Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى ]بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:00 دە Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
Windows 8.1 گە يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، باشلاش كۇنۇپكىسى قايتىپ كەلدى، يەنە Skype ۋە SkyDrive قوشۇلۇپ، سىستېمىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. Windows 8 نى سېتىۋالغانلار Windows 8.1 گە ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ، يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى نەشىرى 988 يۈەن، كەسپىي نەشىرى 1988 يۈەن. ھازىر Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى %8.02.
يېڭىلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكىلىڭ ياكى Windows دۇكىنىدىن يېڭىلاپ ئىشلىتىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/home
Windows 8.1 دىكى يارقىن نۇقتىلار
ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى
1. ئېلېكتىرونلۇق سۈرەت رامكىسى
2. تېز رەسىم تارتىش\سىنغا ئېلىش
3. خاسلاشقان باشلاش ئېكرانى
4. قوللىنىشچان ئەپلەر تىزىملىكى
5. Windows دۇكىنى ۋە ئەپلەر
6. كۈچەيتىلگەن Bing ئىزدىگۈچ
7. پۈتۈنلەي يېڭى Internet Explorer 11
8. Windows 8.1 نىڭ ئىچكى ئەپلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى كېڭەيتىلگەن
9. SkyDrive
10. تېخىمۇ ئاددىي كومپيۇتېر تەڭشەكلىرى
11. ئۈسكۈنىلەر ئارا قەمداش ئۇلىنىش
12. بۆلۈنمە ئېكران كۆرۈنۈش
13. كۈچەيتىلگەن مائوس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئىقتىدارى
14. ئوخشىمايدىغان «باشلاش» تىزىملىكى
- يازما كۆرۈلۈشى: 41,215 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:45
- ئالدىنقى يازما :Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ
- كېيىنكى يازما :دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى
مەن بايا بىر ياردەم سوراپ ئىنكاس يوللىغانتىم، Office 2013نى Office 2010 دەپ خاتا قىپتىمەن. 2013كەن.