Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات

[ تاغدىن-باغدىن ]

بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى 苏宁 ئېلېكتىرونى زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن Microsoft Surface RT نى سېتىۋالدىم، ئىچىگە Windows 8 RT قاچىلانغان.


Surface Windows RT نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سىغىمى 32GB، باھاسى 3688 يۈەن ئىكەن، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن قوشۇلۇپ 4488 يۈەن بولدى. ماۋۇ يەردە تەپسىلىي باھاسى بار، http://www.suning.com/emall/prd_10052_10051_-7_3315457_.html


ئىچىدىن قوشۇمچە يەنە بىر كىچىك چۈشەندۈرۈش قەغىزى (دەپتىرى دېسەك بولمىغۇدەك)، بىر دانە زەرەتلىگۈچ چىقتى. تىڭشىغۇچنى ئايرىم ئالىدىكەنمىز. قوزغىلىپلا، سىمسىز تورنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆيۈمنىڭ ئەتراپى ھەممىسى سىمسىز تور ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ تورىغا ئۇلىدىم.


Microsoft ھېساباتىم بىلەن تىزىملىتىپ كىردىم، ھەممە يېرى Windows 8 Pro بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، بۇنى تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخى رايىم بارمىدى، قېنى ئاۋۋال كۆرۈپ باقايلى.


بىلوگىمغا ئۇلاپ باقتىم، ھېچقانداق خەت نۇسخىسى يوق ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال، EOT ئىشلىتىلگەن بەتلەرمۇ شۇنداق نورمال، خۇددىي باشقا چوڭ كومپيۇتېردا كۆرگەندەكلا، كۇنۇپكا تاختىسىنى يېنىغا ئاپىرىپ بولغۇچە، جاققىدە قىلىپ ئۆزىگە چاپلايدىكەن، ئەمدى مانا خاتىرە كومپيۇتېرغا ئوخشاپ قالدى.


ئاستىدىكى Windows بەلگىسىنى باسسام، باشلاش ئېكرانىغا يۆتكىلىدىكەن. بۇ كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي Windows 8 Pro بىلەن ئوخشاش، تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخىمۇ رايىم بارمىدى.


كونترول تاختىسىغا كىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوشتۇم. ھەمدە ئەڭ ئۈستىگە يۆتكەپ قويدۇم.


ئۇ يەر، بۇ يەرگە كۆز يۈگۈرتسەم Microsoft Office 2013 مۇ قاچىلانغان ئىكەن.


قۇلۇپ ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش. بۇنى قايتا قوزغاتتىم.


قوزغالغاندا Surface دەپ چىقىدىكەن، بۇيەر ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ-دە. قوزغىلىش سۈرئىتى 8 سېكۇنت ئەمەس ئىكەن، ئەمما 10 نەچچە سېكۇنت ئىچىدە قوزغىلىپ بولىدىكەن. بۇنى ئاستا دېيىشكە بولمايدۇ.


Microsoft ھېساباتىم بويىچە تىزىملىتىپ كىردىم.


باشلاش ئېكرانىدىكى نۇرغۇن ئەپلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.


ھاۋا رايى ئەپىنى قوزغىتىپ، ئۈرۈمچىنى كىرگۈزۈدۈم، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسىدا ھەمزەنىڭ ئورنىغا دىققەت قىلىڭ، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى بەتتە ئۆرۈلمەي تۇرۇپ ھەمزەنى چىقىرىشقا بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بىلوگدا ئېلان قىلىنغان چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرساق بولار دېگەن يازمامنى ئوقۇپ بېقىڭ.


ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايى كۆرۈندى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققاندا، ھاۋا رايىدىكى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.


خەۋەرلەر ئەپىنى قوزغاتسام، بۈگۈن ئېچىلغان 18-قۇرۇلتاينىڭ ئۇچۇرلىرى چىقتى. بىردەم ئۆگىنىش قىلدىم.


يەنە قايتا قوزغاتتىم، نېمە ئۈچۈن قوزغاتتىم ئېسىمدە يوق.


