ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

كومپيۇتېر ياردىمىدە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، چەتئەللەردە ھەرقانداق يازمىلارنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان.

ئېھتىماللىق ۋە ئىستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا مودېلى بىلەن قوراللانغان، يېڭى سۆزلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان، مەلۇم جەھەتتىن ئىنسان مېڭىسىگە تەقلىد قىلىنغان، ئىنتېرنېتكە باغلانغان چوڭ مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالىنىڭ ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ ئويۇن لايىھەلەندى.

«ئۇيغۇرسوفت سالونى»غا «ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى» قوشۇلدى. سالوندىكى تىزىملىكتىن «ئويۇن» دېگەننى بېسىپ كىرىپ، ئىملا ئۆگەنگەچ ئويۇن ئويناڭ، جۇغلانما ۋە تۆھپە نومۇرىڭىزغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىز. بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن ئەستايىدىل بولۇڭ، رەھمەت.

ئويۇن قائىدىسى:
بىر بەتتە 5 سۆزنىڭ ئىملاسىغا ھۆكۈم قىلىسىز، ئىملاسى توغرا بولغان سۆزنى باسسىڭىز يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئىملاسى خاتا بولسا تاللىماڭ، ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىسىڭىز، ھەربىر سۆزنىڭ ئالدىدىكى + (قوشۇش بەلگىسى)نى باسسىڭىز، شۇ سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە قوشۇمچىسى، شۇنداقلا يېقىن كېلىدىغان سۆزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ يىلتىزى، قوشۇمچىسى ياكى يېقىن كېلىدىغان سۆزىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن، سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە قوشۇمچىسىمۇ توغرا بولۇشى ناتايىن، پەقەت بىلەلمىسىڭىز تاللىماڭ، ئاندىن «داۋاملاشتۇرۇش»نى باسسىڭىز، يەنە داۋاملىق يېڭى بەت ئېچىلىدۇ، جۇغلانما ۋە تۆھپىڭىز خاتىرىلىنىدۇ.
ھەربىر سۆزنى سىزدىن باشقا يەنە 10 ئادەم ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەتىجە بىلەن باشقا 10 ئادەم تاللىغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا يەنى ھەممەيلەن توغرىنى توغرا ياكى خاتانى خاتا دەپ تاللىغان بولسا، ھەممەڭلارغا تۆھپە نومۇر بېرىلىدۇ، ئىلگىرى-كېيىن مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا دەپ تاللىغان بولساڭلار تۆھپە نومۇر بېرىلمەيدۇ، مەسىلەن: 100 سۆز ئىچىدە 60 توغرا سۆزنى توغرا (ياكى خاتا سۆزنى خاتا)، 40 توغرا سۆزنى خاتا (ياكى خاتا سۆزنى توغرا) دەپ ھۆكۈم قىلساڭلار، توغرىلىقى ئاران %60 بولىدۇ، ئىملادا خاتالىشىشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمىڭلار %90 توغرا چىققان بولسا، ھەربىر باسقۇچتا تۆھپە نومۇرىغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىلەر. مۇكاپات سوممىسى توغرا ياكى خاتا ھۆكۈم قىلغان سۆزنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە A4 فورماتلىق بىر بەت مەزمۇن (تەخمىنەن 1000 سۆز)نىڭ ئىملاسىغا توغرا ھۆكۈم قىلساڭلار، بويىچە 20-30 يۈەن بېرىلىدۇ.

سوئال: توغرا ئىملانىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
جاۋاب: ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى (تىلكوم) 2009-يىلى تۈزۈپ ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»، شۇنداقلا مۇشۇ لۇغەتنى ئاساس قىلىپ ياسالغان «ئۇيغۇرسوفت ئىملا قورالى» ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

سوئال: كىرمە سۆزلەرنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يەر-جاي ناملىرى مەسىلەن: بېيجىڭ، شاڭخەي، لوندون، پارىژ،…ۋە ئۇلارنىڭ توغرا تۈرلىنىشىنى توغرا دەيمىز. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدىن باشقا، چەت تىللاردىن كىشى ئىسىملىرىنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. ساۋساۋ، لىكۈي، مېندېلىۋ،…دېگەندەك. ئامال بار ئۇيغۇرچە ئەدەبىي تىلدىكى سۆزلەرنى، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كىرگىلى ئۇزۇن بولغان سۆزلەرنى كۆپرەك تاللاڭ. مەسىلەن: مېڭىۋاتقانىدىم، كۈيلەۋاتقانىدىم، ئۈندىدارلىشىپ، مېتابولىزىم…دېگەندەك.

سوئال: ئۇيغۇرچە قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسىنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: ياق، چۈنكى ئىملا تەكشۈرۈش قورالى يەككە ئۇيغۇرچە سۆز-ئىبارىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، «لارنىڭ، لىۋاتقانلىقى»،…دېگەندەك قوشۇمچىلارنى بىردەك توغرا سۆز دېيىشكە بولمايدۇ.

