نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 9 پات يېقىندا تارقىتىلىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن Microsoft (جۇڭگو) شىركىتى مىكرو بىلوگىدا «Microsoft نىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 9 پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ، ئېكراننىڭ سول تەرەپ (ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغاندا ئوڭ تەرەپ) ئاستىدا <باشلاش> تىزىملىكى قايتىپ كېلەمدۇ-يوق؟» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتقان ئىدى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئۇچۇر ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. ئەمما بۇ Windows 9 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى، «باشلاش» تىزىملىكىنىڭمۇ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

Cg-4WlQGilKIEUAxAAErt2aYbdcAARGrgIB8mUAASvP239

Microsoft ئورگان تەرەپمۇ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows 9 كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە زادى قانداق ئىقتىدارلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىمىغان ئىدى، ئەمما بەزى ئىچكى خەۋەرلەردە «باشلاش» تىزىملىكىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى، يانبالداقنى چىقىرىۋېتىدىغانلىقى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى. قېنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈپ باقارمىز. ئەسكەرتىش: Windows 8 نىڭ ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرى 2011-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان، ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى 2012-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان، رەسمىي نەشرى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم –ئالىم مۇئەللىم ۋە باشقا تورداش قىرىنداشلار ، ھەش–پەش دىگىچە بىر يىلمۇ بوپ قاپتۇ ، ئۆتكەن يىلى مۇشۇ ۋاقىتلادا يىل ئاخىرىغىچە بىلەت سانى ئەللىكمىڭدىن ئاشسا ۋىندوۋىسفونغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياكى خەت كىرگۈزگۈچنى قوشۇش ئىشىنى ئالدىن ئويلىشىدىغانلىقى توغۇرلۇق بىردەكلىشىپ بىلەت تاشلىغانتۇق ، لىكىن رەت قىلىنغانتى ، ھازىر يەنە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياكى خەت كىرگۈزگۈچ توغۇرسىدا ئازراق بولسىمۇ بىرە خەۋەر بامىدۇ مۇئەللىم ، ئەگەر يەنە بىلەت تاشلىساق ئۇلانىڭ دىققىتىنى تاتالايدىغان ، بۇ ئىشقا قارىتا ئويلىشىدىغان ئىمكانىيىتى بولسا ، يەنە بىر قىتىم سەپەرۋەرلىككە كىلىپ يەنە بىر بىلەت تاشلاپ باقىلى ، مەن بەك تەقەززا بوپ كەتتىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياكى خەت كىرگۈزگۈچكە ، ئالما 6 دەك ياكى سامسۇڭ s5 تەك يىڭى يانفونلار چىقىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ۋىندوۋىسفون ئۈچۈنمۇ بىر يىڭىلىق بولسىكەن دەيمەن ، ھەر قىتىم سېستىما يىڭىلانسا بىر قىتىم ئىچىپ قاراپ باقىمەن قوشۇلۇپ قالغاندىمۇ دەپ ، لىكىن ئەپسۇس يەنە ئوخشاش ، شۇڭا دەيمەن قىرىنداشلار يەنە بىر تىرىشىپ باقساق، ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭمۇ بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلىرىڭىزگە ھەر قاچان تەقەززامىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:12
    • ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق پىلانىمۇ بار ئىدى ھەم بۇ باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئارزۇسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. ئالما iOS8 لاردىمۇ Windows 8 دىكى ئۇيغۇرچە يەرلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز پېتى ئىشلەتتى. شۇڭا ئۇلاردىمۇ ئۇيغۇرچە چېسلا،…كۆرۈنىدىغان بولدى. شۇڭا قايتا بېلەت تاشلاشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. سەۋىرچانلىق بىلەن كۆتكەيسىلەر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:23
      • ئالىم مۇئەللىم، ئالمىنىڭ يېڭى مەشغۇلات سىستىمىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزكۈشمۇ بامۇ ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:16
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،كەچۈرۈڭ تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام، سىزدىن شىركىتىمىزنىڭ بىر تەتقىقات تېمىسى ئاۋازلىق لۇغەت توغۇرلىق مەسلىھەت سوراپ ئېلخەت يوللىغان ئىدىم، قارىسام ئۇيغۇرسوفت ماڭا بەرگەن ئادرېس google نىڭ ئېلخەت ساندۇقىكەن،سىزنى قۇبۇل قىلالىغانمىدۇ يوق دەپ مۇشۇ يەرگە خەت قالدۇردۇم،ئىسمىم ئەنۋەر،جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:23
  • بولسا مۇشۇ win9 تا ئۈرۈمچى ۋاقىتى ھەققى ئۈرۈمچى ۋاقىتىدەك چىقسا بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:28
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر ! سىلەردىن سۇرايدىغان بىر ئىش بار ئېدى ،
