Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات

[ تاغدىن-باغدىن ]

بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى 苏宁 ئېلېكتىرونى زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن Microsoft Surface RT نى سېتىۋالدىم، ئىچىگە Windows 8 RT قاچىلانغان.


Surface Windows RT نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سىغىمى 32GB، باھاسى 3688 يۈەن ئىكەن، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن قوشۇلۇپ 4488 يۈەن بولدى. ماۋۇ يەردە تەپسىلىي باھاسى بار، http://www.suning.com/emall/prd_10052_10051_-7_3315457_.html


ئىچىدىن قوشۇمچە يەنە بىر كىچىك چۈشەندۈرۈش قەغىزى (دەپتىرى دېسەك بولمىغۇدەك)، بىر دانە زەرەتلىگۈچ چىقتى. تىڭشىغۇچنى ئايرىم ئالىدىكەنمىز. قوزغىلىپلا، سىمسىز تورنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆيۈمنىڭ ئەتراپى ھەممىسى سىمسىز تور ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ تورىغا ئۇلىدىم.


Microsoft ھېساباتىم بىلەن تىزىملىتىپ كىردىم، ھەممە يېرى Windows 8 Pro بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، بۇنى تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخى رايىم بارمىدى، قېنى ئاۋۋال كۆرۈپ باقايلى.


بىلوگىمغا ئۇلاپ باقتىم، ھېچقانداق خەت نۇسخىسى يوق ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال، EOT ئىشلىتىلگەن بەتلەرمۇ شۇنداق نورمال، خۇددىي باشقا چوڭ كومپيۇتېردا كۆرگەندەكلا، كۇنۇپكا تاختىسىنى يېنىغا ئاپىرىپ بولغۇچە، جاققىدە قىلىپ ئۆزىگە چاپلايدىكەن، ئەمدى مانا خاتىرە كومپيۇتېرغا ئوخشاپ قالدى.


ئاستىدىكى Windows بەلگىسىنى باسسام، باشلاش ئېكرانىغا يۆتكىلىدىكەن. بۇ كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي Windows 8 Pro بىلەن ئوخشاش، تاختا ئويۇنچۇق دېيىشكە تېخىمۇ رايىم بارمىدى.


كونترول تاختىسىغا كىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوشتۇم. ھەمدە ئەڭ ئۈستىگە يۆتكەپ قويدۇم.


ئۇ يەر، بۇ يەرگە كۆز يۈگۈرتسەم Microsoft Office 2013 مۇ قاچىلانغان ئىكەن.


قۇلۇپ ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش. بۇنى قايتا قوزغاتتىم.


قوزغالغاندا Surface دەپ چىقىدىكەن، بۇيەر ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ-دە. قوزغىلىش سۈرئىتى 8 سېكۇنت ئەمەس ئىكەن، ئەمما 10 نەچچە سېكۇنت ئىچىدە قوزغىلىپ بولىدىكەن. بۇنى ئاستا دېيىشكە بولمايدۇ.


Microsoft ھېساباتىم بويىچە تىزىملىتىپ كىردىم.


باشلاش ئېكرانىدىكى نۇرغۇن ئەپلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.


ھاۋا رايى ئەپىنى قوزغىتىپ، ئۈرۈمچىنى كىرگۈزۈدۈم، ئاۋۇ كۇنۇپكا تاختىسىدا ھەمزەنىڭ ئورنىغا دىققەت قىلىڭ، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى بەتتە ئۆرۈلمەي تۇرۇپ ھەمزەنى چىقىرىشقا بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بىلوگدا ئېلان قىلىنغان چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرساق بولار دېگەن يازمامنى ئوقۇپ بېقىڭ.


ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايى كۆرۈندى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققاندا، ھاۋا رايىدىكى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.


خەۋەرلەر ئەپىنى قوزغاتسام، بۈگۈن ئېچىلغان 18-قۇرۇلتاينىڭ ئۇچۇرلىرى چىقتى. بىردەم ئۆگىنىش قىلدىم.


يەنە قايتا قوزغاتتىم، نېمە ئۈچۈن قوزغاتتىم ئېسىمدە يوق.


كىنو كۆرۈپ باقاي دەپ، سىن ئەپىنى ئاچتىم، لېكىن بۇ يەر نېمە دېگەن زېرىكىشلىك.


خەرىتە ئەپىنى ئاچتىم، بۇ خەرىتىنى Nokia شىركىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، Microsoft سېتىۋاپتىكەن. ئەمما بۇ يەردە ئانچە-مۇنچە خاتالىقلار بار.


