ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

كومپيۇتېر ياردىمىدە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، چەتئەللەردە ھەرقانداق يازمىلارنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان.

ئېھتىماللىق ۋە ئىستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا مودېلى بىلەن قوراللانغان، يېڭى سۆزلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان، مەلۇم جەھەتتىن ئىنسان مېڭىسىگە تەقلىد قىلىنغان، ئىنتېرنېتكە باغلانغان چوڭ مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالىنىڭ ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ ئويۇن لايىھەلەندى.

«ئۇيغۇرسوفت سالونى»غا «ئۇيغۇرچە ئىملا ئويۇنى» قوشۇلدى. سالوندىكى تىزىملىكتىن «ئويۇن» دېگەننى بېسىپ كىرىپ، ئىملا ئۆگەنگەچ ئويۇن ئويناڭ، جۇغلانما ۋە تۆھپە نومۇرىڭىزغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىز. بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن ئەستايىدىل بولۇڭ، رەھمەت.

ئويۇن قائىدىسى:
بىر بەتتە 5 سۆزنىڭ ئىملاسىغا ھۆكۈم قىلىسىز، ئىملاسى توغرا بولغان سۆزنى باسسىڭىز يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئىملاسى خاتا بولسا تاللىماڭ، ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىسىڭىز، ھەربىر سۆزنىڭ ئالدىدىكى + (قوشۇش بەلگىسى)نى باسسىڭىز، شۇ سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە قوشۇمچىسى، شۇنداقلا يېقىن كېلىدىغان سۆزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ يىلتىزى، قوشۇمچىسى ياكى يېقىن كېلىدىغان سۆزىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن، سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە قوشۇمچىسىمۇ توغرا بولۇشى ناتايىن، پەقەت بىلەلمىسىڭىز تاللىماڭ، ئاندىن «داۋاملاشتۇرۇش»نى باسسىڭىز، يەنە داۋاملىق يېڭى بەت ئېچىلىدۇ، جۇغلانما ۋە تۆھپىڭىز خاتىرىلىنىدۇ.
ھەربىر سۆزنى سىزدىن باشقا يەنە 10 ئادەم ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەتىجە بىلەن باشقا 10 ئادەم تاللىغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا يەنى ھەممەيلەن توغرىنى توغرا ياكى خاتانى خاتا دەپ تاللىغان بولسا، ھەممەڭلارغا تۆھپە نومۇر بېرىلىدۇ، ئىلگىرى-كېيىن مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا دەپ تاللىغان بولساڭلار تۆھپە نومۇر بېرىلمەيدۇ، مەسىلەن: 100 سۆز ئىچىدە 60 توغرا سۆزنى توغرا (ياكى خاتا سۆزنى خاتا)، 40 توغرا سۆزنى خاتا (ياكى خاتا سۆزنى توغرا) دەپ ھۆكۈم قىلساڭلار، توغرىلىقى ئاران %60 بولىدۇ، ئىملادا خاتالىشىشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمىڭلار %90 توغرا چىققان بولسا، ھەربىر باسقۇچتا تۆھپە نومۇرىغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىلەر. مۇكاپات سوممىسى توغرا ياكى خاتا ھۆكۈم قىلغان سۆزنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە A4 فورماتلىق بىر بەت مەزمۇن (تەخمىنەن 1000 سۆز)نىڭ ئىملاسىغا توغرا ھۆكۈم قىلساڭلار، بويىچە 20-30 يۈەن بېرىلىدۇ.

سوئال: توغرا ئىملانىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
جاۋاب: ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى (تىلكوم) 2009-يىلى تۈزۈپ ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»، شۇنداقلا مۇشۇ لۇغەتنى ئاساس قىلىپ ياسالغان «ئۇيغۇرسوفت ئىملا قورالى» ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

سوئال: كىرمە سۆزلەرنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يەر-جاي ناملىرى مەسىلەن: بېيجىڭ، شاڭخەي، لوندون، پارىژ،…ۋە ئۇلارنىڭ توغرا تۈرلىنىشىنى توغرا دەيمىز. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدىن باشقا، چەت تىللاردىن كىشى ئىسىملىرىنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. ساۋساۋ، لىكۈي، مېندېلىۋ،…دېگەندەك. ئامال بار ئۇيغۇرچە ئەدەبىي تىلدىكى سۆزلەرنى، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كىرگىلى ئۇزۇن بولغان سۆزلەرنى كۆپرەك تاللاڭ. مەسىلەن: مېڭىۋاتقانىدىم، كۈيلەۋاتقانىدىم، ئۈندىدارلىشىپ، مېتابولىزىم…دېگەندەك.

