«ئۈندىدار»ىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالۇنى» خۇش كەلدىڭىز، ئىزدەش نومۇرى: uighursoft
كۆچمە ئىنتېرنېت تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرمەكتە، كىشىلەر ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان يان تېلېفونى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ ۋاقتىنى تېجەشكە باشلىدى. مەسىلەن: ئۆيىڭىزدىن چىقماي تۇرۇپلا تېلېفون ھەققىنى تاپشۇرالايسىز، تۇغقانلىرىڭىزغا پۇل ئەۋەتەلەيسىز، توردىن كىتاب-ماتېرىياللار سېتىۋالالايسىز. بۇنىڭغا ھېچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. ۋاقتىڭىزمۇ تېجىلىدۇ.
ئۇنداقتا ئۈندىدارىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلى، تۆۋەندىكى يازما چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ.
ئۈندىدارىڭىزنى قوزغىتىپ، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى 我 (مەن)نى بېسىپ، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
(1) 钱包 (ھەميان)نى بېسىڭ. (1-رەسىم)
======================
(2) 钱包 (ھەميان)نى بېسىڭ. (2-رەسىم)
========================
(3) 添加银行卡 (بانكا كارتىسىنى قوشۇش)نى بېسىڭ. (3-رەسىم)
==================
(4) 支付密码 (پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرى)نى كىرگۈزۈڭ، مېنىڭچە بانكا كارتىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسۇن. (4-رەسىم)
=====================
(5) 卡号 (كارتا نومۇرى) دېگەن جايغا باغلىماقچى بولغان بانكا كارتىڭىزنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ، 持卡人 (كارتا ئىگىسى) دېگەن جايغا خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. (5-رەسىم)
ئارىسىدىكى چېكىت توغرا بولسۇن، ناۋادا بىلەلمىسىڭىز ئىنتېرنېتكە ئۇلاپ، شۇ بانكىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ ياكى بانكىغا بېرىپ مۇلازىمەتچى خادىملاردىن پۇل ئالسىڭىز، ئۇلار سىزگە چىقىرىپ بەرگەن پۇل ئېلىش ئىسپاتىدا خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىز يېزىلغان بولىدۇ، چېكىتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
===================================
(6) 手机号 (تېلېفون نومۇرى) دېگەن جايغا بانكا كارتىڭىزنى بېجىرگەندە بانكا خادىملىرىغا قالدۇرغان تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ، ناۋادا تېلېفون نومۇرىڭىز ئوخشىمىسا ياكى يېڭى تېلېفون نومۇرىغا ئالماشتۇرغان بولسىڭىز، بۇ باسقۇچتىن ئۆتەلمەيسىز. (6-رەسىم)
=====================================
(7) بۇ باسقۇچتا تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەلىللەش ئۈچۈن تېلېفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ ھەمدە دەلىللەش نومۇرىنى ئاپتوماتىك تولدۇرىدۇ. بۇ يەردىن 下一步 (كېيىنكى قەدەم)نى بېسىڭ. (7-رەسىم)
=======================================
(8) ئالدىنقى باسقۇچلار ئوڭۇشۇق تاماملانغان بولسا، ئۈندىدارىڭىزغا باغلانغان بانكا كارتىڭىز كۆرۈنىدۇ. (8-رەسىم)
==========================================
كۆچمە ئىنتېرنېت مۇلازىمەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,748 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :«ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى»گە خەنزۇچە ئاۋازلىق ئىزدەش قوشۇلدى
- كېيىنكى يازما :Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى ئېلان قىلىندى.
ئسمنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چىكىت ھېلىقى توق قارا چىكىت شۇ ئىكەن Tabكونۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى كونۇپكىنى باسسا چىقدىغان چىكىت شۇئىكەن. بۇ چىكىتنى تېلفۇندا قانداق چىقىرىمىز؟…
ئالىمكا سىز ئىسمىڭزىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چىكىتنى قايسى خەت كىرگۈچتىن پايدىلىنىپ كىرگۈزدىڭىز قايسى چىكىتنى تاللىدىڭىز؟
مەن MS Word تا يېزىۋالدىم، 插入符号 بىلەن، ياكى تور بانكىڭىزغا كىرسىڭىز شۇ يەردىمۇ چىقىدۇ ئەڭ توغرىسى
ئالىم ئەھەت ئاكا،ياخشىمۇسىز! ھازىر ئۈندىدار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولدى، شۇڭا ئۈندىدارنىڭ ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە نەشرىي نۇسخىسىنى چىقىرىش كېرەكمۇ قانداق؟ مەنمۇ بىر ئۈندىدارنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكۈچى، شەخسەن مەنمۇ ئۈندىدارنىڭ ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. تەرجىمە قىلغانلار باركەن، مەسىلەن ئۆزتىل،ئالىپ قاتارلىقلار تەرجىمە قىپتۇ، لېكىن يەنىلا ئىملا خاتالىقى ۋە ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىنمىغان جايلىرى بار ئىكەن، شۇڭا مۇشۇنى بىر تېزراق روياپقا چىقىرىپ بەرسىڭىز.
ئادەمنىڭ بىۋاستە ئىقتىسادىي ۋە مال دۇنياسىغا چېتىلىدىغان ئىش بولغاچقا مۇشۇ تېڭشۈنگە مەخپى نومۇرىمنى كىرگۈزۈپ يوللاپ بەرگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئوچوق كودلۇق بولغاچقا تېڭشۈنگە ئىشەنگەن بىلەن ئوتتۇرىسىدا خاككىرلار ھىساۋاتىمىزدىكى ئىقتىسادنى يۆتكىۋالسا قانداق قىلارمىز دەپ قالدىم. سىناپ باقاي ، ئەل قانداق بولسا مەنمۇ شۇنداق .
ئالىم مۇئەللىم، ئۈندىدارغا كارتا باغلاپ ئىشلىتىش بىلەن پۇل تۆلەش گۆھىرى( 支付宝نى موشۇنداق ئاتاش توغرىمۇ بىلمىدىم)ئارقىلق پۇل تاپشۇرۇشنىڭ خارەكتىرى ئوخشاشمۇ؟
ئاساسەن ئوخشاش
ئالىم مۇئەللىم سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،،،،،،،،،،يەنە جاپا چىكىپسىز ،،،،،،.
كەچۇرۇڭ ،،،،،،،،،،تىمىدىن سىرىت بوپ قالدى ،،،،،.
ئەتە windows phone10نىڭ كۆرۇپ بىقىش نۇسخىسى ئىلان قىلىندىغان ئوخشايدۇ ،،،،windows phone10غا ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچنىڭ قىتىلىشى توغرىلىق خەۋەر بامۇ؟ ئۇزۇن بولدى بۇ توغرىسىدا گەپ قىپ باقمىدىڭىز؟
بىلىۋالدىم. ئالىم مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت.
ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم.
ئەتە يەنى (2015-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى تىنچ ئوكيان ۋاقتى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت9:00دا) windows10نىڭ ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرى تارقىتىلىدىغانلىق توغرىسىدىكى بىر خەۋەرنى مىكروسوفىتنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرۋالدىم. ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىدە قانداق يېڭىلىقلار بار ، شۇ توغرىسدا ئازراق خەۋەر بېرەتسىڭىز بوپتىكەن. مېنىڭچە خېلى كۆپ تورداشلار سىزدىن مۇشۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقا تەشناغۇ دەيمەن.
ئالىم مۇئەللىم خېلى بىكار بولغان ئوخشايسىز ھە!~ سىز بىلەن بىر ئالاقىلاشسام بۇلاتتى ۋاقتىڭىز بولسا.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم (ھىجايغان چىراي ئىپادە)
مۇشۇ ئۇندىدارغا بانكا كارتىسى باغلاپ ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەرلىكى قانداقراق بولار؟
ئۈندىدارنى ئوغرى ئالسا بانكا ھېساباتىمىزغا چېقىلالماس؟
تېلېفون ھەققى تۆلەش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا چىقىپ بازارغا بارغاندا پۇلىڭىزنى ئوغرى ئېلىۋېلىشقا قارىغاندا بىخەتەرمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۈندىدارنى ئوغرى ئالغان بىلەن مەخپىي نومۇر بار ئەمەسمۇ؟
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كۆپچىلىككە بىلىم ئۈنچىلىرىنى سۇنغانلىقىغا تەشەككۈر!