باشلاش ئېكرانىغا قارىسىڭىز، Office 2013 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرى قاچىلىنىپتۇ، بۇ رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا، ھەقسىز يېڭىلاشقا بولىدىكەن. ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق نورمال، Microsoft Uighur غا تەڭشەپ، بىر-ئىككى ئابزاس ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ باقتىم.


باشلاش ئېكرانىدىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر


Microsoft Excel 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ، ئىشلەتسىڭىز كۆنۈپلا قالىسىز. بەزىلەر يەنە 10 يىل بۇرۇنقى Office 2003 نى ئىشلىتىپ يۈرمەكتە.


Microsoft Word 2013 دا يېڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق يېنىك ئازادە.
==============

دەسلەپكى تەسىراتىم شۇ بولدىكى، گەرچە بۇ Windows RT (ARM قۇرۇلما ئاساسىدا ياسالغان) بولسىمۇ، ئېكران كۆرۈنۈشىدىن Windows 8 Pro بىلەن پەرقىنى تاپالمىدىم، پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، ئاساسىي پەرقى شۇكى، بۇرۇنقى كومپيۇتېرلاردىكى پىروگراممىلار ئىجرا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى،… ئەپلەرنى چوقۇم Microsoft دۇكىنىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدىكەنمىز. ھازىرچە 5000 دەك ئەپلەر بار. بەزىلەر ئاز دېيىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئېلان قىلىنغىلى تېخى بىر-ئىككى ھەپتە بولدى. iPhone, iPad لەرمۇ يېڭى ئېلان قىلىنغاندا ئەپلەر ئاز ئىدى. ئەمما مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە بىرەر شىركەت تېخى Microsoft تەك كۆڭۈل بۆلگىنى يوق. ھېچقانداق قوشۇمچە بىرەر نەرسە قاچىلىمىسىڭىزمۇ، ئۇيغۇرچە شۇنداق نورمال. تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان، ھېلى ئۇ ھەرپ، ھېلى بۇ ھەرپ ئۇلاشمايدىغان ئىش يوق.
خۇلاسە تېخى تاماملانمىدى، بۇ تېخى بىر-ئىككى سائەتلىك دەسلەپكى تەسىراتتۇر، داۋامىنى مۇشۇ يەردە يېزىشىم مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
143 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۇنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئاز ئوخشىمامدۇ…
    ئالىمجان مۇئەللىم، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلەتمەي قالسىڭىز ئاقسۇغا ماڭدۇرۋېتەرسىز جۇمۇ…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:27
    • ماڭىدىغان پۇتى بولمىسا قانداق ماڭدۇرىمەن، ئۇنى ئالماي توغرا قىلىپتىكەنسىز، تۇرىدۇ بىر بۇلۇڭدا، بويۇن قىسىپ ھېچ ئەھمىيىتى يوق ئىكەن ئۇنىڭ. ئۇ ھازىرچە بەرىبىر خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى باسالمىغۇدەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:10
      • ئەمىسە تاشلىۋەتمەي تۇرۇڭ…
        ئاقسۇدىن بىرەر يېشىك ئالما ئالغاچ باراي، تېگىشەيلى…

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:57
  • بۇ ئوقەتنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ باھاسى تېزرەك چۈشسە بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:19
  • ۋاي ئىسىت، surface RT نى بۇنىڭغا ئالماشتۇرۇپ بېرەرمۇ بۇلار ئەمدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:43
    • ئالىمجان مۇئەللىم، مىكروسوفىتتىكى تونۇشلىرىڭىز بىلەن كۈرۈشۈپ باقامسىز يا… ھى.ھى.ھى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:43
  • surface pro بولسا ھازىر بازارغا سېلىنىپ بولغان surface RT دىن پەرقلىق بۇلۇپ pro نۇسخىسىدا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈستەل كومپيۇتېر ۋە خاتىرە كومپيۇتېرغا قاچىلايدىغان windows 8 سىستېمىسى قاچىلانغان بۇلۇپ سىزنىڭ ئۈستەل كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما RT بولمايدۇ.

    surface pro نىڭ 64GB لىك نەشرىنىڭ باشلىنىش باھاسى 899 دوللار، 128 GB نىڭ 999 دوللار surface RT نىڭ بولسا 499 دوللار ئىكەن.

