Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلار ھەققىدە مەن كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ باقاي دېگەن ئىدىم، ھازىر سەل ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولماقتا. بۇ ئاتالغۇ Windows نى ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن تونۇشلۇق، لېكىن ئىنگلىزچە ئاتالغۇسىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئاۋۋال خەنزۇچىسىنى كۆرۈڭلار.

ئالدى بىلەن بىر نەچچە كۆزنەكنى ئېچىپ قويۇپ، Windows نىڭ ۋەزىپە بالدىقىدا مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك چىقىدۇ، ئاندىن ماۋۇ قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان تۈر (ياكى ئەزا)نى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. كۆزنەكلەر ھەر خىل تەرتىپتە تىزىلىدۇ. مۇشۇ 3 خىل ھالەتنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ ئۈستمۇئۈست (بېسىلغان)، ئۈستمۇئاست(يىغىلما)، يانمۇيان،…دېگەندەكمۇ؟ ياكى باشقىچەمۇ؟

تۆۋەندە ئىنگلىزچە رەسىمى بېرىلدى.

1. Cascade windows
2. Show windows stacked
3. Show windows side by side

ئۇنداقتا بۇ 3 ئاتالغۇنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ چوقۇم ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
56 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • بۇ ئاتالغۇلار(نىڭ ئپادىلىگەن مەنىسى) ناھايىتى ئوبرازلىق ئىكەن، شۇڭا بۇلارنى خەت مەنىسىگە ئېسىلىۋالماي، مۇشۇنى ئۇيغۇرچىدا نېمە دەيمىز، يەنى قانداق ئىپادىلەيمىز دېگەننى ئويلىساقلا بولىدۇ. مېنىڭ پىكرىم: 1. كۆزنەكنى دەستىلەش؛ 2. كۆزنەكنى تىك تىزىپ كۆرسىتىش؛ 3. كۆزنەكنى يانداش (تىزىپ) كۆرسىتىش.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:28
  • بۇ بىر بۇيرۇق يەنە بىر يىغىنچاق كۆزنەكتە ئىكەن،
    شۇڭا مەنچە بىزدىكى قىسقا كاماندا شەكلى بولغان (قات تۇر)،(تىك تۇر )،(توغرا تۇر)؛+ۇش ياكى+ماق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى am 07:52
  • ماڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرىدەك بىلىندى، لېكىن ئالىم مۇئەللىمنىڭكىنى ئىشلەتسەك سەل چۈشىنىشلىكرەك بولغۇدەك. (چوڭ كىچىك ھەممە ئادەمنى ئويلىغاندا)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:58
  • بۇ دېگەن بىر ئاممىباب مەھسۇلات، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر كۆرۈپلا لۇغەت ئاختۇرماي چۈشىنىپ ئىشلىتەلەيدىغان، 6 ياشتىن 60 ياشقىچە كىشى بىمامال چۈشىنەلەيدىغان، ئاددىي تىل بىلەن ئىپادىلەنسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەيلى
    ==========================
    ناھايىتى توغرا ئېيتىپسىز ئاتالغۇنى مۇرەككەپ چىقىرىۋالغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ خەلق بىر كۆرۈپلا بۇنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلىسىلا شۇ ئەڭ توغرىسى! سىزنڭ ئالغىنىڭىز بەك مۇۋاپىق بوپتۇ!بىر كۆرۈپلا نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:17
  • كۆزنەك ئۈستلەش
    كۆزنەك تىزىش
    كۆزنەك قاتارلاش

    ئەڭ ئىخچام، بولسۇن باللار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:12
  • مەن OK!~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:48
  • كۆزنەكنى ئۈستىلەپ كۆرسىتىش بىلەن كۆزنەكنى دەستىلەپ كۆرسىتىش ئىككىسى بىر گەپ ئەمەسمۇ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 23:09
    • شۇنداق بىر گەپ، ئىپادىلەش شەكلى ئوخشىمايدۇ. لېكىن دەستىلەش دېگەننىڭ يەنە باشقا مەنىلىرى بار، بىر نۇقتىدىن ھەرقايسى يۆنىلىشكە قاراپ چىققان نۇرلارنى نۇر دەستىسى دەيمىز.
      گۈلنى ئۈستىلەپ قويۇش بىلەن دەستلەپ قويۇشنىڭ پەرقى بار

