نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفتنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»دىكى خەۋىرى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

21-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى(UNESCO)نىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» بولۇپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مىكروسوفت ھەر يىلى كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان سوۋغاتلار ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ يىل يەنە بىرنەچچە تىل تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئېسىڭىزدە بارمىكىن، 2012-يىلىدىكى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» دە Windows 8 گە ئۇيغۇرچە قاتارلىق بىرنەچچە يېڭى تىلنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ?p=1116
ms-til
(1) Microsoft تەرجىمە تىلى
مىكروسوفتنىڭ ئەركىن ماشىنا تەرجىمە سىستېمىسى-مىكروسوفت تەرجىمانى(Microsoft Translator)غا يېڭىدىن 2 تىل قوشۇلۇپ، جەمئىي 47 تىلغا كېڭەيتىلدى. ئۇلار مايان ۋە ئوتومى تىلىدىن ئىبارەت. بۇ تىلنى مېكسىكا ۋە بېلىزدا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ سانى ئازىلاۋاتقان بولسىمۇ، مىكروسوفت تەرجىمانىغا بۇ ئىككى تىل قوشۇلدى. دېمەك مىكروسوفتنىڭ يېڭىدىن تىل قوشۇشى پۈتۈنلەي پۇل ئۈچۈن ئەمەس، ئىشەنمىسىڭىز «مىكروسوفت تەرجىمانى كوللېكتىپى بىلوگى»نى زىيارەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىڭ.
http://blogs.msdn.com/b/translation/

(2) چېخچە Office
مىكروسوفت Office ئورگان بىلوگىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://blogs.office.com/

(3) Microsoft / Matuto Partnership
بۇنىڭ بىز بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق،

(4) ئۇنىۋېرسال شەكىللەش ماتورى – Universal Shaping Engine
مىكروسوفت ئۇنىۋېرسال شەكىللەش ماتورى (Universal Shaping Engine)نى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭىچە يېزىق ھاسىللاش تېخنىكىسى بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق يېزىق سىستېمىسىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
http://blogs.windows.com/bloggingwindows/2015/02/23/windows-shapes-the-worlds-languages

Windows 10 غا يېڭىدىن قوشۇلىدىغان تىل يوق. بەلكىم نۇرغۇن مىللەتلەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەي ئېسىت بىزنىڭ تىلىمىز نېمە ئۈچۈن قوشۇلمىدى دەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. Windows قا تىل بولىقىنىڭ قوشۇلۇشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئىشى ئەمەس، قەدرىگە يېتىدىغانلار بۇنى تولۇق ھېس قىلالايدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
25 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • سالام

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:41
  • Windows10 بۇيىل يازدا 190 دۆلەت ۋەرايوندا،111خىل تىلدا ئىلان قىلىنىدۇ! مىكروسوفت WinHEC يىغىنى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:14
  • كورتاناغا ئۇيغۇرچە ئاۋاز ئامبىرى قېتىلىپ كەتسە ، كۆزنەك 10 قاچىلاپ قوياپ تازا ، ھەەەەەەي كورتانا دىسەم ……..خوش غوجام نىمە تەلەپلىرى باكى؟ دەپ كەتسە ،
    ……ئەزمەڭنى ئەزمەي ئالىمكامنىڭ بىلوگىنى ئاچمامسە دىسەم :
    ….لەببەي غوجام مانا ئاچتىم دەپ كەتسە دەيمەن ئۆزەمچە !!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:04
  • http://news.microsoft.com/event/mobile-world-congress/
    مىكروسوفت 2015MWC

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:10
  • ئالىم مۇئەللىم يۇقاردا ‹‹مىكروسوفىت نىڭ بارلىق ئىشلىرى پۇل ئۈچۈن ئەمەس›› دىگىنىگە ئەخشاش، ئۇيغۇرسوفت نىڭمۇ بارلىق ئىشلىرى پۇل ئۈچۈن ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئەگەر ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرى پۇل ئۈچۈنلا بولغان بولسا ئىدى، ئالىم مۇئەللىم 1998- يىللاردا ئاشۇنچىۋالا بىلىم سەۋيىسى بىلەن ئىچكىردىكى داڭلىق ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىدە يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ئىشلەپ قالالايتتى. لىكىن ئۇنىڭ يۈرىكىدە ‹‹ ئۇيغۇر›› ئۈچۈن كۆيىۋاتقان يالقۇنلۇق ئوت بار. شۇ ۋەجىدىن نامى ‹‹ئۇيغۇرسوفت›› بولغان شىركەتنى قۇرۇپ چىققان. بۇ نوقتىنى ئازىراقلا كاللىسىنى ئىشلەتكەن ئادەم ئويلاپ يىتەلەيدۇ.
    مەن ئىقتىزادىم سەۋەبىدىن ھازىرچە ئۇيغۇرسوفت قا ھىچقانداق ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. لىكىن، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان قىزىم ئۇيغۇرنىسا چوڭ بولغاندا ئۇنى كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇتۇپ، ئەڭ ئاخىردا ئۇنىڭ ئۇيغورسوفت شىركىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىغا مەدەت بىرىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:22
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم نىڭ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىغا ئاللاھ دىن نۈسرەت تىلەيمەن!!! ياشا! ئۇيغۇرسوفت!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:13
باھا بېتى: 1 2