«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى»(كۆرۈپ بېقىش نەشرى) 19-ئاپرىل (يەكشەنبە) 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۇ ھەقسىز يۇمشاق دېتالنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
تەرجىمىدە نۇرغۇن تەكرار ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەر ئۇچرايدۇ. ئادەم ئارقىلىق تەرجىمە قىلغاندا ئەڭ ئاددىي جۈملىنىمۇ يەنە قايتا تەرجىمە قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» يۇمشاق دېتالىدا ئاپتوماتىك ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئىزدەش ئىقتىدارى بولۇپ، ئىشلەتكۈچى تەرجىمە قىلغان جۈملىلەرنى ئاپتوماتىك ساقلايدۇ. ئىشلەتكۈچى مەلۇم بىر جۈملىنى تەرجىمە قىلماقچى بولغاندا، بۇ يۇمشاق دېتال ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ تاماملانغان جۈملىدىن ئىزدەيدۇ، ئەگەر ھازىر تەرجىمە قىلماقچى بولغان جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسا، خاتىرە ئامباردىكى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان نەتىجىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنداق نەتىجە چىقمىسا، تەرجىمىسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئەسكەرتىپ تۇرغاچقا، ئوخشاش ئاتالغۇنى قالايمىقان تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنالايسىز، تەرجىمىسى پۈتكەندە ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش فورماتتا تەرجىمە ماقالىڭىزنى ھاسىل قىلالايسىز.
تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى سول تەرەپتىكى تەھرىرلىگۈچكە چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملە بويىچە پارچىلايدۇ، ئاندىن شۇ جۈملىلەردىكى مۇھىم ئاتالغۇلارنى بايقاپ سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەگەر بۇ جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز، ئاستىدىكى جەدۋەلدە ئوخشاشلىق نىسبىتى بويىچە تىزىلىپ تۇرىدۇ، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا، ئاستىدىكى جۈملىنى بىرلا چەكسىڭىز بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا تەرجىمە رايونىغا قايتىدىن تەرجىمە قىلىسىز.
=============
href=“wp-content/uploads/2015/04/UCAT-1.png“>
ئۈستىدىكى جۈملىنى چەككەن ھامان مۇشۇ جۈملىدىكى بارلىق ئاتالغۇلار (ھازىرچە تەرجىمىسى بىردىنبىر بولغان سۆزلەر)نىڭ تىزىملىكى سول تەرەپتىكى كىچىك جەدۋەلدە كۆرۈنىدۇ. سىز تەرجىمە رايونىدىكى «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز(ماۋۇ رەسىمدە خاتا بولۇپ قاپتۇ، ئەسلىدە سول تەرەپ 3-كۇنۇپكا ئىدى)، بۇ ئاتالغۇلارنى تەرجىمە رايونىغا چاپلايدۇ، بىرمۇبىر كىرگۈزۈشتىن خالاس بولىسىز. ناۋادا خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئەكېرمەكچى بولسىڭىز، شۇ قۇردىكى بىر ئاتالغۇنى تاللاپ، «بىر ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
=============
ئاتالغۇ جەدۋىلىدىكى خالىغان بىر ئاتالغۇنى چەكسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
=============
ناۋادا سىز مەلۇم بىر ئاتالغۇنى ئاتالغۇ ئامبىرىغا قوشماقچى بولسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى قوشماقچى بولغان ئاتالغۇنى بوياڭ، ئاندىن ئاستىدىكى تەرجىمە رايونىغا ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى يېزىپ، ئۇنى بوياپ، قورالبالداقتىن «ئاتالغۇ قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇ ئاتالغۇ ئامبىرىغا كىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن جۈملىدە مۇشۇ ئاتالغۇنى بايقىسا سىزگە تەۋسىيە قىلىپ بېرىدۇ، بۇ رەسىمدە سىز قوشقان 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇنى تەۋسىيە قىلىپ بەردى.
=============
ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەقسىز تارقىتىلغان «ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ»نى قاچىلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيسىز. چۈشۈرۈش ئادرېسى: imla.uighursoft.com
=============
ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئىملانى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.
=============
تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، تىنىش بەلگىلەرنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ.
=============
ئاتالغۇ ئامبىرىدىن چىقمىسا، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»دىن ئىزدەپ تاپالايسىز. بۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە ئۈندىدار لۇغىتىگە ئۇلانغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى سۆزلەر داۋاملىق قوشۇلۇۋاتىدۇ.
=============
ناۋادا سىز مەلۇم ماقالىنى بىرلا قېتىمدا تەرجىمە قىلىپ بولالمىدىڭىز، ئەمما كېيىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، %100 ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشنى بىر باسسىڭىز، ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان جۈملىلەرگە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن داۋامىدىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.
