نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تاغدىن-باغدىن ]

«قۇرئان كەرىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ، رەسمىي ئېلان قىلىندى. «قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى)نى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «قۇرئان كەرىم» (قايتا تەرجىمىسى)گە نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، 8 فورمات (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى چوڭلۇقىدا) 1000 يۈەن، 16 فورمات (ژۇرنال چوڭلۇقىدا) 380 يۈەن، 32 فورمات، 64 فورمات بولۇپ، باسما سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلاپتۇ.

بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۇنجى قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى، ئۇستازنىڭ ئەجرى، ساۋابى زىيادە بولغاي.

بۇ ئۇچۇرلار پەقەت خەۋەر سۈپىتىدە بېرىلدى، باشقا ئىشلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق، كىتابخانىلارغا بېرىپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=========

ھازىرچە 8 فورمات، 16 فورمات بازارغا سېلىنىپتۇ.


سېتىۋالسىڭىز، ناھايىتى قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاۋۇ ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس، مەن پەقەت 2 نى سېتىۋالدىم.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
194 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 5 6 7
  • «قۇرئان كەرىم»نىڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھەققىدىكى گەپلەر خېلى كۆپ. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسمىسىنى قىلسام ئۇ ياخشى-بۇيامان دەپ باھالاپ يۈرمەي؛ سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باقىلى. بولسا ئەرەبچە، ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باقايلى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇر كىتابەتچىلىك تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل بېسىلىغان مەھسۇلات سۈپىتىدە تارقالغانلىقىلا ھەممەيلەننى سۈيۈندۈرىدۇ. مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىگە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى بىلەن كارىمىز بولمىسۇن. مەزكۇر دەستۇرنىڭ خىلمۇ خىل تەرجىمە نۇسخىلىرى چىققىنى ياخشى. مىسالەن، تۈركچە 20 نەچچە خىل تەرجىمىسى، خەنزۇچە 6 خىل تەرجىمىسى بار. ئۇيغۇرچىدىكى بۇ ئىككى خىل تەرجىمىنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايقايمىز: مىسالەن، ئالدىنقىسى ئەرەبچە ۋە خەنزۇچىسىغا ھەتتا جۈملە شەكلى جەھەتتىنمۇ ئوخشايدۇ؛ ناھايىتى ئەينەن تەرجىمە دەيمىز. گەپتىكى ئىلاھ پۇراق كۈچلۈك، بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە سۈيۈنىمىز. چۈنكى، ئىلاھىي كىتابنىڭ ئىلاھى پۇرىقىنى چوقۇم كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەن تەرجىمىدىكى مۇھىم پىرىنسىپ. يېڭىسىدا جۈملە شەكلى، مەنا ئىپادىلش ئۇسۇللىرى ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنىپ، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، راۋان قىلىنغان. مىسالەن، سۈرە فاتىھەنىڭ تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا كۇپايە. ئەمما، بەزى نۇقتىلاردا ھەددىدىن زىيادە ئاخبارات تىلى ئىشلىتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىلاھىي پۇراق سۇسراق بولۇپ قالغان. بۇ چوڭ ئىش ئەمەس. ھەر ئىككىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ئىشقىلىپ ئۇنى كىمنىڭ، نېمە مۇددىئا بىلەن ئىشلىگەنلىكىگە قارىمايلى. ھەر ئىككىلا نۇسخىسىنى قەدىرلەيلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:28
  • نىمىشقا محمد صالح دا موللا قاتناشماپتو هه

