نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى»گە خەنزۇچە ئاۋازلىق ئىزدەش قوشۇلدى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى» پۈتۈنلەي ھەقسىز لۇغەت مۇلازىمىتى بولۇپ، 2014-يىلى 1-ئايدا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە ۋە تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە لۇغەت قوشۇلغان بولۇپ، خەنزۇچە پىنيىن بويىچە ئىزەش؛ تۈركچە سۆزدىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىزدەش؛ ئۇيغۇرچە سۆزدىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە يېزىش لايىھەسى» بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارى بار ئىدى. بۈگۈن يەنە خەنزۇچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈپ ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى، قېنى ھازىرلا سىناپ بېقىڭ، خەنزۇچە تەلەپپۇزىڭىزنى سىناشقا ۋە توغرىلاشقا پايدىسى بار.
undidar2015-1-17-1

undidar2015-1-17-2

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
22 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، تور لوغىتىدە 产业化 دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسى «گەسىپلەشتۈرۈش» بولۇپ قاپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى am 07:22
  • تەتىللىك دەرىس ئورۇنلاشتۇرىمەن دىگەنتىڭىز ، ۋاقتىنى بىكىتتىڭىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:13
  • ماۋۇ كارامەتنى.ئەمدى تىل ئوتتۇرىسىدىكى تەرجىمە ئىشلىرى تېخىمۇ ئاسانلىشىپتۇ.خەنزۇچە تەلەپپۇزىمىزنى توغرىلاشقىمۇ قۇلاي بوپتۇ.تىلىمىزنى سۆيىمىز،ھەم تەرەققى قىلدۇرۇپ ئەۋلاتلارغا ساغلام ھالەتتە تاپشۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.مۇشۇ ئالىم مۇئەللىمنىزە شۇنداق بىر مېھمان قىلىۋالغۇم بار دېسە،شورلۇق يەردە باققان قارا قوچقارنىڭ تونۇر كاۋىپى بىلەن(سۈيى سارقىپ تۇرغان تونۇر كاۋاپنى تەڭلەپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:53
  • يەنىلا بولمىدى،مىنىڭ ئاۋازىم چاتاق ئوخشايدۇ،ئەتە قىزىمنىڭ زىل ئاۋازىدا سىناپ باقاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:16
    • ئاۋازنى قوشقاندىن كېيىن مۇلازىمىتېرنىڭ بېسىمى بەك ئېشىپ كېتىپ بارىدۇ. شۇڭا قىسمەن ئىشلەتكۈچىلەردە سەل نۇرمالسىز كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۈگۈن مۇلازىمىتېرنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرماقچى، قايتا سىناپ باقارسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:27
  • بايا خېلى سىناپ باقتىم،سونېي دەپلا چىقىۋالدى،تەلەپپۇزۇم ئۇنچىلىك قېڭغىرمۇ ئەمەستى،ئاۋاز توم بولسا تونالمىدىمۇ بىلمىدىم،ئەمما ۋپ8.1دىكى cortanaخانقىز نىمە دىسەم تونالايتتى،ياكى مۇلازىمەتنى توختۇتىۋەتتىڭلارمۇ يا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:22
    • ئۇنداق ئەمەس، ھەممە ئىش نورمال.
      ئۇنداق بولسا مۇنداق قىلىپ بېقىڭ.
      ئاۋۋال ئۈندىدار لۇغىتىدىن چىقىپ كېتىڭ(取消关注)، ئاندىن قايتا قوشۇۋېلىڭ(关注)، مېنىڭچە بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:52
  • ھازىر Uighursoft IMLA يۇمشاق دېتالى چىقىشى بىلەنلا،كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇرسوفت دېگەن ئىسىمنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئاشۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى بىلىۋالدى (مەن بىزنىڭ مەكتەپتىكى كومپيۇتېرلارغا قاچىلاپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى كومپىيوتېرخانىغا يىغىپ، مۇشۇ دىيارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، كۆپچىلىك ھازىر قىزغىن ئىشلىتىۋاتىدۇ، خېلى كۆپ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى بىلسىمۇ، بەزىلىرى تېخى بىلمەيدىكەنسەن ). دېمەك،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى بىلىپ بولدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:59
    • سىزگە كۆپ رەھمەت، جاپا چېكىپسىز، ئۇلارغا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار بىزگە ئىلھام بولدى، بىز داۋاملىق تىرىشىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:54
  • ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! سالامەتلىكىڭلارنى ئالدىنقى تاللاش ئاساسىدا كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن سىلەرگە كۆپتەشەككۈر!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:55
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، Windows2000دىن باشلاپ خەنزۇچە قاتارلىق بىر قانچە خىل يېزىق تېخىمۇ ياخشى تېخنىكىلىق قوللاشقا ئېرىشىپ فونت نامىمۇ شۇ خىل يېزىق فونت نامى بويىچە Windows، office قاتارلىق مىكروسوفت يۈرۈشلۈك سىستېما دېتاللىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلاپتىكەن. بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى، سىزگە ئوخشاش پىداكار مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە بىزمۇ ئارا يۈز جەھەتتىكى بولسىمۇ مىكروسوفت يۈرۈشلۈك دېتاللىرىنى ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولالىدۇق. دېمەكچى بولغىنىم
    ھازىر ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق فونتلارنڭ فونت نامى جەھەتتىن شۇ خىل يېزىق فونت نامى بويىچە Windowsنىڭ تولۇق قوللايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. microsoft office يۈرۈشلۈك دېتاللىرىنىڭ ئىچكى فونت تەڭشەش، فونت تاللاش كۆزنەكلىرىدىمۇ تولۇق قوللايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئەمما تېخنىكىلىق قوللاش جەھەتتىن مىكروسوفتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلەرمۇ باركەن. مەسىلەن: microsoft office يۈرۈشلۈك دېتاللىرىنىڭ ئاساسى تەھرىرلەش رايونى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فونت تەڭشەش، فونت تاللاش كۆزنەكلىرىدىكى فونت نامىنىڭ تەكرار كۆرۈنۈپ قىلىش مەسىلىسى، فونت نامىنىڭ شۇ خىل فونت شەكلى بويىچە كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى، ئەسلدىكى ھۆسنخەت قىستۇرۇش تۈرىنىڭ فونت تەڭشەش، فونت تاللاش كۆزنىكىدىكى فونت نامىنىڭ سوئال بەلگىسى شەكلىدە كۆرۈنۈش مەسىلىسى، فونت تاللاش كۆزنىكىنى ئوڭدىن سولغا توغرىلاش مەسىلىسى قاتارلىقلار. (Windowsنىڭ 写字板، 画图، 记事本… قاتارلىق يۈرۈشلۈك دېتاللىرىدا بۇ مەسىلىلەر ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغان.) يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى Microsoft office يۈرۈشلۈك دېتاللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەۋاتقان تۆھپىكارلىمىزغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز، Microsoft office يۈرۈشلۈك دېتاللىرىنىڭ فونت لايىھەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىلىق ئۇلارغا دوكلات يوللاپ باقسىڭىز.