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:17
  • مەن دىسەم ئالىم مۇئەللىم ، Cascade windowsمۇ
    شۇنداق بۇلىدۇ .بىراق ئەڭ ئاخىرى كۆرۈلگىنى ئەڭ بىشىدا بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
    Show windows stacked بىلەن Show windows side by side نىڭ تىزىلىش رەت تەرتىپىCascade windowsبىلەن ئوخشاش ،بىراق ھەر ئىككىلىسىدە كۆزنەكلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈلگەن كۆزنەك ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈلىدۇ،ئۇنىڭ ئاستىدا ئىككىنچى ئاخىرقى كۆزنەك تىزىلىدۇ.باشتا دىگىنىمدە خاتالىق يوق .
    شۇڭا 1-ئاتالغۇ پەقەت كۆزنەكنى بىزگە تىزىپ بېرىدۇ، بىزگە كۆرۈنۈش شەكلى تەخسىنى كەينى كەينىدىن تىزىلغاندەك يانتۇ تىزىلىپ كۆرۈنىدۇ،خالاس ،شۇڭا «كۆزنەكنى تىزىش»دەپ ئالدىم .
    ئەمدى مۇشۇ تىزىلغان كۆزنەكنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا بىزگە ھەمسىنى كۆرسىتىدۇ.يەنى Show windows stacked
    بىلەن Show windows side by sideئۇسۇلىدا.
    بۇلارنىڭ تىزىلىش ئۇسۇلىدا چۇقۇم پەرىق بار ،ئالدىن قىتىم مۇشۇ توغرىسىدا پىكىر بەرگەن .سىز كۆرمىگەن ئوخشايسىز.
    مەن كۆمپىيوتىرنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن ،بولسا مۇشۇ پەرىقنى بىلىدىغانلار تىپىپ چىقسا ،پەرىق ئىنىقلانسا تەرجىمە ئاسانغا چۈشىشى مۇمكىن ،ئازىر بىزنىڭ تەرجىمە پەقەت
    خەت يۈزىدىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:16
    • 1-ئاتالغۇ: بۇ يەردە تىزىش تەرتىپىدىن بەكرەك تىزىش كۆرۈنۈشى مۇھىم، تور بەت تۈزۈپ باققانلارغا مەلۇمكى ماۋۇ Cascade يەنە باشقا ساھەلەردىمۇ قوللىنىدۇ. مەسىلەن: Cascading Style Sheets (CSS). شۇڭا، بۇ ئاتالغۇ بۇ يەردىمۇ چۈشكەن بولۇشى كېرەك. بۇ شاقىراتمىنىڭ تاغ باغرىدىن يەنە تاغ باغرىغا ئاندىن يەنە تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ، خۇددىي پەلەمپەي شەكىلدە چۈشۈشىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ تىزىش تەرتىپى ئەمەس بەلكى بىر خىل تىزىلىش شەكلى. دەستلەش دېسەك مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، قاچا-قۇچىلارنى دەستىلىسىڭىز، ئاستىدىكىنى كۆرەلمەيسىز. ماۋۇنىڭدا پەلەمپەي شەكلىدە ئۈستمۇئۈستىگە قويۇش بولۇپ، ھەممە كۆزنەكنىڭ تېمىسىنى كۈرۈپ تۇرالايسىز. شۇڭا، بۇنى كۆزنەكنى تىزىش دېسە قەتئىي توغرا بولمايدۇ. باشقا ساھەدە تېخىمۇ چۈشمەيدۇ.

      2-ئاتالغۇ: پەقەت بىر باشتىن باشلاپ سولدىن-ئوڭغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېكرانغا لىق پاتقۇزۇپ تىزىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى كۆرۈنۈش شەكلى ئەمەس، تىزىشتۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى كۆزنەكنى قوتانغا باشلاش، ئالدىدا كىرگەننى كەينىدە كۆرۈش، كومپيۇتېر كەسپىدە سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى دېگەن دەرسىنى ئۆگەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن ئاددىي ئاتالغۇ. بۇ تىزىشقا قارىتىلغان، شەكىلگە ئەمەس.

      3-ئاتالغۇ: يانمۇيان كۆرسىتىش دەپ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلماي ئامال يوق، چۈنكى بۇنىڭدىن ئۆتە جايىغا چۈشكەن ياخشى تەرجىمە يوق. بولسا مەرھەمەت!، ئۇيغۇرچىدە يىلمۇيىل، ئايمۇئاي،…دەيدىغان ئىپادىلەش شەكلى بار.