كىنو كۆرۈپ باقاي دەپ، سىن ئەپىنى ئاچتىم، لېكىن بۇ يەر نېمە دېگەن زېرىكىشلىك.


خەرىتە ئەپىنى ئاچتىم، بۇ خەرىتىنى Nokia شىركىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، Microsoft سېتىۋاپتىكەن. ئەمما بۇ يەردە ئانچە-مۇنچە خاتالىقلار بار.


باشلاش ئېكرانىغا قارىسىڭىز، Office 2013 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرى قاچىلىنىپتۇ، بۇ رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا، ھەقسىز يېڭىلاشقا بولىدىكەن. ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق نورمال، Microsoft Uighur غا تەڭشەپ، بىر-ئىككى ئابزاس ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ باقتىم.


باشلاش ئېكرانىدىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر


Microsoft Excel 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ، ئىشلەتسىڭىز كۆنۈپلا قالىسىز. بەزىلەر يەنە 10 يىل بۇرۇنقى Office 2003 نى ئىشلىتىپ يۈرمەكتە.


Microsoft Word 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق يېنىك ئازادە.
==============

دەسلەپكى تەسىراتىم شۇ بولدىكى، گەرچە بۇ Windows RT (ARM قۇرۇلما ئاساسىدا ياسالغان) بولسىمۇ، ئېكران كۆرۈنۈشىدىن Windows 8 Pro بىلەن پەرقىنى تاپالمىدىم، پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، ئاساسىي پەرقى شۇكى، بۇرۇنقى كومپيۇتېرلاردىكى پىروگراممىلار ئىجرا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى،… ئەپلەرنى چوقۇم Microsoft دۇكىنىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدىكەنمىز. ھازىرچە 5000 دەك ئەپلەر بار. بەزىلەر ئاز دېيىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئېلان قىلىنغىلى تېخى بىر-ئىككى ھەپتە بولدى. iPhone, iPad لەرمۇ يېڭى ئېلان قىلىنغاندا ئەپلەر ئاز ئىدى. ئەمما مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە بىرەر شىركەت تېخى Microsoft تەك كۆڭۈل بۆلگىنى يوق. ھېچقانداق قوشۇمچە بىرەر نەرسە قاچىلىمىسىڭىزمۇ، ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال. تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان، ھېلى ئۇ ھەرپ، ھېلى بۇ ھەرپ ئۇلاشمايدىغان ئىش يوق.
خۇلاسە تېخى تاماملانمىدى، بۇ تېخى بىر-ئىككى سائەتلىك دەسلەپكى تەسىراتتۇر، داۋامىنى مۇشۇ يەردە يېزىشىم مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
143 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان چىقىدىكەن؟ بەكمۇ تەقەززا بوپ كەتتىم بىرنى سېتىۋالاي دىگەن تىل بولىقى چىققاندا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان چىقىدىكەن؟ بەكمۇ تەقەززا بوپ كەتتىم شۇنىڭغا، بىرنى سېتىۋالاي دىگەن مەنمۇ تىل بولىقى چىققاندا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:43
  • ئالىم مۇئەللىمنى تىرىكتۇرمەيلى مىنىڭمۇ جىق سۇئالىم بارئىدى سوراي دىسەم جۇرئەت قىلالمىدىم ئالىم مۇئەللىم راس چارچىغاندەك قىلىدۇ.قايسى بىر توردا ئالىم مۇئەللىم باشچىلغىدا كومپىيوتىر ئاتالغۇللىرى توغرىستا يىغىن ېچىلىپ ئالىم مۇئەللىم بۇ توغرىدا نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەنلىگى سوزلىنىپتۇ راس بۇ ئاسان خىزمەت ئەمەس جۇمۇ ھەي مىللەتنىڭ تىلىدە بۇ يولدا ئۇنسىز خىزمەت قىلىۋاتغان ئوغلانلىرمىزنىڭ ئىشىنى بىرئاللاھ غا تاپشۇرايلى …………………….ھوكىمىتىكاممۇ بۇ ئىشقا ياردەم قىلغانمىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:42
  • ئالىم مۇئەللىم مەن windows 8 نىڭ ئەسلى نەشىرىنى سېتىۋالاي دىگەن بىراق مەن ئۇنى سېتىۋالىدىغان كارتا بىجىرمەپتىكەنمەن سىز ئالاقىلىشىش ئىلخەت ئادىرىسىڭىزنى ماڭا قالدۇرغان بولسىڭىز . مەن ئالاقىدار تولدۇرىدىغان ئۇچۇرلانى سىزگە يوللاپ بەرسەم سىز ماڭا ۋاكالىتەن ئېلىپ بىرەرسىزمۇ .مەن بانكا ھېساۋاتىڭىزغا پۇل سېلىپ بەرسەم
    ئەگەر سزگە ئاۋارىچىلىق بولسا مەن باشقىچە ئامال قىلاي . ئەمما مىنىڭ ئەسلى نەشىرىنى بەك ئىشلەتكۈم بار ئىدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:38
  • ئىشلەتكەن دوستلىرىمنىڭ تورغا بولغان تەلىپى يۇقىرىكەن، بىزنىڭ تور سۈرىتىمىزدە ھەقىقى ئۈنىمىنى بىلگىلى بولمايدىكەن دېگەن گېپىگە ۋە شىركەتتە ئىشلىتىدىغان بەزى يۇمشاق دېتاللارنى قوللىمامدىكىن دەپ يېڭىلىماي تۇرغان، زادى بىر يېڭىلىمىسام بولمىدى. مىكروسوفىتنىڭ بىز ئۈچۈن ئۇيغۇرچە سىستېما چىقىرىپ بەرگىنى ئۈچۈن بولسىمۇ نەچچە يۈز سومنىڭ مەرىدىن كېچەي

