نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى

[ IT خەۋەرلىرى ]

 

بۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولماستىن، كومپيۇتېر ياردىمىدە ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئالدى بىلەن تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان خالىغان تىلدىكى تېكىستلەرنى ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ، ئىلگىرى تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلغان جۈملە ئامبىرىدىن تېپىلغانلىرى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغانلىرىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تەرجىمە جۈملىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جۈملە تەركىبىدىكى مۇھىم ئاتالغۇلار، يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى ئاپتوماتىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىسى لۇغەتتىن تەۋسىيە قىلىنىپ تۇرىدۇ.

biaoti

(ئىزاھات: بۇ رەسىم پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى)

بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، خەۋەر- ماقالە تەرجىمە قىلىدىغان ۋە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرىدىغانلار بۇ قورال ئارقىلىق نۇرغۇن زېھنىنى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئىلگىرى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئامبارغا ساقلاپ قويغان جۈملىلىرىدىن ئاپتوماتىك پايدىلىنالايدۇ.
بۇ قورال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، 1 ئاي ئىچىدە تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئەمما ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەزا بولغانلارغا تارقىتىلىپ ئۇلاردىن تەكلىپ-پىكىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»نى قوشۇۋېلىڭ، بولمىسا بۇ تەرجىمە قورالىنى چۈشۈرەلمەيسىز.

ulogo

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
60 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم
    مەن ئۇيغۇر تىلى ئىملا تەھرىرلەش دېتالىڭىزنىڭ ئېلانىنى مۇنبەرگە ئېسىپ قويدۇم.
    قوللاپ قويارسىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 17:09
  • «تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا تىلەكداشمەن!
    مېنىڭچە بۇ دېتالمۇ چىقىپ بولغۇچە بەك مۇكەممەل بولىشى ناتايىن. تەرجىمە دېگەن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بىز ھازىر كۆرۈپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن تەرجىمە ياردەمچىلىرىنىڭمۇ ھېچقايسىسى تېخى ئۇنچىلىك مۇكەممەل ئەمەس. ئاۋۋال ئېلان قىلىنسا، ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورىغا ئوخشاش بارا مۇكەممەللىشىپ بارار.
    يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
    بولسا بۇ دېتالمۇ ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورىغا ئوخشاش يېڭىلىنىپ ماڭسا، ساندانلىرى تېخىمۇ موللىشىپ، كېيىنچە تېخىمۇ ياخشى بولار.
    مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر سوفتنىڭ ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:09
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ توردىكى دەرسى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار ،مەنمۇ ئۇچۇر تېخنىكىسىغا بەك قىزىقاتتىم ، شۇڭا مەنمۇ ئۆگىنەي دىگەن . رەھمەت .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:34
باھا بېتى: 1 2 3 4