      بۇ پەرقنى ئوبدان چۈشەنگەن بولغاچقا، يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا ھېچقانداق قىيىنچىلىق ياكى توسالغۇ بولمىدى، ھەممىسى ۋاقتىدا پۈتۈپ بولدى. بۇ يەردە پەقەت پۈتۈپ بولغان نەرسىلەرگە كەمتەرلىك بىلەن پىكىر بارمۇ دەپ يېزىپ قويۇۋاتىمەن، بىلوگىم مۇشۇنداق تېما بىلەن ئاۋات بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە، ئېغىر خاتالىق بولسا، چوقۇم ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇ ئېنىق. لېكىن: دەپتەر دەيمىزمۇ، خاتىرە دەيمىزمۇ ياكى خاتىرە دەپتەر دەيمىزمۇ دېيىش، چوڭ پەرقلىق پىكىرلەرمۇ ئەمەس. بۇلارنىڭ خالىغان بىرسىنى ئالسىمۇ، چوڭ خاتالىق يۈز بەرمەيدۇ. دەپتەر تۇتۇپ باققانلار، كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ باققانلار بەكرەك پىكىر بەرسە، تېخىمۇ جايىدا بېرەتتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى am 08:39
    • ئەسسالام مۇئەللىم،سىز باشقىلارنىڭ ئىنكاسىڭىزنى باھالىشىنى ياقتۇرمىغاندىكىن(چاخچاق،سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا بىۋاستە قايتۇرغىلى بولمىغاچقا چاخچاق قىلىپ قويدۇم،ئىغىر ئاممايسىزغۇ ھە؟~) مۇشۇ يەرگە يۇقىردىكى باھايىكىزغا بىۋاستە ئىنكاس يازاي
      ======================================
      يۇقىردىكى ئىزاھلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئەمدى راۋرۇس چۈشەندىم،لىكىن پەقەت Cascade windowsقىلا پىكىر بەرگۈدەك مۇۋاپىق كىلىدىغان سۆز تاپالىدىم.سىز دىگەندەك‹‹ئاۋۇنىڭدا پەلەمپەي شەكلىدە ئۈستمۇئۈستىگە قويۇش بولۇپ، ھەممە كۆزنەكنىڭ تېمىسىنى كۈرۈپ تۇرالايسىز.››بولسا،دىمەك بىز ئەڭ ئۈستىدىكى كۆزنەكنى پۈتۈن،قالغان كۆزنەكلەر پەلەمپەيسىمان ئۈستىمۇ-ئۈستىلەپ تىزىلىپ پەقەت تېمىسىنىلا كۆرەلەيمىز.شۇڭا مەن تۇيۇقسىز ‹‹سەرلەۋھىلىك تىزىش\دەستىلەش››دىگەننى ئويلاپ قالدىم.بۇ قانداقراق بولىدىكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:59
      • بولىدۇ، لېكىن ئەدەبىي رومان ئەمەس، دەبدەبىلىك سۆز ئىشلىتىپ تەرجىمە قىلىدىغان ياكى تارىخىي ئەسەر ئەمەس. قەدىمىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تەرجىمە قىلىدىغان.
        بۇ دېگەن بىر ئاممىباب مەھسۇلات، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر كۆرۈپلا لۇغەت ئاختۇرماي چۈشىنىپ ئىشلىتەلەيدىغان، 6 ياشتىن 60 ياشقىچە كىشى بىمامال چۈشىنەلەيدىغان، ئاددىي تىل بىلەن ئىپادىلەنسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەيلى

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:47
    • مەن سىزگە دىسەم سىز ئالىم مۇئەللىمگە پىكىر بەرمەپسىز،بەلكى ئالىم مۇئەللىم بىلەن بىلىم سېلىشتۇرىۋېتىپسىز!ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ،بىز مەسىلىنى بىر نۇقىتىنەزەردىن قارىغان بىلەن،ئالىم مۇئەللىم بۇ مەسىلىلەرنى نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەردىن ئويلىشىشى مۇمكىن!شۇڭا ياخشى پىكىرلەرنى بەرسەك ياخشى،بىراق بۇيەردە ئالىم مۇئەللىم بىلەن بىلىم سېلىشتۇرۇشقا سالاھىيىتىمىز توشمايدۇ!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:11
  • بەك ئالدىراش بوپ كەتتىم، بولمىسا بۇنچىلىك ئىشلار دېگەننى بىر دەمدىلا تەرجىمە قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۋېتەتتىم، كەچۈرۈڭلار ھە…..(چاقچاق)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:56
  • سىزچە قانداق ئىپادىلەنسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟ ئۇ دېگەن شۇ كۆزنەكنى بىر باشتىن رەت بويىچە تىزىپ چىقىدۇ، خۇددىي ئۆيگە خىش ياتقۇزغاندەك(تىزغاندەك)، ھەممە كۆزنەكنى پۈتۈن ئېكرانغا بىر باشتىن پاتقۇزۇپ تىزىپ چىقىدۇ شۇ،
    =====================================
    3-ئاتالغۇنىڭمۇ تىزىش ئۇسۇلىمۇ بىر باشتىن رەت بويىچە تىزىپ چىقىدۇ.بىراق كۆزنەكنىڭ كۆرۈلۈش يۈزى كۆۋادراتقا ئوخشايدۇ ، 2-سىنىڭ تىك تۆتبۇلۇڭغا ئوخشايدۇ. (كۆرۈلگەن كۆزنەكنىڭ سانى كۆپرەك ۋەياكى مەلۇم تاق سانلىق كۆزنەكلەر تىزىلساشۇنداق بۇلىدۇ.) ھىچ بولمىغاندا مەن سىناپ باقسام شۇنداق نەتىجە چىقتى.
    سىزنىڭ گىپىڭىزدىن ئىلھام ئىلىپ مۇنداق پىكىر بەرگىم كىلىۋاتىدۇ.
    1-ئاتالغۇ: رولى كۆزنەكلەرنى تىزىش، بىراق تىزغاندا كۆزنەكلەرنىڭ كۆرگۈچى تەرەپتىن كۆرۈلگەن رەت تەرتىپىگە قاراپ تىزىدۇ، ئەڭ ئاخىرى كۆرۈلگەن كۆزنەك ئەڭ بىشىدا تىزىلىدۇ.جەمئىي 12كۆزنەك بىر قۇر بۇلۇپ تىزىلدۇ .13-كۆزنەك يىڭى بىر قۇردا تىزىلىدۇ. بۇ ئادەم تىزىلغانغا ئوخشاش،ئادەم ئالدىنى بىزگە قاراپتىپ
    تىزىلىدۇ.شۇنداق تىزىلسا بىز ئۇدۇل تۇرۇپ قارىساق بىز ئەڭ ئالدىكى ئادەمدىن باشقىسىنى كۆرەلمەيمىز ،ئەلۋەتتە بۇ غايىۋىلىك ھەلەت ئاستىدا شۇنداق بۇلىدۇ.
    يانغا سەل چىقىپ قارىساق ئاندىن كەينىدىكىلەرنىڭ باشلىرىنى كۆرەلەيمىز ،شۇڭا گەپنىڭ قىسقىسى :«كۆزنەكنى تىزىش»دەپ ئاتىساق.
    2-ئاتالغۇ:سىز خىش ياتقۇزغاندەك تىزىلىدۇ ،بىرسىنىڭ ئۈسىتىگە ياتقۇزغاندەك دەپسىز،شۇ سەۋەپتىن تىزىلغان كۆزنەكلەر ياپىلاق (تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدە) كۆرۈنىدۇ .شۇڭا
    بۇنى« »دەپ ئاتىساق ،(ھازىرچە تاپالمىدىم)
    3-ئاتالغۇ: پىكىر يوق .
    منىڭ كەشلىك ئسمىىنىدىن چۈشۈپ ئەتتىگەندە بەرگەن پىكىرىم مۇشۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:25
    • 1-ئاتالغۇ: رولى كۆزنەكلەرنى تىزىش، بىراق تىزغاندا كۆزنەكلەرنىڭ كۆرگۈچى تەرەپتىن كۆرۈلگەن رەت تەرتىپىگە قاراپ تىزىدۇ، ئەڭ ئاخىرى كۆرۈلگەن كۆزنەك ئەڭ بىشىدا تىزىلىدۇ.جەمئىي 12كۆزنەك بىر قۇر بۇلۇپ تىزىلدۇ .13-كۆزنەك يىڭى بىر قۇردا تىزىلىدۇ. بۇ ئادەم تىزىلغانغا ئوخشاش،ئادەم ئالدىنى بىزگە قاراپتىپ
      ===============
      ئالمىشىپ قاپتۇ، 2-ئاتالغۇ ئۈچۈن دېمەكچىما؟ stacked شۇنداق بولىدۇ، ئاۋۋال كىرگىنى كەينىدە چىقىدۇ. خۇددىي تەخسىلەرنى يۇيۇپ دەستلەپ تىزىپ چىقساق، كېيىن بىر باشتىن تاماق ئۇسماقچى بولساق، ئەڭ ئاخىردا يۇيۇلغان تەخسىگە ئەڭ باشتا تاماق ئۇسىمىز. بۇ يەنە قوي قوتىنىغا ئوخشايدۇ. قوتانغا ئەڭ بۇرۇن كىرگەن مال، ئەڭ ئاخىرىدا قوتاندىن چىقىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:42
  • مېنىڭچە «ئۈستمۇ ئۈست كۆرسىتىش» دېگەننى «دەستىلەش» دېسەك يېقىملىق ھەم چۈشىنىشلىك بولىدىكەن. بۇ سىسېما ئاتالغۇلىرى بولغاچقا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن 1. دەستىلەپ كۆرسىتىش 2. تىزىپ كۆرسىتىش 3. يانمۇيان كۆرسىتىش دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولامدۇ نېمە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:14
    • دەستلەپ دېيىشتىن ئىلگىرى، ماۋۇ cascade نىڭ قانداق نەرسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، google.com دىن رەسىم ئىزدەشكە كىرىپ، cascade كۆرۈپ بېقىڭلار، مۇشۇ نەرسىگىمۇ شۇ گەپ چۈشەمدۇ-يوق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:50
باھا بېتى: 1 2 3