«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تاغدىن-باغدىن ]

«قۇرئان كەرىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ، رەسمىي ئېلان قىلىندى. «قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى)نى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «قۇرئان كەرىم» (قايتا تەرجىمىسى)گە نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، 8 فورمات (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى چوڭلۇقىدا) 1000 يۈەن، 16 فورمات (ژۇرنال چوڭلۇقىدا) 380 يۈەن، 32 فورمات، 64 فورمات بولۇپ، باسما سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلاپتۇ.

بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۇنجى قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى، ئۇستازنىڭ ئەجرى، ساۋابى زىيادە بولغاي.

بۇ ئۇچۇرلار پەقەت خەۋەر سۈپىتىدە بېرىلدى، باشقا ئىشلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق، كىتابخانىلارغا بېرىپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=========

ھازىرچە 8 فورمات، 16 فورمات بازارغا سېلىنىپتۇ.


سېتىۋالسىڭىز، ناھايىتى قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاۋۇ ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس، مەن پەقەت 2 نى سېتىۋالدىم.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
195 پارچە باھا يېزىلدى
  • مېنىڭ سۇئالىمغا ھىچكىم جاۋاب بەرمەپتۇ.
    بەقەرە سۇرىسىنىڭ 2-بىتىدىن باشلاپ ئەرەپچىسى بىلەن ئۇيغۇرچىسى قانداق شەكىلدە بەتكە تىزىلىپتۇ؟ ئىلگىركىسىدە ئەرەپچىسى بەك كىچىك، ئۇيغۇرچىسى بەك چوڭ ئىدى.
    سىتىۋالغانلار بولسا ، رەسىمىنى يوللاپ بەرسەڭلەر

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:07
    • ۋاراقنىڭ پۈتۈن بىر بېتى ئەرەبچە، يەنە بىر پۈتۈن بېتى ئۇيغۇرچە بېسىپتۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:22
  • تىمىغا مۇناسىۋەتسىز

