Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلار ھەققىدە مەن كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ باقاي دېگەن ئىدىم، ھازىر سەل ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولماقتا. بۇ ئاتالغۇ Windows نى ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن تونۇشلۇق، لېكىن ئىنگلىزچە ئاتالغۇسىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئاۋۋال خەنزۇچىسىنى كۆرۈڭلار.

ئالدى بىلەن بىر نەچچە كۆزنەكنى ئېچىپ قويۇپ، Windows نىڭ ۋەزىپە بالدىقىدا مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك چىقىدۇ، ئاندىن ماۋۇ قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان تۈر (ياكى ئەزا)نى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. كۆزنەكلەر ھەر خىل تەرتىپتە تىزىلىدۇ. مۇشۇ 3 خىل ھالەتنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ ئۈستمۇئۈست (بېسىلغان)، ئۈستمۇئاست(يىغىلما)، يانمۇيان،…دېگەندەكمۇ؟ ياكى باشقىچەمۇ؟

تۆۋەندە ئىنگلىزچە رەسىمى بېرىلدى.

1. Cascade windows
2. Show windows stacked
3. Show windows side by side

ئۇنداقتا بۇ 3 ئاتالغۇنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ چوقۇم ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
56 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مۇئەللىم ماۋۇ سىزنىڭ باھايىڭىزغا پىكىر بەرگىلى قويمامسىز نىمە؟ھاھا~~(چاخچاق) بولسا مۇشۇ مەسىلىنى بىر ھەل قىلساق،سىزنىڭ ‹باھا›يىڭىزنىڭ يىنىدا‹بۇ باھاغا پىكرىم بار›دەپ چىقمايدۇ،بىزمۇ شۇ ئالىم مۇئەللىم پىكىرگە ئۆچ ئوخشايدۇ دەپ جىم تۇردۇق شۇ(چاخچاق ھە،سىزنىڭ كىچىك پىئېللىقىزغا تولىمۇ قايىلمەن،ھەم سۈيىنىمەن).بولسا مۇشۇنى قىتىپ قويساق،بىز سىزنىڭ باھايىڭىزغا ئايرىم ئىنكاس بىلەن قايتۇرمىساق بولمايدىكەن.
    ============================
    كۆزنەكنى ئۈستمۇئۈست(ئۈستىلەپ) كۆرسىتىش
    كۆزنەكنى تىزىپ كۆرسىتىش
    كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
    ============================
    پىكرىم:1.ئۈستىمۇئۈست دىگەنلىك چۈشىنىشلىك لىكىن بىز ئادەتتە «نەرسىلەرنى ئۈستىمۇئۈست قويۇش/قويۇڭ›› دەپ ئىشلىتىپ كەتمەيمىز،بەلكى كىتاپلارنى دەستىلەش/تۈپلەش،نان ساڭزىلارنى دەستىلەش دەپ ئىشلىتىمىز.شۇڭا ‹دەستىلاش›نى قوللايمەن(ئاجىزلاشقاندا دىستىلاش بولىدۇ).
    يەنە بىر گەپ:بىز تەرەپتە ‹دىستىلاش›مۇ ئايرىم ئۆز ئالدىغا مەنىسى بار ،بىز خىمىر يۇغۇرغاندا خىمىر ‹پىتىرلاش›نى‹دىستىلاش›دەپ ئىشلىتىمىز.
    2.كۆزنەكنى تىزىقلاش
    بۇ خۇددى بىر تىزىق مارجان دىگەندەك.بۆرە تىگېننىڭ دىگىنىدەك‹ئوڭ _سول يۈلىنشتە ئىككى چوڭ
    قاتارغا ئايرىلدىكەن›بولسا بۇ كۆزنەكلەر ئوڭ ۋە سول ئككى تىزىققا تىزىقلاندى دىگەن گەپ. بۇ ئىككى تىزىقنى يەنە ئايرىم ھالدا ئوڭ تىزىق،سول تىزىق دەپ ئاتىساق بولىدۇ.مەسىلەن كىيىن بۇنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا «كۆزنەكنى تىزىقلاش››نى تاللىسىڭىز،كۆزنەكلەر ئىكراندا ئوڭ،سول ئىككى تىك تىزىق بولۇپ تىزىقلىنىپ كۆرىنىدۇ.كۆزنەك سانى جۈپ بولغاندا ئىككى تىزىقنىڭ كۆزنەك سانى تەڭ، تاق بولغاندا ئوڭ تىزىقنىڭ كۆزنەك سانى سول تىزىقتىن بىرى كۆپ بولىدۇ.››دىسە چۈشەندۈرۈشمۇ ئاسان،ئاتاشمۇ ئاسان.دەرس قىلىپ سۆزلىسىمۇ ئاسان ۋە چۈشىنىشلىك.
    3.كۆزنەكنى ھەمقۇرلاش.
    بۇنى قۇرداش،ھەمقۇرلار…دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش.چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.
    4.تامام،تۈگىدى ھاھا~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 22:08
  • 层叠窗口 كۆزنەكلەرنى دەستىلەش
    并排显示窗口كۆزنەكلەرنى يانغا قاتارلاش

