Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات

[ تاغدىن-باغدىن ]

بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى 苏宁 ئېلېكتىرونى زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن Microsoft Surface RT نى سېتىۋالدىم، ئىچىگە Windows 8 RT قاچىلانغان.


Surface Windows RT نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سىغىمى 32GB، باھاسى 3688 يۈەن ئىكەن، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن قوشۇلۇپ 4488 يۈەن بولدى. ماۋۇ يەردە تەپسىلىي باھاسى بار، http://www.suning.com/emall/prd_10052_10051_-7_3315457_.html


ئىچىدىن قوشۇمچە يەنە بىر كىچىك چۈشەندۈرۈش قەغىزى (دەپتىرى دېسەك بولمىغۇدەك)، بىر دانە زەرەتلىگۈچ چىقتى. تىڭشىغۇچنى ئايرىم ئالىدىكەنمىز. قوزغىلىپلا، سىمسىز تورنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆيۈمنىڭ ئەتراپى ھەممىسى سىمسىز تور ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ تورىغا ئۇلىدىم.


Microsoft ھېساباتىم بىلەن تىزىملىتىپ كىردىم، ھەممە يېرى Windows 8 Pro بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، بۇنى تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخى رايىم بارمىدى، قېنى ئاۋۋال كۆرۈپ باقايلى.


بىلوگىمغا ئۇلاپ باقتىم، ھېچقانداق خەت نۇسخىسى يوق ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال، EOT ئىشلىتىلگەن بەتلەرمۇ شۇنداق نورمال، خۇددىي باشقا چوڭ كومپيۇتېردا كۆرگەندەكلا، كۇنۇپكا تاختىسىنى يېنىغا ئاپىرىپ بولغۇچە، جاققىدە قىلىپ ئۆزىگە چاپلايدىكەن، ئەمدى مانا خاتىرە كومپيۇتېرغا ئوخشاپ قالدى.


ئاستىدىكى Windows بەلگىسىنى باسسام، باشلاش ئېكرانىغا يۆتكىلىدىكەن. بۇ كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي Windows 8 Pro بىلەن ئوخشاش، تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخىمۇ رايىم بارمىدى.


كونترول تاختىسىغا كىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوشتۇم. ھەمدە ئەڭ ئۈستىگە يۆتكەپ قويدۇم.


ئۇ يەر، بۇ يەرگە كۆز يۈگۈرتسەم Microsoft Office 2013 مۇ قاچىلانغان ئىكەن.


قۇلۇپ ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش. بۇنى قايتا قوزغاتتىم.


قوزغالغاندا Surface دەپ چىقىدىكەن، بۇيەر ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ-دە. قوزغىلىش سۈرئىتى 8 سېكۇنت ئەمەس ئىكەن، ئەمما 10 نەچچە سېكۇنت ئىچىدە قوزغىلىپ بولىدىكەن. بۇنى ئاستا دېيىشكە بولمايدۇ.


Microsoft ھېساباتىم بويىچە تىزىملىتىپ كىردىم.


باشلاش ئېكرانىدىكى نۇرغۇن ئەپلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.


ھاۋا رايى ئەپىنى قوزغىتىپ، ئۈرۈمچىنى كىرگۈزۈدۈم، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسىدا ھەمزەنىڭ ئورنىغا دىققەت قىلىڭ، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى بەتتە ئۆرۈلمەي تۇرۇپ ھەمزەنى چىقىرىشقا بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بىلوگدا ئېلان قىلىنغان چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرساق بولار دېگەن يازمامنى ئوقۇپ بېقىڭ.


ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايى كۆرۈندى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققاندا، ھاۋا رايىدىكى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.


خەۋەرلەر ئەپىنى قوزغاتسام، بۈگۈن ئېچىلغان 18-قۇرۇلتاينىڭ ئۇچۇرلىرى چىقتى. بىردەم ئۆگىنىش قىلدىم.


يەنە قايتا قوزغاتتىم، نېمە ئۈچۈن قوزغاتتىم ئېسىمدە يوق.


كىنو كۆرۈپ باقاي دەپ، سىن ئەپىنى ئاچتىم، لېكىن بۇ يەر نېمە دېگەن زېرىكىشلىك.


خەرىتە ئەپىنى ئاچتىم، بۇ خەرىتىنى Nokia شىركىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، Microsoft سېتىۋاپتىكەن. ئەمما بۇ يەردە ئانچە-مۇنچە خاتالىقلار بار.


باشلاش ئېكرانىغا قارىسىڭىز، Office 2013 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرى قاچىلىنىپتۇ، بۇ رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا، ھەقسىز يېڭىلاشقا بولىدىكەن. ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق نورمال، Microsoft Uighur غا تەڭشەپ، بىر-ئىككى ئابزاس ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ باقتىم.


باشلاش ئېكرانىدىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر


Microsoft Excel 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ، ئىشلەتسىڭىز كۆنۈپلا قالىسىز. بەزىلەر يەنە 10 يىل بۇرۇنقى Office 2003 نى ئىشلىتىپ يۈرمەكتە.