    مەن windows8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋالغان ئىدىم ، بىر يىلدىن كۆپرەك ئىشلەتكەن ، ئۇيغۇرچە سىستېمىغىمۇ شۇنداق كۆنۈپ قالغان ، ئارلىقتا بىر دوستۇمغا بىرىپ تۇرسام ۋىروس بار بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا سېلىپ يۈرۈپ كومپيۇتېرىمنى ۋىروسلاندۇرۇپ قۇيۇپتىكەن ۋىروسلارنى پاكىز تازلىۋىتىپ تازا ئىشەنچى قىلالماي ئوتىك دېسكىدىن windows7 نى قاچلىغان ، ئاندىن ئالدىراشچىلىقتا windows8 نى قاچلىغىدەك ۋاقىت چىقماي بۈگۈن ئەتىگەندىن بېرى مۇكىدەك قاراپ ئولتۇرۇپ ئالدى بىلەن windows8 نى مىكروسوفت تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاندىن windows8 نىڭ بارلىق سىستېما ياماقلىرىنى قاچىلاپ ئاندىن سىستېمىنى windows8.1گە كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچلىغان ، لېكىن تىل بولىقىنى قاچلىغاندىن كېيىن مۇنداق بولۇپ قالدى :
    (يەنى Metro يۈزىدە جانلىق تىزمىنى مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن چەككەندە چىقىدىغان «چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش»،« باشلاش ئېكرانىدىن ئېلىۋىتىش » ، « ۋەزىپە بالدىقىغا مىخلاش» دېگەن سۆزلەر خەنزۇچە چىقىۋالدى ) بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:39
  • ھېچكىمگە دىمىگەن پېچىتىنى سويمىغان بىر خەۋەر باتى بۇگۈن دەۋىتەي ! ئوبدان ئاڭلاڭلا ئەمىسە :
    مىكروسوفت شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ يەنى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋىندوۋس 9 نى ئېلان قىلىدىكەن !!!
    شۇ كۈنى بىلوگدا يەنە كۆرۈشۈپ قالىمىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:29
  • بولسا ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدىن چىرايلىقراق خەت نۇسخىسىدىن بىرنى مۇشۇ ۋىن9 غا قۇشۇشقا ئىمكان بولسا ئېنتىلىپ باققان بولسىڭىز ( ئەمدى مەنغۇ ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر سىستىمىسى ئىشلىتىپ باقىمىدىم بىزدەك ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇنداق ياخشى ئىشلار تەستە ئولىشىدىغاندەك قىلىدۇ. بولسا مۇشۇ خەنزۇچە ئېنگىلىزچە نۇسخىسىغا چىرايلىقراق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدىن قېتىلغان بولسا تور بىكەن ياسايدىغانلارغا بەك ياخشى ئىش بولغان بۇلاتتى.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 18:04
  • مىنىڭچە ۋىندوۋس 9 مۇ ئوخشاشلا سىناپ بىقىش ۋە ئاز سانلىق ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن چەكلىنىپ قىلىشى مۇمكىن، ۋىندوۋس سەككىز بولسا ئەڭ كاسات ۋىندوۋس سىستېمىسى بۇلۇپ قىلىشى ھەم تەسەۋۋۇرغا يىقىن. نىمىشقا ؟ دىيىشىڭلار مۇمكىن. مىنىڭ تەھلىلىم مۇنداق، ۋىندوۋس ياكى كومپىيوتىر دىگەن بۇ نەرسە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ بولدى. ئىدارە ئورگان بولسۇن ياكى شەخسىيلەر بولسۇن كومپىيوتىر ۋە ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىلېرى ئۇلارنىڭ ئىھىياجىدىن كەڭ كۈشادە چىقىدۇ. ئەپ ئاچقۇچىلار ھەم شۇنداق . بۇ خۇددىي ئاندىرويىد 4.0 دە ئاساسەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىھتىياجى قىنىپ قالدى، 4.4.ياكى 5.0 لەر چىققاندىمۇ ھىچقانداق ئىنقىلاپ قىلالمىغىنىغا ئوخشايدۇ. شۇ ئالماكومپىيوتىر سىستېمىسىنى ھەقسىز قىلىۋەتتى . ۋىندوۋس 8 نىڭ مەقسىتى بولسا ئۈستەل يۈزى سىستېمىسى ئارقىلىق يانفۇن سىستېمىسىغا يۈزلەندۈرۈش ئەپسوس ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ بۇ خىيالىنى يوققا چىقاردى . ھىلىغىچە بەزى ئىدارە ۋە مۇلازىمەت مەركەزلېرىدە ئىكىسپى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ئەمدى 9 نى ھەقسىز قىلغان بىلەنمۇ سىستېما ئالماشتۇرىدىغانلار ئون پىرسەنكە يەتسە چوڭ گەپ .
    ئەمدى ۋىندوۋس كومپىيوتىر سىستېمىسى ئىشلەۋەرمەي ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت ، كۆزەينەك ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەر ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئەقلىيلەشكەن جەمىيەت قۇرۇشقا يۈرۈش قىلسا ياكى كومپىيوتىرنى بۇ ئۈسكىنىلەرگە تىخىمۇ ياخشى باغلىيالىسا بۇلىدۇ. قايسى بىر ماتىرىيالدا كەلگۈسى ئۈچۈن سائەتلەپ باش قاتتۇرغا ن ۋاقتىڭ قايتىپ كەلمەيدۇ دىگەنىكەن. بولدىلا بۇ ئىشلارغا ۋاقتىمنى كۆپ ئىسراپ قىلۋەتمەي…
    بۇ پەقەت مىنىڭ تەھلىلىم خالاس بۇ ئارقىلىق ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە قارىتا ھىچقانداق بىر كۆز قارىشىمنى ئىپادىلىمەكچى ئەمەسمەن، تۇغرا چۈشەنگەيسىزلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:15
    • ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ چىقىشى ياخشى ئىش. ئەمما ماۋۇ «ۋىندوۋس ياكى كومپىيوتىر دىگەن بۇ نەرسە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ بولدى.» دېگەن سۆزگە قوشۇلمايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:16
  • windows8.1nنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بىڭ ھاۋارىيدا باشقا شەھەرلەرنى تاپالمايۋاتىدۇ، ھاۋارايىمۇ تولۇق ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى ، بۇ قانداق ئىشتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:37
  • كودقوشسام كۆرۈنمەيدۇ ، ئايرىم يوللىسام ئۇيغۇرچە يېزىڭ دەيدۇ ( بېشىنى گىلدىڭلاتقان چىراي ئىپادىسى )
    https://ajax.googleapis.com/ajax/libs/jquery/1.4.4/jquery.min.js

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:51
باھا بېتى: 1 2 3