سوئال: ئۇيغۇرچە قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسىنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: ياق، چۈنكى ئىملا تەكشۈرۈش قورالى يەككە ئۇيغۇرچە سۆز-ئىبارىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، «لارنىڭ، لىۋاتقانلىقى»،…دېگەندەك قوشۇمچىلارنى بىردەك توغرا سۆز دېيىشكە بولمايدۇ.

سوئال: ئۇيغۇرچە بىرىككەن سۆزلەرنى توغرا دەمدۇق؟
جاۋاب: بىرىكىشى توغرا بولسا توغرا دەيمىز، مەسىلەن: يېلانبېلىق، مۆشۈكېيىق،….دېگەندەك، ئەمما، تۆۋەندىكىمىساللار، ھېسامكامبىركۈنى،…دېگەندەك ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلمىغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىردەك خاتا بولىدۇ.

152101847454095728

283217668851764420

377508531174747019

ھەربىر سۆزنى سىزدىن باشقا يەنە 10 ئادەم ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەتىجە بىلەن باشقا 10 ئادەم تاللىغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا يەنى ھەممەيلەن توغرىنى توغرا ياكى خاتانى خاتا دەپ تاللىغان بولسا، ھەممەڭلارغا تۆھپە نومۇر بېرىلىدۇ. ئەگەر توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا دەپ تاللىغان بولساڭلار تۆھپە نومۇر بېرىلمەيدۇ، مەسىلەن: 100 سۆز ئىچىدە 60 سۆزنى توغرا، 40 سۆزنى خاتا ھۆكۈم قىلساڭلار، توغرىلىقى ئاران %60 بولىدۇ، ئىملادا خاتالىشىشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سىلەرنىڭ ھۆكۈمىڭلار %90 توغرا چىققان بولسا، ھەربىر باسقۇچتا تۆھپە نومۇرىغا ئاساسەن قىزىل بولاق بىلەن ئاپتوماتىك مۇكاپاتلىنىسىلەر. مۇكاپات سوممىسى توغرا ياكى خاتا ھۆكۈم قىلغان سۆزنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە A4 فورماتلىق بىر بەت مەزمۇن (تەخمىنەن 1000 سۆز)نىڭ ئىملاسىغا توغرا ھۆكۈم قىلساڭلار، نەشرىيات ئۆلچىمى بويىچە 20-30 يۈەن بېرىلىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • نەدىن چۈشۈرىمەن بۇنى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:27
  • مەن ئىشلەپ باقتىم ئون نەچچە بەت. بايقىغان ئەڭ چوڭ كەمچىلىك خاتا سۆزنى تاللىسىمۇ ئوخشاشلا يېشىل بولىدىكەن. ئۇنىڭ توغرىسىنى چىقىرىپ بەرمەيدىكەن. ئېسىل ئىش ئىكەنلىكىدە گەپ يوق مالىم، بىراق ئويلاپ باقايلى، ئاشۇنىڭدىكى نۇرغۇن خەتلەرنى توغرا دەپ ئويلىشى مۇمكىن،لېكىن ئەمەلىيەتتە خاتا شۇنداقما؟ مەقسەت ئىملانى توغرىلاشنى مەقسەت قىلغاندىكىن خاتا قىلسا خاتا دەپ كۆرسىتىپ بېرىش ئەڭ ئەقەللىي ئىشقۇ؟ كەسكىن نەق مەيداندا ماندا يېزىلىشى خاتا، توغرىسى ماندا دەپ كۆرسىتىپ بەرسە ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈمى بولامىكىن دەيمە. بولمىسا ھازىرقى ھالەتتە شۇ ئىملاسى توغرىلار ئۆزى ئىچىدىلا بىلىپلا ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن، خاتا قىلغان ئادەم خاتالىقىنى بىلمەيلا كېتىۋېرىدىكەن. بىر بەتتە بىرلا سۆز چىقىپ توغرا خاتاسىنى ئايرىپ ماڭغان بولسا بوپتىكەن. جۇغلانما ياكى مۇكاپات پۇل تېپىش دېگەنلەرنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق ، مېنىڭچە ھەممە ئادەم چوقۇم سىناپ باقىدۇ بۇنى پۇل تاپاي دېسۇن- دېمىسۇن. پىكرىمنى ئويلىشىپ باقارسىز مالىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 01:36
    • مەن تېمىدا ئېنىق دېدىم، يەنە بىر يوللاي بۇ يەرگە:
      ئېھتىماللىق ۋە ئىستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا مودېلى بىلەن قوراللانغان، يېڭى سۆزلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان، مەلۇم جەھەتتىن ئىنسان مېڭىسىگە تەقلىد قىلىنغان، ئىنتېرنېتكە باغلانغان چوڭ مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالىنىڭ ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ ئويۇن لايىھەلەندى. ماڭا ھەربىر سۆزگە 10 ئىنساننىڭ تەپەككۇرى كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:14
  • مۇشۇ ئاساستا بىر ئىملا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ باقساقچۇ؟ ھەركىم ئىختىيارىي قاتناشسا.چەكلىك ۋاقىت بەلگىلەپ شۇ ۋاقىت ئىچىدە كىم ئەڭ توغرا ئىشلىسە مۇكاپاتلاپ. سىنىپلاردا قىلسا بولغۇدەك مانى. مۇشۇنداق ئىشلارمۇ مودا بولۇشى، مودىغا ئايلىنىشى كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 01:30
  • ئالىم مۇئەللىم تور دەرىسخانىسى توختاپ قالمىسا بولاتتى ؟ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز ؟ ئاخىرىغا ئېچىقساق بولاتتى ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:53
    • ھەممە نورمال كېتىۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىر ئىمتىھان ئېلىۋاتىمىز، 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ تەتىل بولىمىز، شۇ چاغدا تەتىل قىلمايلا تور مەكتىپىمگە ئىشقا چۈشىمەن. ماڭا ئەزەلدىن تەتىل بولۇپ باققان ئەمەس،

