Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ
[ ئاتالغۇلار ]تۆۋەندىكى ئاتالغۇلار ھەققىدە مەن كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ باقاي دېگەن ئىدىم، ھازىر سەل ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولماقتا. بۇ ئاتالغۇ Windows نى ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن تونۇشلۇق، لېكىن ئىنگلىزچە ئاتالغۇسىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئاۋۋال خەنزۇچىسىنى كۆرۈڭلار.
ئالدى بىلەن بىر نەچچە كۆزنەكنى ئېچىپ قويۇپ، Windows نىڭ ۋەزىپە بالدىقىدا مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك چىقىدۇ، ئاندىن ماۋۇ قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان تۈر (ياكى ئەزا)نى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. كۆزنەكلەر ھەر خىل تەرتىپتە تىزىلىدۇ. مۇشۇ 3 خىل ھالەتنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ ئۈستمۇئۈست (بېسىلغان)، ئۈستمۇئاست(يىغىلما)، يانمۇيان،…دېگەندەكمۇ؟ ياكى باشقىچەمۇ؟
تۆۋەندە ئىنگلىزچە رەسىمى بېرىلدى.
1. Cascade windows
2. Show windows stacked
3. Show windows side by side
ئۇنداقتا بۇ 3 ئاتالغۇنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ چوقۇم ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,391 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 05-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:11
- ئالدىنقى يازما :VirtualBox (مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى) غا Windows 8 نى قاچىلاش(1)
- كېيىنكى يازما :Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە
يەنە بۇلارنى شۇنداق دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەبلەر ،ئاساسلار نىمە ؟بىزلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز …
ئاخىرى بۇ پىكىرنىڭ نەتىجىسىمۇ چىقىپتۇ،ياخشى بوپتۇ.
1. كۆزنەكنى قەۋەتلەش
2. تىزىلغان كۆزنەكنى كۆرسىتىش
3. كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
ئازىراق بىر مەسىلە :2-سىنىڭ كۆزنەكنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئاتالغۇدا ئازىراق ئىپادىلەنمەي قالدىمۇ قانداق .
ئەزەلدىن شۇنداق ئېلىنغان، بۇ ئىشلارمۇ پۈتۈپ قالدى. ئەڭ ئاخىرقى قايتا كۆرۈش داۋامىدا، قانداق پىكىر باركىن دەپ، تورغا يېزىپ باقتىم، ئەمەلىيەتتە ئاخىرقى تەكشۈرۈشتە، ھېلىقى توردىكى ئۆزگەرگەن ئاتالغۇدىن باشقا ئاتالغۇ ئۆزگەرتىلمەيدۇ.
سىزچە قانداق ئىپادىلەنسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟ ئۇ دېگەن شۇ كۆزنەكنى بىر باشتىن رەت بويىچە تىزىپ چىقىدۇ، خۇددىي ئۆيگە خىش ياتقۇزغاندەك(تىزغاندەك)، ھەممە كۆزنەكنى پۈتۈن ئېكرانغا بىر باشتىن پاتقۇزۇپ تىزىپ چىقىدۇ شۇ،
بۇنى خۇلاسىلەپ قوياي، بىزدە ئەسلىي ئېلىنغىنى مۇنداق ئىدى
=======================
1. كۆزنەكنى قەۋەتلەش
2. تىزىلغان كۆزنەكنى كۆرسىتىش
3. كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
======================
قارىغاندا مۇشۇ پېتى تۇرسىمۇ بولغۇدەك
ئىنشائاللا ئالاقىلىىشپ باقارمەن.
层叠窗口 : كۆزنەكنى تىكسىگە (ۋېتىكال) تىزىش
堆叠显示窗口: كۆزنەكنى دەستىلەپ تىزىش (كەتمەن بولمىسا دەستىلەيدىغان دەپ تۇرىۋالماڭلار يەنە)
并排显示窗口:كۆزنەكنى توغرىسىغا (گورزىنتال) تىزىش
قارىغاندا كۆپچىللىك خەنزۇچە مەنىسىگە ئىلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
دەستىلەپ دېگەن سۆز ئاسان ئېغىزغا كېلىدىكەن ۋە ئوبرازلىق بوپتۇ. ھەمقۇر دېگەن ياسالما سۆزگە كەلسەك سەل تەستە ھەزىم بولدىغاندەك، قاتمۇ-قات. دەستىلەپ، يانمۇ-يان دېگەن سۆزلەر تۇرمۇشىمىزغا يېقىن ۋە ئوبرازلىق ئىكەن. جەمىئىيەتتە نۇرغۇن سۆز ئۇستىلىرى بار ئىدى، بولسا شۇلارنىمۇ مۇشۇ خىزمەتكە تەكلىپ قىلغان بولساق ياخشى بولار ئىدى، مەسىلەن ئابدۇقادىر-جالالىدىن مۇئەللىممۇ تەرجىمە ئىشلىرىغا ۋە بەزى سۆز ياساش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.
ئۇنداقتا بۇ يەردە پىكىر بەرسە بولىدۇ، قارشى ئالىمەن
چۇقۇم Show دىگەن سۆزنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن .
