قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى
[ IT خەۋەرلىرى ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز ئىشلەپ بازارغا سالغان قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ يانفون، تور ۋە كومپيۇتېر نۇسخىسى 2014-يىلى 1-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، باشقا ئوخشاش شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىلىرى بىلەن بىرلىكتە رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا شوپۇرلۇق ئىمتىھان بېرىش ئىستىكىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ۋە ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى، بۇ يىل بىز يەنە ئەسلىدىكى سىستېمىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوئال ئامبىرىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقاتقان سوئال ئامبىرى بىلەن ماس قەدەمدە يېڭىلاپ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىزغا تەۋە قۇتيار تورى ۋە قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلدۇق.
تەپسىلاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىمىز نۆۋەتتە تور بېكەت، يانفون، (Android) ۋە ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسخىدا تارقىتىلغان بولۇپ، سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئىقتىدارلىرى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە قوللىنىشىغا ئەڭ يېقىنلاشتۇرۇلغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىستېمىدىكى سوئاللار ئۇيغۇرسوفت كورېكتورى ۋە خادىملىرىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئىملا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، مەزمۇنلار چۈشىنىشلىك، ئۇقۇملار ئېنىق، سۆز جۈملىلەر راۋان، سىزنىڭ شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتىشىڭىزدىكى توغرا تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
سىستېما ئىجرا مۇھىتى ۋە قىسقىچە ئىقتىدارلىرى:
تور بېكەت نۇسخىسى: توردا ئەزالىق شەكلىدە شوپۇرلۇق نەزەرىيەسىنى مەشىق قىلىدىغان سىستېما بولۇپ، سىز بۇ سىستېما ئارقىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ چەكلىمىسىسىز شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھانى بىلىملىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىگىلىۋالالايسىز؛
يانفون نۇسخىسى: 2.3 Android ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىدىكى Android سىستېمىلىق يانفون ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىسىز ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز؛
ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى: Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، سىز سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن سىستېما تەمىنلىگەن ھەرخىل مەشىق ئۇسۇللىرى تەقلىدى ئىمتىھان سوئاللىرى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان تەلىپىگە يېتەلەيسىز؛
(تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئورگان تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ.)
تۆۋەندە سىستېمىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنمە يۈزلەر بېرىلدى.
تور بېكەت نۇسخىسى
يان تېلېفون نۇسخىسى
ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى
ئاخىرىدا بىزنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى شىركەت، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ۋە كەڭ ئىستىمالچىلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بىزگە ئۆز سەھنىسىدىن ئورۇن بەرگەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز!
قۇتيار شوپۇرلۇق تورى
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 11-مارت
- يازما كۆرۈلۈشى: 1,435 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى am 8:53
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى
- كېيىنكى يازما :«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى
مەن تىزىملىتاي دىگەن
ئۇيغۇر سوفىت تور دوكىنى ياكى ئۆزەڭلارنىڭ تور دوكىنى بولغان بولسا شۇ يەردىن ئالساق بۇلاتتى.مەن كۆپىنچە ئۈندىدار ئارقىلىق بىر نەرسە سېتىۋالىمەن. بانكا كارتام باغلاقلىق بولغاقا پۇل تۆلەش ئۇڭاي.
بىزنىڭ سىستېمىنى ئىشلىتىپ ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن تورداشلارغا رەھمەت.
بۇ سىستېمىنى ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسىدا سېتىش ئىشىنى بىز قارار قىلالمايمىز. ئالىم مۇئەللىم بىلەن دېيىشىپ بېقىپ ئىمكان بولسا شۇنداق قىلارمىز. بۇنى بىز ھازىر ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمىز.
ھەرقايسىڭلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز.
مەنمۇ قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيىسىنىڭ 1- پەن يانفون نۇسخىسىنى سېتىۋالغان. ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇئاللار تولۇق ھەم بەك توغرىكەن. مەن ئۇنى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەندىن كېيىن ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتۈم ھەم دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم …
ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ دېتالنىمۇ ئۇيغۇر سوفت تور دۇكىنىغا سېلىشقا بولارمۇ؟ بەزى ئىشلەتكۈچىلەرگە سېتىۋېلىشقا قولاي بولارمىكىن دەيمەن
سىستېمىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن، 1-پەن نەزەرىيەدىن 97 نومۇر بىلەن ئۆتۈپ كەتتىم، سىستېما ياسىغۇچىلارغا كۆپ رەھمەت. مېنىڭ ئالاھىدە خوش بولغىنىم: سىستېمىنىڭ لايىھىلىنىشى چىرايلىقكەن؛ مەزمۇندا خاتالىق بايقىمىدىم، توغرىلىق نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن؛ تەقلىدىي ئىمتىھان قىسمىنىڭ لايىھىلىنىشى ھەقىقىي ئىمتىھان بىلەن ئوخشاش ئىكەن؛ سېتىش مۇلازىمىتىدىن بەك رازى بولدۇم.
قېرىندىشمىز ئەخمەتجاننىڭ ۋە باشقا قېرنداشلىرىمىزنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا بىز ھەر ۋاقىت تىرىشىمىز !
بىزنى قوللىغان بارلىق بۇرادەرلەرگە رەھمەت!
مەنمۇ قۇتيارنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىلىق تىلفۇنلارغا ماس كىلىدىغان نەشىرىدىن بىرنى سېتىۋالغان ، شۇنى كۆرۈپ نەزىيە ئىمتاھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتىم، رەھمەت قۇتياردىكىلەرگە!
خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارشوپۇرلۇق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.
مەنمۇ شوپۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلىۋاتقان ئىدىم. Windows Phone نەشىرى بولغان بولسا بەك ياخشى بولار ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىرىنى تاللاپ ئۆگىنەي، قۇتياردىكىلەرگە كۆز تەگمىسۇن.