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:48
  • بولسا بۇ ئويۇندىكى خەت سەل چوڭراق چىققان بولسا

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:58
    • تېلېفوننىڭ خەت نۇسخىسىنى چوڭ قىلسىڭىزلا بولىدۇ، بولمىسا iPhone4 نى ئىشلىتىۋاتقانلاردا ئاۋۇ داۋاملاشتۇرۇش دېگەن كۇنۇپكا كۆرۈنمەيدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:50
  • تىلىمىزنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشۇۋاتقان تۆھپىڭىزنى چوقۇم ئۇنۇتمايمىز ! ئالىم مۇئەللىم سالامەتلىك مەڭگۈ يار بولسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:14
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر سۇئال بار ئىدى ،تىمىغا مۇناسىۋەتسىز . پىداگوكا مەكتەپتە ئوقۇمىغان ياكى كەسپى پىداگوكا خاراكتىرلىق ولمىغان ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالسا ئىتراپ قىلىنامدۇ؟ ياكى مەكتەپكە خىزمەتكە قوبۇل قىلامدۇ ؟ مۇشۇ توغرىسىدا چىققان يىڭى سىياسەت توغرىسىدا بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار بولۇپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:49
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، بىر سوئالىم بار ئىدى، قەيەردە سوراشنى بىلەلمەي مۇشۇ يەرگىلا قالدۇردۇم، تەلىم بەرگەن بولسىلا.
    مەن بىر پروگرامما يېزىۋاتقان ئىدىم، #c ھەرىپلەرنى كۆزنەككە بىردىن بىردىن سىزىپ چىقىدىغان بىر باسقۇچقا كەلگەندە، مۇنداق بنىر مەسىلىنى بايقاپ، سەل قايمۇقۇپ قالدىم، بىر قۇر جۈملىنىڭ مەلۇم خەت نۇسقىسىدا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا سىزىلغاندىكى ئىگىلىگەن كەڭلىكى بىلەن، شۇ بىر قۇر جۈملىنى سۆزگە پارچىلاپ شۇ سۆز بويىچە سىزىلغاندىكى كەڭلىكى ئوخشاش بولمايدىكەن، يەنە كېلىپ سۆزگە پارچىلاپ بوشلۇقنى تاشلىۋېتىپ سىزغاندىكى كەڭلىكى ئەسلى بوشلۇق بار بىر قۇرنىڭ كەڭلىكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، مەسىلەن بىر قۇرنىڭ تېكىستنىڭ كەڭلىكى 174 بولغان بولسا شۇ بىر قۇرنى سۆزگە پارچىلاپ بوشلۇقنى تاشلىۋېتىپ ھەربىرىنىڭ كەڭلىكىنى قوشۇپ چىقساق 198 چىقىدىكەن، بۇ قانداق ئەھۋالدۇ؟ سۆزنى ئايرىم ئايرىم سىزساق قانداق قىلغاندا سۆزگە پارچىلىماي تۇرۇپ سىزغانغا ئوخشاش كەڭلىكتىكى ئورۇنغا سىزغىلى بولىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:46
  • مەن( و،ۇ،ې،ى)مۇشۇ سۆزلەرنى بەزىدە، تازا توغرا ئىشلىتەلمەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 23:16
  • Windows10 دا ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى (ھەقسىز) نى ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن. بۇنېمە ئىشتۇ؟ بىر قانچە قېتىم قايتا قاچىلىساممۇ، ئوخشاشلا ئىنكاس يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:41