1. قات-قات كۆزنەك
2. دەستە كۆزنەك
3. رەت-رەت كۆزنەك
ئالىم ئەھەتكە:
سالام، تېچلىقمۇ؟ ئىشلار ياخشىدۇ. ۋىندوۋىز 8 ئۇيغۇرچىسىنىڭ شەپىسىنى بەرمەيمىزغۇ (^^)
ئەمدى يازمىغا كەلسەك،
:::::::
1. Cascade windows
2. Show windows stacked
3. Show windows side by side
كۆزنەكنى ئۈستىلەپ كۆرسىتىش
كۆزنەكنى دەستىلەپ كۆرسىتىش
كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
::::::
يۇقارقىسى ئەنگىلىزچە خەت تەرجىمىسى بوپتۇ، بۇنى ئۇيغۇرچە ئاتىساق:
1. كۆزنەكنى ئۈستىلەش
2. كۆزنەكنى دەستىلەش
3. كۆزنەكنى يانمۇيانلاش
دېسەك قانداق قارايسىلەركىن؟
层叠窗口 : قاتلاملىق كۆزنەك، كۆزنەك قاتلاملاش
堆叠显示窗口: كۆزنەكنى قاتلاملىق كۆرسۈتۈش،
并排显示窗口:كۆزنەكنى يانداش كۆرسۈتۈش
مىنىڭچە يانمۇيان دىگەن سۆز بىلەن قاتمۇقات دىگەن مۇنۇ ئىككى سۆز شۇنداق ماس كەلدى دەپ قارايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى :
1. بۇ سۆزلەرنى ھەرقانداق ئۇيغۇر چۈشىنەلەيدۇ . چۈنكى ئەمەلىي دۇنيادا بار مەسىلىلەر ھەمدە تۇرمۇشتىمۇ ئىشلىتىدىغان سۆزلۈكلەر.
2. ئنگىلىزچىدىدىكى side by side دىگەن سۆز بىلەن يۇقارقى يانمۇيان قاتمۇقات دىگەن سۆزنىڭ ياسىلىشى جەھەتتىن مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە . مىنىڭچە شۇ ۋەزىپە بالدىقىنى ئىجاد قىلغانلار شۇلارنى 20 نەچچە يىل ياسىغانلار شۇنداق دىگەن يەردە بىزمۇ مۇشۇنداق ئوخشاش ئاتالغۇلارنى قوللانساق ھىچقانداق ئاساسسىز بولماس.
3. ئوڭ كونۇپكىنى چەككەندىكى چىققان تىزىملىك ئادەتتە ئۇنداق چوڭ ھەم كەڭ بولمايدۇ. يەنە كىلىپ ھەر تىزىملىكنىڭ ئارلىقىمۇ ناھايىتى كىچىك بولغاچقا «يانمۇيان قاتمۇقات» دىگەندەك ئىخچاملىقمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.
لىكىن يەنە بىرسىگە «ئۈستىمۇئۈست» دىسەك بولغۇدەك. لىكىن سۆز تومۇرى «قات»«يان»…دىگەندەك بىر بوغۇملۇق سۆز تاپقان بولساق بەك ياخشى بولاتتى.
‹‹ ئۆزبېكىستانغا زىيارەت ›› دىگەن تېمىڭىزدىكى رەسىملەر كۆرۈنمەيدىغۇ؟ مۇمكىن بولسا ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز ، ككرۈشكە تەقەززا بولىۋاتىمەن.
مۇلازىمىتېر سەۋەبىدىن توختاپ قاپتىكەن، ئوڭشاپ قويدۇق، پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!
مىنىڭ پىكىرىم :
1.Cascade windows
كۆزنەكلەرنى دەستىلەش
2.Show windows stacked
كۆزنەكلەرنى تىزىقلاپ كۆرسىتىش
Show windows side by side.3
كۆزنەكلەرنى ھەمقۇرلاپ كۆرسىتىش
2بىلەن 3 نىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرساقمۇ بۇلىدۇ.
ئەمدى گەپ شۇ كىيىنكىلەرگە قانداق چۈشەندۈرۈشدە !
كۆزنەكنى ئۈستىلەپ كۆرسىتىش
كۆزنەكنى دەستىلەپ كۆرسىتىش
كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
1. Cascade windows كۆزنەكلەرنى دەستىلىمەك
2. Show windows stacked دەستىلەنگەن كۆزنەكلەرنى كۆرسەتمەك
3. Show windows side by side كۆزنەكلەرنى يانمۇ-يان كۆرسەتمەك
1.كۆزنەكنى دىستىلەش،
2.كۆزنەكنى دۆۋلەش
3.كۆزنەكنى ھەمقۇرلاش
دەستىلاش
كۆزنەكنى تىزىقلاش
كۆزنەكنى ھەمقۇرلاش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز تەكلىپ:مۇئەللىم بولسا مۇشۇ ‹ئېلىكتىرون› سۆزى ۋە قىسقارتىلمىسى توغرىسىدا بىر تىما يازسىڭىز،بۇنى بالدۇرراق بىكىتىۋىتىپ تىلكومغا سۇنىۋەتسىڭىز،بۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى ھازىر،رەھمەت.بىلىكتا باركەن،لىكىن تەكلىپ نومۇرى بولمىسا تىزىملاتقىلى بولمايدىكەن،تىزىملاتمىساق پىكىرمۇ بىرەلمەيمىزدە.شۇڭا سىزگە داۋا ئىيتىپ كەلدىم،ھاھا~