anti-shake قاتارلىق يېڭى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

anti-shake قاتارلىق يېڭى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىڭ

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاتالغۇ بولۇپ، 23-مارت سەھەردە مىكروسوفت سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇلغان. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلارغا بىر يېرىم كۈن مۆھلەت بېرىلگەن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ باقاي دېگەن ئىدىم، ھازىرچە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە ئۇياقتا تۇرسۇن، خەنزۇچە، ئەرەبچە قاتارلىق چوڭ تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغان. ئەتە بىر كۈن ئىچىدە تەرجىمە قىلىدىغان بۇنىڭدىن باشقا يەنە 30 ئاتالغۇ بولغاچقا، بۇ 7 ئاتالغۇنىڭ ئىزاھاتلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقتىم چىقمىدى، ئىزاھاتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان پىدائىيلار بولسا قارشى ئالىمەن، مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قويساڭلار بولىدۇ، رەھمەت !

قېنى بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلار ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭلار، 37 ئاتالغۇ ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت پەقەت بىر يېرىم كۈن، سەيشەنبە چۈشتە يەنى 12:00 دە تاپشۇرۇلىدۇ، رەھمەت!
================
(1) anti-shake
An image stabilization technique that’s used to reduce the appearance of camera shake in a video clip.
================
(2) early-launch antimalware
An antimalware driver that loads early in the boot process, to evaluate the safety of the other drivers being loaded. Based on a comparison against historical data for those drivers, the antimalware driver returns information to the kernel, which makes initialization decisions for each driver.
================
(3) flip ahead
A feature in Internet Explorer that enables users to go to the next page on a site quickly by swiping across the page or clicking the Forward button.
================
(4) postmaster
The logon name (and therefore the email address) of an account that is responsible for maintaining email services on a mail server. When an account holder is having trouble with email, a message to postmaster or ”postmaster@machine.org.domain.name“ will usually reach a human who can solve the problem.
===============
(5) storage allocation
In operating systems, the process of reserving memory for use by a program.
================
(6) Tap and Do
A gesture that enables proximity-based authentication between two devices.
================
(7) wobble correction
An image stabilization technique used to remove wobbled distortions from a video captured with a rolling shutter camera that’s exposed to large accelerations or jitter.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
75 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز! مەن تەرجىمە قىلىشقا ياردەم بېرىشنى سزدىن سورايمەن .ھەم قولامدىن كىلىشچە كۇچ چىقىرىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:51
  • بىربىرڭلارنىڭ پىكىرىنى ھۇرمەت قىلىڭلار بولامدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:05
  • anti-shake نى سىلكىنمەس دەپ ئالساق بىر قەدەر مۇۋاپىق بولارمىكىن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:04
  • بەت ئاتلىغۇچ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 17:43
  • تۇراقلاشتۇرغۇچ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 17:41
  • Save as باشقايەرگە ساقلاش بىر بىلەت كەتتى.
    تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ anti-shake بىر بىلەت كەتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:03
  • ئەي ئەپسۇس ،بۇيەرنى بالدۇر كۆرمەپتىمەن،مىنىڭچە بولغاندا تەرجىمە قانچە ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى،شۇڭا تاتلىق،ئاددى،زامانىۋى تۈسىنى ئالغان بولىشى كىرەك
    ئەدەپلىك،بىئەدەپ،دىگەندەن، سىلكىنىشى نى بىسىلكىش دىسەك قانداق بولار؟ ئالىم ئەھەت ئەپەندىم،بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق تەرەپتىن ياردەم تەلەپ قىلسىڭىزباشقا تور بىكەتلەرگىمۇ ئېلان بىرىپ قويسىڭىزكەن،بۇ سىزنىڭلا ئىشىڭىز ئەمەس ،بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئىشى،چۇقۇم ياردەم قلىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:47
  • تەۋرەنمىگۈچ ياكى تەۋرەتمىگۈچ دىسەكچۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 14:05
  • مەن ئېنگلىزچىنى يېڭىدىن ئۈگەنگۈچى، سەۋىيەم ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بەكرەك تىرشىپ ئۆگەنسەم بولغۇدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:47
  • ئۈستىدىكى OneNote دىگەننى نېمە دەپ تەرجىمە قىلغانسىلەر؟ جەمىئۇلخاتىرە دەپ ئالايلى، notebook دىگىنى ئەلۋەتتە خاتىرە دەپتەر دىگەن گەپ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:41
    • OneNote دېگەن مەھسۇلات نامى، ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، ئۆز پېتى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: Windows, Office, … دېگەندەك، بۇلارنى ئىشخانا، كۆزنەك دەپ تەرجىمە قىلساق بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى am 07:06
  • save as نى تۈرچىدە farklı kayıt دەيدۇ، مەنچە پەرقلىق قەيىت دىسەك بولامىكى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:49
    • Farıkli Kayıt دىگەن گەپنىڭ مەنىسى:«’ باشقىچە ئاتاش(بايان) بولارمىكىن»’
      ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ بولاپتۇ ئەمەسما….
      كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنداق ئۇيۇششۇشچان ھەركەتلىرىدىن سۆيۈندۈم. مۇشۇ يەر بارلىق ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن. جۈملىدىن ئالىم مۇئەللىمگە.
      ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق تېنىڭىز سالامەت باسقان ئىزىڭىز كارامەت بولسۇن مۇئەللىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:58
باھا بېتى: 1 2 3