نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]


بېيجىڭغا كېلىشتىكى بىرىنچى ئىش يىغىن ئۈچۈن ئىدى، 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە) بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى قۇش چاڭگىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن زالىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىن مۇنەۋەر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋۇكات، كارخانىچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى،…دېگەندەك شەخسلەر بار ئىكەن. مەن بۇ قېتىم «جۇڭگونىڭ پەخرى. 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو دەۋىردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس» دېگەن (خەنزۇچە) خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى بەدىنىمگە ئوراپ، بېشىمغا چىمەن دوپپا كىيىپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ باشلىقنىڭ قولىدىن گۇۋاھنامە تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ قېتىم دوپپا كىيىپ سەھنىگە چىققان بولغاچقا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تەكلىپ قىلغان رىياسەتچى مېنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويدى. زادى دوپپا دېگەننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن-جۇمۇ؟ بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسىغا كۆپ رەھمەت ! بولمىسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بىر قىسىم مۇخبىرلار ئىسىم كارتۇچكىسىنى تەڭلەپ، مەن جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىن، مەن ئىقتىساد گېزىتىدىن زىيارەت قىلىۋالساق دەپ تۇرىۋالدى، ئەمما، رىياسەتچى پائالىيەت تېخى تۈگىمىدى-دەپ، ۋەكىللەر سەھنىنىڭ يېنىدىكى چوڭ رەختكە ئىمزا قويۇڭلار دەپ تەكلىپ قىلدى، مەن بېرىپلا ئۆزەمنىڭ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ قويدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ كەينىدىكى دەرەخكە ئىسمىمنى جىجىلاپ قوياتتىم. مانا ئەمدى جۇڭگودىكى ئەڭ كاتتا زامانىۋى يىغىن زالى-دۆلەت يىغىن زالىدىكى رەختكە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم.

بۇ مۇكاپاتنى تەشكىللىگۈچى ئاساسىي ئورۇن جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ژۇرنىلى،…قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بولۇپ، ئىلگىرى 11 قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئىلگىرى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن ئەپەندىمۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ماڭىمۇ بۇ شەرەپنى بەردى، ئىلگىرى مايۈنمۇ «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋەر ياش»نىڭ بىرى بولغان ئىدى. مەنمۇ كەينىدىنلا باھالاندىم، قارىغاندا مايۈننى قوغلاپلا يۈرۈپتىمەن. قارىغاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە مايۈننىمۇ ئىزدەپ باقايمۇ-يا؟

ئالىم مۇئەللىم مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپلا قالماستىن، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەت يىغىن زالى»غا كېنىشكىسى يوقلارنىڭ كىرىشى بولۇپمۇ خالىغانچە رەسىم تارتىدىغانلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش ۋە رەسىم تارتىش ئىشلىرىنى يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق-دېگەن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىنئالغۇ ۋە رەسىم ئاپپاراتلىرىنى ياتاقتا تاشلاپ قويۇپ بارغان ئىدى. لېكىن، بەزى يولداشلار يانچۇقلىرىغا ئاپپاراتلارنى سېلىپ، دۆلەت يىغىن زالىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەيران قالدىم. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرىدا ئانچە-مۇنچە رەسىمگە چۈشتۈم، كېيىن ئۇلاردىن سوراپ ئالغاندىن كېيىن يوللاپ قويارمەن، ھازىرچە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ تېلېفونىدا تارتقان، يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى يوللاپ قويدۇم. ئاۋۇ رەسىملەرنى باسسىڭىز، يەنە ئازىراق چوڭىيىدۇ.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمغا بارىدىكەنمىز، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز. ۋەتەننى بىز قوغدايمىز، سىلەر خاتىرجەم تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىڭلار-دەپ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىغا بارىدىكەنمىز. قارىغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان ئوخشايمىز.

ئادىل مىجىت ئاكىمىزمۇ 10 يىل بۇرۇن تېلېۋىزىيەدە، بۇ يىل بېيجىڭدىكى نورۇزدا ئوينىغان «دوپپا» دېگەن ئىتوتنى ئوينىغان بولسا، بەلكىم، چوڭ يىغىنلاردا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ يۈرەركەنمىز. دوپپا بازىرىمۇ ھازىرقىدەك ئانچە كاسات بولماسكەن. يۇمشاق دېتال بازىرىمۇ دەل شۇنداق، ھازىرچە بېشىمدىكى دوپپىغا يەنە بىر رەھمەت !

بىلوگ دېگەن مۇشۇنداق ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى تېز بولىدىكەن، ئەمدى بىلوگ توغرىسىدا سۆزلەپ قالىدىغان بولسام،….

چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەت

چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇل ئەتىرىتى(中国人民解放军陆海空三军仪仗队)گە بېرىپ، ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ ماھارەتلىرى كۆردۇق، تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزبېكىستان پرېزدېنتى ئىسلام كەرىموف بېيجىڭغا كەلگەندە، مەن تېلېۋىزوردىن رەئىس خۇجىناۋ بىلەن بۇ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بىزمۇ بۇنداق مۇراسىمنى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆردۇق، ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە رەتلىك ئىدى. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن خاتىرە رەسىمگە چۇشتۇق. ئۆزەمنىڭ ئاپپاراتلىرىنى ئېلىۋالغان ئىدىم، لېكىن، ھەربىي رايون باشلىقىنىڭ خالىغانچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشسەڭلار بولىدۇ، لېكىن توردا تارقىتىشقا بولمايدۇ، بۇ ھۆرمەت قاراۋۇلىغا ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ-دېگەن سۆزى بولغاچقا، رەسىملەرنى يوللىمايمەن.
كەچتە، بېيجىڭنىڭ بەشىنچى چەمبىرەكنىڭ سىرتىدىكى بىر ئارامگاھدا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. داڭلىق ئارتىسلار ئويۇن قويۇپ بەردى. ئاساسەن «ئىناقلىق، تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش» دېگەن مەزمۇندىكى ناخشىلار ئىدى.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
19 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، ھەممىمىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز. بولسا بۇندىن كىيىنكى بارلىق ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ۋە نەتىجىلىك بولغاي! ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋە تېخنىكىلاردىن داۋملىق خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:26
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم،مەن ئىچكىردىكى داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. سىزدىن شۇنى سوراپپاققۇم بار ،يۇرتىمىز شىنجاڭدا ئېلىكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى قانداقراق؟مالال كۆرمەي تەپسىلىيرەك بىر چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ۆتىنىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 14:35
  • نەچچە يىلدىن بۇيان ئالىم مۇئەللىمنى ماختايدىغان سورۇن ئىزدەپ يۈرەتتىم ، ھەجەب بەلەن پۇرسەت بولدى بۇ ياشاڭ مۇئەللىم!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:46
  • ئالىمكا ياخشىمۇ سىز ؟مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن دەپ قانداق ئالاقىلىشنى بىلەلمەي تورسام ،دوستۇم تىلفۇن نومرىڭىزنى دەپ بەرگەن ئىدى .لىكىن خاتا ئىكەن ،مېنىڭ كەسپىممۇ سىزنىڭ يېتەكلىشىڭز مۇھتاج ئىدى .سىزنىڭ ياساپ چىققان دىتاللىرڭىزلا ئىشلىتىشلىك بولۇپلا قالماي گەپلىرڭىزمۇ شۇنداق تاتلىقكەن ئەمەسمۇ!بولسا ئىلخەت ئادىرسىڭىزنى بىلۋالسام.سىزنىڭ تېخىمۇ تىرشىپ ئالىم ئالىمكام بولشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ھازىرغىچە تەرەققىياتىمىزغا قوشقان توھپىڭىزنى چوقۇم ئۇنۇتماي ئۆزمىزگە ئۈلگە قىلىمىز .سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت يار بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:04
  • ھە راسىت ئالىمجان ئاكا ،ئويغۇرچە خەتنى تۈزۈك يىزىڭ،ئانا تىلىمىزنى ماشىنىغا تۇنۇتۇپ ،قولدا لاتىغا يىزىپ تۇنۇتالمىسىڭىز قانداق بۇلار؟……….(چاقچاق ھە)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:06
  • ئالىمجان ئاكا،سىز دوپپا كەيسىڭىز يەنە بىر كىشلىك سالاپەت كىردىكەن ئەمەسمۇ!!!
    ئىشلەك كانۋاي كۆينەك كەيگەن بولسىڭىز تىخىمۇ مىللىيلىك گەۋدىلىنىپ باشقىچە روھلىنىپ قالاتتىڭىز-دە!!
    چۇنكى سىز 10مىليوندىن ئارتۇق مىللى گەۋدىگە،ئاشۇ چوڭ سەھنىدە يەنە مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىسىز ئەمەسمۇ؟ شۈكرى!!!سىزنى تۇغقان ئانىمىزغا،ئىسمى-جىسمىغا لايىق پەخرىمىز بولغاچقا….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:02
    • كانۋاي كۆينەك ئالاي دېسەم، گۈللىرى بەكلا چوڭ ۋە بەك مۇرەككەپ ئىكەن، خۇددىي ناخشىچىدەك، ئاددىي نۇسخىدىكىنى تاپالمىدىم.گۈللىرىنى ئۆزەم زاكاز قىلدۇرۇپ بۇيرۇتارمەن.
      دوپپىنى داۋاملىق كىيىپ يۈرەي دېسەم، بېيجىڭغا قىرائەت مۇسابىقىسىگە بارغانمۇ؟ قايسى سۈرە-ئايەتلەرنى قىرائەت قىلدىڭىز؟ نەچچىنچى بولدىڭىز؟-دەيدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:28
  • سىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرلىرىمىزنى دۇنياغا تونۇتىدىغان ياراملىق كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تىلەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:15
  • بۇ خاتىرىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم. ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى قۇرۇلغان 10 نەچچە يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى. بۇ ساھەدىكى يولباشچى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى شەرەپكە نائىل بولۇشى بۇنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇچۇر بىر تەرەپ تېخنىكىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشمەن.