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:46
  • مۇئەللىم بۇنىڭغا باشقا كۇنۇپكا تاختىسىنى چاتقىلى بولامدىكەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:33
  • مەن قۇتيار تورىدىكى يۈسۈپجاننىڭ ياردىمىدە Windows 8نى سېتىۋىلىپ قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم ، ماڭا ھەممە جايلىرى شۇنچىلىك ياقتى ، سىسىتىما بەكلام يېقىشلىق بىلىندى ، لىكىن بەزى يۇمىتاللارنى قاچىلىسام تازا نورمال ئەمەس ،مەسىلەن :شۈنلى چۈشۈرگۈچنى قاچىلىسام (مىنىڭ قاچىلىغىنىم thunder)37361) نۇسخىسى )ئۇندىن باشقا IDM_6.12.3.1_XiaZaiBa م س نىڭ چۈشۈرگىچىنىمۇ قاچىلىسام ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلدى يەنى پۇتۇن يەرلىرى ئوقۇغۇلى بولمايدىغان ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر يەنى ھەرىپلەر بىر بىرىگە باغلاشمىغان ھالەتتە كۆرۈندى ،
    سىلەرنىڭچە بۇ نورمالمۇ يا………………

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:41
    • بۇنداق ئۆلچەمسىز نەرسىلەرگە نېمانداق ئامراق؟ ئەگەر خەنزۇچە (ئۆلچەمسىز) دېتاللارنى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز، دۆلەت(رايون)نى جۇڭگو، تىلنى خەنزۇچە قىلىپ تەڭشەڭ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:25
  • ئۇيغۇرچە تىل بولقى قاچان چىقىدىكىن دەپ كۆزىمىز تۆت بولدى ،كۈندە بىر نەچچە قېتىم بىلوگىڭىزغا كىرىپ قويىمەن ،سوۋۇپ يىنىپ چىقىمەن ،ئۈزەمنى ئۇچرۇم بولالمىغان قۇش بالدىسىدەك سىز بولسىڭىز يەمچۈك بىرىدىغان ئانا قۇشتەك ،قانچانمۇ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى دىگەن يەمچۈك كىلە ،ئاغىزىمغا چۈشە دەپ ساقلاۋاتقاندەك ھەم خىجالەتچىلىكتە يۈزۈم قىزىرىپ چىمىلداپ كىتۋاتقاندك ھىس قىلماقتىمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:20
    • شۇڭا بۇنداق ئىشنى ھەرگىز دېمەي قىلغان توغرا ئىكەن، بولمىسا ئىشلەۋاتقانلارغا بەك بېسىم بولىدىكەن. ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلەر دېگەندەك، سىلەر چاي ئىچكەچ، بۇ نەرسە قاچاندا چىقىدۇ دېگەن چېغىڭلاردا، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلار قانداق ئىشلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايسىلەر، شۇنىڭغا قارىغاندا قىلىۋاتقان ئىشنى قەتئىي دېمەسلىك كېرەك ئىكەن، پۈتكەن كېيىن مانا پۈتتى دېمىسە زادى بولمىغۇدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:30
      • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا ! ئۇنداق دىمەڭ ! بۇگۈنىسى بار ئادەم ئەتىسى يۇق! مەسلەن : مەن ئويغۇرچە تىل بۇلىقى چىقىدىغانلىقىنى بىلدىم.مەن ئەمدى ئۈلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق.بالدۇر بىلىشمۇ ياخشى ئىش !

