نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش مەركىزى 5-قەۋەت يىغىن زالىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 31 ئۇچۇر تېخنىكا كارخانىسى ئۆز-ئارا كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5-6 ئۇيغۇر كارخانىسى بار. يىغىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:30 دا باشلىنىپ 6:00 دە ئاخىرلاشتى، ئارقىدىن يەنە ئۆز-ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مېڭ فەنلى، ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام، پروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
كېلىشىم ئىمزالىدى.


ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئېرپان شىركىتىدىكى ئىلھام مۇئەللىم بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.


ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ تەبرىكلىدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كېلىشىم ئىمزالىغان شىركەتلەرگە خالىغانچە بېرىپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تېخىمۇ پۇختىلايدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن زور پۇرسەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
================

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىناشقا كۆرسىتىلگەن مۇھىم شىركەت بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا مىكروسوفت ئەۋەتكەن 20 تال دىسكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. مەن Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ، Windows 8 سىناشقا تەكلىپ قىلدىم ۋە مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم.


مەن يەنە Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەردىم، مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم. ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم بەزى تەپسىلاتلارنى سورىدى ۋە ناھايىتى قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى.


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قارلۇق شىركىتىنى سىناشقا تەكلىپ قىلىپ، Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى شىركەت مەسئۇلى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندىمگە بەردىم.
=========
(بۇ رەسىمنى بېسىپ، پۈتۈن كۆرۈڭ)