=============
تەرجىمە پۈتكەندە تەرجىمىنى Microsoft Word ھۆججىتىگە ھاسىللاپ بېرىدۇ.
=============
تەرجىمە تامام بولغاندا Microsoft Word ھۆججىتى ھاسىل قىلىش. بۇنىڭدا ئابزاس سانى ۋە جۈملە سانى ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
=============
قوش تىللىق سېلىشتۇرما ھالەتتە Microsoft Word ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىش
=============
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,561 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى am 9:40
- ئالدىنقى يازما :The Newspaper and tv as a way of Brainwashing
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (كۆرۈپ بېقىش نەشرى) تارقىتىلدى.
مەن ئۇستىدىكى چۈشۈرۈش دىگەن مەزمۇنغا قارىمايلا چۇشۇرگىلى بولامدۇ دەپتىمەن چۈشۈرۈش ئورنىدىن دىتالنى چۈشۈرۈپ كۆرسەم ئۇ دىتال تور بولمىسا ئىچىلمايدىكەن مەن تورسىز مۇھىتتا ئىشلەتمەكچى ئىدىم
ئادەتتە مەن ئۆزۇمگە لازىمەتلىك دىتاللارنى تورخانىدىن چۇرۇپ ئەكىلىپ كومپىيوتىرېمدا ئىشلىتىمەن تورسىز بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى
يەنە بىرگە ئۇدىتالدا قانداق مەزمۇندىكى ۋە قانداق فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىشقا ئىشلىتىمىز ؟
مەن قارىسام trj دىگەن فورماتتىكى ھۆججەتنىلا ئەركىرگىلى بولدىكەن
ئويۇن ۋە دىتاللارنىڭ يىزىق ھۆججىتىنى txt فورماتتىكى ھۆججەتنى
كىڭەيتىلگەن نامىنى يەنى txt ، نى trj غا ئۆزگەرتىپ
«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» دا ئىچىپ تەرجىمە قىلىپ سىناپ باقاي دىسەم ئىچىلمىدى
«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» قانداق تۇردىكى ھۆججەتلەرنى ئىچىپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ
مۇشۇ توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىلگەن بولسا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇدىتالنىڭ چۇشۇرۇش ئادرىسى يوقما ؟
ماڭا مۇشۇنداق دىتال بەك لازىمتى چۇشۇرۇش ئادرىسىنى تەمىنلەشكە بولامدۇ ؟
مەن يىڭى ئۈگەنگۇچى ئويۇن ۋە يۇمشاق دىتال تەرجىمە ھەۋەسكارى مۇشۇنداق دىتاللار تىخىمۇ كۆپ چىقسا تەرجىمە ئىشلىرى تىخىمۇ ئاسانلاشقۇدەك
بۇ دىتال 雪人 cat دىگەن دىتالغا ئوخشىشىپ قالدىكەن
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار. ئالىم ئەھەت ئەپەندىم. ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئويناشقاندەك قىپ قويغان شۇ خاتالىقىم ئۈچۈن ئالىم ئەھەت ئەپەندىمدىن ھەم تورداشلاردىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. http://www.mzywfy.org.cn بۇ تور بەتنى بەلكىم كۆرگەنسىلە ياكى كۆرمگەنسىلە. مۇشۇنىڭدا خىلى يامان ئەمەس تەرجىمە قىىدىكەن
بۇ ئىشقا 7 يىل بولاي دېدى، بۇ ئىشتىن ئىزچىل خەۋىرىم بار ھەم ھەمكارلىقىمىز بار، مەن بېيجىڭغا بارغاندا ياكى ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بولسۇن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىرى بولغان، 10 نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ماڭا ئۇلانمىسىنى ئەۋەتكەن، مەن ئىشخانىدىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە سىناپ كۆرگەن. مېنىڭچىمۇ بۇنداق ئىشلارنى تەرجىمە ئىدارىسى قىلسا ئەڭ ياخشى قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا ئامباردا زىيادە كۆپ.
ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئاپتوماتىك تەرجىمىنىڭ توغرىلىقىمۇ ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرچە ئادەمنىڭ ئورنىنى ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس، بىزدە بۇ ساھەدىكى تەتقىقات كېچىكىپ باشلانغان، چۈنكى ئالدى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر مەيدانغا كېلىشى كېرەك، ئىملا مۇقىم تۇرۇشى كېرەك. ئەمما بۇ ئارقىلىق باشقىلارنى ئوڭايلا ھاياجانغا سالغىلى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈر مەبلەغ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاسانراق بولىدۇ، ئەمما خەنزۇچىدىن باشقا ھەرقانداق تىلغا تەرجىمە قىلىشنىڭ سەۋىيىسى مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا توغرىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش تەس توختايدۇ، سەۋەبى خەنزۇچە بىر جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېنىق ھېسابلاشقا بولمايدۇ، سۆز ئارىسىدا ئۇيغۇرچىدەك بوش ئورۇن قويىدىغان ئىش يوق. ئىشنىڭ باشلىنىشىدا سۆزگە %100 توغرا ئايرىشقا بولمىغاچقا، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا زىيادە كۆپ ئامبارنى ساقلاش ئارقىلىق شۇ مەقسەتكە يېقىنلاشقىلى بولىدۇ (دەل يۇقىرىقى ئاپتوماتىك تەرجىمە قورالىغا ئوخشاش)، ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ماشىنا تەرجىمانى ئىچىدە (پەقەت ئامبارنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن) ياخشى چىققان دېيىشكە بولىدۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولدى، مەيلى كىم قىلسۇن ياخشى قىلسا، ھەممەيلەنگە پايدىلىق.
ماۋۇ ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى ئوخشاش بىر ساھەدىكى يەنە بىر يۆنىلىش بولۇپ، تەرجىمىنى ئۆزى قىلالمايدۇ، ئەمما قىلسا %100 توغرا قىلىش دېگەننى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا ئىككى يۆنىلىشنى ئارىلاشتۇرۇۋالماڭلار.
مېنىڭچە ئۆزۈڭلار خالىغاننى ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ،
دېتالنىڭ دەسلەپتە باشلىنىشى ياخشى بوپتۇ ! بۇندىنكىيىنكى ئۇيغۇرجەمىيتىدە ياخشى بىر ئورۇن تۇتىشىغا تىلەكداشمەن !
مۇشۇنداق بىر يۇمشاق دىتالنىڭ ئوتتۇرغا چىققىنى ئىنتاينى ياخشى ئىش بوپتۇ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۇگۈنىشىگە ئىنتايىن كۆپ پايدىسى بولغۇدەك.
مەن كۆپچىلىكنىڭ باھاسنى كۆردۇم،باشقىلار ئەجىر قىلىپ پۇتتۇرۇپ بەرگەن نەرسىنمۇ ئىشلىتەلمەي، سېستىما ياسغانلاردىن ئاغرىنىپ يۇرۇپتىمىز، نىمە دىگەن
‹ ئىسىل ›پەزلەت بۇ، تاماق يىگەندە كۇيۇپ قالسا ئاپىمىزدىن ئاغرىنساق، كىيىم ماس كەلمىسە تىككۈچىدىن ئاغىرنساق…. ئىسىل ھە ئىسىل …
ماۋۇ پوق پارچىلاش ئۇستىسىنىڭ ئاچچىقى ئەجەپ يامانغۇ، ئالدىرىماڭ، سەۋىر قىلىڭ، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس!
ئەخلەت ئەخلەت ئەخلەت تۈفى ….ھۆ…. نىمە تەرجىمان پەرجىمان بۇ. پوقنىمۇ ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلالمايدىغان نەرسىنى جۈملە تەرجىمە قىلىدۇ دەپ ئادەم ئاۋارە قلىپ، بىر تال خەتنى ئاران تەرجىمە قىلىدىكەن بۇ ئويۇنچۇق. تۈكۈرۈپ قويىمە سارت. مىنىڭ ئاچچىقىم سەل يامانراق ئادەم
قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستىدىن كەلگەن بۇ تورداش:
بۇ دېتالنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئاندىن بىزنى تىللىغان بولسىمۇ خوش بولاتتۇق، ئىچىم ئاغىرىپ قالدى.
بىز ئەزەلدىن جۈملە تەرجىمە قىلىدۇ دەپ مۇبالىغە قىلمىدۇق، پەقەت سىلەرنى ئىشلىتىپ باقسۇن دېدۇق.
دىتال بەك ياخشى ياسىلىپتۇ،لىكىن لۇغەت قىسمى ئىچىلمىدى .y{Y�ch�u b�i �
*�JJ’1DIB C�1E�C *�JJ’1DIE’B
y{Y�ch�u b�i �
*�JJ’1DIB C�1E�C
مۇشۇنداق چىقىۋالدى
ھازىر جىددىي ئوڭشاۋاتىمىز، بىرنەچچە كۈن سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار.
دەششەت ياخشى ئىش بۇپتۇ
مۇشۇنداق بىر دېتال كەمدى. سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن
ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش قىپ بەردىڭىز ئالىم مۇئەللىم.
مۇشۇنداق كاتتا ياخشى ئىشلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن
تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
رەسمى نۇسخىسى قاچان ئېلان قىلنىدۇ……