ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى

 

بۇ يۇمشاق دېتال دىيارىمىزدىكى ئوتتۇرا-كىچىك ئاشخانا، تېز تاماقخانا، ئارامگاھ ۋە رېستورانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن، كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، تېلېفون، ئۈندىدار ۋە تور بېكەت قاتارلىق كۆپ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن كارخانا دەرىجىلىك كەسپىي دېتال بولۇپ، بىرنەچچە ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

بۇ يۇمشاق دېتال ئۈستەليۈزى، سەزمە ئېكران، تېلېفون، تور بېكەت ۋە ئۈندىدار نۇسخىسى قاتارلىق 5 چوڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تور (ياكى ئۈندىداردا) ئۈستەل ۋە تاماق زاكاز قىلىش، (تاختا كومپيۇتېرلاردا) تاماق تىزىملىكى كۆرسىتىش ۋە تاللاش، (تېلېفونغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردە) بۇيرۇتۇلغان تاماقلارنى خاتىرىلەش ، پۇل ئېلىش، ئۈستەل ئالماشتۇرۇش، خادىم ۋە ئۈسكۈنە باشقۇرۇش، ئىستاتىستىكا، (ئايرىمخانا ياكى قەۋەتلەردىكى سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېردا) مۇلازىمەتچىلەرنى چاقىرىش، تاماق سۈيلەش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەركىزىي يۇمشاق دېتالدا ئاشخانا، ئۈستەل، تاماق، خادىم ۋە تالون قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوشۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ھەربىر تاماقلارغا ئوخشىمىغان ئىزاھلارنى (مەسىلەن: لەغمەن ئۈچۈن قوشۇمچە ئاش بىرگە چىقسۇن، چۆپى ئىسسىق بولسۇن، قىزىلمۇچ سېلىنمىسۇن،…دېگەن ئۇچۇرلارنى) قوشقىلى ۋە بۇ تاماقنى بېسىپ چىقىرىدىغان پىرىنتېرغا باغلاشقا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال ئارايۈزى كۆپ تىللىق، ئېكران كۆرۈنۈشى ئازادە، مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەنمىگەن خادىملارمۇ ئاسانلا ئىشلىتەلەيدۇ.

دىيارىمىزدىكى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت ۋە ھەرجايدا ھەرقانداق مۇددەت ئىچىدىكى خالىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىستاتىستىكا ئەھۋالى ۋە كىرىم-چىقىم ئانالىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

1. كىچىك تىپتىكى ئاشخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (ئاممىباب ئاشخانا نەشرى) ، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر (خېرىدار ئۆزى تەييارلايدۇ)، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە تېلېفون (خېرىدار ئۆزى تەييارلايدۇ)، خالىغان ماركىدىكى ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(3) 2 دانە پىرىنتېر، LAN ئېغىزلىق، 80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(4) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.

باھاسى: 8500 يۈەن، ئېتىبار باھاسى: 6000 يۈەن (قاتتىق، يۇمشاق دېتال ۋە بىر يىللىق مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

ئىزاھات: ناۋادا يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى يېڭىدىن باشلىغان بولسىڭىز، ئىجارە شەكىلدە ئورناتسىڭىزمۇ بولىدۇ يەنى 1 ئۈستەلگە 1 يۈەن ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاشخانىڭىزدا 10 ئۈستەل بولسا، كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 10 يۈەن بولىدۇ، 2 يىل ئىشلىتىشكە توختام ئىمزالاپ، ھەر پەسىلدە ئالدىنئالا 900 يۈەن تاپشۇرسىڭىزلا، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلەيسىز. ناۋادا 6 ئايدىن كېيىن تىجارىتىڭىزگە ئىشەنچىڭىز ئاشقاندا، بىراق سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، ئالدىنئالا تۆلىگەن پۇلنى تۇتۇپ قېلىپ، كەم پۇلىنى بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

2. ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى تېز تاماقخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (قەۋەتلىك ياكى ئايرىمخانىلىق تېز تاماقخانا نەشرى(، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر، DELL ياكى HP ماركىلىق داڭلىق كومپيۇتېر ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېر، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(3) 2 دانە تېلېفون، خالىغان ماركىدىكى ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(4) 3 دانە پىرىنتېر، خېرىدار بۇيرۇتقان تاماق تىزىملىكىنى باسىدىغان پىرىنتېر، ئارقا ئاشخانىدىكى ئاساسىي تاماق (قورۇما ۋە خېمىر تاماقلىرى تەييارلايدىغان ئاشپەزلەر) ۋە كاۋاپچىلار (ياكى ئىچىملىك تەييارلىغۇچىلار ئۈچۈن) تاماق ئۇچۇرى باسىدىغان پىرىنتېرى، LAN ئېغىزلىق  80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(5) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.

باھاسى: سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن يۈز تۇرانە كېلىشىمىز.