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم مەندە بىر قانچە كۆزنەك 8 نىڭ ئىتىبار نومورلىرى بار ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 15:19
  • ئالىم مۇئەللىم سىزگە ئەجەپ قايىل بولىۋاتىمەن!!!يۇقىردىكى مۇنازىرلەرنى كۈرۈپ سىز نىڭ ئەجەپ كەمتەرلىكىڭىزنى ھېس قىلىۋاتىمەن!!!ئۇلۇغ ئاللاھ سىزدەكلارنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن ،سىز دەكلەرنى زىيادە قىلسۇن!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:44
  • مەنمۇ سىزگە ئوخشاش كۆز قاراشتا،مەسىلىنى تەرجىمىگە قاتناشقان ئادەمنىڭ كۆپلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، كۆپ ئادىم بىر يەرگە كېلىپ ھەممىسى ئۆزىگە بۆلۈنگەن قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ كېيىن تەكشۈرسىڭىز تەرجىمە ھامان ھەرخىل چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە داڭلىق تىلشۇناسلارنىڭمۇ ئىسمى يېزىقلىق تۇرىدۇ، بۇ تەرجىمىگە دېگەندەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمىغاندەك تۇرىدۇ.بىر-بىرىدىن ئالدىراش ئادەملەرنىڭ ئىسمى تۇرىدۇ..مەنغۇ لاھىيىلىنىشىنى، ئوڭ تەرەپتىكى ئەرەبچىسىنى ياخشى كۆردۈم، لېكىنزە بەك ئېغىر ئىكەن…ھېلىمۇ ياخشى مىڭ يۈەنلىكىنى سېتىۋالماپتىكەنمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:10
  • يەنە «تاڭ نۇرى» ، «سۈبھى » توغۇرلۇق:
    ئاللاھ تاڭ نۇرىنىڭمۇ، سۈبھىنىڭمۇ، چىڭقى چۈشنىڭمۇ، زاۋالنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر. دەيمىزكى ئاللاھ ھەممىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
    مەنچە «تاڭ نۇرى» بىلەن «سۈبھى » دىگەن سۆزنىڭ مەناسى ئاساسەن ئوخشاش، پەۋقۇلئادە پەرىقلەنمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى سۆز بارىسىدا ئارتۇقچە زورىقۇش ھاجەتسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 01:09
    • سىزنىڭ «تاڭ نۇرى» بىلەن «سۈبھى » دىگەن سۆزنىڭ مەناسى ئاساسەن ئوخشاش دېگەن گېپىڭىزدىن «پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس» دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ، دېمەك پەرق بار دېمەكچى. سىز دېگەندەك بولسا نېمە دەپ بۇ يەردە چىڭقى چۈشنىڭ، زاۋالنىڭ پەرۋىشكارى دېيىلمەيدۇ ياكى ھەممىنىڭ دېيىلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سۈبھىنىڭ (ياكى تاڭ نۇرىنىڭ) دەپ شۇنچە ئالاھىدە بىر ۋاقىتنى تەكىتلەيدۇ؟ بۇ يەردە سىز ۋە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىر بار، بۇنى چوڭ موللاملار جاۋاب بەرسۇن، بۇ ھەقتە ئارتۇق تالاشمايلى بولدى. مەن پەقەت ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن سۈبھى بىلەن تاڭ نۇرىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ھەتتا بىزگە بېرىلگەن ھەربىر دەقىقە ۋاقىت ئۈچۈنمۇ سوئال-سوراق بارلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا قانداق ئىبادەتنىڭ بولىدىغانلىقى، تاڭ ئېتىپ، كۈن ئولتۇرغۇچە يەنە قانداق ئىبادەتنىڭ بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 07:29
    • توغرا، ئاللاھ تاڭ نۇرىنىڭمۇ، سۈبھىنىڭمۇ، چىڭقى چۈشنىڭمۇ، زاۋالنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەمما «فەلەق سۈرىسى» دە سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى دېيىلگەن. شۇڭا مەن دەيمەنكى، بۇ يەردە «تاڭ نۇرى» بىلەن «سۈبھى» دېگەن سۆزلەرنى بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن باغلاپ ئالسا توغرىمىكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى، بۇ سۈرىدە «…سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى…» دەپ كۆرسىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنداق بولغاندا «تاڭ نۇرى» دېگەن سۆزگە قارىغاندا «سۈبھى» دېگەن سۆز تېخىمۇ جايىدا، توغرا قوللىنىلغان بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئىنكاسلارنى كۆرۈپ مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باقاي دېدىم.
    تۇنجى تەرجىمىدە « جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.» دىگەن بولۇپ، پەرۋەدىگار بىلەن ئاللاھ ئوخشاش مەنىلىك سۆزدۇر. شۇڭا «جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا خاستۇر.» دېىسىمۇ يەنىلا ئوخشاش بولغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئاللاھقا دېگىنى ئارتۇقچە.
    ھازىرقى تەرجىمىسىدە بولسا « بارلىق ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ………………. …………. ئاللاھقا خاستۇر.» دىگەن بولۇپ، «پەرۋىشكارى» دىگەن بۇ سۆز ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەن. ئەلۋەتتە تورداشلار ئېيتقاندەك «پەرۋىشكارى» بىلەن «پەرۋەردىگارى» ئوخشاش سۆز ئەمەس. ھازىرقى تەرجىمىدە «پەرۋىشكارى» دىگەن بۇ سۆز قوللىنىلغان جايلاردا ھەرگىزمۇ ياراتقۇچى مەنىسىدە كەلمىگەن، بەلكى ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەن.
    ماڭا «پەرۋىشكارى» دىگەن بۇ سۆزنىڭ سۈپەت ئورنىدا قوللىنىشى تولىمۇ ياقتى. ھەتتا «شەپقەتلىك، مىھرىبان» ، «ناھايىتى شەپقەتلىك، ناھايىتى مىھرىبان» دىگەن سۈپەتلەردىنمۇ بەك ئوبرازلىق بىلىندى. ئۆز نۆۋىتىدە «پەرۋىشكارى» دىگەن بۇ سۆز «مىھرى-مۇھەببەت» دىگەن مەنانىمۇ ئۆز قوينىغا ئالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 00:58
