشتۇرغاندا، ئەرەبچە يېزىقلارغا تەسىر قىلماي پەقەت ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەندى.
ئىزاھات: ھازىردىن ئەلكاتىپ 5.9 (شەخسلەر نۇسخىسى) ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا 25 يۈەندىن سېتىلىشقا باشلىدى، بۇ باھادا 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولۇپ، روزا ھېيتتىن كېيىن ئەسلىدىكى باھاغا قايتىدۇ. ئەلكاتىپ 5.9 (ھەقسىز نۇسخىسى) ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا 2 يۈەندىن چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. ئەگەر كونا نەشرىنى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئەلكاتىپ 5.7 نى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ھەقسىز نەشرىدە يېڭىدىن قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ALKATIP Alim بار، شەخسلەر نەشرىدە يېڭىدىن قوشۇلغان ئىككى خەت نۇسخىسى بار.
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودىنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونى»نى قوشۇۋېلىڭ، ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن «دۇكان»نى بېسىپ كىرىڭ، ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان نەشرىنى تاللاپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئۈندىدارىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ دېگەن تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
?p=4320
چاغاتايچە كۇنۇپكا تاختىسى
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,839 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 06-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:55
- ئالدىنقى يازما :ئەلكاتىپ يېڭى خەت نۇسخىسى ALKATIP Alim
- كېيىنكى يازما :ئەلكاتىپ تۈز خەت نۇسخىسى
رەھمەت مۇئەللىم، outlook نىڭ ئېلخەتلىرى بىز تەرەپتە زادى ئىچىلمايۋاتاتتى نەچچە كۈندىن بىرى، ئېچىلغاندا چۈشۈرۋالاي ئەمدى.
مۇئەللىم ئۆزلىرى بەك ئالدىراشمۇ نىمە ؟!
شۇنداق، چاچنى قاشلىغۇدەكمۇ ۋاقىت يوق، بەك ئالدىرسىڭىز ھەقسىزنى چۈشۈرۈشپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، مۇلازىمەت نومۇرىنى يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز تاپماق تەس بولىدۇ، بۇ مەندىكى سەۋەنلىك ئەمەس ئىدى ئەسلىدە.
زادى بولمىغاندا مەن بىرنى سېتىۋېلىپ، سىزگە يوللاپ بېرەي،
بايا ئەۋەتىۋەتتىم، sehrayim@outlook.com
مۇئەللىم ماۋۇ مىكروسوفىت ھىساۋاتىم، بىز تەرەپلەردە نۇرمال ئېچىلمايۋاتىدۇ. خەت ئەۋەتسىلە arman120#qq.com ماۋۇ ھىساۋاتقا قايتۇرغان بولسىلا بۇپتىكەن.
ئىككى تال نۇمۇر ئىدى مۇئەللىم، بىر تال نۇمۇرنىڭ يوللىغان ئېلخەت كەپتۇ، يەنە بىر تالنىڭ يوق .
ئۆزلىرى ئەۋەتكىنى 7-ئاينىڭ 16-كۈندىكى ئېلخەتكەن مۇئەللىم،7-ئاينىڭ -10- 11 – كۈنى ئەتراپىدىكى دەسلەپكى بىر نۇسخىنى ئەۋەتكەنتىلە. بولسا بىر قاراپ باققان بولسىلا مۇئەللىم
ماقۇل، مەن قاراپ باقاي
ئەۋەتكەن مۇلازىمەت نۇمۇرىدىن يەنە بىرسىنى تىپىشقا ئامال بولمىدىمۇ مۇئەللىم.
بايا ئەۋەتتىمغۇ؟ 7-ئايدا مەن سىزگە ئەۋەتكەن خەتنى قايتا ئەۋەتتىم، كۆرۈپ بېقىڭ.
فوتوشوپ سى ئەس 6 دە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىدىكى ئە ھەرىپلىرى ئۇلىشىپ چىقىۋاتىدۇ، بۇ بىز ئېلانچىلىق كارخانىلىرى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىشتى.
خەت نۇسخىسىنىڭ نامىنى ئېنىق دېگەن بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى تور بېكىتىمىزدىن ياكى سېتىۋالغان جايدىن قايتا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بېقىڭ.
مۇئەللىم بەك بولمىسا ئاۋۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇ يەرگىلام قالدۇرايمۇ يا ؟! يا ئۆزلىرى بەك ئالدىراشمۇ ؟!
باشقا ئېلخەتنى ئالماشتۇرۇپ (arman120#qq.com) رەسىم شەكىلدە ئەۋەتىۋەتتىم. تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولسىلا. ئۆزلىرىنى بەك مالال قىلدىم.
تېلېفون نومۇرىڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى قالدۇرۇپ، ئاندىن يەنە تەخمىنەن قاچانلاردا سېتىۋالغان ئىدىڭىز، ئۈندىداردىمۇ ياكى ئەلى چىقىمدانىدا پۇل تۆلىگەنمۇ؟
——————————————————————-
داماللىققا ئۇچۇرلارنى قەيەرگە قالدۇرۇشنى بىلمەي، alim*****@uighursoft.com غا قالدۇرۇپ قويدۇم. ۋاقىتلىرى چىققاندا تەكشۈرۈپ باقسىلا.
=======================
ماقۇل، لېكىن تاپشۇرۇپ ئالمىدىم، مەن ئەخلەت خەتلەرگە قاراپ باقاي.
مۇئەللىم ئالدىنقى قېتىم ئۆزلىرىن سىتىۋالغان 2 دانە 5.9 شەخسلەر نۇسخىسىنىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئىھتياتسىزلىقتىن يۇيۇىۋىتىپتىكەنمەن. بولمىسا نۇمۇرنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئاكتىپلىمىغان، ھەم قاچىلمىغان. ئۆزلىرى دىگەن نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىپ سورىسام، تېلفۇن نۇمۇرۇم ھەم ئىسمىمنى سۇراپتى دەپ بەرسەم، بۇنداق تىزىملاتقان ئۇچۇر يوقكەن دەيدۇ. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .
تېلېفون نومۇرىڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى قالدۇرۇپ، ئاندىن يەنە تەخمىنەن قاچانلاردا سېتىۋالغان ئىدىڭىز، ئۈندىداردىمۇ ياكى ئەلى چىقىمدانىدا پۇل تۆلىگەنمۇ؟ مۇشۇ ئارقىلىق تاپقىلى بولىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ئەلكاتىپ 5.9 دىن بىر سېتىۋالغان. ۋورد تا كود ئالماشتۇرسام، بەتنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئىزاھالاتنىڭ كودىنى ئالماشتۇرمىدى.
قانداق قىلسام ئالماشتۇرالايمەن؟ تىزراق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت، ئەمما word ئىچىدە ئىزاھاتلارنىڭ كودىنى ئالماشتۇرالمايدۇ، ئايرىم بىر يەرگە چاپلاپ ئالماشتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ
تىزىملىتىش نومۇرى چىقىرىش توربەت ئادرىسىنى ياكى تىزىملىتىش نومۇرىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، رەھمەت
register.uighursoft.com
1297-2162-8565-9742
تىزىملىتىش نومۇرى چىقىرىش توربەت ئادرىسىنى ياكى تىزىملىتىش ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، رەھمەت