ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئالىم ئەھەت (تېڭشۈن) دەرسخانىسىدىكى «VB.NET ئاساسىي بىلىملىرى» دەرسىنى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، سودا خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال − «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى تەپسىلىي ئۆگەتمەكچى بولدۇم. دەرس مەزمۇنى SQL Server ساندان باشقۇرۇش دېتالى؛ دائىم ئىشلىتىدىغان SQL جۈملىسى؛ ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى(UI)نى لايىھەلەش؛ «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» يۇمشاق دېتالىدىكى تاماق تىزىملاش، سېتىش، ئىستاتىستىكا، بېسىپ چىقىرىش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەسلىي كودى تەمىنلەيمەن.
بۇ دەرسلىكنى ئوخشاشلا سىنغا ئېلىپ سۆزلەشنى ئاساس قىلىمەن، تىزىملاتقانلار دەرس مەزمۇنىنى كومپيۇتېر، يان تېلېفون،…قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە قايتا-قايتا ياندۇرۇپ كۆرەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ساندانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كەسپىي يۇمشاق دېتال ياساشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، دەرسنى تولۇق ئاڭلاپ چىقساڭلار بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتەلەيسىلەر، ئاخىرىدا مەن تەمىنلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» دېتالى ئەسلىي كودىدىن «ئۇيغۇرسوفت» بەلگىسىنى چىقىرىۋېتىپ، قايتىدىن ھاسىللاپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىدا مۇۋاپىق باھادا سېتىپ كىرىممۇ قىلالايسىلەر، مەلۇم بىر سىستېمىنى ياساشنى ئۆگىنىمەن دېگەنلەر ۋاقتىدا تىزىملىتىڭلار.
دەرس 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە تىزىملاتقانلار ئۈچۈن باھاسى 399 يۈەن، ئۇنىڭدىن كېيىن 500 يۈەن بولىدۇ.

پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى مۇنداق:
p-1

p-2

p-3

p-4

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
97 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن دەرىسخانىڭىزغا كىرىپ vp.netدەرىسىنى كۆرۈپ باقاي دەپ 报名 نى باسقاندىن كىيىنكى بەت شۇنداق ئۇزۇندا ئېچىلىپ ئىچىدىكى مەزمۇنلار قالايمىقان تىزىلغان ھالەتتە كۆرۈلۈپ دەرىسنى كۆرۈش ئورنىنى پەقەت تاپالمىدىم ، مىنىڭ توردىكى مەسىلىمۇ ياكى قانداق پەقەت بىلمىدىم ، مۇمكىن بولسا مىنى vp.netدەرىسى يوللىنىدىغان توپقا قوشۇپ قويسىڭىز دەرىسلەرنى توپتىن كۆرىۋالغان بولسام سىزدىن بەكمۇ رازى بولغان بولاتتىم ، رەخمەت
    چ چ : 406979428

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:19
باھا بېتى: 1 3 4 5