    • گەپنى چۈشەندۈرەلمىگەن ئوخشايمەن. مەن بۇ يەردە بىردەم «پەرۋىشكارى»، بىردەم «پەرۋەردىگارى» دەپ ئېلىشنى دەۋاتىمەن. ھەتتا ئوخشاش بەتتىكى 113-سۈرە ۋە 114-سۈرىدە ئارىلىقى 3-4 قۇر كەلمەيدىغان جايدا، ئەرەبچە «رەب» سۆزى بىردەم پەرۋىشكار، ئاستىدا پەرۋەردىگار دەپ ئېلىنغان دەۋاتىمەن. قانداق ئالسا ئالمامدۇ؟ پىكىرىم يوق. دېمەكچى بولغىنىم ئىزچىللىق يوقكەن دېمەكچى. بۇنى مەن ئاۋۇ ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن كۆرگەنلەرگە دېدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 07:21
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      توغرا، تۇنجى تەرجىمىدە «جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن بولۇپ، «پەرۋەردىگار» بىلەن «ئاللاھ» ئوخشاش مەنىلىك سۆزدۇر. بىراق، «جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېگەننى بىر ئوقۇپلا ئاللاھنىڭ ئالەمنى ۋە جىمى شەيئىلەرنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. قايتا تەرجىمىسىدە «پەرۋىشكارى» دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەن بولسا، تۇنجى تەرجىمىسىدە «پەرۋەردىگارى» دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى بولۇپ كەلگەن. بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش لازىم. يەنە كېلىپ «پەرۋىشكار» سۆزى بىلەن «پەرۋەردىگار» سۆزى مەنە جەھەتتىن تەڭداش ئەمەس، ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر، شۇنداقلا پەرۋىش قىلغۇچىدۇر. ئېنىقىنى ئېيتقاندا «پەرۋەردىگار» سۆزى «پەرۋىشكار» سۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. شۇڭا تۇنجى تەرجىمىدە «جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دەپ ئېلىنىپ، ئاللاھنىڭ ئالەمنىڭ ۋە بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىگىسى ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئېنىق، جانلىق ۋە كۈچەيتىپ تەرجىمە قىلىنغان. قايتا تەرجىمىدە بولسا «بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى، (دۇنيادا ھەممىگە) شەپقەتلىك، (ئاخىرەتتە مۆمىنلەرگە) مېھرىبان، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى __ ئاللاھقا خاستۇر» دەپ ئېلىنىپ، ئاللاھنىڭ «پەرۋەردىگار» يەنى «ياراتقۇچى» ئىكەنلىكىدەك مەنا بېرىلمىگەن؛ پەقەت «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى…» دەپ غۇۋا ئىزاھلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇنجى تەرجىمىدىكى «پەرۋەردىگار» سۆزى توغرا ۋە جايىدا ئېلىنغان دەپ قارايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:36
  • سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشالىقى تەستىقلىسا ئىلگىركىسىدەك تامغا باسىدىغۇ دەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:34
  • ھەر قانداق توغرا خاتانى بىلگۈچى پەقەت بىر ئاللاھ.مىنىڭچە ئىنكاسنى ۋاقتىنچە تاقاش زۆرۈر.بولمىسا ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ بىلوگىنىڭ ھاۋا رايى ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:32
    • ئىنكاسنى نېمە ئۈچۈن تاقىغۇدەك؟ ئەجىبا تۇنجى تەرجىمىسى (يەنى تۇنجى ئەسلى 1- نەشرى) شۇنداق ياخشى چىققان. تا ھازىرغىچە تۇنجى تەرجىمىسىنى ئۇنداقكەن، مۇنداقكەن، ئاۋۇ يېرى خاتاكەن، ماۋۇ يېرى بولماپتۇ … دېگەنلەرنى ئۇچراتمىدىم. بۇ ئاۋام پۇقرانىڭ تۇنجى تەرجىمىسىگە قايىل بولغانلىقىنى ۋە ئۇنى توغرا تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
      شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، قايتا تەرجىمىسى نەشر قىلىنىش بىلەنلا بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر توختىماي چىقىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ مەن دەيمەنكى، نېمە ئۈچۈن قايتا تەرجىمە قىلىندى؟ تۇنجى تەرجىمىسىمۇ شۇنداق ياخشى چىققان تۇرسا، ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق پىكىرى بولمىسا؟ «قۇرئان كەرىم» نى قايتا تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن نېمىشقا ئاۋام خەلقتىن پىكىر ئېلىنمايدۇ؟…
      ئەسلىدە مەبلەغنى تۇنجى نەشرىنى قايتا نەشر قىلدۇرۇشقا ئىشلەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى…
      «قۇرئان كەرىم» نى قايتا نەشر قىلىشتىن بۇرۇن پىكىر ئېلىنمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قايتا تەرجىمە نەشردىن چىققاندىن كېيىن بولسىمۇ پىكىرلىرىمىزنى بايان قىلايلى…توغرىسىنى قوبۇل قىلايلى، خاتاسىغا پىكىرلىرىمىزنى بېرەيلى…«شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ» دېگەن گەپ بار. بىز ئوقۇرمەنلەر پىكىر بەرمىسەك خاتالىقلار تۈزىتىلمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆپرەك پىكىر بەرگەننىڭ خاتاسى ۋە زىيىنى يوق دەپ قارايمەن…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:51
  • بۇ ھەرگىزمۇ win8 نى سىناق قىلىشقا قاتنىشىڭ دىگەن تىما ئەمەس.ياكى خاتالىقلارنى دەپ بىرڭ دىگەن تىما ئەمەس.بۇ قىتىمقى نەشىردە خاتالىق بارلىقىنى سىزەلىگەن كاللىڭىز نىمىشقا كىيىنكى نەشىرلىرىدە تولۇقلىنىپ تۈزۈتۈلۈشىگە ئىشەنمەيسىز.بىز خەق بىر ئىش چىقسىلا ئۇ يەر بولماپتۇ،بۇ يەر بولماپتۇ دىيىشنىلا بىلەمدۇق؟ئىھتىياتچان ۋە ئىغىر بىسىق بولۇڭ… ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق بىر كىشىدە خاتالىق بولىدۇ.ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:30
    • شۇنداق، بۇ ھەرگىزمۇ win8 نى سىناق قىلىشقا قاتنىشىڭ دىگەن تىما ئەمەس. لېكىن مەنمۇ كېيىنكى قېتىم تولۇقلىنىپ، تۈزىتىلىپ كېتىشىگە ئىشەنمەيمەن دېمىدىم، بۇ گېپىڭىزدىن قارىغاندا، ئۈستىدىكى ئويلىغانلىرىمدا ئانچە خاتالىق يوق ئوخشايدۇ دەپ كۆڭلۈم ئازىراق بولسىمۇ ئەمىن تاپتى، سىزمۇ بۇ سۆزلىرىڭىز ئارقىلىق ئېتىراپ قىلغاندەك تۇرىسىز، رەھمەت سىزگە.

