دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

دوكتور دىلشات ھېۋىزۇللا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ تەكلىپى بىلەن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات بىناسىدا كومپيۇتېر كەسپىدىكى ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا كومپيۇتېر ساھەسىدە قىزغىن تېما بولۇۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا قىزغىن جاۋاب بەردى. لېكسىيە تېمىسى «بۇلۇت، توپلاشتۇرۇش، مېدىيا تارقىتىش» ھەققىدە بولۇپ، دوكتور دىلشات ھېۋزۇللا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدە قىلىۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىنى تونۇشتۇردى.

ئالدىنقى ئايدا دوكتۇر دىلشات ھېۋزۇللا تۇغقان يوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بىر ئايلىق دەم ئېلىشقا كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى ئۇستازى ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىمۇ يوقلىدى. 1993-يىلى ماگىستېر ئاسپىرانت دىلشات ھېۋزۇللانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى «ئۇيغۇرچە بىرلىككە كەلگەن مەشغۇلات سىستېمىسى-UDOS»، «ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە كۆپ خىل يېزىقنى ئارىلاش تەھرىرلىگۈچ-DWZ Editor»، «ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش»، «ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش»، «ئۇيغۇرچە چاقىرغۇ» قاتارلىق تەتقىقاتلارنى تاماملىغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى MS-DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئىدى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «دۆلەت ئىچى سىرتىدا يېڭىلىق ياراتقان ۋە خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيە» دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، دۆلەت پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.

1995-يىلى دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشنى تاماملاپ، ئەنگلىيە شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا ئىمتىھانىسىز قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، كومپيۇتېر ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، تەبىئەت پەنلىرى تارىخى موزىيى، قىزىل ھەرە مېدىيا شىركىتى،….قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. كېيىن يەنە پەيدىنپەي يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەردە خىزمەت قىلىپ، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان، پۇختا ئىگەللىگەن ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا قوللىنىپ، نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىق پىروگراممېر، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، يۇمشاق دېتال ئارخىتېكتورى (قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلغۇچى)،…قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى لوندوندا ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرۇپ، ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ مۇھىم تۈرلىرىنى ئېلىپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى چەتئەلدە ئۆگەنگەن بىلىملىرى ۋە تەجرىبىسىنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، يۇرتىغا كېڭەيتىش بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ نىشانى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم بۇلۇت تېخنىكىسى كومپىيوتىر ئابونىت ئىشلەتكۈچىلىرىنى بىر دائىرە ئىچىگە قۇلۇپلاپ قويۇدۇ دىسە قانداق قارايسىز ؟ ئۇچۇر مەخپىيەتچىلىكى جەھەتتەچۇ.يەنەكىلىپ بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئەلۋەتتە مۇلازىمىتىر خاراكتىردە بولىدۇ.ئابونىت خاركتىرنى ئالغان تەتقىقاد جەھەتتە يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر كومپىيوتىر بۇلۇت ئابونىت تېخنىكىسى ھۇجۇتقا چىقارمۇ؟ ياكى نوقۇل مۇلازىمەت خاراكتىردە تەرەققى قىلارمۇ؟ ئۇنداق بولغاندا ئاددىي كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىللىرىگە نىسپەتەن تور ئاساسى ئەسلەھە جەھەتتە تۇسالغۇ باردۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى am 06:07
  • ئالىم مۇئەللىم بولسا مەزمۇندىن بىزلەرنىمۇ خەۋەردار قىلغان بولسىڭىز چەكسىز خۇرسەن بولغان بولاتتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:01
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئۇستازلار ماڭا ھەقلىق بولسىمۇ بىر ياردەم قىلساڭلا،مەن ۋىن8نى بىر ئاي بولدى نۇرمال ئاكتىپلاپ ئشلىتىپ كىلۋاتقان،تۆت كۇن بولدى پەقەتلا ئاكتىپلىيالمىدىم،ھەممە ئامالنى قىپ باقتىم بولمىدى،ئەمدى شۇ مىكروسوفىتقا تىلفۇن قىلپ ئاكتىپلاپ بېردىغانلار بولسا بۇ كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇمنى1085128800 قۇشۇپ ،ئاكتىپلاپ بەرسەڭلا،مەن خەنزۇچىنى پەقەتلا بىلمەيمەن،مىنى قوشقاندا،ئاكتىپلاش دەپ قۇشۇڭلار،ئۇستازلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:12
  • بۇنداق ئېسىل پائالىيەتلەرگە بىزلەرمۇ قاتاناشساق ئۇلاردىن ئۆزنىڭ تەجىربىسىنى ۋە بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى بىلگەن بولار ئىدۇق. لېكىن ھەممىگە چەكلىمە بار، شۇ چەكلىمە قاچانمۇ ……
    ئالىم ئەھەت تور خاتىرسىگە تەشەككۈر!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:56
  • ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم، سىزنى بىر ئاۋارە قىلاي.
    «پىروگراممىر»، «پىروگراممېر» دېگەننىڭ قايسىنىڭ ئىملاسى توغرا؟ ئۇيغۇرسوفت لوغىتى ۋە كوررېكتورلىرىدا بۇ سۆز يوقكەن، شۇڭا بۇ يەردە سورىشىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:29
  • مۇشۇ دىلشاتكام بىلەن ، ھۇشۇر ئىسلام ئاكامغا ئاڭلىسام نۇرغۇنلىغان تۈر مەبلىغى كىلىمىشكەن ، نىمىشقا ئاۋۇ تەجرىبىخاندىكى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار توپا بېسىپ ياتىدۇ ، ھېچبىر ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۈرۈشمەيدۇ .

    تەس بولسىمۇ بىر ئۇيغۇرچە ئاۋازنى ئېيتساق خەتكە ئايلاندۇرۇپ بىرەلەيدىغان پىروگراممىنى بولسىمۇ ئىلان قىلسا تېلىفۇنىمىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسەك ، ئاندىن مەن بۇلارغا قايىل بولىمەن .
    ئالىمكام ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرچە دىتاللارنى ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ ، بىراق بۇلار ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:16
    • 1995-يىلى دىلشات ھېۋىزۇللا ئەنگىلىيەگە كەتكەندىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىسى قالمىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:22
باھا بېتى: 1 2 3