3. چوڭ تىپتىكى كۆلەملەشكەن، تارماق دۇكانلارغا ئايرىلغان تاماقخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (قەۋەتلىك ياكى ئايرىمخانىلىق تېز تاماقخانا نەشرى)، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(3) ئۈندىدار نۇسخىسى: خېرىدارلار ئاشخانىڭىزغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە تۇرۇپلا تاماق تىزىملىكىنى كۆرەلەيدۇ، ئايرىمخانا، ئۈستەل ۋە تاماقلارنى زاكاز قىلالايدۇ، ھەتتا ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.
(4) تور بېكەت نۇسخىسى: خېرىدارلار ئاشخانىڭىزغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە تۇرۇپلا تاماق تىزىملىكىنى كۆرەلەيدۇ، ئۈستەل ۋە تاماق زاكاز قىلالايدۇ
ئىزاھات: ئۈندىدار ۋە تور بېكەت نۇسخىسىنى 2014-يىلى 6-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، شىنجاڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

تور بىكەت ئادرېسى: http://www.tumaris.biz/ug-CN/

تۇمارىس ئۈندىدار نومۇرى: tumaris01

قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر، DELL ياكى HP ماركىلىق داڭلىق كومپيۇتېر ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېر، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(3) 2 دانە تېلېفون، خالىغان ماركىدىكى، ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(4) 4 دانە پىرىنتېر، خېرىدار بۇيرۇتقان تاماق تىزىملىكىنى باسىدىغان پىرىنتېر، ئارقا ئاشخانىدىكى ئاساسىي تاماق (قورۇما ۋە خېمىر تاماقلىرى تەييارلايدىغان ئاشپەزلەر) ۋە كاۋاپچىلار (ياكى ئىچىملىك تەييارلىغۇچىلار ئۈچۈن) تاماق ئۇچۇرى باسىدىغان پىرىنتېرى،  LAN ئېغىزلىق، 80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(5) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.

باھاسى: سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن يۈز تۇرانە كېلىشىمىز.

 

قوشۇمچە: ئۈستەليۈزى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئارايۈزى

ash-0

تېلېفون نۇسخىسى

(ئېكرانى 5 دىيوم ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان، سىمسىز تور WiFi قوللايدىغان خالىغان ماركىدىكى تېلېفون)
 
1
باش ئېكرانى
2
ئۈستەل تاللاش
3
تاماق تاللاش
4
تاماق سانى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى تاللاش
5
ھېسابات قىلىش

يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىڭىزدە يەنە قانداق ئېھتىياجىڭىز بار؟ قانداق زامانىۋى ئۇسۇلدا باشقۇرماقچى بولۇۋاتىسىز؟ بىز سىز ئۈچۈن تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار.

ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمى.
2014-يىل 17-دېكابىر

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
31 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مەن ھازىرغا قەدەر ERPباشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.ياكى بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياج ئايرىم كارخانىلار بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇ؟ مۇمكىن بولسا رايۇنىمىزغا ماس كىلىدىغان مۇشۇ خىلدىكى سېستىمىدىن بىرەرسى تەۋسىيە قىلىنسا بوپتىكەن…رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:32
  • ياخشى بوپتۇ ، رىقابەت كۈچلۈك بولغاندا ئاندىن تەرەققىيات بولىدۇ.ھازىر يەلتاپان ،سەركار دىگەندەك شىركەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىستىمىلىرى بار،مەن توپ تارقىتىش دۇككىنىمغا سەركارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش سىستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ياسىلىپتۇ ،تالۇندىن تارتىپ كۆزنەكلەرگىچە ئوزىمىز لاھىيەلىۋالالايدىكەنمىز.ئابتىموبىل زاپچاسلىرىغىمۇ تەڭشەپ ئىشلىتەلەيسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:46
    • 2013-يىلى ئېچىلغان 3-قېتىملىق ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسىدا ئەمەلىي مەشق ئۈچۈن بالىلار مۇشۇنداق نەرسىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان، مەن بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرگەچ بىر تەرەپتىن لايىھەلەپ، بىرھەپتە ئىچىدە ئاساسىي قۇرۇلمىسى پۈتتى، ئاندىن 2-3 بالىلار بىر گۇرۇپپا بولۇپ تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن كەينىگە يانالمىدۇق، كېيىن بىكار تۇرغاندىن دەپ بالىلارغا ۋەزىپە قىلىپ بەرگەن، قايتا-قايتا تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ قالدى. مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى تاماقلارغا باغلانغان بارلىق پىرىنتېرلارنىڭ خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ، قەغەز تۈگەپتۇ، توكقا چاتماپتۇ،….دېگەندەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:29
  • سالام مۇئەللىم ناھايتى ياخشى بىر دىتالنى بارلىققا كەلتۈرۈپسىز .

    بولسا بالون ، سىلىقلاش مېيى ، ئابتىموبىل زاپچاسلىرى ، بەش خىل مىتال ……… قاتارلىقلارنى توپ تارقاتقۇچىلار ۋە بارچە ساتقۇچىلار ئۈچۈن بىر يۇمشاق دىتال بولغان بولسا . خەنچە دىتاللار ناھايتى كۆپكەن شۇنىڭ تەرجىمىسى ياكى ئەسلى ئۇيغۇرچە ياسالغىنى بولغان بولسا خوتەن قەشقەر ئاقسۇ تەرەپلەر ئۈچۈن . يەنە ئامبار باشقۇرۇش دىتالى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:30
  • يارۇ : ئەپەندىم!

