مىكروسوفتنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»دىكى خەۋىرى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]21-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى(UNESCO)نىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» بولۇپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مىكروسوفت ھەر يىلى كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان سوۋغاتلار ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ يىل يەنە بىرنەچچە تىل تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئېسىڭىزدە بارمىكىن، 2012-يىلىدىكى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» دە Windows 8 گە ئۇيغۇرچە قاتارلىق بىرنەچچە يېڭى تىلنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ?p=1116
(1) Microsoft تەرجىمە تىلى
مىكروسوفتنىڭ ئەركىن ماشىنا تەرجىمە سىستېمىسى-مىكروسوفت تەرجىمانى(Microsoft Translator)غا يېڭىدىن 2 تىل قوشۇلۇپ، جەمئىي 47 تىلغا كېڭەيتىلدى. ئۇلار مايان ۋە ئوتومى تىلىدىن ئىبارەت. بۇ تىلنى مېكسىكا ۋە بېلىزدا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ سانى ئازىلاۋاتقان بولسىمۇ، مىكروسوفت تەرجىمانىغا بۇ ئىككى تىل قوشۇلدى. دېمەك مىكروسوفتنىڭ يېڭىدىن تىل قوشۇشى پۈتۈنلەي پۇل ئۈچۈن ئەمەس، ئىشەنمىسىڭىز «مىكروسوفت تەرجىمانى كوللېكتىپى بىلوگى»نى زىيارەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىڭ.
http://blogs.msdn.com/b/translation/
(2) چېخچە Office
مىكروسوفت Office ئورگان بىلوگىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://blogs.office.com/
(3) Microsoft / Matuto Partnership
بۇنىڭ بىز بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق،
(4) ئۇنىۋېرسال شەكىللەش ماتورى – Universal Shaping Engine
مىكروسوفت ئۇنىۋېرسال شەكىللەش ماتورى (Universal Shaping Engine)نى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭىچە يېزىق ھاسىللاش تېخنىكىسى بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق يېزىق سىستېمىسىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
http://blogs.windows.com/bloggingwindows/2015/02/23/windows-shapes-the-worlds-languages
Windows 10 غا يېڭىدىن قوشۇلىدىغان تىل يوق. بەلكىم نۇرغۇن مىللەتلەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەي ئېسىت بىزنىڭ تىلىمىز نېمە ئۈچۈن قوشۇلمىدى دەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. Windows قا تىل بولىقىنىڭ قوشۇلۇشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئىشى ئەمەس، قەدرىگە يېتىدىغانلار بۇنى تولۇق ھېس قىلالايدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,019 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 02-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:15
- ئالدىنقى يازما :Different charges of emotional illness have already been described in cultural groups in the UK (Nazroo, 1997).
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى
ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ پەرزىڭىزچە Windows 10تىلفۇن نۇسخىسىنىڭ ھەقىقى نۇسخىسى تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن چىقاكىن؟
ئالىم مۇئەللىم ، windows10غا Cortana ئاۋازلىق ياردەمچىسى قوشۇلۇپتۇ. ناۋادا windows10غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىساق Cortana مۇ ئۇيغۇرچە ئاۋازنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم Cortaغىمۇ ئۇيغۇرچە قوشۇلدىمۇ؟
ياق، ياق تېخى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئاۋاز ئامبىرى بولۇشى كېرەك، ھازىرچە Corta غا قوشۇلمايدۇ.
ۋىنفون ئۈچۈن بىرە لۇغەت ئىشلەشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ مۇئەللىم؟
رەھمەت ئالىم مۇئەللىم،بۇيازمىڭىز مىنى تەبەسسۇم قىلدۇردى،ۋاقىت سىكونىتلاپ ئۆتۈپ ئاللاھ خالىسا قاقاقلاپ كۈلدۈرىدىغىنىغا ئىشىنىمەن،سىزگە تەشەككۈر.
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ سۆزلۇك ئامبىرنىمۇ قىتىپ بىرەمۇ يا؟
بۇ تىمىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتىنى ‹دېمەك مىكروسوفتنىڭ يېڭىدىن تىل قوشۇشى پۈتۈنلەي پۇل ئۈچۈن ئەمەس›دىگەن جۈملىگە مۇجەسسەملەندى دەپ ئويلىدىم. كاپىتاللار ئۈچۈن، بىر كارخانا ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئىش. شۇڭا مەنمۇ ‹ئالما شىركىتىنىڭ نىشانى ھازىر بولسا ، مىكروسوفىت كەلگۈسىنى يارىتىدۇ› دىگەن گەپكە بارغانچە ئىشىنىۋاتىمەن.
ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈپ بېقىڭلار : http://www.wpdang.com/archives/130609.html
ئالىم مۇئەللىم سىزگە كۆپ رەھمەت ، اللە خالىسا چۇقۇم مىكروسوفىت تەرجىمە ماشىنسغا ئۇيغۇرتىلىنىمۇ قۇشىدۇ . ھەممە ئىشلار بىر-بىردىن بۇلىدۇ ئەمەسمۇ .