سوئال: ئۇيغۇرچە بىرىككەن سۆزلەرنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: بىرىكىشى توغرا بولسا توغرا دەيمىز، مەسىلەن: يېلانبېلىق، مۆشۈكېيىق،….دېگەندەك، ئەمما، تۆۋەندىكىمىساللار، ھېسامكامبىركۈنى،…دېگەندەك ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلمىغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىردەك خاتا بولىدۇ.

152101847454095728

283217668851764420

377508531174747019

ھەربىر سۆزنى سىزدىن باشقا يەنە 10 ئادەم ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەتىجە بىلەن باشقا 10 ئادەم تاللىغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا يەنى ھەممەيلەن توغرىنى توغرا ياكى خاتانى خاتا دەپ تاللىغان بولسا، ھەممەڭلارغا تۆھپە نومۇر بېرىلىدۇ. ئەگەر توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا دەپ تاللىغان بولساڭلار تۆھپە نومۇر بېرىلمەيدۇ، مەسىلەن: 100 سۆز ئىچىدە 60 سۆزنى توغرا، 40 سۆزنى خاتا ھۆكۈم قىلساڭلار، توغرىلىقى ئاران %60 بولىدۇ، ئىملادا خاتالىشىشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمىڭلار %90 توغرا چىققان بولسا، ھەربىر باسقۇچتا تۆھپە نومۇرىغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىلەر. مۇكاپات سوممىسى توغرا ياكى خاتا ھۆكۈم قىلغان سۆزنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە A4 فورماتلىق بىر بەت مەزمۇن (تەخمىنەن 1000 سۆز)نىڭ ئىملاسىغا توغرا ھۆكۈم قىلساڭلار، نەشرىيات ئۆلچىمى بويىچە 20-30 يۈەن بېرىلىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مەن بۇ ئىملا ئۇيۇنىنى ئويناپ جۇغلانما نومۇرۇم 5000 دىن، تۆھپە نومۇرۇم 1000 دىن ئاشتى، بىراق مۇكاپات چىقمايدىغۇ ياكى مۇكاپات يوقمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:55
  • مەن ئىملا ئۇيۇنىنى ئويناپ تۆھپە نومۇرۇم 1000 دىن ئاشتى، بىراق مۇكاپات چىقمايدىغۇ ياكى مۇكاپات يوقمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:51
  • مەنمۇ ۋاقت چىقىرىپ بۇ ئويۇننى ئويناۋاتىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:14
  • ئ‍الىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ مەن لوغەتكە قوشۇلغان سۆز تاللاش ئ‍ويۇنىنى ئ‍ويناۋاتقان ئ‍ىدىم، بىراق تۆنۈگۈن ئ‍اخشامدىن بېرى »ئ‍ۇيغۇرئ‍ۇيغۇر سوفتسوفت ئ‍ۈندىدار سۇپىسىغا ئ‍ەزا بولۇڭ« دىگەن ئ‍ەسكەرتمە چىقىۋالدى، ماڭا شۇ ئ‍ۈندىدار سۇپا نومۇرىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز، بۇ ئ‍ويۇننى كۈندە ئ‍ازراقتىن ئ‍ويناپ ئ‍ۆگۈنۈپ قاپتىمەن. سىزنى ئ‍اۋارە قىلىدىغان بولدۇم، رەھمەت سىزگە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى am 06:45
    • ئۇيغۇرسوفت سالونىغا كىرسىڭىزلا بولىدۇ، ئۈستىدىكى ئاۋۇ ئۇلىنىشنى باسسىڭىز بولىدۇ. ئىككىلىك كود شۇ يەردە

