نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

تىل نامى توغرىسىدا ئىككى خىل كۆز قاراش بار ئىكەن، مەسىلەن: «ئۇيغۇر تىلى»، «ئۇيغۇرچە» دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. ناۋادا، تۆۋەندىكى تىللاردىن بىرسىنى تاللاڭ دەپ چىقسا، قايسىنى تاللاش بىر قەدەر مۇۋاپىق؟ «ئۇيغۇر تىلى» بىلەن «ئۇيغۇرچە» دېگەن سۆزنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى نېمە؟ كىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، رەھمەت!

(1) كەينىگە «تىلى» دېگەن سۆزنى قوشۇش
ئۇيغۇر تىلى
ئىنگلىز تىلى
ئەرەب تىلى
=======
(2) «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇش
ئۇيغۇرچە
ئىنگلىزچە
ئەرەبچە
======
تۆۋەندىكى رەسىملەردىن پايدىلىنىڭ
ئىنگلىزچە تىل نامى

خەنزۇچە تىل نامى
خەنزۇچىدە 语 دېگەن خەت قوشۇلۇپ چىقىدۇ، مەسىلەن: 英语 دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسمىگە قاراڭ.

ئۆزبېكچە تىل نامى
ئۆزبېكچىدە «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇپتۇ.

===================
———————————————-
بۇ ئاشخانىدا ئۇيغۇرچە تاماق چىقىدۇ.
مەن ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىۋالدىم.
ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايمىز.
ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالامسىز؟
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئالىمەن.
———————————————-
مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن، دەرس ۋاقتىدا ئىنگلىزچە سۆزلىشىمىز.
بۇ كىتاپ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان، ئۇنىڭ تىلى ئىنگلىزچە
———————————————-
مەكتىپىمىز تەسىس قىلغان تىل كۇرۇسلىرى
1. ئىنگلىز تىلى 2. خەنزۇ تىلى 3. ياپون تىلى
———————————————-
ياپون تىلى، ياپونچە
ئالبان تىلى، ئالبانچە
ئامخارىك تىلى، ئامخارىكچە
———————————————–
قېنى ئويلىشىپ باقايلى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
142 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 9
  • مەنچە «ئۇيغۇرچە» دەپ ئېلىش مۇۋاپىق.
    «ئۇيغۇر تىلى» مەلۇم بىر تىلنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇيغۇرچە» دېگەنلىك مەلۇم ئوبېيكىتنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:47
  • بىرىنچى زىيارەتچى شۇنداقلا، بىرىنچى ئېنكاسچى نەزەرىدىن ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسىگە قەدەم باسقان قىرىنداشلارغا سالام!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:48
  • ئۇمۇمەن «*** تىلى» دىيىلسە، ئاشۇ تىلنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى….

    ئەگەر «***چە» دىيىلسە، تىلىمىزدا ئاشۇ *** تىلنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە «ئاشۇ مىللەتنىڭ پاسونىدىكى» دېگەن مەنانىمۇ ئىپادىلەيدۇ. كۆپىنچە تۇرمۇشىمىزدا «***چە» دىيىلسە، شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم كۈچلۈكرەك.

    مېنىڭچە سېستىمىلاردا «***چە» دەپ ئېلىنسا بولىدۇ. چۈنكى شۇ ئورۇندا (يەنى «***چە» دېگەن خەت كۆرۈنگەن ئورۇن) پەقەت تىلنى بەلگىلەيدىغان بەلگىلەش تۈرى بولغاچقا، كۆپچىلىك كۆرۈپ چۈشۈنەلەيدۇ. خاتا چۈشەنچە پەيدا بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:18
  • ئۇيغۇر تىلى دىگەن مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
    ئۇيغۇرچە دىمەك پەقەت تىلنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇيغۇرچە كىيىنىش، ئۇيغۇرچە ئۇسۇل دىگەنلەرنى مىسال ئالساق، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرچە تىل بىلەن ئالاقىسىز بىر سۈپەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 12:40
  • مەن دەپ باقاي:
    ئۇيغۇر تىلى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى،ئۇيغۇرچە بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلار.
    مەسلەن:بىرقانچە تىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،بۇ قايسى تىل دەپ سورسا،بۇ ئۇيغۇر تىلى دەپ جاۋاپ بېرشىمىز كىرەك.
    ئەگەر سىزگە قانداق مۇلازىمەت كىرەك دىسە،ماڭا ئۇيغۇرچە مۇلازمەت كىرەك ديشمىز كىرەك.
    يەنە بىر قانچە تىلدا يېزىلغان بىرخىل مەزمۇندىكى (مەسلەن:ماتىماتكا توغرسىدا)ماتىريال بولسا، بۇ ئۇيغۇرچە ئكەن،بۇ بولسا ئنگلىزچە ئكەن دەيمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:10
  • ئۇيغۇرچە نى قوللايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:59
  • ئۇيغۇرتىلى-ئېغىزدا سۆزلەپ ،قولاق ئارقىلىق ئاڭلايدىغان تىلنى كۆرسىتىدۇ،
    ئۇيغۇرچە- ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگەئالىدۇ،
    خەلق تورىنىڭ(www.people.com.cn) تىل تاللاش تۈرىدە «ئۇيغۇرچە»دەپ يېزىلغان،بانكىنىڭ پۇل ئېلىش ماششىنىسى(ATM)نىڭ تىل تاللاش تۈرىدىمۇ «ئۇيغۇرچە» دەپ يېزىلغان،
    شۇڭلاشقا «ئۇيغۇرچە» دەپ تاللىساق بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارايمەن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 14:22
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم !
    (يۇقىرىدىكى پايدىلىنىش ماتېريالىدا پەقەت ئۆزبەكچىلا كۆرۈندى) .
    بىز ئۇيغۇرچە يېزىلغان بارلىق كىتابلارنى ئۇيغۇرچە كىتاب دەيمىز . خەنزۇچە يېزىلغانلارنى خەنزۇچە، ئېنگلىزچە يېزىلغانلارنى ئېنگلىزچە كىتاب دەيمىز.ئەمما، دەرسلىك قىلىپ ، شۇ تىلنى تەتقىق قىلىپ يېزىلغان كىتابلارنى مەسىلەن : ئۇيغۇرتىلى، خەنزۇتىلى، ئېنگلىزتىلى كىتاب دەيمىز.ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئېنگلىزچە كىتاب دېسەك مەنە جەھەتتىن قارىماققا توغرا بولغان بىلەن قوللانغان ئورۇن جەھەتتىن خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.
    بىز ئىشلەتكەن ئېلېكترونلۇق قوراللارنىڭمۇ تىلىنى تەڭشىگەندە ئۇنى ئۇيغۇرچەغا ، خەنزۇچەغا ، ئېنگلىزچەغا …..تەڭشەيمىز. چۈنكى بۇيەردە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تىل بولسا تەتقىقاتقا قارىتىلمايدۇ. شۇ تىلنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلىمىسىز بولىدۇ.
    قېنى باشقىلارنىڭ قانداق پىكىرى باركىن ئىلمىي ، قايىل قىلارلىق بولسا مەن پىكىرىمدىن يېنىپ توغرىسىنى قوبۇل قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 14:55
  • قارخان گوروھى تۇنجى ئۇيغۇرچە مەشخۇلات سىستىمىسىنى ئېلان قىلدى .
    قارخان گوروھى تۇنجى ئۇيغۇرتىلى مەشخۇلات سىستىمىسىنى ئېلان قىلدى .
    ئۇيغۇر تىلدا سۆزلىيەلەمسىز ؟ سىز ئۇيغۇرتىلدا يازالامسىز ؟
    ئۇيغۇرچە يېزىشنى سۆزلەشنى بىلەمسىز ؟