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:26
  • ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلسۇن رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:15
  • ماڭىمۇ باشقىچىلا بىلىندى.
    باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت بولۇپ قاپتۇ. ھەر خىل پەرەزلەر…
    بۇ يەردە كۆپ تىللىق قۇرئان بار سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
    http://katipim.com/k_qoral_html/katipim_quran_oginish.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:46
  • بۇ تەرجىمە ھەقچان بىلسەم بىلمىسەم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتۈپ چىققاندۇ تايىنلىق(ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ پەرىزىم،پاكىت ئەمەس)
    ئاللاھ ئۇلارنىڭمۇ ئەشۇ «ئەجىر»لىرىگە تېگىشلىك «مۇكاپات»نى ئۆزلىرى ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە نەقلەشتۈرەر ئىلاھىم.
    بۇ يەردە ئۇنىمۇ،بۇنىمۇ دىيىشتۇق،ھەر كىمنىڭ گىپى ھەر خىل،ھەق سۆزنى بىلىپ ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن پىكىر قىلغانلارمۇ،ھەق سۆزنى بىلمىگەنلىكتىن نادانلارچە پىكىر قىلغانلارمۇ،يەنە بىر تۈركۈم ھەقنى بىلسىمۇ قەستەن يۇشۇرۇپ
    سۆزلەيدىغانلارمۇ بار ئىكەن بۇ يەردە.ئاللاھ ھەر كىمنىڭ نىيەت مەقسىتىگە ئەجرىنى بىرەر،بۇ قېتىملىق تەرجىمىسى مىللىتىمىز ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق تەرجىمىسى ھېسابلىنىدۇ.
    بىرىنچى تەرجىمىسىنى بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن خەلپەت ئىشلىگەن،ھالبۇكى ئۇ تەرجىمە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى دەۋرىمىزگىچە كىلەلمىگەن ئىدى.
    ئىككىنچى تەرجىمىسىنى مەرھۇم شەھىيد سابىت داموللا ھاجىم جاللات شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە يېزىپ چىققان بولسىمۇ ئەمما ئۆزى ياتقان تۈرمە بىلەن بىللە كۆيدۈرۋىتىلگەن ئىدى.
    ئۈچىنچى تەرجىمە مۆھتەرەم ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىدى،ۋە بۇ تەرجىمە خەلقىمىز تەرىپىدىن سۈيۈپ ئۇقۇلغان ئىدى.
    ھالبۇكى بۇ قېتىملىق «قايتا»تەرجىمىسىنى كىم باش بۇلۇپ تەرجىمە قىلدى؟ ئالدىنىقى تەرجىملەرنىڭ ھەممىسىدە باش تەرجىمانلىرى ئېنىق.
    نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى تەرجىمە نەشىردىن چىقار-چىقمايلا بۇنچە غۇلغۇلا قوزغايدۇ؟ بۇنى خەلقىمىزنىڭ ھەقىقەتكە ئۆچلىكى دەپ چۈشىنىمىزمۇ ياكى ھەقىقەت پايخان بولغىلى تۇرغاندا قايتۇرغان ئىنكاسى دەپ بىلىمىزمۇ؟
    سېتىلىشنىڭ تېز بۇلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ.
    كۆپچىلىكنىڭ قۇرئان ھەققىدە ئىلىمسىز ھالدا تۇرۇپ سۆزلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن،بىلمىگىنىنى بىلمىدىم دىگەنلەرگىمۇ ئاللاھ ئۆزى ئەجىر بەرگەي.
    ماختاش مەدھىيلەش ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇركى،ئۇ ھەممىنى ياراتقۇچىدۇركى ھەرگىزمۇ ياراتقاننى پەرۋىش قىلىشنىلا بىلىپ يارىتىشقا كۈچى كۈچى يەتمەس مەخلۇق دەرىجىسىدە ئەمەستۇركى ئۇ ھەم ياراتقۇچى ھەم يارىتىپ بولغاندىن كىيىن پەرۋىش قىلغۇچىدۇر.
    ئىلگىركى دەۋرلەردە ئىمام بۇخارى ھەزرەتلىرىمۇ،ئىمام ئەھمەد ھەنبەلى ھەزرەتلىرىمۇ «قۇرئان مەخلۇق» دەيدىغان پىتنىلەرگە
    يۇلۇققان ۋە بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇرپ ھەقىقەت مەيدانىدىن ئازمىغان ئىدى،ۋە مۇشۇ مەيدانىدا قانچىلىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن ئىدى.