Microsoft Word 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق يېنىك ئازادە.
==============

دەسلەپكى تەسىراتىم شۇ بولدىكى، گەرچە بۇ Windows RT (ARM قۇرۇلما ئاساسىدا ياسالغان) بولسىمۇ، ئېكران كۆرۈنۈشىدىن Windows 8 Pro بىلەن پەرقىنى تاپالمىدىم، پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، ئاساسىي پەرقى شۇكى، بۇرۇنقى كومپيۇتېرلاردىكى پىروگراممىلار ئىجرا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى،… ئەپلەرنى چوقۇم Microsoft دۇكىنىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدىكەنمىز. ھازىرچە 5000 دەك ئەپلەر بار. بەزىلەر ئاز دېيىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئېلان قىلىنغىلى تېخى بىر-ئىككى ھەپتە بولدى. iPhone, iPad لەرمۇ يېڭى ئېلان قىلىنغاندا ئەپلەر ئاز ئىدى. ئەمما مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە بىرەر شىركەت تېخى Microsoft تەك كۆڭۈل بۆلگىنى يوق. ھېچقانداق قوشۇمچە بىرەر نەرسە قاچىلىمىسىڭىزمۇ، ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال. تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان، ھېلى ئۇ ھەرپ، ھېلى بۇ ھەرپ ئۇلاشمايدىغان ئىش يوق.
خۇلاسە تېخى تاماملانمىدى، بۇ تېخى بىر-ئىككى سائەتلىك دەسلەپكى تەسىراتتۇر، داۋامىنى مۇشۇ يەردە يېزىشىم مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
143 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 4 5 6
  • Microsoft Visual Studio 2012 ئەپ ياساش 0-دەرىس
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىملەر مۇنبىردىكى بارىلىق تورداشلار پەقىر سالىجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام مۇشۇ كۇنلەردە رايۇنمىزدىكى كەڭ كومپىيۇتىر ئىشلەتكۈچى ئاممىنىڭ پرگىراممىغا بولغان تەلىۋى ھەتتا تىلفۇن پورگىراممىسىغىچە كىڭەيگەن بولسىمۇ لىكىن بۇنىڭغا بولغان ئىھتىياجنى قاندۇرۇش يىتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق يىقىندا يەنى 2012~2013 يىلى ئۇيغۇرلا ئۈچۈن ئىلىكتىرون ساھاسىدە زور بىر بۆسۈش خارەكتىرلىق بىر ئىنقىلاپ باشلاندى مۇنۇ ئىنقىلاپ ئاساسلىق يانفۇن كومپىيۇتىر تور جەھەتتىكى 3 تۇركۈمگە بۆلنىدۇ ئۇلارنىڭ ئاساسالىقى كومپىيۇتىر جەتتىكىنى تىلغا ئىلىشقا بولىدۇ مەسلەن مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرنىڭ ھەممىسىدە ئۇۇيغۇرچە نۇرمال قوللايدىغان بولدى بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ كىڭىيىپ ئىلىكتىرون ساھاسىدە ھىچقانداق بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ قىينالمايدۇ .
    مىنىڭ ئويلايدىغىنىم پورگىرامما لاھىيەلەش سۇپىسى Microsoft Visual Studio 2012 ھەممەيلەنگە تونۇش مىنىڭچە مۇشۇ بىلىملەر تورى ئارقىلىق Microsoft Visual Studio 2012 نى 0- دەرىستىن باشلاپ ئىلىپ ماڭساق دەپ ئويلايمەن .. مۇشۇنىڭغا مۇنبىرمىزدىكى پورگىراممىر دوسلارنىڭ پىكىرىنى ئەپ باقماقچى يەنى ۋىندوۋس 8 مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ مىترو بەت يۇزىگە بىلىملەر ئۈچۈن بىر ئەپ ياساپ باقساق ھازىرچە تىخنىكا جەھەتتە قىينىلشىمىز مۇمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئادمىن ۋە مەن بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز دەپ ئويلايمەن
    مەن قىينىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار دەپ ئويلايمەن شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرقۇتتىكى تورداشلارنىڭ ئاز ئازدىن بولسىمۇ بۈلگىنىمىزنى بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزۈپ تۇرساق تاما -تاما كۆل بولا دىگەندەك تىخنىكا جەھەتتە بىر بىرىمىزنى تەربىيلىشىمىز ئۈچن مۇنۇ بۇ كىيۇ-كىيۇ توپىنى قۇردۇق ئەگەر مۇنۇ Microsoft Visual Studio 2012 بۇ ئەپ ياساش سۇپىسىغا قىزىقىدىغان قىرىنداشلار بولسا توپىمىزغا قوشىلشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمىز ئەگەر توپىمىزغا قوشۇلغانلارنىڭ سانى كۆپەيسە يى يى توپى قۇرۇش نىشانىمىز بار قەنى پورگىراممىر دوسلا مەرھەمەت مەن ھازىرغىچە ياسىغان ئەپنىڭ كۆرنمە يۇزىنى يوللاي بۇ ئەپ قۇتيار ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ بىر قىسىم ھەل قىلالمىغان مەسىىلەر مەۋجۇت شۇڭا ئىلان قىلىنمىدى

    281701187 مانا بۇ كىيۇ كىيۇ توپ نومىرى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:15
  • تورداشلار، تاۋباۋ تورىدا dell نىڭ windows8 كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان تاختا كومپىيوتېر باركەن، بۇنىڭدىكى سېستىما ئۈستەل كومپىيوتېردىكى سېستىما بىلەن ئوخشاشمىدۇ؟n2800 دىگەن cpu قانداقراق ئىشلەيدىغاندۇ؟
    戴尔 DELL Latitude ST 双核 9.7寸 WIN7 WIN8 微软系统 平板电脑 دەپ ئىزدىسەڭلار چىقىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:47
باھا بېتى: 1 4 5 6