    سىز بۇ ئاشخانا يۇمشاق دېتالدىنمۇ ئىقتىدارلىق دېتاللار بولسا بىزگە تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن. رەخمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:11
  • يارۇ : ئەپەندىم!
    《 ئەپسۇس بۇ دىتالنى ئۇيغۇر سوفت بەك كىيىن ئېلان قىلىپ قالدى،
    بۇدىتالنىڭ ئىقتىداردىنمۇ ياخشى بولغان دىتاللار بازارنى بېسىپ بولدى ،
    شۇنداقتىمۇ مۇبارەك بولسۇن !》
    سىز بۇ ئاشخانا يۇمشاق دېتالدىنمۇ ئىقتىدارلىق دېتاللار بولسا بىزگە تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن. رەخمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:10
  • بەك كاتتا ئىش بوپتۇ ،رەخمەت . بولسا قەشقەر دىن بىز دەك بازار ئاچقۇچى ۋاكالەتچلىككە قويغان بولساڭلار تىخىمۇ ياخشى بولار ئىدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 12:16
  • مۇئەلللىم ماۋۇ يۇمشاق دىتال vb.nert تا تۈزۈلگەنمۇ ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 23:27
    • شۇنداق، ئالدىنقى قاراردا تەربىيەلەنگەن بالىلارغا دەرس قىلىپ سۆزلىگەن ئىدىم، كېيىن بىرنەچچە بالىلار گۇرۇپپا بولۇپ بىرلىكتە ياساپ چىقتى، بازارغا سېلىش ئۈچۈن بىرنەچچە يەردە سىنىدۇق، 1 يىلدەك ۋاقىت كەتتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەخمەتجان، قارىسام سىزمۇ#C نى يېڭى ئۆگىنىۋاتقاندەك قىلىسىز. مەنمۇ بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى، مېنىڭچە سىز سانداننى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلغۇدەك ئۆگىنىپ بولالمىغان بولسىڭىز ئاۋۋال سانداننى ئۆگىنىڭ ئاندىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سانداننى #C ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مىساللىرىنى ئىشلەڭ ۋە بىرەر تۈر سۆزلەنگەن ماتېرياللارنى تېپىپ شۇنىڭدىن تۈر ئىشلەپ بېقىڭ. ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە تەيياردۇرمەن. 568262358QQ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:51
  • مېنىڭچە شىنجاڭغا قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ پۇل تۆلەپ سېتۋىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرمىكىن دەيمەن…مەسىلەن: بىز داڭلىق بىر قانچە كىتابنى سىناپ باقساق.
    ھەم ئۇلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق كىتابلىرىنى بىزمۇ تەرجىمە قىلىپ ،ئۆزلەشتۇرسەك دېگەندەك….مېنىڭچە چەتئەل ماللىرىغا قىزىقىش ھەر قانداق بىر دۆلەتتە بار ….ئۇلارغا نىسبەتەن بىز چەتئەل ،بىزگە نىسبەتەن ئۇلار….

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 18:15
  • ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۈم مۇئەللىم !
    مەن سىزدىن بۇ تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئال سورايدىغان بولۇپ قالدىم؟
    كەچۈرەرسىز!
    ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بىۋاستە ئۆزبەكچىگە ئۆرۈشنىڭ توغىرلىق نىسپىتى توغىرسىدا ئىزدىنىپ باققانمۇ سىز ياكى ئويلىنىپ؟
    ئەگەر مۇشۇنداق بىر دېتال بولسا ،ھازىرقى بار بولغان بىر قىسىم كىتابلاردىن مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ بازار ئاچىقىلى بولدىكەن…
    مەسىلەن :تور كىتابخانىسىنى ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئاشۇ دۆلەتلەرگە قارىتىپ دېگەندەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 18:08
  • غەرىبچە تاماقخانىلارغا مايىل ئاچقان ئاشخانىنىڭ تاماق تىزىملىگىنى قوشقىلى بۇلامدۇ؟قارىسام تاماق تىزىملىكىدە ئەنئەنۋى تائاملار ئىسمى تۇرىدۇ. تورسىز مۇھىتتا ئىشلەتسىمۇ نۇرمال يۈرەمدۇ؟كىچىك تىپتىكى ئاشخانىغا ئىشلەتمەكچى ئىدۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:38
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، تاماق ناملىرىنى خالىغانچە قوشۇشقا بولىدۇ، بۇ تىزىملىكنى بۇ دېتالنى ئىشلىتىۋاتقان ئاشخانا ئۆزلىرى قوشۇپتۇ. (ئىنتېرنېت يوق) تورسىز شارائىتتىمۇ ئىشلەيدۇ. ناۋادا يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان بولساڭلار بىراق سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، باھادا ئېتىبار قىلىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:15
باھا بېتى: 1 2