Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:00 دە Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى

Windows 8.1 گە يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، باشلاش كۇنۇپكىسى قايتىپ كەلدى، يەنە Skype ۋە SkyDrive قوشۇلۇپ، سىستېمىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. Windows 8 نى سېتىۋالغانلار Windows 8.1 گە ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ، يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى نەشىرى 988 يۈەن، كەسپىي نەشىرى 1988 يۈەن. ھازىر Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى %8.02.

يېڭىلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكىلىڭ ياكى Windows دۇكىنىدىن يېڭىلاپ ئىشلىتىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/home

Windows 8.1 دىكى يارقىن نۇقتىلار
ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى
1. ئېلېكتىرونلۇق سۈرەت رامكىسى
2. تېز رەسىم تارتىش\سىنغا ئېلىش
3. خاسلاشقان باشلاش ئېكرانى
4. قوللىنىشچان ئەپلەر تىزىملىكى
5. Windows دۇكىنى ۋە ئەپلەر
6. كۈچەيتىلگەن Bing ئىزدىگۈچ
7. پۈتۈنلەي يېڭى Internet Explorer 11
8. Windows 8.1 نىڭ ئىچكى ئەپلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى كېڭەيتىلگەن
9. SkyDrive
10. تېخىمۇ ئاددىي كومپيۇتېر تەڭشەكلىرى
11. ئۈسكۈنىلەر ئارا قەمداش ئۇلىنىش
12. بۆلۈنمە ئېكران كۆرۈنۈش
13. كۈچەيتىلگەن مائوس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئىقتىدارى
14. ئوخشىمايدىغان «باشلاش» تىزىملىكى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
247 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم،
    ئۆتكەندە مەن بىر سوئال سورىغانتىم، بەلكىم جاۋاپ بەرگەن بولغىيدىڭىز، ئەمما قايسى تېمىنىڭ ئاخىرىغا يازغىنىم ئېسىمدە يوق. (قېرىلىق، كەچۈرىسىز)، يەنە سورايدىغان بولدۇم. بۇ تېمىغا بەك مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ. ئوفىس 2010 ۋوردتا بىر چاتاق بارىكەن، ئۇيغۇرچە يازغۈندا ھەرقانداق سۆز ئارىسىدا ئارقىمۇ ئارقا ئىككى ل ھەرىپى ۋەئارقىدىن ئە كەلسىلا ئاپتوماتىك ھالدا للە (ئەرەپچە ئاللاھ دېگەن سۆزنىڭ لىللاھ دېگە قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدىەن. بۇنى قانداق ئوڭشىساق بولۇدۇ؟ مېنىڭ پۈتۈنسۈرۈك كىتاپلرىم بۇزۇلۇپلا كەتتى، خاپا بولماي بۇ چاتاقنى ئوڭشاشقا بىر ياردەم قىلىۋەتكەن بولسىڭىزكەن.
    ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى am 06:01
  • ئالىم مۇئەللىم، جاۋابىڭىزنى ساقلاۋاتقىلى بىر ھەپتىدىن ئېشىپتۇ. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 22:51
    • قايسى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ قالدىڭىز؟ مەن «بۆرەيار» ياكى arman007@tom.com غا مۇناسىۋەتلىك پەقەت مۇشۇ بىر يازمىنىلا كۆردۈم. ياكى نام ئالماشتۇرۇپ يازغان بولسىڭىز تاپالماي قالدىممۇ؟ قايتا سورىسىڭىز بوپتىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:24
  • قارىغاندا يەنىلا ۋىن 8نى قايتا قاچىلىسام بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:05
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئۇستاز، تىنىچلىقمۇ؟
    خاتىرەمنى 8.1گە يېڭىلىغانتىم، ئىكران قوزغالغاندا قارا بولۇپ خاپا قىلىۋاتىدۇ. خەنچە بەتلەردىن ئىزدەپ، كۆرسىتىش كارتىسى قوزغاتقۇچ پىروگراممىسىنى يۇيۇپ بولۇپ، ئەڭ يېڭىسنى قاچىلاي دەپ ئەيسىرنىڭ ئورگان تورىغا كىرسەم، بۇ تىپنىڭ يېڭىلانماپتۇ. قايتا 8 گە يانسام بولارمۇ ياكى مىكروسوفت شىركىتى بۇنىمۇ پات ئارىدا ئوڭشارمۇ؟
    ئاۋارە قىلدىم، كۆپ رەخمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:47
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام ، ۋىندوۋس يانفۇنىنىڭ 8.1 نەشىرى قاچانراق چىقىدۇ ، يەنە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلارمۇ ؟ ھازىر 8.0 نەشىرىدە پەقەت سائەت يۈزىلا ئۇيغۇرچىلىشىپتۇ ، شۇنىڭغا قاراپ ئويلاپ قالدىم مىكروسوفىت شىركىتى بىز ئۇيغۇرلارغا ھەقىقەتەن بەك كۆڭۈل بۆلىۋېتىپتۇ ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا سىزنىڭ تۆھپىڭىز ئەڭ چوڭ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:32
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ يىل يازدا چىقىدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ھامان قوشۇلىدۇ، Windows 8/8.1 ئۇيغۇرچە بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلى مىكروسوفتنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:45
  • ئالىم ئەپەندىم،windows8.1گە يىڭىلاي دىسەم ئەپ بازىرغا كىرىشنى بۇيرىدى،لىكىن كىرسەم يىڭىلاش توغۇرلۇق ماڭا ئەسكەرتىش بەرمىدى،شۇڭا مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:16
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەلللىم!
    بۇ خەتنى سىزگە ئىككىنچى قېتىم يېزىشىم، ۋاقتىڭىز يار بەرگەندە بىر جاۋاپ بېرىۋەتكەن بولسىڭىز.

    مەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللاش يۈزىسىدىن ۋىن8 دىن 2 نى ئالغانتىم، بىرىنى قاچىلىدىم، لېكىن كومپىيۇتىرىم كۆتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋىن 7 نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.
    ھازىر دەرىجىسى 8.1 گە كۆتۈرۈلۈپتۇ.
    سورايدىغىنىم: دەرىجىسىنى ئۆرلىتىۋىلىشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بارمۇ؟مەلۇم مۇددەتكىچە ئىشلەتمىسەم دەرىجە ئۆرلىتىشكە تەسىرى بولارمۇ؟
    كەلگۈسىدە بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى نەشرى چىقسا مەن شۇ ئاچقۇچ نومۇرلىرىم بىلەن دەرىجىسىنى كۆتۈرەلەمدىم؟ ياكى ھازىر 8.1 گە كۆتۈرۈۋىلىشىم شەرتمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:29
    • ۋاقتى چەكلىمىسى ئەلۋەتتە بار، Windows 8 نىڭ مۇلازىمەت چېكى 2023-يىلىغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن. 2024-يىلىغا بارغاندا دەرىجە ئۆرلىتىمەن دېسىڭىز ئەلۋەتتە بولمايدۇ. 10 يىلغىچە ئىشلىتىپ بولارسىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:32
  • ئالىم مۇئەللىم، win8.1 iso نى چۈشۈرۈش ئادىرىسى بارمىدۇ؟ ئەسلىدىكى win8 نىڭ ئاچقۇچى بىلەن ئاكتىپلىغىلى بولامدۇ؟ مەن 8.1 نى قايتا قاچىلاي دىگەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:04
  • Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقى ئىلان قىلىنىپتۇ. مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:43
  • مەنمۇ ئوڭۇشلۇق8.1قاچىلدىم، لېكىن، cدېسكامدىن باشقا بارىلىق دېسكا فورماتلىنىپ كېتىپتۇ، پەقەت cدېسكىلا كۆرىنىۋاتىدۇ، باشقۇرۇشتىن قارىسام قالغان سىغىم رايونغا ئايرىلمىغان بولۇپ يېشىل رەڭدە چىقىپ قاپتۇ. بۇ نېمە ئىشتۇ؟ نۇرغۇن ماتىرىياللار بار ئىدى.ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن.بىر كۇنۇپكا بىلەنلام8.0 گە قايــتقىلى بولماسمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:52
  • تىل بولىقى يوق كۈنەلمەي 8گە چۈشۈپتىكەنمەن،بىركۈنمۇ ئىشلەتمەي 8.1گە چىقىۋالدىم ئەمدى شۇ تىل بولىقىلا قالدى.قاچان چىقار شۇ تىل بۇلىقى.ھەممە ئادەم ساقلاۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:19
  • تىل بولقى چىقىپ بوپتۇ مەن ھازىر چۈشرۈۋاتمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:38
  • 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى ئېلان قىلىنىپتۇ، مەن بۈگۈن 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلىۋالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:05
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئۇز ۋاقتىدا ۋىندوۋوس 8 ئاچقۇچىتىن ئېلىپ قويغان 2 تال قاپتۇ لازىملىقلارغا بىرەي چچى 964737047

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:43
  • بۇگۈن ئىلان قىلىنىپتۇ مەن چۈشۈرۈپ قاچىلاۋاتىمەن دوسىتلار ! سىلەرمۇ تىزدىن تۈشۈرىۋىلىڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:38