    كۆزنەك دەستىلەش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:31
  • 1.كۆزنەكنى دىستىلەش،2.كۆزنەكنى دۆۋلەش،3.كۆزنەكنى ھەمقۇرلاش
    ماۋۇ 2-سى XPدا يوقكەن.بۆرە تېگىن دىگەندەك بولسا بۇنى يەنە ئويلايلى.لىكىن ماۋۇ ‹كۆرسىتىش› سۆزىنى قىتىشنى ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:20
  • cascade windows – كۆزنەكنى دەستىلەش دەپ ئالساق قانداق بولا.؟
    باھانەم: تۇرمۇشىمىزدا چىنە-قاچىلارنى ئۈستىمۇ-ئۈستى قۇيۇپ تىزىشنى دەستىلەش دەيمىز. cascade windows بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق، كۆزنەكلەر ئۈستىمۇ-ئۈستىگە تىزىلىدۇ. شۇڭا بۇ بۇيرۇقنى «كۆزنەكنى دەستىلەش» دەپ ئالساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:13
  • كۆزنەكنى ئۈستمۇئۈست(ئۈستىلەپ)
    كۆزنەكنى قاتارلاپ كۆرسىتىش
    كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:55
  • 1. Cascade windows كۆزنەكلەرنى دەستىلىمەك
    2. Show windows stacked دەستىلەنگەن كۆزنەكلەرنى كۆرسەتمەك
    3. Show windows side by side كۆزنەكلەرنى يانمۇ-يان كۆرسەتمەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:22
  • 并排显示窗口 قانونىيەت بۇيىچە ئېكراننى ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ رەتكە ئايرىپ كۆزنەكنى تىزغان بولسىمۇ،كۆزنەكلەر يانمۇيان تىزىلغاندەك كۆرۈلىدۇ .شۇڭا بۇنى «كۆزنەكنى يانلاپ كۆرسىتىش ياكى يانمۇيان كۆرسىتىش »دەپ ئاتىساقمۇ بۇلىدۇ .
    چۆگلەپ چۆگلەپ يەنە ئالدىنقى پىكىرىمگە كىلىپ قالدىم !~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:47
  • 2سائەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق بىر يەكۈن چىقاردىم .توغرىمۇ-يوق كۆرۈپ باقساڭلار :
    并排显示窗口 :بولسا ئېكراندىكى كۆزنەكنىڭ سانىغا قاراپ پۈتۈن ئېكراننى مەلۇم قانونىيەت ئارقىلىق رەتكە
    تىزىپ بېرىدۇ ،يەنى ئېكراننى ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ رەتكە ئايرىيدۇ ،ئاندىن ھەر رەتكە قانچە كۆزنەك پاتىدۇ شۇنى شۇ قانۇنىيەت بىلەن ھىسابلاپ چىقىدۇ .
    ئاندىن بۇ كۆزنەكلەر كۆرۈلۇش تەرتىپى بۇيىچە سولدىن ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ تىزىلىدۇ ،يەنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈلگەن كۆزنەك سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدە كۆرىلىدۇ.
    شۇڭا بۇ ئاتالغۇنى« ئۈستمۇئۈست(ئۈستىلەپ) كۆرسىتىش»ياكى باشقىچە دىسەك .
    堆叠显示窗口 :بولسا بۇنىڭ ئەكسى بۇلىدۇ ،يەنى ئېكراننى سولدىن ئوڭغا قانونىيەت بىلەن قاتارغا (گۇرۇپپىلاپ) ئايرىپ كۆزنەكنى تىزىدۇ .شۇڭا بۇنى :«قاتارلاپ كۆرسىتىش» ياكى باشقىچە دىسەك .
    بەزىدە 堆叠显示窗口 بىلەن 并排显示窗口 نىڭ تىزىلىش شەكلى قارىماقتا ئوخشاپ كىتىدۇ ،بىراق ئىشلەتكەن قانونىيەت ئوخشىمايدۇ.
    层叠窗口 نى « كۆزنەكنى قاتمۇقات كۆرسىتىش»دىسەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:39
  • يانداش :ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
    سۈپ . يانمۇيان تۇرغان ، يانمۇيان ئورناشقان : ئۇ تۇرغان ئۆي چارباغقا يانداش بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر دېرىزىسى شۇ باغقا ئېچىلىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:48
  • دەستىلىمەك Ⅱ:ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
    پ
    ② ئۈستمۇئۈست ، قەۋەت – قەۋەت قىلىپ تىزماق : ھەمراھ ئىچىلىپ بولغان چىنىلەرنى دەستىلەپ نېرىراق ئىتتىرىپ قويدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:41