    مەسىلە ئايدىڭ بولدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 14:55
  • بۇمىنىڭ قارشىم ،.ئۇيغۇرچە ئۇمۇملۇقنى بىرلدۈردۇ.مىسال: ئۇيغۇرچە ناخشا،ئۇيغۇرچە تائام،ئۇيغۇرچە كىتاپ…ئۇيغۇرچە خەت نۇسقللىرى، ئۇيغۇرچە سېتىما .ئۇيغۇرچە تاللاش …. ئىشلىتىشى دائىرسى بىر قەدەر كەڭ. …ئۇيغۇر تىلى ..پەقەت ئۇيغۇر تىلىنىلا كۆرسىتىدۇ..باشقا مەنە بەرمەيدۇ…شۇڭا قوللۇنىشچانلىقى كۆپ بولغان ‹ئۇيغۇرچە›دەپ يازساق …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:49
  • مەنچە يەنىلا ئۇيغۇر تىلى دىسەك مۇۋاپىق بولغىدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:53
  • مەنچە ئۇيغۇرچە بولسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:54
  • ئۇيغۇرچە بولسا بولغۇدەك..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:42
  • مېنىڭچە‹‹ ئۇيغۇرتلى ›› دەپ ئېلىش كېرەك !بىز ئادەتتە ئېلىكترۇنلق ئەسۋابلارنى ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا ئەگەر يېزىق ياكى تىل تاللاش مەسلسىگە دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا تاللاش
    تۇرىدە كۆرستىلدىغنى بولساEnglish ,汉语,俄语
    دەپ چىقىدۇ، بۇ يەردە كۆرستىلدغىنى بولسا ئېنگىلىزتلى ،خەنزۇتلى ،روستلى نى كۆرستىدۇ .ئۇيغۇرتلى دەپ ئېلىنغانلىقى ھەرگىزمۇ يۇقىردا كۆرستىلگەندەك خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ .چۈنكى ‹‹ئۇيغۇرتلى››دەپ ئېلىنغانلىقى شۇ تىل شارائىتىدا مەزكۇر ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇيغۇرتلى بۇيىچە تەڭشەلگەن نۇسخسنى ئىشلىتىدغىنىنى بىلدۈردۇ ! مۇشۇنداق بولغاندا توغرا بولىدۇ !يۇقىردا بىر بىر تورداش دېگەندەك ‹‹ئۇيغۇرچە››دېگەن تىل بىلەن ئالاقىسىز بىر سۈپەت خالاس .بۇمېنىڭ ئويلىغىنىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:20
    • «ئۇيغۇرچە»نى تاللىغاندا، ئەگەر ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇب(Style) ئىشلەتكەن بولساق، ئەلۋەتتە، بۇ نۇقۇل ھالدا كۆرۈنمەيۈزىدىكى تىلنىلا ئەمەس بەلكى ھەممە يەرنى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا ئىشلىتىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.(«ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىتىش»مۇ شۇنىڭ ئىچىدە)
      مەن «ئۇيغۇرچە»غا بېلەت تاشلىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:36
  • مەن «ئۇيغۇرچە»نى قوللايمەن، مېنىڭچە بىز تۈركىي مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، تۈرك، ئۆزبەك، قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردىن ئىلھام ئالساق بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 18:19
باھا بېتى: 1 2 3 9