    تاقا-تۇقا سوئال:دەرسىنى ياخشى ئۆتەتتىڭىز، لېكىن بۇ بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى سەل ئاستىمۇ-قانداق؟(چاخچاق)

    ( پېقىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىېتى ماتېماتىكا ۋە سېستىما ئىلمى ئىنىستىتۇتى ئۇچۇر ۋە ھېسابلاش ئىلىمى 2002-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولىمەن.2007-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيە ئارالتۆپە 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:42
  • ئىسىملىرىنى ئەجەپ سەت يېزىپلا …ھى ھى ھى …
    ئەتتىگەندە ھەممە يازمىلىرىنى قارا-قويۇق ئوقۇپ چىقتىم،مېنى تونۇدىلىمۇ؟ ئاۋۇ ئېلخەت بىلەن خىلى پاراڭ سالغان ئىككىمىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 07:46
    • ئۇ يەرگە يازغان خەتنى، بەرگەن قەلىمىگە چۇشلۇق يازمامدىم؟ ناۋادا، مىجىت قەلىمىنى بەرگەن بولسا، ئەلكاتىپنىڭ خەتلىرىدەك چىرايلىق يازاتتىم-ئەمەسمۇ؟
      سىزمۇ قىزىقكەنسىز، بۇ يەرگە ئىنكاس يېزىپ مېنى تۇنىدىڭىزمۇ دېسىڭىز، بۇ يەردە يا چىرايىڭىز بولمىسا، ئاۋۇ (باش سۈرەت) ئاۋاتارغا قارىسام، كىچىك بالىدەك تۇرىسىز، ھا!ھا!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:41
  • بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى بايلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىختىساسلىق كىشىلەر بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئىسمى جىسمىغا خاس ئالىم ئەھەت ئەپەندى دەل كېيىنكى كىشىلەرنىڭ تىپىغا تەۋە…!!! ئۇ ئۇيغۇر كومپېيوتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن – تۈنسىز ھالدا زور تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە!
    ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز…!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:14
  • ئۇستاز ،يازمىلىرىڭىزدىن يۇمۇرمۇ چىقىدىكەن – ھە ! ؟ خۇددى مەمتىمىن ھۇشۇركامنىڭ بىر يۈرۈش ھىكايىلىرىدە ئابزاستا نەچچە ئۇچراپ تۇرىدىغان تەبىئىي يۇمۇرلار سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىمۇ غىل – پال چاقناپ ئۆتىدىكەن .خۇدا ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن ،تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ( بۇ قۇرلارنى يېزىۋېىتىپ تۇيۇقسىزلا ئۆتكەندە تورنى ئارىلاۋېتىپ كۆرگەن ئابدۇللا ئابدۇللا ئابدۇرىھىمدىن كىيىن ئۇنىڭ ئىزىنى باسىدىغانغا قايسى چولپان چىقار دىگەن مۇنازىرىدىكى قىزىقارلىق گەپلەر كاللامغا كېلىپ ،ئىختىيارسىز ئېكرانغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم ) . ئىشقىلىپ مەيلى قايسى ساھەدىن بولسۇن ،مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتىدىغان سىزدەك پەخىرلىكلىرىمىزنىڭ كۆپرەك چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:24
  • ئالىمكا،ئۇتۇقلىرىڭىزدىن بىز تولىمۇ سۆيۈندۇق،سىز مىللىتىمىزنىڭ پەخرى،ياشلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا لايىق.بۇندىن كېيىن تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىشلىرىنىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:32
  • ئالىم مۇئەللىم ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز جۇمۇ، بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 15:52