ئۇيغۇرسوفت تەرجىمانلار ياردەمچىسى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]بۇ يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولماستىن، بەلكى ئادەملىك تەرجىمە يۇمشاق دېتالىدۇر يەنى تەرجىمىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئادەم قاتنىشىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتال تەرجىمە سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، تەرجىمە ۋاقتىنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا بەلگىلىك ياردەم بېرەلەيدۇ. چۈنكى تەرجىمە جەريانىدا ئاتالغۇ ۋە باشقا سۆزلۈكلەرنىڭ تەرجىمىسى پايدىلىنىش سۈپىتىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تەرجىمىگە تەرجىمە قىلىنغان جۈملە ئامبارغا ساقلىنىدۇ. كېيىنكى قېتىم مۇشۇ جۈملىگە ئوخشايدىغان جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، جۈملىلەرنىڭ ئوخشاشلىقى تەرتىپى بويىچە تەۋسىيەلىك تەرجىمىلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تەرجىمە جەريانىدا ئاتالغۇ ئامبىرىنى يېڭىلاشقا بولىدۇ.
مەسىلەن: سىز 我去吃饭 نى تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز، يەنە بىرەيلەن 我想去吃饭 نى تەرجىمە قىلماقچى بولسا، 我去吃饭 نىڭ تەرجىمىسى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. لۇغەتتىن 想 نىڭ تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىشلىتىدىغان ئادەملەر كۆپ بولسا، جۈملە ئامبىرى ئۆز-ئارا تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ.
ئەگەر جۈملە ئامبىرى داۋاملىق تولۇقلانسا، ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ. ھازىرچە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە يۆنىلىشى تەمىنلەندى. بۇ يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، تۇنجى (سىناق) نۇسخىسى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
(ئىزاھات: بۇ رەسىم بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ تۇنجى ئارايۈزى بولۇپ، ئەمما ئاخىرقى نۇسخىسى ئەمەس)
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ موتۇرى پۈتۈنلەي پۈتۈپ بولدى، خىزمەت پىرىنسىپى ئېنىق، ئىشلەش ئېقىمىمۇ نورمال، ئەمدى يۇمشاق دېتالنىڭ تېرىسىنى لايىھەلەش قالدى.
===ھازىرقى بىر قىسىم تەرجىمىلەردىن مىسال =====
بۈگۈن سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلدى، بىر قىسىم ئادەملەر يارىلاندى. دوختۇرلار بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، داۋالاش ئېلىپ باردى. شەھەر باشلىقى پىيادە مېڭىش ئارقىلىق ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كەڭ دوختۇرلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
===بۇ يۇمشاق دېتالدا يەتمەكچى بولغان نىشان=====
(1) «سۇ ئاپىتى» دېگەن قانداق گەپ؟ «كەلكۈن» دېيىش كېرەك.
(2) «نۇرغۇن كىشىلەر» دېگەنچۇ؟ نۇرغۇن دېگەننىڭ ئۆزى كۆپلۈك، شۇڭا كىشىلەر دېمەي، كىشى دېيىش كېرەك يەنى «نۇرغۇن كىشى» بولۇشى كېرەك.
(3) «سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ «سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ» دېيىش كېرەك.
(4) «داۋالاش ئېلىپ باردى» دېگەن قانداق گەپ؟ «داۋالىدى» دېيىش كېرەك.
(5) «پىيادە مېڭىش ئارقىلىق ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلدى» دېگەن قانداق گەپ؟ «پىيادە رايونىغا كەلدى» دېيىش كېرەك.
(6) «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت ئېيتتى» دېيىش كېرەك.
*********************************
بۈگۈنكى يېڭىلىقلار:
مۇھىم ئاتالغۇلارنى بايقاپ، تەرجىمىسىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بىرلا چەكسىڭىز تەرجىمە رايونىغا كۆچۈرىدۇ، قايتا كىرگۈزۈپ يۈرمەيسىز. چېسلا، ۋاقىت، ئۆلچەم بىرلىكى، يەر-جاي ناملىرى، دۆلەت باشلىقى،…قاتارلىق مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىدۇ.