    surface pro خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىغا ئىگە بۇلۇپ ئۇندىن باشقا بارلىق windows 8 يۇمشاق دېتاللىرىنى قوللايدىكەن.
    ئىچكى ساقلىغۇچى 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ Intel Core i5 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچى 10.6 دىيۇم ئېكران USB 3.0 سەپلىمىلىك ئىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:42
  • ئالىمكا مەنمۇ بىرنى سىتىۋالاي دىگەن ئىدىم ،قايسى يەردىن سىتىۋالسام ئىشەنچىلىك ؟كۆرسەتمە بەرسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 12:09
    • مىكروسوفىتنىڭ http://www.microsoft.com.cn نى باسسىڭىزلار ئەڭ بېشىدا بۇ نەرسىنىڭ سېتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ. سىز ئاۋال ئەزا بۇلۇپ كىرىپ توردىن پۇل تۆلىسىڭىز، بېيجىڭغا بارمىسىڭىزمۇ ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ….
      مەن دەسلەپ پۇل سېلىپ بۇلۇپ، ئۇچۇرلىرىمنى كۆرەلمەي، پۇل نەگە كەتكەندۇ دەپ ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن.. كېيىن تورغا كىرىپ ئۇلارغا خەت يازسام، ئۇلار بەك ئەستايدىل ئىكەن. تەپسىلى ئۇچۇرلارنى يوللاپتۇ… تېلفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 16:22
  • ئالىمجان مۇئەللىم، سىزنىڭ ماي قەلەمدە خەت يازىدىغان ۋاقتىڭىز جىق بولمىغاندىكىن ئەۋەتسەكمۇ ئالىم مۇئەللىم ئىشلەتمەسمىكىن دەپ ئەۋەتمىگەن ئوخشايدۇ…
    كەلگۈسىدە «ئۇيغۇرسوفت» دېگەن نامدا ماي قەلەم ئىشلەپ قالساق، ئەڭ ئاۋال ئىشلەنگىنىنى سىزگە قالدۇرۇپ قويايلى…
    يەنە بىر گەپ.، مەن بۇنى ئالغان بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى ئالماپتىمەن ئەمەسمۇ، ئەجەپ قىممەتكەن…
    سىز ئۇلار بىلەن تونۇش بولغاندىكىن، باھا تالىشىپ باقامسىز يە….
    بىزنىڭ شىنجاڭدا 20 كويلۇق كۇنۇپكا تاختىلىرى ساماندەك، ئەگەر ئەرزان ساتمىساڭ ئۇ بازاردا ئۇزۇنغا قالماي ساختىسى پەيدا بولىدۇ دەپ …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:28
  • تورداشلار قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ mastercardدىگەن ئىناۋەتلىك كارتىسىغا windows8 نى سىتېۋالغىلى بولامۇ؟ئشلىتىپ باققانلار بامۇ؟ مەن قۇرۇلۇش بانكىسىغا بىرىپ visaئىناۋەتلىك كارتا دەپ ئىلتىماس قىلىپ بىر ئاي ساقلىسام mastercard بولۇپ تەستىقلىنىپتۇ، ئۇ كارتا تىخى قۇلۇمغا كەلمىدى توردىن سۈرۇشتە قىلسام شۇنداق دەيدۇ،،،،،ئاڭلىسام دوللار چىقىم قىلغىلى بولدىكەن،،،،،،،،،ئشلىتىپ باققانلار بولسا يول كۆرسەتساڭلار،،،،،،،،،،ئالغىلى بولمىسا قايتا ئىلتىماس قىلاي دىگەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:14
  • ئۇرۇمچىدە نەدە باركەن، تەپسىلىي ئادرىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىزكەن. مەنمۇ ئالاتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:43
    • مەن پوچتىدىن بېيجىڭدىن ئەكەلدۈردۈم…. سىزمۇ شۇنداق قىلىپ بېقىڭ… ئۇلارنىڭ باش بېتىگە ئەزا بۇلۇپ كىرىپ پۇل تۆلەپ كىرسىڭىز 10 كۈن ئەتراپىدا كىلېىپ بولىدىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:05
      • خۇددى ئامېرىكىغا بېرىپ ئالغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدىكەنسىز… ئۇلارنىڭ سومكىسىنىڭ ئېسىللىقى… يەنە تېخى مىكروسوفت نامى چۈشۈرۈلگەن بىر دانە ماي قەلەم سوۋغىتى باركەن