    يۇقىرىقى يازمىنڭ ئىملاسىنى «ئىملا» دېتالدىن پايدىلىنىپ توغرىلاپ يازدىم. ئەمما چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ دېگەندەك سىزنىڭ ئىسمىڭىز «ئالىم ئەھەت»نى «ئالىم ئەخەت» دەپ يازسام بۇنى تونۇماي قويدى. شۇنىڭ بىلەن قولۇمدىلا توغرىلىۋەتتىم. كونىلاردا «مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام» دېگەن گەپ بار.
    «ئالىم ئەخەت»نى«ئالىم ئەھەت»كە ئاپتوماتىك توغرىلاشقا توغرىلاپ قويغان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:46
  • رەھمەت، ھەممەيلەندىن ئاللاھ رازى بولسۇن ئامىن!!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:11
  • ئالىم مۇئەللىم، 1-ئاينىڭ21-كۈنى win10/wp10نىڭ ئىستمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەنزۇچە توربەتلەردە خەۋەرلەر خېلى كۆپكەن. ھازىرقى wp8.1ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ wp10غا يېڭىلىيالامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:35
  • مۇشۇ شەكىلدە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئىزدەشمۇ قوشۇلسا كۆپ قولايلىق بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:24
  • ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىپ، دۇنيادىكى تەسىر كۈچى زور بولغان كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ قاتارىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مىكروسوفت شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە windows10 نىڭ تولۇق ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بارلىق ئۈمىدىم ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدە. غەيرەت قىل ئۇيغۇرسوفت ! بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى سىلەردە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:21
    • رەھمەت، ئەمما ئۇنداق دېسىڭىز بىزگە بەك بېسىم بولۇپ كېتىدۇ. ھازىرچە قىلالايدىغىنىمىز Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ يەنى LIP شەكىلدە تەرجىمە قىلىنىدۇ، MUI شەكلىدە يەنى %100 تولۇق تەرجىمە قىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلارنى سانى داۋاملىق كۆپەيسە، ئۇيغۇر تىلى ئاندىن Microsoft قا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم تىل قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. بۇ ئىش ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قوللىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:24
  • ئاللاھ رازى بولسۇن.
    سىناپ باقاي دەپ نەچچە قېتىم گەپ قىلسام باشتا سونىي شىركىتى دەپلا چىقىۋېلىپ قاراپ تۇرىدۇ.
    ئۆزۈمنى رۇسلاپ، ئۆلچەملىك سۆزلىسەم ئاندىن توغرا تاپتى. (كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:48
    • رەھمەت، ھەممەيلەندىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
      مەن SONY شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ بەك ياقتۇرىمەن، قىممەت بولسىمۇ لېكىن سۈپىتى ياخشى. شۇڭا گەپ قىلماي ئەۋەتسەڭلار SONY نى يوللاپ بېرىدۇ.
      ھازىرچە خەنزۇدەك سۆزلىمىسىڭىز تاپالمايدۇ، شۇڭا ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىشقا ئادەتلىنىڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:19
  • قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئالىم مۇئەللىم، خەنزۇچە تەلەپپۇزىمىزنى توغرىلاشقا ياردىمى بولسا نېمىدېگەن ياخشى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:34