    قېرىنداشلىرىمىزغا تەۋسىيەم شۇكى:ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا پەقەت ئاللاھنىڭ ئەجىر بىرىشنى كۆزلەپ ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى ماكانىنىڭ گۈزەل بۇلىشى ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ خالىس ھالدا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى بىلەن،دىنىنى دۇنياغا تىگىشكەنلەرنىڭ،دىندىن نېسىۋە ئالمىغانلارنىڭ دۇنيادا ئىسىل داچا،ئالىي پىكاپ،يۇقۇرى تەمىناتى بۇلىشىنى كۆزلەپ تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى تۇرۇپتۇ(ئەلۋەتتە سۆزلۈرۈمنىڭ يېتەرلىك ئاسالىرى بار)،شۇڭا كۆپچىلىك قېرىنداشلارنىڭ يەنىلا ئەۋۋەلقى تەرجىمە قىلىنغان قۇرئانغا قىسقىسى مەنىسى،لەھزى تاكى قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدىغان قۇرئانى كەرىمنىڭ ئەرەبچىسىگە مەھكەم ئېسىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئاللاھقا ئامانەت.
    ئاللاھتىن ھەر بىرلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئۇتۇقلۇق،يوللۇرىمىزنى توغرا قىلىشىنى تىلەيمەن.
    ئامىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 13:24
  • ھەي…………………………….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:46
  • دوستلارنىڭ تەرجىمە قىلغان ئادەملەرنىڭ تەرجىمھالىنى كۈرۈپ بېقىپ بىر نىمە دىگەيسىلەر .كۆرسەڭلار ئاندىن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنسىلەر .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 16:21
    • توغرا دەيسىز،سۇلا بولسا ئىچكىلى بولمايدۇ،مەنبەسىگىمۇ قاراپ باققۇلۇق،لاي سۇمۇ سۇ،سۈزۈك سۇمۇ سۇ،يۇندىمۇ سۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:38
  • ياخشى بوپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:32
    • قەيېرى ياخشى بولۇپتۇ قېرىندىشىم؟
      ياخشى بوپتۇ دىگەندىكىن ياخشى بولغان يەرلىرىدىن بىر قانچىسىنى كۆرسۈتۈپ بېقىڭە،كۆپچىلىك ئەشۇ ياخشى بولغان يەرلەردىن تەڭ ئورتاقلىشايلى.
      ئۈزۈڭىزنىڭ نېمە ھەققىدە سۆزلەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ سۆزلەڭ.
      ئەينى دەۋردە ئىمام بۇخارى ھەزرەتلىرى ھەدىس توپلىغىلى بۇخارادىن مىسىرغا بېرىپ بىر ساھابىدىن ھەدىس خاتىرلىمەكچى بۇلۇپ ئۇزۇن سەپەرلەرنى بېسىپ بۇخارادىن مىسىرغا بارغان،لېكىن ھېلىقى ساھابىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئۇلىقىنى ئالداپ تۇتماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال بۇ نىيىتىدىن يالتىيىپ ئۇ ساھابىدىن ھەدىس قۇبۇل قىلمىغان،بۇخارا بىلەن مىسىرنىڭ ئارلىقى قانچىلىك يول؟يەنە كىلىپ ئىلگىركى دەۋرلەردىكىدەك ئات-ئۇلاغ بىلەن سەپەر قىلىدىغان دەۋرلەرنى كۆز ئالدىڭىزدا تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە؟
      ئۇ كىشى بىر ھەدىسكىمۇ شۇنچىلىك ئېتىبار بەرگەن،ئاشۇنداق ئىجتىھادلىق كىشىلەر بولغاچقا دىنىمىز مۇشۇنداق دەۋردىمۇ يەنىلا مەزمۇت.
      ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك:بىز قۇرئاندىن،ھەدىستىن خەۋەرسىز تۇرۇپ قارىسىغىلا ياخشى بوپتۇ،بولماپتۇ دىگىلى تۇرساق ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالدىدا خىجىللىقتا قالماسمىزمۇ؟
      قېرىندىشىم سۆزۈمنىڭ خاتاسى بولسا كۆرسۈتۈپ قۇيىشىڭىزنى،توغرا بولسا ئويلۇنۇپ كۈرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
      ھۆۆرمەت بىلەن: ئەنجانىي

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:36
  • «قۇرئان كەرىم » نىڭ يېڭى تەرجىمىسىنى سېۋالماقچى بولغانلار مەن بىلەن ئالاقىلشىڭلار. تېلفۇن:13899941049
    كوت كوت نۇمۇرۇم:1609070829

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:07
  • http://vdisk.weibo.com/file/list?sudaref=ishare.iask.sina.com.cn
    pdfنۇسخسى (مۇھەممەد سالىھ ھاجىم تەرجىمە قىلغان)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:35
باھا بېتى: 1 5 6 7