تەرجىمىسى پۈتكەندە، بىرلا كۇنۇپكا چەكسىڭىزلا Microsoft Word قا يوللاپ، بەتنى ئاپتوماتىك تىزىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەسلىي ماقالە نەچچە ئابزاس بولسا، تەرجىمە قىلىنغان ماقالىمۇ شۇنچە ئابزاس چىقىدۇ.
كۆرۈنمە يۈزىدىن باشقا ئىقتىدار جەھەتتىن قانداق قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلار بار؟ رەھمەت
- يازما كۆرۈلۈشى: 1,961 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 03-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:11
- ئالدىنقى يازما :Samsung يانفونىغا ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچ
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان 100 سۆز
مەندىمۇ يېزىلىق ھۆكىمەتتە ئۈچ يىلدىن بېرى تەرجىمە قىلغان ۋە قىلۋاتقان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ھۆججەتلەرنىڭ ئىكتىرونلۇق نۇسخسى بار، ئالىم ئەخەت مۇئەللىمنىڭ بۇ دىتالى پۈتسە شۇ ھۆججەتلەرنى يېغىپ قايتىدىن بۇ دىتالغا قوشۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مۇمكىن بولسا سېلىشتۇرما گىزىت، ژۇرنال، كىتاپ باسىدىغانلار بۇ قوشۇنغا قېتىلسا ئامباردىكى سۆزلەر كۆپەيسە بىزگە ئوخشاش تەرجىمانلارغا كۆپ ياردىمى بولغىدەك.
مۇئەللىم ئەگەر ئاشۇنداق سېلىشتۇرما ھۆججەت تەرجىمىللىرى بولسا بىۋاستە ۋوردتىن ھەممىسنى چاپلىساق يەنى ئۇيغۇرچىسىنى بىر يانغا خەنزۇچىسىنى بىر يانغا چاپلىساق دىتال ئاپتۇماتىك سۆز ھەم قۇرغا ئايىرىپ ئامبارغا قوشامدۇ ياكى بىز سۆزلەرنى ئايرىم ئايرىم قوشامدۇق؟
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تور بېكەت، پىروگىرامما تىل ھۆججەتلىرى كودىدىكى ئارلىشىپ كەلگەن سۆزلەرنىمۇ كودقا تەگمىگەن ئاساستا تەرجىمە قىلىپ بەرسە بەك ياىشى بولاتتى؟
ھازىرچە ئۇنداق ئامبار بولسا بىز قوشقىنىمىز ياخشىراق، ھازىرچە ساپ تېكىستنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلىدۇ، ئەمما كېيىن كود ئارىلىشىپ كەتكەن مەزمۇنلارنىمۇ سىناپ بېقىشىمىز مۇمكىن، ئالدى بىلەن پەيدىنپەي ياسايمىز.
بۇ بىزدەك تەرجىمانلار ئۈچۈن بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مەندە پارچىلانمىغان ئەمما پۈتۈن تەرجىمىلىك، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ماتىرىياللار بار. سىز لازىم دىسىڭىز ۋورد نۇسخسىىنى ماڭغۇزۇپ بېرەي. ئۆزەم تەرجىمە قىلغان ماتىرىياللار، بەزىلىرى نەشىرىياتتا بېسىلغان. ياخشى ئىشقا ئەلۋەتتە ھەممە يەردە يۆلەك كۆپ.
ئەلۋەتتە ئەۋەتىپ بېرىڭ، كۆپ پايدىسى بولىدۇ، hql@uighursoft.com
بەك ياخشى ئىشنى قىپسىز مۇئەللىم،مەن بەك خۇش بولدۇم،بولسا مۇئەللىم ئاۋازنى يىزىققا ئايلاندۇرىدىغان بىر دېتال ئىشلەنسە، نۇرغۇن ئادەملەرگە بەك قولايلىق يارىتىلاتتى،…. مەن قانچە قىممەت بولسىمۇ سېتىۋالاتتىم،مەن ئۇيغۇرچە ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇردىغان دېتالنىڭ بالدۇرراق چىقىشىغا شۇنچە تەققەززا،بولۇپمۇ مەندەك ئوقۇتقۇچىغا بەك لازىم بولىدۇ
رەخمەت سىزلەرگە كۆپ جاپا چېكىۋاتىسلەر … جاپايىڭلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ …. !
ياخشى قۇللايمەن