      مەن پەقەت ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقتىم، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك دېمىدىم، خاتالىق بولسا كۆرسىتىپ بېرىڭلار دېدىم. سىزمۇ پاكىت بىلەن سۆزلەڭ.

      سىزگە نېمە بولدى؟ مەن «بىز خەق….» دەپ گەپ باشلايدىغانلارغا بەك ئۆچ كىشىلەرنىڭ بىرسىمەن. لېكىن مەن بىر ئادەمدە خاتالىق كۆرۈلسە، خاتالىقىم ھەققىدە ئېنىق تەلىم بەرگەيسىز، ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە ئارتىپ، گەپ ئويناتماڭ. بۇ ياخشى پىكىر قىلىش ئەمەس. ئاللاھنىڭ يەنە ئىنسانلارغا دائىم پىكىر يۈرگۈزۈشنى دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى نېمە ئۈچۈن دېمەيسىز؟

      مېنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىن «تىل ۋە تەرجىمە»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» دېگەندەك ژۇرناللاردىمۇ ئىككى تەرجىمە ئارىسىدىكى مۇنداق مۇلاھىزىلەر داۋاملىق بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا ئەرەب تىلى تەرجىمە نۇقتىسىدىنمۇ پىكىرلەر بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى تەرجىمىدە پەرق بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن بۇنداق ئىلمىي مۇلاھىزىلەرنىڭ بولۇشى «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا پايدىلىق بولىدۇ، ھەرگىز زىيىنى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق چوڭ ئىشلاردا يەنىلا ھېكمەت بار.
      باشقىلارمۇ ئويلىغانلىرىنى دەپتۇ، بۇ يەردىكى 33-قەۋەتتىكى ئىنكاسقىمۇ قاراڭ،