(كوللېكتىپ رەسىم)
=============
مەن بۇ دىسكىلارنى يەنە تىل-يېزىق ئورۇنلىرى، نەشرىيات، تىل تەربىيەلەش مەركەزلىرى،… قاتارلىقلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ،…قاتارلىق 10 نەچچە ۋىلايەتلەردىكى شەخسلەرگىمۇ ئەۋەتىپ بەرمەكچى، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئايرىم تېما يېزىپ توختالماقچى بولۇۋاتىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
64 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ياخشىمۇسىز ئالىمجان مۇئەللىم
    بۇ ناھايتى كاتتا ئىش بوپتۇ…
    مەنمۇ توردىن سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ، بىۋاستە ئۇيغۇرتىلى تۈرىنى كۈرۈپ، بەكمۇ ھاياجانلاندىم ۋە نۇرغۇن دوستلارغا تەۋسىيە قىلدىم.
    ناۋادا دېسكىلار ئېشىپ قالسا، مەشئەل كومپىيوتېر تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىمىز سىناپ باقساق دەيمەن…(ھەقسىزمۇ يا…..چاقچاق جۇما)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:05
    • ئاقسۇغا ئاران بىر سان بەرگەن ئىدىم، ئەمەلىيەتتە توردىكى شۇ ISO ھۆججەتنىڭ دىسكىسى، ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى سىنايسىلەر، شۇ چاغدا مەن كۆپرەك تەلەپ قىلاي ئۇلاردىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:18
  • تۈنۈگۈن رەسىملەرگە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن…
    قارىسام ئۇلار بەرگەن ھەقسىز دېسكىلارنى ساپلا شېركەت باشلىقلىرى، داڭلىق شەخىسلەرگە بېرىپسىز… نامى چىقمىغان پۇقرالارغىمۇ بېرىڭ جۇمۇ…..
    باشلىققا بېرىۋەرمەي…(چاقچاق)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:46
  • تولىمۇ سۆيۈندۈم بۇ ئىشلاردىن. مىللىتىمىزنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكىسى ئۈچۈن ھارماي تۆھپە قوشۇۋاتقان ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ ھەربىر ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىسام، ياكى كۆرسەم شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ كېتىمەن! مىللىتىمىزنىڭ كۇمپيوتېر ئىشلىرى تەرەققىياتى سىزگە(سىزدەكلەرگە)مۇھتاج! ھارماڭ! سالامەت بولۇڭ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:08
  • @ نى ئەلفا دەپ ئاتايدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 13:50
  • سالامەتلىكڭىزگە دېققەت قىلىڭ….
    بەخىت ئامەت سىزگە يار بولغاي ئالىمكا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:26
  • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم …. بۇ ئىش بەك ياخشى ئىش بوپتۇ .. ئاساسەن مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت بوپتۇ .. ئەمما بىزدەك ئىچ ئىچىمىزدىن قىزىقىدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئازراقمۇ يول يوقتەك … بۇلۇپمۇ مۇشۇ پېروگىرامما ، تور پېروگىراممىسى قاتارلىق كەسپى مەكتەپ تاپالماي بەك قىينالدىم … توردىن ماتىريال سېتۋىلىپ كۆردۈم بېشى بار ئايىغى يوق ئاشۇنداق بولۋاتىدۇ … بولسا سىلەر ياكى سىلەرنىڭ مۇشۇ پېروگىرامما يەنى تور پېروگىراممىسى تۈزەلەيدىغان ھەم ئوقۇغۇچى يىتەكلىيالايدىغان ئازراق قۇشۇن ئاجىرتىپ ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ساپالىق ئەخلاقلىق ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش روھىغا ئىگە كىشلەردىن پەقەت ۋە پەقەت بىر قارار ئوقوغۇچى تەربىيلەپ يىتۈشتۈرۈپ چىقىشىڭلارنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم … بىزدەك يېشى چوڭىيىپ قالغان ئەمما ئوتتەك قىزغىنلىقى بار كىشلەر بەك بىچارە قالدۇق … بىزلەرنى بىر ئويلاپ قويساڭلار … كومپىيۇتېر تەربىيلەش مەركەزلىرى بۇنداق ئىشلار بىلەن خۇشى يوقكەن ئاساسەن بېشى بار ئايىغى يوقكەن …… بولسا مۇشۇ ئىشنى بىر ئويلىشىپ كۆرسەڭلار بوپتىكەن ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى am 02:46
  • يەنە بىر مەسىلە ھازىرقى مۇشۇ تور كۆرگۈچلەرنىڭ خىلمۇ – خىل بۇلىشى يەنە كىلىپ نەشىرنىڭ تولا يېڭىلىنىپ تۇرۇشى سەۋەپلىك نۇرغۇن توربېكەتلەر بەك قالايمىقان كۆرۈنگەن يەنە كىلىپ جەزىملەشنى باسسا ئەمەلدىن قېلىش بېسىلىپ كەتكەن تور بېكەتلەرنىڭ قالايمىقان بۇلىشى سەۋەپلىك …. مۇشۇ ئەھۋاللانى كۆرگىنىمدە بۇرۇنقى تور كۆرگۈچ ie6 نى بەك سېغىنىمەن …. مۇشۇنداق ئەھۋەللانى يوقىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ بىر كەسىپلەشكەن بىر مەكتەپ ئاچقان بولساڭلار …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى am 02:50
  • بىزنىڭ فاكۇلتېتنىڭ ئاتامانلىرى ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى نەق تۈرلىرىنى ئىشلەپلا ئۆتۈپ كەتمەي، مۇشۇنداق خەلقىمىزگە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان تۈرلىرىگە قاتنىشىپ تۇرسىمۇ بولىدىكەنغۇ! سۆيۈندۈم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:17
  • بەك ئوبدان بولۇپتۇ بەك خوشال بولدۇم.ھارمىغايسىز داۋاملق تىرىشقايسىز.ئانا تىللڭ ئامان بولسا رەڭگى روھىڭ سامان بولماس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:32
  • ۋاھ!!بىزمۇ ئاخرى شىركەتلەردە پاراكتىكا قىلىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بوپتىمىزدە!!ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ياشىسۇن!بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى خەلقىم، ياشىسۇن پىرافىسور ئالىملىرىمىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:45
باھا بېتى: 1 2 3 4