شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش مەركىزى 5-قەۋەت يىغىن زالىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 31 ئۇچۇر تېخنىكا كارخانىسى ئۆز-ئارا كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5-6 ئۇيغۇر كارخانىسى بار. يىغىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:30 دا باشلىنىپ 6:00 دە ئاخىرلاشتى، ئارقىدىن يەنە ئۆز-ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مېڭ فەنلى، ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام، پروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئېرپان شىركىتىدىكى ئىلھام مۇئەللىم بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ تەبرىكلىدى.
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كېلىشىم ئىمزالىغان شىركەتلەرگە خالىغانچە بېرىپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تېخىمۇ پۇختىلايدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن زور پۇرسەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
================
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىناشقا كۆرسىتىلگەن مۇھىم شىركەت بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا مىكروسوفت ئەۋەتكەن 20 تال دىسكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. مەن Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ، Windows 8 سىناشقا تەكلىپ قىلدىم ۋە مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم.
مەن يەنە Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەردىم، مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم. ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم بەزى تەپسىلاتلارنى سورىدى ۋە ناھايىتى قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قارلۇق شىركىتىنى سىناشقا تەكلىپ قىلىپ، Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى شىركەت مەسئۇلى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندىمگە بەردىم.
=========
(بۇ رەسىمنى بېسىپ، پۈتۈن كۆرۈڭ)
(كوللېكتىپ رەسىم)
=============
مەن بۇ دىسكىلارنى يەنە تىل-يېزىق ئورۇنلىرى، نەشرىيات، تىل تەربىيەلەش مەركەزلىرى،… قاتارلىقلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ،…قاتارلىق 10 نەچچە ۋىلايەتلەردىكى شەخسلەرگىمۇ ئەۋەتىپ بەرمەكچى، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئايرىم تېما يېزىپ توختالماقچى بولۇۋاتىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,436 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:29
- ئالدىنقى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى
- كېيىنكى يازما :Explorer نى نېمە دەيمىز؟
wp7 دە سىستىمىدا ئۇيغۇرچە تونىشىدا گەپ يوق ،پەقەت ھازىر تور كۆرگۈدە تونوتوش بىر مەسىلە بولوپ قالدى .wp7 يانفۇنى ئىشلەتكۈچىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ،شۇڭا بۇ ھەقتە ئىزدىنىدىغانلار يوق دىيەرلىك .
بۇنىڭدىن كېيىن جىقلايدۇ، چۈنكى Windows8 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، PC مەشغۇلات سىستېمىسى، تاختا كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى پەرق تېخىمۇ كىچىكلەيدۇ
ھەر قېتىم ئۇيغۇرچە سېستىما ئىشلىتىشنى ئويلىسام كۈلگۈم كىلپلا تۇردۇ…..مەندەك بىر تور قۇرۇتىغا نىسبەتەن ئانا تىلىمدا ‘كوتىلداش ،كاكىراش ،ۋېتىلداش ….’نىمە دىگەن بەخت دەيمەن……
ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ بۇ. بۇدا بارسام ئالىم مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشۈپ كەلمىسەم بولماپتۇ. يېڭىلىقلار خېلى باردەك قىلىدۇ.
نا ھا يىتى ياخشى بولۇپتۇ
win8نى (مىكروسوفتنى)قوللاش يۈزىسىدىن چوقۇم بىر نۇسخا سېتىۋالىمەن. يانفونىمنىمۇ شۇ سىستېمىلىققا ئۆزگەرتىۋېتىمەن.
راستىنى دىسەم بۇ توغىرلىق ئۇچۇرلارغا دائىم دېىققەت قىلۋاتمەن. قاچان چقار رەسمى نۇسخسى؟ مۇشۇ تېما بولسىلا بارلىق ئىنكاسلاردىن تارتىپ نەچچە قېتىم كۆرىمەن. كۆرگەنسىرىم كۆزلىرىمگە ياش تولۇپ، بوغۇزۇم ئىتىلىپ قالىدۇ. ئۆز تىلىمىزدىكىسى چىقسا ئاغىنلەر بىلەن مەسلەتلشىپ قويدۇق ئاز بولغاندىمۇ 10نى سېتۋالىمىز.مۇشۇنى دەپ كومپيۇتېر سېتۋالىدىغانلارمۇ ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بەكمۇ تەشنا بولۇپ كەتتىم. چۈنكى «قوش تىل» مەكتەپتە خىزمەت قىلىمەن. ئەمەسمۇ؟
ئالىم مۇئەللىم سىز ھەقىقى ئالىمكەن سىز ‹‹‹‹…. سىز خۇدايىمىنىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە بەرگەن كومپىيوتېر ساھاسىدىكى ئادىمىكەنسىز. سىز ئارقلىق بىز IT ساھەسىدە ئۆز مىللىتىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇلدۇق.بۇنڭدىن كىيىن خۇدايىم تىنىڭىزنى ساق سالامەت قىلسۇن،قىلغان ئىشلىرىڭىز مۇۋاپىقيەتلىك بولسۇن.
بۇ ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ .بۇنىڭدىن يېزىقىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيەگە ماس قەدەمدە مېڭىۋاتىدۇ دېگەن چۈشەنچىگە كەلسەك بولامدۇ؟
5ئايدا تاقىلدىغانWin8 RC نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى بارمۇ!
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان ئاكا سىزدىن كەسىپ توغرىلىق مەسلەھەت سوراي دىگەن ئىلخەتتىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟؟؟
alim.ahat دىن كېيىن دۈگلەك a، ئاندىن live.com ياكى gmail.com
ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ .بۇ بىرلىشىشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كەلتۈردىغان پايدىسى ناھايىتى زور بولغىدەك. مۇشۇ ئىشتىن بەك سۆيۈندۈم. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزدىغان مۇۋاپىق سەھنىگە ئېرىشىشى ناھايىتى مۇھىم. ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ .بۇ بىرلىشىشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كەلتۈردىغان پايدىسى ناھايىتى زور بولغىدەك. مۇشۇ ئىشتىن بەك سۆيۈندۈم. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزدىغان مۇۋاپىق سەھنىگە ئېرىشىشتى .مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ بىرسى .
مەنمۇ بەك خوش بولدۇم. ئانا يېزىقنىڭ دۇنياۋىي سىستېمىدا نامايەن بۇلۇشى كىشىنى ھەقىقەتەن خوش قىلىدۇ.
بۇ نى ئۇيغۇرچە نىمە دەيمىز ‹@› ؟
رۇسچە ‹ساباچكا› دەيدىكەن دۈگلەككە ئېلىپ قويغان a ھەرپىنى،باشقا تىللاردا نىمە دەيدىغاندۇ؟مۇشۇ بىزگە لازىم ئەمدى…
مەن بۇرۇن « يۇملاق ئا » دەپ ئاڭلىغان، توغرىمۇ، خاتامۇ بىلمەيمەن…
مۇڭغۇل ،زاڭزۇ تىللىرى شۇ پېتى قېلىۋەرگەن ئوخشايدۇ ھە؟