      ==============
      ئۈستىدىكى بىر تورداش يەنە «سەئۇدى ئەرەبىستانى»دىن تەستىقلانغان دەپ پەرەز قىلىپتۇ، بۇنى مەن ھەرگىزمۇ پاكىت دەپ قارىمايمەن، چۈنكى مەن بۇ «قۇرئان كەرىم»(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)دىن ياكى پادىشاھ فاھىد «قۇرئان كەرىم» باسما زاۋۇتى تور بېكىتىدىن ئۇنداق بايانلارنى ئۇچراتمىدىم. بەلكىم تەكشۈرتۈش ئۈچۈن شۇ يەرگە ئەمدى يوللانغان بولۇشى مۇمكىن. خالىغانچە پەرەز قىلمايلى، گۇۋاھلىق بەرمەيلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:26
    • islamboyi ئەپەندىم، شۇنى بىلىڭكى «قۇرئان كەرىم» نى قايتا تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋامدىن پىكىر ئېلىش ۋە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى ئاۋامنىڭ پىكىرى بويىچە ئېلىش كېرەك ئىدى…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:37
    • خاتالىقلارغا پىكىر بەرمىسەك ئۆزلىكىدىن تۈزۈلۈپ كەتمەس…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:15
  • بىز بۇ يەردە بىر مۇنچە مۇنازىرىلەرنى قىلغان بىلەن ….. …….. بىزنىڭ ئادەملەر چاققانكەن. باشقا ئىشتا ئۇيان بۇيان قاراپ ئاندىن يانچۇق كولىغان بىلەن قۇرئان كەرىمنى سېتىۋالىدىغان چاغدا ئۇياق بۇياققا قارىمايدىكەن.
    بۈگۈن ناھىيمىزدىكى كىتابخانىغا بارسام تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىنگىچە 380يۈەنلىك 400 دانە يېڭى نەشىردىن چىققان قۇرئان كەرىمنى سېتىپ بوپتۇ، بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بىزنىڭ ناھىيگە يەنە 400 تەقسىم بوپتىكەن ئەكەلگىلى قەشقەرگە كەتتى دەيدۇ. 1000 يۈەنلىك قۇرئان كەرىمدىن بىر تال تۇرىدىكەن كۆرۈپ باقاي ئەمدى دەپ تۇرىشىمغا ئۇنىمۇ بىر ئاداش 1000 سوم پۇلنى ساناپلا كۆز ئالدىمدىن ئېلىپ كەتتى……….. گەپ مۇشۇنداق ………. شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى ئىككىلىنىپ تۇرغانلار ۋاقتىدا بىرەرنى ئېلىۋىلىڭلار …….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:12
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئەزىز قېرىنداشلار! «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى تەرجىمىسىنىڭ نەشىر قىلىنشى بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى.ئەپسۇس مەن ئەلكۇيى،مىسرانىم قاتارلىق كوپلىگەن تور بەتلەردىكى ئىنكاسلارنى كۇرۇپ ،كوپ سانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «قۇرئان كەرىم »نىڭ بې قېتىمقى تەرجىمىسىگە گۇمانى كۇزقاراشلاردا بۇلىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم ،ئەلۋەتتە بۇنى چۇشىنشىكە بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،تورغا يوللانغان سۇرە فاتىھە،سۇرە بەقەرەنىڭ ئىككى بېتى،ۋە ئاخىرقى ئۈچ سۇرنىڭ تەرجىمىسىنى يۇرتۇمدىكى ،قېرىنداشلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە قۇرئان بىلىمى مۇكەممەل،ئەرەپچە سەۋىيىسى،شۇنداقلا ،تارىخ،مەدەنىيەت،فىقھى بىلمىلرى مول،ئەڭ مۇھىمى تەقۋادار،جامائەت ،بۇلۇپمۇ بىزدەك ياش جامائەت تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۆلىما ئۇستازنىڭ قېشغا بېرىپ ئاتايىن پىكىرلەشتىم.ئۇلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئالما تېلىفۇنى ئارقىلىق كۇرۇپتۇ،شۇنداقلا ئۇلارغا تورلاردىكى ئىنكاسلارنىمۇ خۋەرلەندۇردۇم .بۇ ئىككى دىيانەتلىك ئۇستازنىڭ پىكىرى:
    1.مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ «قۇرئان » تەرجىمىسى ھەقىقەتەن،پاساھەتلىك چۇشىنىشلىك چىققان،تۇنجى تەرجىمە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.ئاللاھ بۇ ئالىمىنڭ ئەجرىنى بەرگەي.
    2.بىز تېخى يېڭى «قۇرئان كەرىم » تەرجىمىسىنى تېخى تۇلۇق كۇرمىدۇق.بۇ ھەقتە بىرنەرسە دىيىشكە تېخى بالدۇر .بىراق ،بىز توردىن كورگەن بىرقانچە تەرجىمدىن قارىغاندا،ئاللاھ خالىسا،بۇ قېتىمقى تەرجىمنىڭمۇ،ياخشى چىقىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمىز.بىز كۇرگەن تەرجىمە پارچىلىرغا قارىغاندا،بۇ تەرجىمىلەرمۇ ئەسلىگە سادىق پاساھەتلىك چىققان..رەبىىل ئالەمىيىن كەلىمىسىنىڭ،ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دىيىلمەستىن،ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى دەپ ئېلىنىشى توغرا بولغان،ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق مەنە بىرىلسە تامامەن بولىدۇ،بۇنىڭ تورداشلار ئويلىغاندەك ھېچقانداق بىر بىر گۇمانلىق يىرى يوق،مەنە جەھەتتىنمۇ توغرا بولغان،جۇملە جەھەتتىنمۇ –2-4-ئايەتلەر بىرلەشتۇرۇلۇپ-ئاللاھقا خاسلاشتۇرۇلغان.
    2.بىز ئىشەنچىلىك ئۆلىمالار ۋە ئۇستازلىرىمىزدىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا،بۇ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنىڭ ۋە ئەسلىي تىكىستى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەكشۇرۇلۇپ ۋە بېسىلىپ،تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن،ئاندىن دىيارىمىزدا كوپەيتىلىپ بېسىلغان..شۇنىڭ ئۇچۇن توردىكى قېرىنداشلار ئارتۇقچە گۇمان،غەيرىپىكىرلەردىن ساقىلنىشى زۇرۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:37
    • بۇ ئىنكاسىمنى مۇشۇ يەردە تۇرسۇن دېسەڭلار، باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭلار، مەن مۇشۇ يەردە پىكىرلىشىشنى خالايمەن، رەھمەت!
      =================
      مەن ئەسلىدە بۇ تېمىدا ئارتۇق گەپ قىلماي دېگەن ئىدىم، لېكىن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باققۇم كەلدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەت. مەيلى مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم بولسۇن ياكى بۇ قېتىم يېڭىدىن تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ئەجرى ساۋابىنى ئاللاھ ئۆزى بېرىدۇ. مەنمۇ تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقتىم، مەن پەقەت Windows دىكى تەرجىمە نەزەرىيەسى (ياكى قائىدىسى) بويىچە سۆزلەپ باقاي، مەن Microsoft نىڭ بۇ قائىدىسىنى توغرا دەپ قارىدىم، خاتا جايلىرى بولسا، پىكىر بەرسەڭلار، بۇنى ۋاقتىدا مىكروسوفتقا يەتكۈزۈپ قويساق بولىدۇ.