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:05
  • ئ‍الىم مۇئەللىم ئ‍ۇيغۇرسوفت ئ‍ۈندىدار سۇپىسىغا قانداققانداق ئ‍ەزا بولغىلى بولىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى am 05:49
  • ئالىم مۇئەللىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراۋېرەي، 素引 دېگەن گەپنى ئۇيغۇرسوفتنىڭ تور لۇغىتىدىن ئىزدىسەم نەتىجە چىقمىدى. بولسا كومپيۇتېر ۋە پىروگرامما تىللىرىغا ئائىت ئاتالغۇلارنى لۇغەتلىرىگە قوشۇپ قويغان بولسىلا. بەزى خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئىچىمىزدە چۈشەنگەندەك قىلغان بىلەن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشتە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي قالىدىكەنمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:22
  • ئالىم مۇئەللىم، مەن 6.0 كوررېكتورنى سېتىۋالغان، تەرجىمانلىق خىزمىتىدە ياردىمى بەك چوڭ بولۇۋاتىدۇ، 7.0 نۇسخىسىغا قاچان يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ بەك تەقەززار بولۇۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 04:10
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەن يەنە ئىككى نەرسىنى بايقىدىم : بىرى ، مەن ئىملا ئويۇنىنى ئاچقاندا ، يېنىمدا تۇرغان دوستۇممۇ ئاچقان ئىدى ، ئىككەيلەننىڭ بەت يۈزىدە ئوخشاش سۆزلۈكلەر چىقتى ، دىمەك بۇ خەتلەرنىڭ ۋاقىتچانلىقى باردەك قىلىدۇ ، ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش بىر سۆزلەر چىقىدۇ . بۇنداق بولغاندا مەن بىلەن تەڭلا 10 ئادەم ئاخىرىغىچە 1000 دانە سۆزنى تاللىغاندا ، ئاندىن ماڭا قىزىل بولاق كېلىش پۇرسىتى بار ، ئەگەر ئارىدىن بىرسى 500 دە توختاپ قالسا ، مېنىڭ پەقەت 500 توغرىسى تاللاندى ، ھىسابلىنىدۇ .
    ئىككىنجى بىرى ، مەن تاللىغاندا مۇنداق بىر خىل ئەھۋال بولدى: ئاخىرلاشقانلىقتىن ۋە ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىگەن ئىككى سۆز بولسا مەن ئىككىلىسىنى توغرا دەيمەن ، سىلەرچۇ ؟ قانداق قارايسىلەر ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:14
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەن مۇشۇ ئۇندىداردىكى ئىملا ئويۇنىنى ئويناپ ، جۇغلانمىنى 1200 گە ئاپاردىم . ھەربىر بەتتە بەشتىن سۆز بولۇپ ، ئىشلىگەندە بەش جۇغلانما نۇمۇر بىرىدۇ . دىمەك ، بىر سۆزگە بىر جۇغلانما نۇمۇر بىرىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەن 1200 دانە سۆزگە ھۆكۈم قىلىپ بولدۇم . شۇڭا ماڭا بىر قىزىل بولاق ئەۋەتسە بولاتتى .
    ئەمدى مەن قىزىل بولاقنىڭ يوقلىقىنى مۇنداق پەرەز قىلدىم : (1) مەن خاتا ئىشلەپ قالدىم . ( ئەمما مەن ئىملاغا كەلگەندە ئۆزۈمگە قاتتىق ئەمەل قىلىمەن ، ھەم ئىشلىگەندە ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى بېسىپ قاتتىق سېلىشتۇرۇپ تاللىدىم ) . (2) مەن توغرا تاللىساممۇ ، مەندىن باشقا 10 ئادەم خاتا تاللاپ ، كۆمپيوتېر مېنىڭكىنى خاتا قىلىپ چىقارغان .
    (3) مەندىن باشقا تېخى 10 ئادەم 1000 دانە جۇغلانمىغا ئاپارمىغان گەپ . ئاپاردى دىسەكمۇ ، مېنىڭكىگە ئوخشايدىغانلارنىڭ سانى 1000 ئەمەس .
    دىمەك ، ئەمدى ئالىم مۇئەللىمدىن سورايدىغىنىم ، مېنىڭ يۇقارقى قاراشلىرىم توغرىمۇ ؟ ئەگر شۇنداق بولسا ، ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا يامان تەسىر بولىدۇ ، خاتا تاللايدىغانلارنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئىگەللىسە ، سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار ، قانداق ئەھۋال بولار ؟ شۇڭا مەن تازا توغرا قارىمىدىم ، ئۆزەمچە . خاتا بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىلەر ، رەھمەت .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:55
  • مىنىڭ جۇغلانمام 1035 بولدى، لىكىن تۆھپە كۆرۈنمەيدىيا، تۆھپە قوشالمىدىممۇ يا ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:03
  • ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم دەرسلەرنىڭ داۋامىنى قاچانراق سۆزلەرسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:04
  • مەنمۇ بۇ ئويۇننى خېلى ئوينىدىم، 1000دىن ئارتۇق جۇغلانمىغىمۇ ئېرىشتىم، دەسلەپتە ئازراق تۆھپە قوشۇش، يەنە قىزىل بولاققا ئېرشىش دېگەندەك مەقسەتلەردە شۇنداق قىزغىن باشلىغان بولساممۇ، بىر مەزگىلدىن كىيىن قىزغىنلىقىم سەل سۇسلىشىپ قالدى، مەنچە مۇكاپاتنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ مېڭىشنىڭ بۇ ئىملا ئويۇنىنىڭ ئوينىلىشىنى ئىگىرى سۈرۈشكە زور پايدىسى بولىدىغاندەك، ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتىن ئاز بولسىمۇ نەتىجىسگە ئېرىشىپ تۇرسا قىزغىنلىقى ئاشىدىكەن. خۇددى 1،2 موچەن قىزىل بولاقنى تالىشىپ،-مەن ئاپتىمەن، مەن ئاپتىمەن دەپ چاۋاك چېلىپ كەتكەندەك.
    ئالىم مۇئەللىم ئويلۇشۇپ كۆرسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم! ئەمدى قايسى كىتابنى ئۆگىنىمەن؟ QQ توپتا سىز تەۋسىيە قىلغان (Head First #c) كىتابنى ئۆگىنىپ بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:33
باھا بېتى: 1 2 3