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:19
  • مۇشۇ سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىدا تۇرۇپ كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشىشكە ھەممىمىز تەك مۇيەسسەر بۇلۇپ تۇرۇپتىمىز. مەن قارىسام كومپىيوتېر ساھەسىدە ئىقتىسادى قىممەت يارىتىمەن دەيدىكەنمىز، پىراگگىرامما لاھىيلەش ۋە ئېلان ئىشلەشكە ماھىر بولساق ھەم بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر بولساق ئاندىن نەتىنجە يارىتالايدىكەنمىز. ئويغۇر سوفىت پراگرامما ئىشلەش، قارلۇق شىركىتى ئېلان ئىشلەشكە ماھىر، بۇ بۇنىڭ مىسالى ئەمەسمۇ ! شۇڭا تورداشلار بىز كومپىيوتېر ئۆگەنگەندە چىداملىق، غەيرەتلىك بۇلۇپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ ۋەتەن ۋە خەلىققە ياخشى خىزمەت قىلايلى ! ئويغۇر كومپىيوتېرچىلىقى ھۇشۇر ئىسلام تاغىمىز ۋە ئالىم ئاكىمىز قاتارلىق جاپاكەش يول باشچى ئۇستازلارنىڭ يەنە كۆپلەپ چىقىشغا مۇھتاج ! شەخسىي مەنپەئەتنى خەلق ۋە دۆلەت مەنپەتىگە بويسۇندۇرالايدىغان كەسپى ئەخلاقى كۆچلۈك يول باشچىلارغا مۇھتاج!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:11
    • +1 ئىنكاسىڭىزنى كۈچلەپ قوللايمەن . شۇڭا كۈتۈپخانىدىن پروگراممىرلىققا ئائىت توشاق كىتاپ ئېكىرىپ قويدۇم…ھى ھى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:21
      • ۋاي دوستۇم كىتاپنى سېتىۋىلىپ ،كۆزمىسىڭىز يەنىلا كىتاپنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟(چاق-چاق)

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:36
      • ھاھا… ھەممىسىنى كۆرمىسەممۇ ئانچە مۇنچە بوسىمۇ كۆرىۋاتىمەنغۇ…