  • دەستىلىمەك Ⅱ:ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
    پ
    ①دەستە – دەستە قىلىپ باغلىماق ، بىر تۇتام – بىر تۇتامدىن تىزماق : بۈگۈن مەن سېنى ياد ئېتىپ دوستۇم ، سېغىنىپ ئەسلەپ كەلدىم قېشىڭغا ، كۆرۈپ قەبرەڭنى خاتىرەم شۇ دەپ ، گۈلنى دەستىلەپ قويدۇم بېشىڭغا .
    ② ئۈستمۇئۈست ، قەۋەت – قەۋەت قىلىپ تىزماق : ھەمراھ ئىچىلىپ بولغان چىنىلەرنى دەستىلەپ نېرىراق ئىتتىرىپ قويدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:35
  • 1.كۆزنەكلەرنى قاتلاش
    3.كۆزنەكلەرنى يانداش كۆرسىتىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:53
  • مەن خاتالىشىپتىمەن ،بۇلارنى تېخى چۈشىنىپ يەتمەمتىمەن !~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:39
  • 层叠窗口 : كۆزنەكنى قاتمۇقاتلاش
    堆叠显示窗口: كۆزنەكنى قاتارلاپ كۆرسىتىش (ياكى قاتارلاش)ۋە ياكى دۆۋلەپ كۆرسىتىش.
    并排显示窗口:كۆزنەكنى يانلاپ كۆرسىتىش(ياكى يانمۇيانلاش)
    堆叠显示窗口 نى سىناپ باقسام كۆزنەك قانچە كۆپ بۇلۇشتىن قەتئىنەزەز،ئوڭ _سول يۈلىنشتە ئىككى چوڭ
    قاتارغا ئايرىلدىكەن.ئاچقان كۆزنەك تاق سان بولسا ئوڭ تەرەپ قاتاردا كۆزنەك سول تەرەپنىكىگە قارىغاندا بىرسى ئارتۇق يىغىلىدىكەن .
    بۇيەردىكى دۆۋلەش تەرتىپلىك دۆۋلەش بۇلىدۇ .
    يەنى تىراپىتسىيە شەكلىدە دۆۋلەش.دۆۋلىگەندە ئىككى قاتارغا ئايرىپ دۆۋلەيدۇ.
    باشقا تېخىمۇ ياخشى ئاتالغۇ بۇلۇشى مۇمكىن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:26
    • مېنىڭچە مۇنداق بولغان ئىدى،
      ============================
      كۆزنەكنى ئۈستمۇئۈست(ئۈستىلەپ) كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى تىزىپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
      ============================
      ئەگەر بۇ بولماپتۇ دېسەڭلار، ئوخشىمايدىغان پىكىر بولسا، بەرسەڭلار تېخى ياخشى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:28
    • ئالىم ئەھەت :
      مېنىڭچە مۇنداق بولغان ئىدى،
      ============================
      كۆزنەكنى ئۈستمۇئۈست(ئۈستىلەپ) كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى تىزىپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
      ============================

      مېنىڭ تەكلىپىم مۇنداق:
      كۆزنەكنى ئۈستىلەپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى دەستىلەپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:44
    • كۆزنەكنى ئۈستىلەپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى دەستىلەپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى يانمۇيان كۆرسىتىش
      مۇشۇلار مۇۋاپىقكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 13:27
    • ئەگەر ئۈستىلەش بىلەن يانداش بېكىتىلگەن بولسا، ئۈچىنچىسىنى
      كۆزنەكنى يانداپ كۆرسىتىش دىسە قانداق بولار؟
      بۇنداق بولغاندا شېئىرىي چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. ھى ھى

      كۆزنەكنى ئۈستىلەپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى دەستىلەپ كۆرسىتىش
      كۆزنەكنى يانداپ كۆرسىتىش

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:02
  • ئۈستمۇئۈست بىلەن ئۈستىمۇئاست ئوخشاش مەنانى ئپادىلەمدۇ نىمە؟ مۇشۇنى كۆپرەك تەھلل قلىپ باقساق بولغىدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:36
باھا بېتى: 1 2 3