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:06
    • ئۈرۈمچىدىكى ھەرقانداق 苏宁电器 زەنجىرسىمان تاللا بازىرىغا كىرسىڭىزلا بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:42
  • ئالىم ئەخەت ئەپەندى مەن بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سورايدىغان بولدۇم،7-ئاينىڭ 24-كۇنى ئىپاد3 بىرنى ئالغان ئىدىم بىراق ئۇ ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى تونۇمايدىكەن يا قاتقىلى بولمايدىكەن،(ئىچىمنى پۇشۇرۇپ ،سۇرفاسېنى كورۇپ تېخىمۇ تېرىكتىم)ئامال بولسا ئالما شېركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارمۇ ئۇيغۇرچىنى تونۇيدىغان قىلىپ ياسىسا،مەندەكلەر خوش بولۇپ كېتەتۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:29
    • شۇنداق، ھازىر شۇ ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچىنى تۇنۇمايدىغان پەقەت ئالما شىركىتى قالدى، ماۋۇ Surface تا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن قاچۇرىمەن دەيدىغان ئىش يوق، بىۋاسىتە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىۋەتسە بولىدۇ، خۇددىي Windows دىكى Fonts قا قاچىلاپ قويغاندەكلا ئاددىي

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:26
  • تا بىز ئادەتتە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان كومپيۇتېرلىرىمىزدا قىلغان مەشخۇلاتنىڭ ھەممىسىنى قىلغىلى بولامدىغاندۇ؟Surface

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:54
  • Pro نۇسخىسى قاچان چىقىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:01
  • مىنىڭ كىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال …ئىلگىركى ماتىر يالنى ئۇچىرەي دەپمۇ ئۇچۇرەلمىدىم..ھەي جاۋاپ بىردىغان ئادەم يوق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:43
    • ئەگەر راستىنلا ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۇبۇنتۇ(ubuntu)نى چۈشۈرۈڭ، ئاندىن ئۇنى بارماق دىسكىغا ئويۇپ، كومپىيۇتىرنى بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇڭ، ئاندىن سىناپ ئىشلىتىش دىگەننى تاللاڭ، كومپىۇتىر قوزغىلىپ بولغاندا دىسكىدىن سىز ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئاخىرىدا ئەخلەت ساندۇقىدىن تازىلىۋەتسىڭىز ئىش تامام. دىققەت، بۇ ئۇسۇل خەتەرلىك، ئەگەر ئۆچۈرمەكچى بولغان نەرسىڭىزنى جەزىم قىلالمىسىڭىز ئۆچۈرمەڭ. بەلكىم windows 8نىڭ ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭغا مەن ئىگە بولمايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:57
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان ئاكا، كەلگۈسىدە بازارغا سېلىنىدىغان Windows Pro Surface نىڭ 32G لىقىنىڭ سىغىمى سېستىما قاچىلانغان بوشلۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى سېستىمىدىن باشقا تولق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بوشلۇق 32G مۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:12
    • 16GB نى سىستېما ئېگەللەيدۇ، 120 يۈەن خەجلەپ 32GB كارتىدىن بىرنى ئېلىپ سېلىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇ غەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 19:40
      • مەن قاراپمۇ باقماپتىمەن… ئادەتتىكى سىغىملىق كارتا بولامدىغاندۇ؟ مەنمۇ 32نى ئېلىپتىكەنمەن… ئەپ قاچىلاپ بوشلۇقمۇ ئاز قالدى…
        كارتا سالىدىغان يېرىگە ئەجەپ قاراپ باقماپتىمەن دېسە…. لېكىن 10 چامادان كومپىيوتېردىن بۇ نەرسە ھەقىقەتەن ياخشىكەن…
        ئالىم مۇئەللىم دېگەندەك، پېتىر مىكروسوفىتتىكىلەر بىرەر تال خۇرۇم سومكىمۇ بەرمەپتۇ….
        كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ قىممەتلىكىدە ئۇنى سېتىۋالالماي، ياكى خەتنى تاس تاس ئۇرالماي قالدىم بۇ نەرسىدە….

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:03
  • ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم مەن تۈنۈگۈن ۋىندوۋىس8نى چۈشۈرۈپ ئورناتقان ئىدىم.دەسلەپتە ئانچە كۆنەلمىگەن بۈگۈن ئۇنى بۇنى قىلىپ خېلى كۆنگەندەك .قارىسام C دېسكىدا ئىككى ۋىندوۋىس تۇرىدۇ بىرسى كونىسى ئىكەن ئۆچۈرەي دىسەم 你需要来自system的权限才能对此文件夹进行更改دەپ چىقىۋالدى.قانداق قىلسام كونىسىنى ئۆچۈرۋېتەلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:56
  • مەن بەزى خەنچە ئەپلەرنىڭ خەتلىرى نۇرمال كۇرۇلمەسلىك مەسلىسىنى ھەل قىلىشنى دەرىسلىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان . شۇنچە ئۇزۇن بولدى ، يەنە بىر قېتىم ئادىرسىنى تەمىنلەپ قۇياي
    http://hi.baidu.com/sarang315/item/b5876a2cf3b976856e2cc3d3

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:29