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:07
  • ئالىم مۇئەللىمگە سالاملار بولسۇن!!مەن ھازىر Windows 8نى ئىشلىتىش xpئىشلەتكەندەكلا ھېس قىلدىغان بولدۇم.ئويغۇرچە تىل بۇلىقى ئېلان قىلىنسا،سېستىما ئويغۇرچە قوللاش ئىقتىدارى ھازىرقى ئويغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن خەت كىرگۈزۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلامۇ؟ مەن قارىسام ھازىرقى ئويغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ ئۇسۇلى بىلەن بەزى جايلارغا ئويغۇرچە يازغان بىلەن سېستىما مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇرالمايدىكەن. مەسلەن ھاۋارايى تۈرگە ‹ئاقسۇ›دەپ كىرگۈزسەك تاپالمايدىكەن. ئەمما خەنچە كىرگۈزسەك ئاقسۇ ھاۋارايىنى توغرا تاپالايدىكەن. يەنە بىرسى خەرىتە تۈردىكى ‹شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى›دىگەن خەت پىنيىنچە يىزىقلىق ئىكەن . ئەمما باشقا يەرلەرنىڭ نامى ئويغۇرچە ئىكەن. سەۋەبىنى بىلمىدىم.تور دۇكىنىغا مەخسۇس ئويغۇرچە ئەپلەر تۈرىنى قوتقىلى بۇلامدۇ؟ يەنە بىرسى ھازىرقى كۆزنەك سەككىز سېستىمىسى قاچىلاش جەريانى خەنچە بۇلۇپ ئويغۇرچە تىل بۇلىقى ئاندىن قاچىلايدىكەنمىز،كۆزنەك سەككىزنىڭ قاچىلاش جەرياندىن تارتىپ ئۈستەل يۈزى كۈرۈنگىچە ئويغۇرچە كۆزنەك ھالەتتە چىقىدىغان قىلغىلى بۇلامدۇ؟ يا بولمىسا ئايرىم ھەق تۆلەپ مىكروسوفىتقا ياسىتىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ۋە كەڭ خەلىق ئاممسىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:52
  • ھازىر بازارغا سېلىنغىنى قايسى نۇسخىسى ؟بىز قايسى نۇسىخىسىنى سېتىۋالساق ياخشىراق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:00
  • 3g simكارتىنى سېلىپ تورغا چىققىلى بولامدۇ ئالىم مۇئەللىم؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 17:48
  • ئالىم مۇئەللىم ‹ ھازىرقى بىلەن ئوخشاش › دىگىنىڭىز سزنىڭ مۇشۇ تور بىكىتىڭىزدىكى خەت نۇسخىسقا ئوخشاش چىرايلىق دىمەكچىمۇ يا ؟ يىڭى ئالغانMicrosoft Surface RT كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتتەك چىكامدۇ؟ ئۇ يىڭى ساۋادى چىققان ئادەمنىڭ خىتىدەك تۇرامدۇ قانداق؟ ئەگەر ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چىقسا بىر قانچە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بىللە چىقامۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:55
    • خەت نۇسخىسىنى قوشۇش ياكى قوشماسلىق ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېكىتىلگەن، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەن ئەلكاتىپ خەت نۇسخلىرىنى Windows Store غا چىقىرىپ قويىمەن (ھەقسىز)، شۇ يەردىن ئىشلىتىپ تۇرساڭلار بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:38
  • ئالىم مۇئەللىم بىر نەچچە سوئالىم بار ئىدى
    1. visual studio 2012 كۇرسىنى ئېچىش پىلانڭىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ؟
    2. بەزى چ چ توپلىرىدا ‹‹ئېلخەت›› دېگەننى ‹‹تورخەت›› دەپ ئالساقمىكىن دېگەن گەپلەر بولىۋاتىدۇ… سىز قانداق قارايسىز؟
    يەنە كاللامدا سوئاللار بارتى ئېسىمدىن قېچىپ كېتىۋاتىدۇ… كەلگەندە يەنە سورايمەن.ھې ھې ھې

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:46
    • 1. بۇنى چوقۇم ئاچىمەن، سىنىپ تاپالىساملا.
      2. بۇنداق گەپنى ئەمدى دېيىشمەيلى، مەن بەك چارچاپ كەتتىم، مۇشۇ ئاتالغۇ ئىشلىرىدا

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:39
      • ئالىم مۇئەللىم،ھازىر مۇشۇ win 8 توغۇرلۇق گەپلەردىن بەكرەك سىزنىڭ ‹‹سىنىپ ئاچىدىغان بولدۇم،ئورنى ماۋۇ يەردە،ۋاقتى ماۋۇ›› دېگەن گېپىڭىزنى بەكلا تەقەززا بىلەن كۈتىدىغان بوپ كەتتىم ھازىر.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:36
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغاندا ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ شەكلى خېلى ياخشىلىنارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى am 07:45