نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش مەركىزى 5-قەۋەت يىغىن زالىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 31 ئۇچۇر تېخنىكا كارخانىسى ئۆز-ئارا كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5-6 ئۇيغۇر كارخانىسى بار. يىغىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:30 دا باشلىنىپ 6:00 دە ئاخىرلاشتى، ئارقىدىن يەنە ئۆز-ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مېڭ فەنلى، ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام، پروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
كېلىشىم ئىمزالىدى.


ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئېرپان شىركىتىدىكى ئىلھام مۇئەللىم بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.


ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ تەبرىكلىدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كېلىشىم ئىمزالىغان شىركەتلەرگە خالىغانچە بېرىپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تېخىمۇ پۇختىلايدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن زور پۇرسەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
================

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىناشقا كۆرسىتىلگەن مۇھىم شىركەت بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا مىكروسوفت ئەۋەتكەن 20 تال دىسكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. مەن Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ، Windows 8 سىناشقا تەكلىپ قىلدىم ۋە مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم.


مەن يەنە Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەردىم، مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم. ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم بەزى تەپسىلاتلارنى سورىدى ۋە ناھايىتى قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى.


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قارلۇق شىركىتىنى سىناشقا تەكلىپ قىلىپ، Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى شىركەت مەسئۇلى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندىمگە بەردىم.
=========
(بۇ رەسىمنى بېسىپ، پۈتۈن كۆرۈڭ)

(كوللېكتىپ رەسىم)
=============
مەن بۇ دىسكىلارنى يەنە تىل-يېزىق ئورۇنلىرى، نەشرىيات، تىل تەربىيەلەش مەركەزلىرى،… قاتارلىقلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ،…قاتارلىق 10 نەچچە ۋىلايەتلەردىكى شەخسلەرگىمۇ ئەۋەتىپ بەرمەكچى، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئايرىم تېما يېزىپ توختالماقچى بولۇۋاتىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
64 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، بىزدە «بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەن توزار» دېگەن ماقال بار. ھەممىمىز بىرلەشكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ!؟
    بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:41
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم !
    كۆزنەك 8 نىڭ بۇ قېتىمقى ئىستىمالچىلار سىناق نەشىرىدە ئۇيغۇر تىلى كۆرۈنمە يۈزى تەمىنلەنمىدى ، ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزنى قاچان ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولارمىز ؟ رەسمىي نەشىرىنى ساقلايدىغان ئىشمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:55
  • گەرچە بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولساممۇ لېكىن بەك خۇشال بولدۇم دىسە …. ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:04
  • ۋاھ ! ئەجەپ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرسى بوپتۇ … گەرچە بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولسىمۇ ، لېكىن بەك خۇشال بولدۇم …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:13
  • بۇ بىرلىشىشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كەلتۈردىغان پايدىسى ناھايىتى زور بولغىدەك. مۇشۇ ئىشتىن بەك سۆيۈندۈم. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزدىغان مۇۋاپىق سەھنىگە ئېرىشىشى ناھايىتى مۇھىم. ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:33
  • ئا ۋۇ سىناق قىلىپ ئىشلىتىدىغان نۇسقىسى ماڭا تەگمەيدۇ دە..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:44
  • ئۇچۇر ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقىمدىن تېخىمۇ خۇشال بولۇۋاتىمەن …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:22
  • ياخشى ئىشلار تېخى ئالدىمىزدىكەندە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:46
  • ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. ئەمدىWindows 8 دە ئۆزتىلىمىزنىڭ رولىنى تولۇق ھېس قىلالايدىغان بولغان ئوخشايمىز. ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇرسوفت) مۇئەللىمگە، شۇنداقلا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:01
  • بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،مۇبارەك بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:11
  • بۇ بىر ياخشى باشلىنىش

    ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:11
  • مەن win8 نى ئشلەتتىم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:13
  • بۇ پائالىيەتكە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىنىڭ قاتناشمىغانلىقى ئەپسوسلىنارلىق ئىش بولۇپتۇ. چۈنكى Windows 8 دە ئۆزتىلىمىزنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرىنىڭ ئىشلىنىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەتتى ئەمەسمۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:28
  • بەك ياخشى بوپتۇ ؟ بۇنداق تىز بىزتەرەپكە كىلدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىم.بۇخەۋەرنى باشقىلارغىمۇ يەتكۇزۇپ قوياي!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:57
  • ئىڭ،،،بۇ ناھايتى بىر چوڭ ئىش بوپتۇ،،ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان….نىمە كۈنلەرنى كۆرۈپ كەتتۇق دەيمە ۋا،،،،،
    بىزمۇ ئەركىن -ئازادە ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرساق،،،ياپۇنيە،،كورىيەلەرگە ئوخشاش باشقىلاردىن ئىشىپ كەتسەك،،،،
    لىكىن تىلىۋىزىيە ئىستسنسىنىڭ بۇ كاتتا توينى نەخ مەيداندىن خەۋەر بەرمىگىنى،،،ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،،،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:17
    • شۇڭا، تېلېۋىزورنى ئاز كۆرۈڭ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:40
باھا بېتى: 1 2 3 4