      بىرىنچى باسقۇچ: ئەڭ ئالدى بىلەن تەرجىمە ئۇسلۇبى (ياكى قائىدىسى) تۈزۈلىدۇ، بۇ شۇ شىركەتنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئاساسلىنىدىغان بىردىنبىر قانۇن، بۇنىڭدا ئاتالغۇ ۋە جۈملەر شەكىللىرىنى قانداق تەرجىمە قىلىش، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى بىلەن ئىنگلىز تىل گىرامماتىكىسى روشەن سېلىشتۇرۇلغان….قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلار ۋە قائىدىلەر ئېنىق سۆزلەنگەن بولۇپ، تەرجىمانلارنىڭ مۇشۇ قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ.
      ئىككىنچى باسقۇچ: ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ياكى ھالقىلىق ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنىدۇ، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئىلگىرى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلىرىنى خالىغانچە كۆرۈشكە، پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇلار كەڭ ئاۋامدىن پىكىر ئېلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
      ئۈچىنچى باسقۇچ: تەرجىمانلار جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىشقا باشلايدۇ، لېكىن ئۇلار ھەر ۋاقىت بىرىنچى باسقۇچ ۋە ئىككىنچى باسقۇچقا قاتتىق ئەمەل قىلىنىدۇ.
      تۆتىنچى باسقۇچ: تەرجىمە قىلىنغان سۆز، جۈملىلەر ئالدى بىلەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قائىدە بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ. ئاساسلىقى ئاتالغۇلارنىڭ بىردەكسىزلىكى، ئوخشاش جۈملە شەكىللىرىنىڭ بىردەكسىزلىكى، تىنىش-بەلگىلەر،…. بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەرجىمە بىردەكسىزلىكى، ئىزچىل بولماسلىقى بەك ئېغىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا ھەرگىز رۇخسەت قىلىنمايدۇ، تەرجىمە سۈپىتى كومپيۇتېر ياردىمىدە تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچى ئارقىلىق باشقا كىشىلەر(دىققەت: ئەسلىي تەرجىمان بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان باشقا گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر) تەرىپىدىن يوشۇرۇن تەكشۈرۈلىدۇ، پاكىت بىلەن كۆرسىتىلگەن، ھەممە قايىل بولغان خاتالىق بولسا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئاخىرىدا نومۇر قويۇلىدۇ، تۇنجى تەرجىمە 85 نومۇردىن، شۇ مەھسۇلاتنىڭ 2-تەرجىمىسى بولسا 90 تىن يۇقىرى بولغاندا، ئاندىن رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
      =============================
      ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بۇ قېتىمقى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قايتا تەرجىمە ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 2-قېتىملىق تەرجىمە ھېسابلىنىدۇ. تورداشلار ياخشى تەرەپلىرىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپتۇ، مەنمۇ ئەلۋەتتە شۇ قاراشتا، بۇنى تەكرارلاپ يۈرمەي. ئەمما، مەن يۇقىرىقى تەرجىمە پىرىنسىپ بويىچە سۆزلىسەم، شۇ كۈنىلا مۇنداق ئىشنى بايقىدىم، خاتالىق بولسا كەچۈرۈڭلار ياكى تۈزىتىش پىكىرى بېرىڭلار. مەن پەقەت بۇ قېتىم تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى بىرنەچچە سۈرە ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ھېس قىلغانلىرىمنى دەپ باقاي، ھېس قىلغانلىرىم بەلكىم يۈزەكى بولۇشى مۇمكىن.

      ئوخشاش بىر ئاتالغۇ نەچچە خىل ئېلىنغان، مەسىلەن: بىردەم «پەرۋىشكارى» دەپ ئېلىنغان بولسا، نۇرغۇن جايلاردا «پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى 113-سۈرە «فەلەق» بىلەن 114-سۈرە «ناس» تا، ئەرەبچە «رەب» دېگەن ئاتالغۇ ئۈستىدە بىردەم پەرۋىشكارى، ئاستىدا بىردەم پەرۋەردىگارى دەپ ئېلىنغان. ئاتالغۇلاردىكى بۇنداق تەرجىمە بىردەكسىزلىكى مۇشۇ 1-سۈرە، 113-سۈرە، 114-سۈرە ئىچىدىلا (ئۇلار تېخى بىر بەت ئىچىدىكى سۈرىلەر) نەچچە قېتىم كۆرۈلگەن. ئەمما «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىدە (Lord)، خەنزۇچە تەرجىمىسىدە (主) ۋە باشقا تەرجىمىلىرىدە يۇقىرىقى 3 سۈرىدە «رەب» دېگەن سۆز ئىزچىللىقنى ساقلىغان. مەيلى «پەرۋىشكارى» بولسۇن ياكى «پەرۋەردىگارى» بولسۇن، بىر خىل ئېلىنغان بولسا ياخشى بولامدىكىن دېمەكچىمەن. بەلكىم ئويلىغانلىرىم خاتادۇر. ئاتالغۇ بىردەكسىزلىكىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرچە جۈملە قۇرۇلمىسى جەھەتتىمۇ بىردەكسىزلىك كۆرۈلگەن. پۈتۈنلەي ئوخشاش جۈملە قۇرۇلمىسى، ئوخشىمىغان شەكىلدە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ بەلكىم تەرجىماننىڭ كۆپ بولۇشىدىن ياكى ئۆز-ئارا ئاساسلىنىدىغان بىرەر ئاتالغۇ ياكى تەرجىمە ئۇسلۇبى جەھەتتە بىرەر ئۆلچەمنىڭ بولمىغانلىقىدىن (بولسىمۇ قاتتىق ئەمەل قىلىنمىغانلىقتىن) بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ئويلىغانلىرىم خاتادۇر،

      ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈبھى (ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىگە قوبۇل قىلىنغان سۆز بولغاچقا ئۇيغۇرچە سۆز) بىلەن تاڭ نۇرى دېگەن سۆزنىڭ مەنا پەرقى بار دەپ بىلىمەن. يەنى سۈبھىنى تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان چاغدا كۆرۈنىدىغان يۇرۇقلۇق دەپ بىلىمەن (ھەرگىزمۇ تاڭ ئاتقاندىكى ياكى تاڭدىكى يۇرۇقلۇق ئەمەس)، بۇ ھەرگىزمۇ تاڭ نۇرى بىلەن تەڭداش بولالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن جايدا ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن. بۇ پەقەت مەن مۇنداقلا تەكشۈرۈپ ئوقۇپ باققان بىرنەچچە سۈرە ئىچىدىن ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈپ ھېس قىلغانلىرىمدۇر، بەلكىم مەنمۇ خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن، خاتالىق بولسا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار قارشى ئالىمەن.