مىنىىڭ كومپىيۇتىرىم چاتاقمۇ بىلمىدىم،بۇرۇن باھانىڭ كەينىدە ئىنكاس يېزىشنى تاللايدىغان يېرى بار ئىدى،ھازىر يوقاپ كەتتى،يەنە بىر گەپ، مەن ئۈچ تىللىق لوغەتنى سېتىۋااي دىگەن،تاۋباۋدىكى دۇكان ئېچىلماپتۇ،شۇڭا ئۈندىدارغا بانكا كارتىمنى ئۇلاي دەپ پەقەت ئۇلانمىدى،ئىسىم ئوتتۇردىكى چىكىتنى جۆندىيەلمىدىم،windows phone يانفوننىڭ ھەرخىل كىرگۈزگۈچلىرى بىلەن سىنىساممۇ بولمىدى،ئوتتۇردىكى چىكىت كىردى لىكىن تونۇمىدى،تېڭشۈن شىركىتىگىمۇ تېلفون ئۇرۇپ دىيىشىپ باقتىم،سۈرۈشتۈرسەم باشقا سېستىمىلاردا نورمال تونۇيدىكەن،ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز windows phone ئىشلىتىمىز،ئالماشتۇرۇپ سىناي دىسەممۇ بىر ئاۋارچىلىق بولدى،تاۋباۋدىكى دۇكاننى بالدۇرراق ئاچساڭلار بوپتىكەن.
windows phone نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بولمىغىنى بىلەن كونۇپكىسىنى قوشسا بۇمۇ زور ئىلگىرلەش،بىر قولدىن چاۋاق چىقمايدۇ،بىزمۇ جىقراق ئىشلەتسەك ئۇلار تىل بولىقىنى قوشىشى مۇمكىن.
Windows Phone 8 نىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى يېتەكچىسى تۈزۈپ يوللانغان، ئۇنىڭ ئاتالغۇلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان، پەقەت ئۇلار OK دەپلا سالسا، نەچچە مىڭ قۇر جۈملىنى 1-2 ھەپتىدە %100 تەرجىمە قىلىپ بولىدىغان گەپ. پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئىش قالدى، ئۇنىڭ بوۋىسى Windows بولغان يەردە، ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرى جەزمەن يەرلىكلىشىدۇ. مانا ھازىر XBOX One ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىندى. دېمەك ئويۇنلارمۇ ئۇيغۇرچە بولىدۇ دېگەن گەپ.
ئىزچى :
دىمەكچى بولغىنىڭىز Windows 10 غا ئۇيغۇرچە تىل بولىغى قىتىلمايدۇ ،،،،،،دىمەكچىمۇ يا؟ Windows 10 نىڭ تىلفۇن نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قىتىپتىكەن ، رەسمى نەشىرى چىققاندا ھازىرقى سىناق نۇسخىسىدا قىتىلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى چىقىرۋىتىدۇ ،دىمەكچىمۇ
———————————————————-
win10غا ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يەنىلا چىقىدۇ دېگەن گەپ . ئالىم مۇئەللىم بىرەر تىلنى چىقىرۋېتىپتۇ دېمەپتۇغۇ. يېڭدىن تىل قوشۇلمايدۇ دېگىنى بولسا win8/8.1 دە بار تىللار داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىدۇ، يېڭىدىن تىل قوشۇلمايدۇ دېگەن گەپ.
Windows 10 نىڭ تىلفۇن نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، لېكىن بۇ تىلفۇننىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ شۇڭا بۇنى ئەلۋەتتە چىقرۋەتمەيدۇ دە. سىناق نۇسخىغا قوشۇلغان كىرگۈزگۈچنى ھەقىقىي نەشىرىدە نېمە دەپ چىقىرىۋەتكۈدەك. ھەقىقىي نەشىرى دېگەن سىناق نۇسخا مۇكەممەللەشكەندە ئىقتىدار جەھەتتىن مۇقىملاشقاندا ئاندىن بارلىققا كېلىدىغان نەرسە.
ناھايىتى توغرا چۈشەندۈرۈپسىز، ۋاقتىمنى تېجەپ بەردىڭىز، رەھمەت سىزگە.
مىكرو سوفىتنىڭ بىناسىدىن ئۇيغۇر سوفىتقا بىر كىشلىك كارىدۇر بىرىپ، بۇ كارىدۇرنى ئۇيغۇر سوفىت زىننەتلەپ ماڭغىدەك قىلىپ قۇيغاندىن كىيىن قۇلۇمنى يانچۇقۇمغا سېلىپ بۇكارىدوردا پوچى ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپپ يۈرگەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ئۆزەمچە…
windows phone نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەشنامىز.
دىمەكچى بولغىنىڭىز Windows 10 غا ئۇيغۇرچە تىل بولىغى قىتىلمايدۇ ،،،،،،دىمەكچىمۇ يا؟ Windows 10 نىڭ تىلفۇن نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قىتىپتىكەن ، رەسمى نەشىرى چىققاندا ھازىرقى سىناق نۇسخىسىدا قىتىلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى چىقىرۋىتىدۇ ،دىمەكچىمۇ
مىكروسوفتنىڭ ئەركىن ماشىنا تەرجىمە سىستېمىسى-مىكروسوفت تەرجىمانىغا ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ قېتىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
windowsphone10غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپتۇ، لېكىن رەسمىي نۇسخىسى ئېلان قىلىنىشىغا ۋاقىت باردە.