  • بولىدىغان ئىشكەن، ئىملا توغىرىلاشقا قاتناشقاچ، شۇنىڭغا لايىق كىرىمگىمۇ ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئۈندىداردا ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلغاندىن، بىكار ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە بۇ ئىملا ئويۇنىنى ئويناپ قويسا بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:10
  • يۈكلەۋاتىدۇ، بىر ئاز ساقلاڭ دەپ جىق ساقلاپ كەتتۇق، ۋاقىت ساقلاش بىلەن ئىسراپ بولۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:09
    • ھازىر ئۇنداق ئەمەس، سانداندىكى جەدۋەللەرگە ئىندېكس قۇرۇلدى، ئادەتتىكى ئېقىمدىمۇ ۋاش-ۋاش ماڭىدۇ ھازىر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:15
  • كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ دە، بىكار قالساق ئويۇن ئوينىغاچ ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىكەنمىز، مۇئەللىم بىز ئويۇننى ئويناپ بولۇپ ئاخىردا ‹تامام› دېگەندەك كۇنىپكىنى باسساق، ئوينىغان ئويۇننىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىپ بەرسە تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن، مەسىلەن : سىز مانچە سۆزنى توغرا ھۆكۇم قىلىدىڭز، مانچىنى خاتا ھۆكۈم قىلىدىڭز، خاتا ھۆكۈم قىلغان سۆزلەر تۆۋەندىكىلەر ، بۇ سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسى مۇنداق بولىدۇ….دېگەندەك. مەن مۇشۇنداق نەرسىنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، چۈنكى مەن ‹ ئى› بىلەن ‹ئې›نىڭ ئىملاسىنى تازا ئىنىق بىلىپ كىتەلمەيمەن، ئەگەر شۇنداق بولسا سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى تەڭ ئۈگۈنۈپ ماڭالايدىكەنمىز. رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:02
    • توغرا دېدىڭىز، بۇ ئويۇن تاماملانغاندا قىزىقارلىق نەتىجىلەر چىقىشى مۇمكىن، مەن يەنە ئىملادا ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان سۆزلەرنىمۇ ئېلان قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:18
  • ئالىم مۇئەللىم ، مەن بىر ئىشنى چۈشىنەلمىدىم، سىز بايا دىگەن ‹‹ئىنتېرنېتكە باغلانغان چوڭ مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالىنىڭ ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ ئويۇن لايىھەلەندى›› دىگەن سۆزگە ئاساسلانغاندا بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىملا تەكشۈرۈش قورالى Uighursoft IMLA (ئادىرسى http://imla.uighursoft.com/ug-CN) دىن باشقا يەنە بىر ئىملا تەكشۈرۈش قورالى ياسىلامدۇ ياكى دەۋاتقىنىڭىز Uighursoft IMLA نىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:54
  • ئالىم مۇئەللىم كۆپ ئىزدىنىپتۇ. كۆپ ئەجرىگە ئېرىشكەي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:54
باھا بېتى: 1 2 3