      گەرچە مەن ئەرەبچە بىلمىسەممۇ، لېكىن ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۆزبېكچە،…قاتارلىق تەرجىمىلىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئارقىلىق مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىمنىڭ تەرجىمىسىگە ۋە بۇ ئۇستازغا ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشماقتا. ئاتالغۇلاردىكى بىردەكسىزلىك، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى بىردەكسىزلىكلەرنى بايقىمىغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە تېخى ئۇيغۇرچە قاپىيەگىمۇ توغرا كېلەتتى. «… تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر،…. دۇر، ….. دۇر»، ئەمما بۇ 2-تەرجىمىسىدە «…دۇر، ….دۇركى، …..دۇر» دەپ ئېلىنغان. كومپيۇتېر ئومۇملاشمىغان، ئىنتېرنېت يوق دەۋىرلەردىمۇ مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىممۇ شۇنداق ياخشى تەرجىمە قىلىپتىكەن. ئۇستازنىڭ ئەجرى، ساۋابى زىيادە بولغاي!
      =============

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:36
    • تۇرسۇن ئەپەندىم سىزدىن بىر مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى سورايمەن:
      يەنى، سىز يۇقىرىدا «قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنىڭ ۋە ئەسلىي تىكىستى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەكشۇرۇلۇپ ۋە بېسىلىپ،تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن،ئاندىن دىيارىمىزدا كوپەيتىلىپ بېسىلغان…» دەپسىز. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن ئەرەبچىسى تەكشۈرۈلۈپتىمۇ ياكى ئەرەبچىسىلا تەكشۈرۈلۈپتىمۇ (ئەلۋەتتە، ئەرەبچىسىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەستۇر)؟ ئەگەر ئۇيغۇرچىسىمۇ تەكشۈرۈلگەن بولسا بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمىدە بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىلىپتۇمۇ؟ …
      ئېغىر كۆرمەي مۇشۇلارغا بىر چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىڭىز؛ چۈنكى سىز بايان قىلغان بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر توغرۇلۇق بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرى يوقكەن…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:32
  • مۇنازىرە خېلىلا قىززىپتۇ .بۇ ئىشتىن خۇشال بولغانلار،خاپا بولغانلار ۋە تەمتىرەپ قالغانلار خېلىلا كۆپكەن. مېنىڭچە ھەر ئىككى خىل تەرجىمىدە مەيلى ئىملادىكى،مەيلى مەنادىكى،مەيلى بەت شەكلىدىكى،مەيلى سېتىلىش باھاسىدىكى،مەيلى كىمنىڭ تەرجىمە قىلغانلىقىدىكى،مەيلى مۇھەممەت سالىھ ھاجىمنىڭ قاتناشقان قاتناشمىغانلىقى ھەققىدىكى ۋە ياكى بۇندىن كېيىنكى 3-قېتىملىق نەشرى ھەققىدىكى مۇنازىرلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇتۇق شۇكى كىشلەر تەرپىدىن تاشلىلىپ قالغان بۇ مۇقەددەس كالام قانۇنلۇق ئورگان ‹‹شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى››نىڭ نوپۇزى تەرپىدىن تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلنىپتۇ. بىر ئاددى دېھقانمۇ ئاڭلىسا چۈشنەلەيدىغان بۇ قۇرئاننى ساختىلىقتىن ئايرىپ چۈشۈنۈش مەسىلىسى تور بەتكە چىقىپ ئىنكاس يازالايدىغانلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنچىۋالا قىيىن ئىش ئەمەس. باشتىن ئاخىر ئوقۇپ باقسىڭىزلا 1-قېتىملىق نەشردىن چىققان 600 بەتتىن سەل ئاشىدىغان بۇ كىتاپنىڭ تىلى ئاممىباپ ،مەنالىرى ئېنىق ئەقىلگە ئۇيغۇندۇر ،تولۇق يادقا ئالغان ئادەمنىڭ زېھنى ئۆتكۈردۇر ،بىز 2-قېتىملىق نەشرىنى تولۇق كۈرۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايلى . قۇرئان مۆجىزىدۇر ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلار رەسۋا بولىدۇ ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ھەرگىز بىر ئېلاھى دەستۇر بولالمايدۇ.مۇنازىرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرشى يامان ئىش ئەمەس چۈنكى مۇنازىرە جەريانىدا ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئايدىڭلىشىدۇ ،ئاقىللار بىلەن نادانلار ئېنىق ئايرىلىدۇ. ئويلۇنۇپ باقايلى ھەرقانداق زىددىيەتتىن خالى بولغان بۇ قۇرئان 14 ئەسىرلىك تارىخنىڭ كۈچلۈك سىنىقىدىن ئۆتۇپ تاكى ئېلىم پەن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدىمۇ يىگانە ھالدا جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ،تەشۋىشلىنىشكە ئورۇن بارمۇ؟ ھەيران بولۇڭكى پاساھەت بالاغەتتە تەڭدىشى يوق بۇ مۆجىزە قۇرئان ھەقىقەت ئزدىگۈچىلەرنىڭ دىللىرىدىكى نادانلىق ۋە دەرتكە خۇددى باھار يامغۇرىدەك خۇشاللىقتۇر ، بۇ پانى دۇنيانىڭ ئازغىنا ھوزۇر ھالاۋەتلىرى (مەسىلەن :ھاراق، خىروئېن زىناخورلۇق،مەنسەپپەرەسلىك،پارخورلۇق دېگەندەك)نى كۆزلەپ كەيپ ساپاغا بېرىلگەن ‹‹دۆلەتمەن››لەر ئۈچۈن ئازغۇنلۇقتۇر .دۆلەت مىللەت ، ئېرىق، ئېقتىسادى جەھەتتىكى پەرىقلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسانلار نى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىشتا بولسا قۇرئان ،ئېنتىرناتسىۇنالىزىم ناخشىسىدىنمۇ بەكرەك قايىل قىلارلىقتۇر دىلغا ھوزۇردۇر ئۇ ھەتتا جىنلار شەيتانلاردىن بولغان بىزگە كۆرۈنمەس ئالەمدە ياشايدىغانلارغىمۇ مەخپى ئەمەستۇر تاكى قىيامەتكىچە يېڭىلمەستۇر. ئەمدى قۇرئان بىلەن تونۇشماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟. دېققەت قىلىڭكى بەزىلەر قۇرئاننى تولۇق بېلىدۇ لېكىن مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ كاپىرلارنى بولسا دوست تۇتىدۇ مۇنداق ئادەنمى بايقاپ قالسىڭىز ئاقىلانە ئامال شۇكى ئۇنداقلارغا قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇڭ ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇڭ لېكىن ئۇنىڭدىن ھەرگىز قاچماڭ ئۇ ئەمىليەتتە سىزدىن قورقىدۇ.7 ئاسماننى ۋە 7 زىمىننى 6 كۈندە يارتىپ چارچاپ قالمىغان مېھرىبان غەمگۈزارىمىز ئى ئاللا سەن پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، زېھنى قۇۋۋىتىنى ،ئېقتىسادىنى،خەتەرگە تەۋەككۈل قىغان شېرىن جانلىرىنى سېنىڭ يولۇڭغا ئاتىغان،بۇنىڭ بەدىلىگە پەقەت رازىلىقىڭدىن باشقىنى سورمىغان چىداملىق بەندىلىرىڭنى دوزاق ئازاۋىدىن ساقلىغىن . يامان يولدىن يېنپ تەۋبە قىلغان ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا مەغفىرەت قىلغىن گۇناھلىرىمىز سەۋەپلىك ئارىمىزدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن،ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن يوشۇردىغانلارنىڭ يامانلىقىغا تاقابىل تۇرغىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 01:03
  • ئاۋۇ رەسىملەردىن بىر ئىشنى بىلمىدىم. بەقەرە سۇرىسىنىڭ 2-بىتىدىن باشلاپ ئەرەپچىسى بىلەن ئۇيغۇرچىسى قانداق شەكىلدە بەتكە تىزىلىپتۇ؟ ئىلگىركىسىدە ئەرەپچىسى بەك كىچىك، ئۇيغۇرچىسى بەك چوڭ ئىدى.
    سىتىۋالغانلار بولسا ماڭا رەسىمىنى يوللاپ بەرسەڭلەر بوپتىكەن .
    kowruk@126.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:34
  • «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇھەممەت سالىھ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 26 يىل ئىلگىرى 1986 – يىلى بىجىڭدا بىرلا قېتىم بېسىلىپ قايتا بېسىلمىغان. سەۋەبى ******

    بۇ قېتىمقى تەرجىمە قۇرئاننى جوڭگۇ ئىسلام جەمىيىتى باشچىلىقىدا **** تەرجىمانلار ناھايىتى ئەتراپلىق تاللانغان.

    1. تەرجىمان ھاجى غۇجا ئابدۇللا ئوسمان ******
    2. تەرجىمان ئابدىقادىر مەخسۇم**************
    3. تەرجىمان مۇھتەرەم ھاجى *************
    4 . تەرجىمان ئابلىمىت داموللا. **************
    5 . تەرجىمان شەمسىدىن ھاجى *****************.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:41
    • كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بۇ يەردە (بولۇپمۇ مېنىڭ بىلوگىمدا) تىلغا ئالماڭلار. باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈۋالسىمۇ بولىدۇ. رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 07:35
  • بۇ تەرجىمىگە داڭلىق ئالىملار قاتنىشىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:30